رامىزان خاتىرىلىرى

يەنە بىر رامىزان – بەرىكەت، رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيى كەلگىلىۋاتىدۇ، ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ ئاينىڭ پەزىلەتلىرىدىن قۇرۇق قويمىغاي. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 2018- يىلى رامىزان ئايلىرىدا تېلېفۇندا خاتىرە شەكلىدە يازغان خاتىرىلىرىمنى(ئاتلاپ كەتكەن ۋە يازالاماي قالغان كۈنلەرمۇ بار) بلوگقا يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.…

ئىككى ياشقا كىرگەن كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن

تۈنۈگۈن ئىككى ياشقا كىرىدىڭىز، تاتلىق قىزىم!سىزگە ئېغىزاكى ئىككى ياشقا كىرىدىڭىز، چوپچوڭ بولدىڭىز، دەپ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى تەبرىكلىدۇق. ئەلۋەتتە، گېپىمىزنى چۈشىنەلەيتىڭىز. تۈنۈگۈن كۈن بويى شۇنداق خۇشال ئۆتكۈزدۇق.تۆت يېرىم ياشقا كىرگەن ئاكىڭىز مۇھاممەد ئۆزى يىققان پۇلىنى يىغىپ سىزگە يۈدىمە سومكا ئېلىپ بەرمەكچى ئىكەنتتۇق،…

يېڭى بىر ياش

ئالدىنقى يىلى مۇشۇ تارىخىتا بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىدىڭىز، قىزىم. خۇددى بۇنى خالىمىغاندەك دوختۇرخانىدا ئاپىڭىزنى ۋە ھەممىزنى خېلى ئەنىسرەتكەن ئىدىڭىز: دوختۇرلار سىزنى جىددىي كۆزۈتۈشكە ئېلىش كېرەكلىكى، بۇ دوختۇرخانىدا ئۇنداق بىر ئۈسكىنە يوق ئىكەنلىكى ئۈچۈن، پەقەت سىزنىلا باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھەممىمىزنى…

يەنە بىر يۇلتۇز – ئۈمىد يۇلتۇزى

ئۈلۈشكۈن دوختۇرخانىغا يۈگۈرۈپ كەلگەن ئىدۇق. دوختۇر ئاپىڭىزنى كۆرۈپلا بۈگۈنلا ياتاققا ئالىمىز دەپ بەك ئالدىرىتىپ كەتتى. لېكىن بىز ھېچ تەييارلىقسىزلا كەلگەن ئىدۇق: بۇرۇنقى دوختۇر مۇنداقلا تەكشۈرۈپ قويغاندەك، ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىگەندەك تويۇلۇپ كىتىپ، دوختۇر ئالماشتۇرۇپ باقايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ دوختۇرخانىغا كەلگەن…

مەنىسىزلىكتىن چىقىش

ئەسلىدە ھەممىمىزنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرى بار. مېنىڭ ھەم شۇنداق گۈزەل ئارزۇلىرىم بار ئىدى. شۇ گۈزەل ئارزۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە تەكلىماكاننىڭ گىرۋەكلىرىدىكى كىچىك ۋە تىمتساس يېزىدىن كىچىك يېشىمدىلا ئايرىلغان ئىدىم. ئانام قىيمىغان ئەمما زور ئىشەنچ بىلەن؛ دادام بولسا بۇنىڭغا ئانچە رازى بولمىغان بىر پوزىتسىيەدە…

تاقەت ۋە سەبىر

تاقىتىم تاق بولما، تاشما يەنە بىر ئاز قىلغىن سەبىر، ۋىسال شەربىتى ئۈچۈن مەيلىغۇ تارتساڭ جەبىر. كۆزلىرىڭ تالسا ئەگەر يار يولىغا ئۇزاق بېقىپ، قالمىغاي داق يەردە ھەرگىز، مۇھەققەق بولغاي ئەجىر. تاقىتىم تۆكۈلمە ياپراق كەبى تېخى كۈز كەلمىدى، ئېقىن سۇ ئەمەسكى ئۇ،…