قاغا ۋە توز — كىم ئەڭ بەخىتلىك؟The Crow and Peacock- Who is Happy


قاغا ۋە توز– كىم ئەڭ بەخىتلىك؟

بىر قاغا بولۇپ ئۆز تۇرمۇشىدىن ھەقىقەتەن رازى ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ بىر ئاققۇنى ئۇچۇرىتىپ قاپتۇ.

” بۇ ئاققۇ ئاپئاق ئىكەن، مەن بولسام قاپقارا…” دەپ ئويلاپتۇ قاغا، ” ئاققۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قۇشمۇ نېمە.” شۇنىڭ بىلەن قاغا ئويلىغانلىرىنى بېرىپ ئاققۇغا ئېيتىپتۇ.

” ئەمەلىيەتتە،” جاۋاپ بېرىپتۇ ئاققۇ، ” ئاشۇ ئىككى خىل رەڭلىك شاتۇتىنى كۆرۈشنىڭ ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قۇش دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. ھازىر بولسا  شاتۇتى يارالمىشىدىلا ئەڭ بەخىتلىك قۇشكەن دەپ ئويلايمەن.”

شۇنىڭ بىلەن قاغا شاتۇتنىڭ يېنىغا كېلىپتۇ.

شاتۇتى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەپتۇ: ” ئاشۇ توزنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى مەن ئىنتايىن بەخىتلىك ئىدىم. مەن پەقەت ئىككى خىللا رەڭلىككەنمەن.  بىراق توزنىڭ بولسا ھەرخىل رەڭلىرى بار ئىكەن ئەمەسمۇ.”

شۇنداق قىلىپ قاغا بىر ھايۋاناتلار باغچىسىغا توز بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپتۇ.  ئۇ كەلگەندە بىر نەچچە يۈز ئادەم توپلىشىۋېلىپ توزنى تاماشا قىلىۋاتقان ئىكەن. كىشىلەر تارقىلىپ كېتىشكەندىن كېيىن قاغا توزنىڭ يېنىغا كىلىپتۇ:” توز خانىم! سىز بەك چىرايلىق ئىكەنسىز. ھەركۈنى مىڭلىغان كىشىلەر سىزنى كۆرگىلى كېلىشىدىكەن. لېكىن كىشىلەر مېنى كۆرگىنىدە ئۇلار مېنى ھۈركىتىپ قوغلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئويلايمەن، سىز يەرشارىدىكى ئەڭ بەخىتلىك قۇش ئىكەنسىز.”

توز قاغىغا مۇنداق دەپ جاۋاپ قايتۇرىپتۇ:” مەنمۇ ئۆزۈمنى يەرشارىدىكى ئەڭ چىرايلىق ھەم ئەڭ بەخىتلىك قۇش دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ئاشۇ چىرايلىقلىكىم سەۋەبىدىن بۇ باغچىدا قەپەزگە مەھكۇم بولۇپ ياشاۋاتىمەن. مەن بۇ باغچىنى تەپسىلى كۆزىتىپ باقتىم. شۇنى بايقىدىمكى، قاغىلا قەپەزگە سولانمىغان بىردىنبىر قۇش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مەنمۇ قاغا بولغان بولسام ئۆزۈم خالىغان يەرلەرنى سەيلە قىلالايدىكەنمەنتۇق دەپ ئويلاپ يۈرىۋاتىمەن.”

بىزلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  مەسىلە مەۋجۇت.

بىز ئىنسانلار ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەر ئورۇنسىز سېلىشتۇرۇشقا، ئاندىن  ئازابلىنىپ يۈرىشكە ئامراق كېلىدىكەنمىز.  ياراتقۇچىنىڭ بىزلەرگە بەرگەن نىئمەتلىرىنى قەدىرلىمەيدىكەنمىز. مانا بۇلار ئاخىردا بىزلەرنى بىر قاتار ئېغىر قايغۇ ۋە بەخىتسىزلىكلەرگە ئېلىپ بارىدىكەن.

يارەنلەر، ياراتقۇچى بىزلەرگە ئاتا قىلغان نىئمەتلەرنى قەدىرلەيلى، بەختلىك بولۇشنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆگىنىپ ئادەمنى بەختسىزلىكتىن باشقىغا ئېلىپ بارمايدىغان ئۇنداق سېلىشتۇرۇشلارنى چۆرۈپ تاشلىۋېتەيلى.


 

 ئىنگىلىزچە ئەسلى تېكىست:

The Crow and Peacock- Who is Happy?

A Crow was absolutely satisfied in life.

But one day he saw a swan…
This swan is so white and I am so black…crow thought.

This swan must be the happiest bird in the world.

He expressed his thoughts to the swan.
“Actually,” the swan replied,

“I was feeling that I was the happiest bird around until I saw a parrot, which has two colors.
I now think the parrot is the happiest bird in creation.”

The crow then approached the parrot.
The parrot explained,
“I lived a very happy life—until I saw a peacock.
I have only two colors, but the peacock has multiple colors.”

The crow then visited a peacock in the zoo and saw that hundreds of people had gathered to see him.

After the people had left,
The crow approached the Peacock..

Dear Peacock,
You are so beautiful.
Every day thousands of people come to see you.
When people see me,
they immediately shoo me away.
I think you are the happiest bird on the planet.

The peacock replied,
I always thought that I was the most beautiful and happy bird on the planet.
But because of my beauty,
I am entrapped in this zoo.

I have examined the zoo very carefully, and I have realized that the crow is the only bird not kept in a cage.

So for past few days I have been thinking that if I were a crow,
I could happily roam everywhere.

That’s our problem too.

We make unnecessary comparison with others and become sad.

We don’t value what God has given us.
This all leads to the vicious cycle of unhappiness.

Value the things god has given us.

Learn the secret of being happy and discard the comparison which leads only to unhappiness…

http://rishikajain.com/2015/07/13/who-is-happy-a-wonderful-story/


[ This Article is Taken from the Internet and Translated By Tivish .ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچە يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: تور دۇنياسى ]

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72