سېھىرلىك دەرىزە The Magic Window


ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بىر كىچىك ئوغۇل بالا بولغان ئىكەن. بىر كۈنلەردە ئۇ قاتتىق ئاغىرىپ قېلىپتۇ.  ئۇ كېسىلى سەۋەبىدىن ماڭالمىغاچقا ھەركۈنى كارۋاتتا يېتىپلا ئۆتىدىكەن. ئەڭ يامىنى باشقا بالىلارنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشى يول قويۇلمىغاچقا بۇ كىچىك بالىنىڭ كۆڭلى  قاتتىق يېرىم ئىكەن، كۈنلىرىنى قايغۇ-ھەسرەت ۋە مەيۈسلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدىكەن.

ئۇنىڭغا دەرىزىدىن سىرتقا قاراشتىن باشقا ئىشنى قىلىشقا ئىمكان بولمايدىكەن. ۋاقىت ئۆتىۋېرىپتۇ. بۇ ئوغۇل بالىنىڭ مەيۈسلىكى بارغانسىرى ئېشىپ قاتتىق ئۈمۈدسىزلىنىپتۇ. شۇنداق كۈنلارنىڭ بىرىدە ئۇ دەرىزىدە بىر غەلىتە سايىنى كۆرۈپ قاپتۇ. بالا بوينى سوزۇپ قارىسا بىر پىنگۋىن قېيزا ساندىۋىچى( كولباسا ساندىۋىچى) يەۋاتقان ئىكەن. پىنگۋىن ئۇچۇق دەرىزىدىن قىسىلىپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ ۋە بالىغا ” چۈشتىن كېيىنكى ۋاقتلىرىڭ خەيرىلىك بولسۇن” دەپ ھال ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.

بۇ ئىش كىچىك بالىنى قاتتتىق ھەيران قالدۇرۇپتۇ. ئۇ بايام كۆرگىنىنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي تۇرسا  دەرىزىنىڭ سىرتىدا زاكا تاقىۋالغان بىر مايمۇن پەيدا بولۇپ  شار پۈۋلىگىلى تۇرۇپتۇ.  دەسلەپتە بالا بۇ زادى نېمە ئىشتۇ ئەمدى دەپ ئويلاپتۇ. لېكىن بىرمەزگىلدىن كېيىن دەرىزىدە غەلىتە كىيىنىۋالغان نەرسىلەر كۆرۈنىۋېرىپتۇ، كىچىك بالىغا بۇ ئىشلار غەلىتە تۇيۇلمايدىغان بولۇپتۇ. ئەكسىچە بۇ ئىشلار ئۇنى شۇنچىلىك خۇشال قىلىۋېتىدىكەنكى، ئۆزىنى كۈلكىدىن توختىتىۋالالمايدىكەن.

كىچىككىنە داپ چېلىۋاتقان چوشقا، پۇرژىنىلىق سەكرەش تورىدا(ترامپولىندا) سەكرەپ ئويناۋاتقان پىل ياكى كۆزەينەك تاقىۋېلىپ سىياسەت توغۇرلۇقلا ۋەز ئېيتىۋاتقان ئىتتىن بىرى دەرىزە سىرتىدا پەيدا بولۇپ قالسا كۈلكىسىنى توختىتىۋالاي دېگەن ئادەممۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدۇ-دە.

كىچىك بالا بۇ ئىشنى ھېچكىمغا تىنماپتۇ. ئېيتسىمۇ ئۇنىڭ بۇ گېپىگە كىم ئىشىنەتتى دەيسىز.  شۇنداق قىلىپ دەرىزە سىرتىدا پەيدا بولۇپ قالغان غەلىتە نەرسىلەر ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئاتا قىلىپتۇ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىشكە باشلاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كىچىك بالىنىڭ سالامەتلىكىدە زور ياخشىلىنىش بولۇپ ئۇ قايتىدىن مەكتەپكە بېرىپتۇ.

ئۇ مەكتەپتە دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىدىكەن، ئۇلارغا ئۆزى كۆرگەن ئاشۇ غەلىتە ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدىكەن.  بىر قېتىم ئۇ بىر ياخشى دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا دوستنىڭ سومكىسىدىن چىقىپ قالغان بىرنەرسىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ دوستىدىن ئۇ نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سوراپ چىڭ تۇرىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوستى ئۇنىڭغا سومكىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىنى كۆرسىتىپتۇ. سومكىدا لىقلا غەلىتە كېيىم ۋە نىقاپلار بولۇپ، بۇ كىيىملەرنى دوستى ئۇ ئاغىرىپ يېتىپ قالغاندا ئۇنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئىكەن.

شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ كىچىك بالا قۇلىدىن كېلىدىغانكى ئىشلارنى قىلىپ ئەتراپىدىكى ھەممە ئادەمنى خۇشال قىلىپ كەپتۇ ۋە ئەتراپىدا كۆڭلى يېرىم، يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم قالدۇرماسلىققا بەل باغلاپتۇ.


 

ئەسلى تېكىست: 

The Magic Window

Pedro Pablo Sacristán

Once upon a time there was a little boy who became very ill. He had to spend all day in bed, unable to move. Because other children weren’t allowed to come near him, he suffered greatly, and spent his days feeling sad and blue.

There wasn’t much he could do except look out of the window. Time passed, and his feeling of despair just grew. Until one day he saw a strange shape in the window. It was a penguin eating a sausage sandwich. The penguin squeezed in through the open window, said “good afternoon” to the boy, turned around, and left again.

Of course, the boy was very surprised. He was still trying to work out what had happened, when outside his window he saw a monkey in a nappy, busy blowing up a balloon. At first the boy asked himself what that could possibly be, but after a while, as more and more crazy-looking characters appeared out the window, he burst out laughing and found it hard to stop.

Anyone wanting to stop laughing would never be helped by seeing a pig playing a tambourine, an elephant jumping on a trampoline, or a dog wearing a pair of glasses and talking about nothing except politics. The little boy didn’t tell anyone about this because who would have believed him? Even so, those strange characters ended up putting joy back in his heart, and in his body. Before long, his health had improved so much that he was able to go back to school again.

There he got to talk to his friends, and tell them all the strange things he had seen. While he was talking to his best friend he saw something sticking out of his friend’s school bag. The boy asked his friend what it was, and he was so insistent that finally his friend had to show him what was in the bag:

There, inside, were all the fancy-dress suits and disguises that his best friend had been using to try to cheer the little boy up!

And from that day on, the little boy always did his best to make sure that no one felt sad and alone.

http://freestoriesforkids.com/


[ This Article is Taken from the Internet and Translated By Tivish .ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچە يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: تور دۇنياسى ]

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72