پىخسىق بۇلۇت The greedy cloud

قەدىمقى زاماندا بىر پارچە كىچىك بولۇتچاق بولغان ئىكەن. بۇلۇتچاق ناھايىتى چىرايلىق بىر يېزا ئاسمىنىدا ياشايدىكەن. بىركۈنى بولۇتچاق ئۆزىدىن خېلى چوڭ بىر بۇلۇتنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاتتىق ھەسەت قىلىپ كېتىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇنداق چوڭ بولغۇسى كېلىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇلۇتچاق قورسىقىدىكى سۇنى قەتئىي سىرتقا چىقارماسلىققى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىچىك بۇلۇتچاق قورسىقىدىكى سۇنى يامغۇر قىلىپ ياغدۇرماسلىقنى قارار قىلىپتۇ .

كىچىك بۇلۇتچاق  قورسىقىدىكى سۇنى يامغۇر قىلىپ ياغدۇرماپتۇ. دېگەندەك بۇلۇتچاق چوڭىيىپتۇ. لېكىن ئۇ ئاسمىنىدا ئۇچۇپ يۈرىيدىغان يېزىنى قۇرغاقچىلىق قاپلاشقا باشلاپتۇ. دەسلىپىدە دەريالار قۇرۇقدىلىپ قاپتۇ. ئاندىن ئادەملەر، ھايۋاناتلار قۇرغاقچىلىق دەستىدىن تۆگىشىپ كېتىپتۇ. ئاخىرىدا بولسا پۈتۈن يېزا قۇرغاچىلىق دەستىدىن قۇملۇققا ئايلىنىپ كىتىپتۇ.  بۇلۇتچاق بۇلارغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەپتۇ ھەم ئۆزىنىڭ ھازىر بىر قۇملۇق ئاسمىنىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولىدىغان سۇنىڭ ئەمدى تېپىلمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەپتۇ. شۇنداق قېلىپ بۇلۇتچاق ئاستا-ئاستا كىچىكلەپ كېتىشكە باشلاپتۇ. ئۇ  ھەرنېمە قىلسىمۇ ئۆزىنىڭ كىچىكلەپ كېتىىشىنى توختىتالماپتۇ.

مانا مۇشۇ چاغدا ئاندىن بۇلۇتچاق ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، بېخىللىقىنىڭ ۋە شەخسىيەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ كىچىكلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغانلىقىنى چۈشىنىپتۇ. بۇلۇتچاق سۇسىزلىنىپ ئۆلۈم گىرداۋىغا كىلىپ قاپتۇ. ئۇ كىچىكلەپ بىر پاختىچىلىك قالاي دېگەندە ئەتراپىدا يىنىك مەيىن شامال پەيدا بولۇپتۇ.  بۇلۇتچاقنىڭ جۇغى كىچىكلەپ بەكلا يىنىك بولۇپ قالغاچقا مەيىن شامال ئۇنى ئۇچۇرۇپ بۇ يەردىن ناھايىتى يىراق بولغان گۈزەل بىر يېزىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇلۇتچاق بۇ گۈزەل يېزىدا قايتىدىن ئەسلىگە كېلىۋاپتۇ.

بۇ ئىشلار بۇلۇتچاققا بىر دەرس بولۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇلۇتچاق  شەكىلدە كىچىك، ئەمەلدە كەمتەرلىكنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىپتۇ ھەم باشقىچە سېخىىي بولۇپ كېتىپتۇ. ھەر قېتىم بۇلۇتچاق قورسىقىدىكى سۇلارنى يامغۇر قىلىپ تۆككىنىدە ئۇنىڭ يېڭى يېزىسى تېخىمۇ يېشىللىققا تولىدىكەن. ئۇ يېزىدىكى ھەممە كىشىلەرنىڭ ھۇزىرىغا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ھەسە-ھۈسەننى سۇنىدىكەن.


ئەسلى تېكىست: 

The greedy cloud

Once upon a time lived on a cloud that was grown up over a very beautiful country. One day, she saw another much bigger cloud and she felt so much envy, than the cloud decided that in order to get bigger and grow more, her water would never abandon her, and will never start raining again.

Indeed, the cloud grew up, while his country was getting dried. First, rivers dried up, then people, animals, plants, and finally, the whole country became a desert. The cloud did not care much, but she also did not realize that by being over a desert there was no place where she could obtain new water to keep growing. So slowly, the cloud began to lose size, and was unable to do anything to stop it.

The cloud then realized her mistake, and that her greed and selfishness were the cause of her vanishing; but just before evaporating, when she was just a sigh of cotton, there started blowing a gentle breeze. The cloud was so small and weighed so little that the wind took her far away, to a faraway beautiful country, where once again she recovered her original size.

Having learned this lesson, our cloud remained small and modest, but she became so generous when raining, that her new country became even greener, giving away to all people there the most beautiful rainbow in the world.


[ This Article is Taken from the Internet and Translated By Tivish .ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچە يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: تور دۇنياسى ]

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72