قەبرە كولاش

ئۆزۈمنى كىچىك بالا دەپلا ئويلايتتىم. ئەمما ئەينەكتىن سىمايىمنى كۆرۈپ، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم: بۈدۈر چاچلىرىمغا ئاق چۈشۈشكە باشلاپتۇ. چوڭلار ئاق چاچ بەخىتنىڭ بەلگىسى دەيدىكەن،  بەخىت قۇشۇم بېشىمغا قۇنىۋاتقاندۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم؛ بەزىدە ئېغىر ھۆتىلەپ قويىشىم بار، ياشلىق پەسلىم ئۆتكەن بولسا كېرەك؛ بۇرۇنقىدەك قەلەمنى ئېلىپلا بىرنېمىلەرنى يازالمايدىغان بوپ قاپتىمەن، بەلكىم سەل ئۆزۈمنى تۇتىۋالغاندىمەن، ھىسياتلىرىمغا يۈگەن سالغاندىمەن.
لېكىن بىر نەرسە ئېنىق، ياشاۋاتىمەن، چوقۇم ئۆلىمەن. ئۆلۈم بوۋاقلارغىمۇ، ياشلارغىمۇ، قېرىلارغىمۇ، ھوقۇقدار، قەلەندەر، ئاددى پۇخرالارغىمۇ، ئەكىكىگە ھەم چىشىسىگىمۇ، ئاقىللىرىغىمۇ، جاھىللىرىغىمۇ چوقۇم بار.

مەسىلە ئىنىقسىز دۇنيادا قانداقراق ياشايمەن، قانداق ئۆلىمەن.  ياشاپ كەلدىم، ياشاۋاتىمەن، يەنە ياشىلايمەنمۇ؟ بىلىشكە ئامالسىزمەن. شۇڭا ئۆلۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن. ئۆزۈمگە ئازادىرەك قىلىپ قەبرە كولاشقا مەجبۇرمەن. ئەمما تىرىك ئادەملەر  كۆپ، ئادەم بېشىغا تەقسىملىنىدىغان يەر بەك ئاز، تېرىلغۇ يەر ئۇنىڭدىن بەك ئاز دەپ دەۋراڭ سېلىۋاتىدۇ ئادەملەر. بۇلارنى ئويلىسام ئۆزۈمگە قەبرە كولاپ ( تېخى ئازادە داچىلاردەك قىلىپ كولىماقچى ئۆزۈمچە ) يەرنى ئىسراپ قىلغاندىن جەسىتىمنى كۆيدىۋەتسەملا بولمىدىمۇ دەپ ئويلايمەن. لېكىن ئىستۈتەككە تولغان بۇ دۇنياغا يەنە بىر كىشىلىك سېسىق ئىس قويۇپ بېرىشىمدىن ئەنسىرەيمەن.

قەبرىلەر مەيلى قانچىلىك كەڭرى بولسۇن، ھەيۋەتلىك بولسۇن، دۇنيالىقتا قىلغانلىرىڭ دۇرۇس بولمىسا، قەبرەڭدە ھامان قىسىلىسەن، دەيدۇ كۇنۇپكا تاختىسىغا قاراپ ئولتۇرغان سايەم.

” نېمە دەيدىغانسەن؟ ” دەپ ئويلايمەن ئىچىمدە. جان تەندىن چىقىپ كەتسە، قەبرىگە قويۇلغان قۇرۇق ئۇستىخان نېمىنى ھېس قىلالىسۇن؟ جەسەتنى كۆيدۈرسەڭمۇ، پالتا بىلەن چانىساڭمۇ مىت قىلىپمۇ قويمايدۇ. شۇنداق ئىكەن قەبرىنىڭ كەڭ-تار بولۇشى، قەبرىنىڭ قىسىشى ئۇنىڭغا بەرىبىر ئەمەسمۇ؟

ئەمما جان نەگە چىقىپ كىتىدۇ؟ ئادەمنىڭ دۇنيادا قىلىۋالغان-ئىتىۋالغانلىرى، دۇرۇس-نادۇرۇسلىقى تەن بىلەن ئەمەس جان بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟

تاققۇ-تۇققۇ خىياللارنى قىلىپ كىتىمەن. بەلكىم قېرىغاندىمەن. راستالا ئۆلۈم تىۋىشلىرى كىلۋاتقاندۇ. جېنىم تىنىمدىن قاچماقچى بولىۋاتقاندۇ. جاننى تۇتۇپ قېلىشقا ئامالسىزمەن-دە، يەنىلا. ئەمما جەسىتىم ئۈچۈن بۇرۇنراق قەبرە كولاشقا قۇربىم يەتكۈچە بار.

بېشىنى تۈۋەن سېلىپ خىيالغا پاتقۇچى: تىۋىش بلوگى  يازغۇچىسى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72