ئانا تىلىم جان تىلىم

بۇ نەسىر گەرچە بۇنىڭىدىن 7-6 يىللار ئىلگىرى يېزىلغان بولسىمۇ قايتا قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇغىنىمدا ئۆزۈمگە شۇنچىلىك يېقىشلىق بىلىندى. ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە، ئانا تىل مەدىيھلەنگەن تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنداق بولماي تۇرالىسىۇن. بۈگۈنكى خەلىقارالىق ئانا تىل بايرام كۈنىدە چۈچۈك، ئاددىي تىللار ئەمما چىن سەمىمىيەت بىلەن يېزىلغان، پىشمىغان نەسىرنى ئەزىز دوستلۇرۇمغا سۇنغۇم كەلدى. ئانا تىلىغا پۇقتا، باشقا تىلغا ماھىر كىشىلىرىمىز ئامان بولسۇن. كىچىك سەبىيلىرىمىزگە ئانا تىلنى ئۆگىتىۋاتقان، ئانا تىلىدا دەرس ئۆتىۋاتقان بارلىق مۇئەللىم-مۇئەللىمەلەر ئامان بولسۇن. ئانا تىلىم ئامان بولسۇنكى، ئوغۇل-قىزلىرىمغا(ناۋادا شۇ كۈن نىسىپ ئىتىلسە) مانا بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىلى، ئامانىتى ئىدى، ئەجدادلىرىڭنىڭ تىلىدا كۆكلە، ئۆرلە، ئىگىزلەردە پەرۋاز قىل دېيەلەي.

بۇ چاغ قۇياش مەنزىلىگە قايتىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. كەچكى شەپەق بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى تېخىمۇ ئۆزگىچە بىر تۈسكە كىرگۈزگەن بولۇپ، قارا تۈن پەردىسى ئارقىسىغا ئۆزىنى ئېلىۋاتقان قۇياش نۇرى دەرەخلەرنىڭ غازاڭلىرىدا ئالتۇن رەڭدە جىلۋىلىنەتتى.

ۋاي ئاللا، ۋاي ئاللا….

ئەنە، ئالتۇن نۇر قوينىدىكى غېرىپ كەپىدىن يۈرەكلەرنى ئىزىدىغان دۇلان مۇقامى ياڭرىماقتا…. شۇنداق مۇڭلۇق، ئاجايىپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئېيتىلىۋاتقان دۇلان مۇقامى.. دۇلان مۇقامىدا ئانا تىلىمنىڭ، ئانامنىڭ تىلىنىڭ، ئاتامنىڭ تىلىنىڭ يۈكسەك پاساھىتى نامايەن بولماقتا.

ئەي ئانا تىلىم!  ئانامنىڭ تىلى سەن؛ ئاتامنىڭ تىلى سەن؛ بوۋا-مومىلىرىنىڭ تىلى سەن؛! ئەي دۇلان مۇقامىدا، ئون ئىككى مۇقاملاردا جىلۋىلىنىۋاتقان ئانا تىل! تۇنجى قېتىم تىلىم چىقىپ ” ئانا، نان.. ” دېگىنىمدە مەن سېنىڭ ئارقىلىق بالىلىق قەلبىمنى ئىپادىلىگەن. شۇڭا سېنى ئانامنى ئەزىزلىگەندەك ئەزىزلەيمەن.

تاڭ سەھەر. دوقمۇشتىكى ئاددىي ئۆي ئىچىنى تۈڭلۈكتىن چۈشىۋاتقان ئاي نۇرى غۇۋا يۇرۇتماقتا. مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆي ئىچىدىن بوۋاقنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەنە، ئانا-ئانىمىز ئانا تىلدا ئانىسىغا ئۇيقۇسىزلىقتىن شىكايەت قىلىۋاتقان ئوماق بوۋىقىنى ئاستا پەپىلىمەكتە. بوۋاق توختىماي يىغلىماقتا… ئانا بوۋىقىغا ئېيتتى: ” ئوماق قوزام. كۆزۈمنىڭ قارچۇقى ئاپپىقىم قوزام، يىغلىماڭ-ھە. سىزگە ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي ھازىر. ” ئانا بوۋىقىنى پەپىلىگەچ ئاسماندىكى ئايغا قاراپ ئەللەي ناخشىسىنى باشلىدى:

ئەللەي بالامنى بۆلەيمەن، ئالتۇن تاغقا يۆلەيمەن.

ئەللەي بالام ، ئەللەي، ئەللەي

ئەللەي بالامنىڭ ئەللىسى بار، يۇمىلاق تاشتەك كاللىسى بار،

ئەللەي بالام، ئەللەي،ئەللەي.

مۇڭ ئېيتىلغان ئەللەي ناخشىسىنىڭ تەسىرىدە بوۋاق يىغىدىن توختىدى. قاپقارا جام كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ئانىسىغا قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭ ئاجىز كۈلكىسى ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى. بۇۋاقنىڭ كۈلكىسىدىن، قاپقارا كۆزلىرىدىن، ئۇماققىنا يىغا ئاۋازىدىن ئانا تىلىمنىڭ گۈزەللىگى، نەپىسلىكى تۆكۈلۈپلا تۇراتتى.

ئەي ئانامنىڭ، ئانىلىرىمنىڭ ئەللەي ناخشىلىرىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان ئانا تىلىم! سەن دۇنيادىكى نۇرغۇن قۇشلار ئارىسىدا توختىماي سايراۋاتقان بىر قۇش. مەن بوۋاقلىق چاغلىرىمدىن باشلاپلا سېنىڭ ئاۋازىڭ ئاستىدا چوڭ بولۇپ كېلىۋاتىمەن. سېنڭى ئاۋازىڭ مېنىڭ قەلبىمگە ئەم. سەنسىز بۇ بىمار قەلبىم مەڭگۈ شىپا تاپمايدۇ.

پىللىداپ يېنىپ تۇرغان شام ئاستىدا ياشانغان بىر بوۋاي كىتاپ كۆرىۋاتاتتى. بوۋاينىڭ ئالدىدا توم-توم كىتاپلار تىزىقلىق تۇراتتى: ” ئۇغۇزنامە “، ” قۇتادغۇبىلىگ”، ” تۈركى تىللا دىۋانى”…… ۋە يەنە باشقا كىتاپلار. ئۇ كىتاپلارنى ئاستا ۋاراقلىدى-دە، ئۆتكەنكى تارىخلار ئارىسىغا كېتىپ قالدى.

ئەنە، ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس، دۇنيا تۈركىلوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى بولمىش بوۋىمىز مەھمۇد بىننى ھۈسەييىن قەشقەرى تۇغۇلغان ماكاندىن ئايرىلىپ، پۈتكۈل تۈرك قەبىلىلىرىنى ئارىلىماقتا…

ئەنە، بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئالىم ۋە شائىر، مەشھۇر دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاسھاجىپ بوۋىمىز ئۆز خانىسىدا ئالەمشۇمۇل ئەسىرى ” قۇتادغۇبىلىگ ” نى يېزىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا…

ئەي ” تۈركى تىللا دىۋانى “، ” قۇتادغۇبىلىگ ” تەك دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۇرۇق چولپان يۇلتۇزلىرى، سەركىلىرى بولمىش ئانا تىلىم! مۇشۇ يېشىمغىچە مەن سەن ئارقىلىق ئاز بولمىغان ئېنىقسىز نەرسىلەرنى بېلدىم. ئاتا-بوۋىلىمىزنىڭ پارلاق تارىخىنى، ئۇلارنىڭ قەيسەر روھلىرىنى، ئانا ۋەتىنىمنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ۋە ساناقسىز مەرد ئەزىمەتلەرنىڭ قېنى بىلەن پۈتۈلگەن تارىخلىرىنى، شۇنداقلا دۇنيا تارىخلىرىنى بىلدىم ۋە چۈشىنىپ كەلدىم.

ئەي ئانامنىڭ تىلى! سەن بۇ قىسقىغىنا ھاياتلىق سەپىرىمدىكى بىردىنبىر ياخشى ھەمراھىم، مېنى يۈكسەك مەنزىللەرگە يەتكۈزگۈچى تۇلپارىمسەن. سېنىڭسىز مەن بىر گاچا ئادەم؛ سېنىڭسىز مەن بىر توكۇر ئادەم؛ سېنىڭسىز مەن بىر زاۋاللىققا يۈزلەنگەن نادان ئادەم.

ئەي مېنىڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ تىلى بولمىش ئانا تىلىم! بىر قانچە تىللارنى ئۆگەنگەن بولدۇم، ئەمما ھېچقايسى بىرىدە ئويلىرىمنى، خىياللىرىمنى، سۆيگۈ-قەھرىمنى سەن ئارقىلىق ئىپادىلىگەندەك راۋان، سەن ئارقىلىق ئىپادىلىگەندەك راھەت ئىپادىلەشكە ئاجىز كىلىپ قېلىۋاتىمەن؛ سەن ئاتا قىلغان ھۇزۇرنى باشقا بىر تىلدىن تاپالمايۋاتىمەن. شۇڭا دەيمەن، سەن ماڭا جان بەرگەن، قان بەرگەن! سەن مېنىڭ بارلىغىم!

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72