12- باب: رىچېلغا خەت

 

دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەندىلا مەۋرىي روۋز ئادۇكاتى گرىتنى ئىشتىن بوشاتتى. خاك گەدىيس ھازىر تروينىڭ تۇنجى ئايالىدىن بولغان تۆت بالىسىنىڭ ئادۇكاتى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ئۆلۈشىمۇ 17.5 پىرسەنتكە چۈشكەن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭغا تېگىدىغان پۇلنى سوممىسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.

ئۇ باشقا ئادۇكاتلارنى يىغىپ يىغىن ئاچتى. خاكنىڭ تۆتەيلەننىڭ ئادۇكاتى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋولىي برىياتنىڭ ئۆلگۈدەك ئاچچىقى كەلگەن بولۇپ، ئەگەر خاك لايبىجېيلنى ئۆزى تەرەپكە تارتىپ ئەكەتمەكچى بولسا ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىشتىن يانمايتتى.

” سەن تولا ئېشىمغا كۆز قىزارتما، ” دېدى ئۇ ئۈنلۈك قىلىپ، ” بىز سېنىڭ نېمە ئويۇن ئويناۋاتقىلىڭنى بىلىمىز، بىزنى دۆت چاغلاپ قالما. “

سنىيد كىرىپ كەلدى. خاك ئۇنى ئولتۇرغانلاغا تونۇشتۇردى. ” ھازىر باشقا تەرەپنىڭ ئادۇكاتلىرى ئالدى بىلەن سىزدىن بىر نەچچە سوئال سورايدۇ. شۇڭا كىيىنكى بىر سائەت ياكى بىر نەچچە سائەت ئەتراپىدا بىزنى ئۆز-ئارا قارشى تەرەپ  دەپ پەرەز قىلىڭ. “

خاك سوئال سوراشنى باشلىدى. سىنىيد ئۇنىڭ سوئالىغا ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ياخشى جاۋاب بەردى. ئاندىن كېيىن لەڭھورن خانىم سنىيدتىن ڧىلەن ئائىلىسى توغرىلىق بىر نەچچە سوئال سورىدى.

” رىچېل لېين توغرىلىق بىر نەرسە بىلەمسىز؟ ” سورىدى ئۇ.

” مېنىڭچە، بىلمەيمەن، ” دېدى سنىيد،” سىزنىڭچىچۇ؟ ” سورىدى ئۇ لەڭھورن خانىمدىن.

خاك تەسەۋۋۇر قىلىشقا ناھايىتى ئۇستا ئىدى. ” بىلىشىمچە سىز ڧىلەن ئەپەندىم توغرىلىق ھەممە ئىشنى ياخشى بىلىسىز. سىز ڧىلەن ئەپەندىنىڭ يېنىغا ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەندە رىچېل 10 ياكى 11 ياشتا ئىدىغۇ دەيمەن. ڧىلەن ئەپەندى شۇنچە يىل رىچېلنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلغان. لېكىن رىچېل ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم  يوق دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ ڧىلەن ئەپەندى ھەممە بايلىقلىرىنى رىچېلغا مىراس قالدۇرۇپ قويدى، بۇ ڧىلەن ئەپەندىنىڭ روھىي كېسەل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. “

سنىيد ئۆزى بىلىدىغان نەرسىلەرنى كېڭەيتىپ سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ گىپىدىن توختىغاندا ئادۇكاتلار خۇشال بولۇشقان ئىدى. ئادۇكاتلار سنىيدقا ياردەملىشىپ بەزى قىيىن سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا كىرىشىپ كەتتى.  ئۇلار 3 سائەت سنىيدنىڭ ھېكايىلىرىنى قايتىدىن توقۇپ چىقتى. ئاندىن 2 سائەت ئۇ ھېكايىلەردىكى پاكىتلارنى ئۆرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. سوئالغا جاۋاب بېرىشنى مەشىق قىلىۋېرىپ ئۇ يىغلايلا دەپ قالغان ئىدى. سنىيد چارچاپ ئۆلەي دىگەندە ئادۇكاتلار ئۇنى ئۆيگە قايتىپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى ۋە جاۋابلارنى ياخشى مەشىق قىلىشنى تاپىلىدى.

بىچارە سىنىيد يېڭىدىن سېتىۋالغان ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتتى. ئۇ ئۇلار نېمە تەلەپ قىلسا شۇنى بېرىش قارارىغا كەلگەن ئىدى.

 

نېيت چۈشتىن بۇرۇن كىتاب ئوقۇشنى ۋە بىرەر نەرسە يېزىشنى پىلانلىدى. لېكىن ئۇنىڭ پىلانى بىر تېلىڧۇن بىلەن ئۆزگىرىپ كەتتى.

” ھازىر ئالدىراشمۇ سىز؟ ”  پوپ ڧىل تېلېڧۇن قىلغان ئىدى، ” مەن ھازىر چېركاۋنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە بىر ئىش قىلىۋاتقان ئىدىم. ئازراق ياردىمىڭىزگە موھتاج بولۇپ قالدىم. “

نېيت بوتقىلارغا قارىدى. يېتەرلىك بوتقا تۇراتتى. ” بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە باراي. ” دېدى ئۇ.

ڧىل يەر ئاستى ئۆيدە ياغاچ ئۆلچەۋاتقان ئىدى. ” ئىنجىل ئۆگىنىش سىنىپىدىن ئالتىنى ئاچماقچى ئىدىم ” دېدى ئۇ.

بۇ ناھايىتى كاتتا ئىشى ئىدى. ڧىل قەھۋە ئىچكەچ ناھايىتى ئاستا ئىشلەيتتى. ئۇلار ئىش قىلغاچ  پاراڭلاشتى. نېيت ڧىلغا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتكە باج تاپشۇرمىغانلىق قاتارلىق بىر قاتار باش ئاغرىقلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

” ئەمدى نېمىش قىلاي دەيسىز؟ ” سورىدى ڧىل.

” بىلمەيمەن. “

” سىز ياراتقۇچىغا ئىشىنەمسىز؟ “

” ھەئە.  ئۆزۈمنى ياراتقۇچىغا ئىشەنگۈچى دەپ  ئويلايمەن. “

” ئۇنداق بولسا خاتىرجەم بولۇڭ. ياراتقۇچى سىزگە نېمە قىلىشىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. “

كىيىنكى ئىككى كۈن نېيت ھەركۈنى كېلىپ ڧىلىنغا ياردەملەشتى. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇلار ئاستا-ئاستى دوست بولۇپ قالغان ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى كەچتە نېيت  تىرناقلىرىدىكى خېنىنى چىقىرىۋاتقان ۋاقىتتا جوش ئۇنىڭدىن رېئال دۇنياغا قايتىپ كېلىشىنى سوراپ تېلېڧۇن قىلغان ئىدى.

” باش سوتچى ۋىكىلىڧ ئەتە سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى، ” دېدى جوش.

” ئۇنىڭغا نېمە لازىمكەن ؟ “

” مەن ئۇنىڭغا سىزنىڭ رىچېلنىڭ ئادۇكاتى بولغانلىقىڭىزنى ئېيتتىم. ئۇنىڭ رىچېل توغرىلىق سورايدىغان سوئالى بار ئوخشايدۇ. سىزگە ھاجەت چۈشتى. ئەتە چۈشتە  باش سوتچى ۋىكىلىڧنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرۈشەيلى. “

نېيت ئوتقا بىر پارچە ئوتۇن تاشلىدى. ئۇ كاستۇم كىيىپ، گالستۇك تاقاپ، ئۆزى دېمەكچى بولغان گەپلەرنى دېيەلەيتتى، ئۇ گېپىنى تېپىپ قىلالايتتى. لېكىن ئۇ ئەمدى ئۆزىنى بىر ئادۇكات دەپ قارىمايتتى. خۇداغا شۈكرى، ئۇنىڭ ئادۇكات بولغان كۈنلىرى ئاخىرلاشقان ئىدى.

ئۇ بۇ نۆۋەت بىر قېتىملا بۇ ئىشنى قىلاتتى. ئۇ ئۆزىگە ” پەقەت رىچېل ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن ” دەيتتى. لېكىن رىچېلنىڭ بۇنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.

 

سائەت 12 يېرىم بولغاندا باش سوتچى ۋىكىلىڧ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى.

” جوش سىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ باي ئايال بىلەن كۆرۈشكەنلىكىڭىزنى ئېيتتى، ” دېدى ئۇ.

” شۇنداق. ئىككى ھەپتىلەر ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. “

” ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ماڭا دەپ بەرسىڭىز بولاتتى. “

” ئۇنداق قىلالمايمەن. ئۇ مەندىن بۇنى ھېچكىمگە دېمەسلىكىمنى ئۆتۈنگەن، مەن ۋەدە بەرگەن ئىدىم. “

” ئۇ سوت مەيدانىغا ھازىر بولالامدۇ؟ “

” ئۇ كەلمىسىمۇ بولىدۇ، ” چۈشەندۈردى جوش، ” رىچېل ڧىلەن ئەپەندىمنىڭ روھىي ھالىتىدىن ئازراقمۇ خەۋىرى يوق، شۇڭا ئۇ گۇۋاھچى بولالمايدۇ. بۇ دەۋانى ئۇ بولمىسىمۇ داۋاملاشتۇرالايمىز. “

” ئۇنداقتا رىچېل ئۆزىنىڭ ۋەسيەتنامىنى كۆرگەنلىكى ۋە بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمىزدىن خەۋىرى بارلىقى توغرىلىق بىر پارچە خەت يېزىپ بېرىشى كېرەك. “

” بولىدۇ، سوتچى جانابلىرى. ” دېدى جوش.

باش سوتچى ۋىكىلىڧ رىچېل توغرىلىق سوئال سوراشنى باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ سوئاللىرى ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى. ۋىكىلىڧ رىچېلنىڭ بۇ پۇلنى ئالمايمەن دېگەنلىكىنى بىلمەيتتى.  جوش ئۇنىڭ سوئالىنى بۆلۈۋەتتى، ” سوتچى جانابلىرى، بۇ ئۇنداق مۇرەككەپ دەۋا ئەمەس، بۇنى سىزمۇ بىلىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلارمۇ تىتىلداپ كىتىۋاتىدۇ. نېمىشقا بۇ دەۋانى تېزراق قولغا ئالمايمىز؟ ئادۇكاتلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئۆيگە يىغساق، ئۇلار گۇۋاھچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ۋە ئىسپات ھۆججەتلەرنى بەرسە، ئاندىن 90 كۈنلۈك سىناق ھۆكۈم بىكىتسەكلا بولمىدىمۇ. “

“ئوۋرايلىي ئەپەندى، سىزنىڭ خېرىدارىڭىزمۇ مىراسنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتامدۇ؟ “

” ئەجەبا سىز ئالدىرىمامسىز، سوتچى جانابلىرى؟ ” سورىدى نېيت.

ئۈچىلىسى كۈلۈشۈپ كەتتى.

ئاشۇ ئاخشىمى نېيت رىچىلغا بىر پارچە خەت يازماقچى بولدى. ئۇ ھيۇستوندىكى دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكىنىڭ ئادرېسىنى بىلەتتى. ئۇ خەتكە ” شەخسىي خەت-چەك ” دەپ ئەسكەرتكەندىن كېيىن رىچېلغا تىگىدىغانلىقىنى يېزىپ سېلىۋەتسىلە بولاتتى. رىچېل بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ئامال چوقۇم تېپىلاتتى. دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكىدىن بىرەرسى رىچېلنى تونۇشى ۋە ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن ئىدى.

ئۇ ئالدى بىلەن ئاي-چېسلانى يازدى، ئاندىن ” سۆيۈملۈك رىچېل، ” دەپ يازدى.

بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ مۇۋاپىقراق سۆزلەرنى تېپىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. دېرىزىنىڭ  سىرتىدا يېرىم مېتىردەك قار دۆۋلىنىپ كەتكەن ئىدى. ” رىچېل بالىلىقىدىكى قار ياققان چاغلارنى ئەسلەمدىغاندۇ؟ ” دەپ ئويلىدى ئۇ. نېيت ئاخىرى قارنى تەسۋىرلەش بىلەن خەتنى باشلىدى.

نېيت خەتتە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئادۇكاتى بولغانلىقىنى  يازدى ھەمدە مىراس توغرىلىق نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى.  ئۇ يەنە پوپ ڧىل توغرىلىق، چېركاۋ ۋە ئىنجىل ئۆگىنىش سىنىپى توغرىلىق، شۇنداقلا ئۆزىنىڭمۇ ئىنجىل ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرغانلىقى يازدى.

نېيت خەتنى يېزىپ تۈگەتتى. خەت ئۈچ ۋاراق بولغان ئىدى. نېيت خەتنى ئۆزى ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقتى ۋە رىچېل خېتىمنى ياقتۇرىدۇ دەپ ئويلىدى.  نېيت خەت رىچېلغا تېگىپلا قالسا، ئۇنىڭ بۇ خەتنى قايتا- قايتا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلەتتى.

نېيت رىچېلنى يەنە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.

 

جۈمە كۈنى ئەتىگەن گېزىتتە رىچېل لېينىنڭ ئادۇكاتى- نېيت ئوۋرايلى ئەپەندىنىڭ ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئىش بىجىرۋاتقانلىقى، ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دادىسىدىن قالغان مىراسىنى تالىشىۋاتقان كىشىلەر بىلەن ئېلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېسىلغان بولۇپ، خەۋەردە ئوۋاريلى ئەپەندىنىڭ رىچېلنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭغا ۋەسىيەتنامىنىڭ كۆپەتمىسىنى كۆرسەتكەنلىكى ۋە تۈرلۈك قانۇنىي ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ رىچېلنىڭ ئادۇكاتى بولغانلىقى دېيىلگەن ئىدى.

ڧىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئادۇكاتلىرى بۇ خەۋەردىن قاتتىق ھەيران قالغان بولۇپ، ئۇلار لەڭھورن خانىمىنىڭ ئىشخانىسىغا بۇ ئىشنى مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن يىغىلدى.

” بۇ ئايال ئىمزا قويغان ھېچنېمىنى كۆرگىنىمىز يوق، ” دېدى خاك، ” ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى ئادۇكاتىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئادۇكاتىمۇ ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ئېيتقىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ. شۇ نەرسە ئېنىقكى، رىچېلنڭ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققۇسى يوق.”

” كۆپ ساندىكى بايلار شۇنداق قىلىشىدۇ، ” خاكنىڭ گېپىنى بۆلدى برايتىر، ” ھەممىسى بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا ھەممە ئادەم پۇل سوراپ ئۇلارنى ئىشىكى ئالدىغا تىزىلىۋالىدۇ ئەمەسمۇ. “

” ناۋادا ئۇنىڭ بۇ پۇللارنى ئالغۇسى بولمىسىچۇ؟ “

” ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ، ” دېدى برايتىر. باشقىلار بولسا بۇ ئېھتىماللىقنى ئويلىشىۋاتاتتى.

” بۇ پەقەت پەرەز، ” دېدى خاك،” ناۋادا ئۇ پۇللارنى ئالمىسا، ئۇنىڭ نېسىۋىسى باشقا مىراسخورلارغا بۆلۈنۈپ بېرىلىدۇ. ” ئادۇكاتلار تېزلىكتە ھېسابلاپ بېقىشتى. بىر مىليارد بىر يۈز مىليون، باجنى چىقىرىۋېتىپ 6 گە بۆلسە…. ھەر بىرىگە ئالەم بايلىق تېگىش ئېھتىمالى بار ئىدى.

 

بىر قوڭۇر رەڭلىك لىپاپا شىمالى ئامېرىكا مىسسىيونېرلار ئۆمىكىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى نېيۋا كالىيانىڭ ئىشخانىغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى. لىپاپا ئۈستىگە ” شىمالى ئامېرىكىدىكى مىسسىيونېر رىچېل لېينغا تېگىدۇ. شەخسىي خەت-چەك. ” دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئىچىدە ” مۇناسىۋەتلىك كىشىگە تېگىدۇ ” دەپ يېزىلغان بىر پارچە خەت ۋە كىچىكراق بىر لىپاپا تۇراتتى. نېيۋا خەتنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

” بۇ پېچەتلەنگەن خەت بىرازىلىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان مىسسىيونېرىڭلار رىچېل لېيغا تېگىدۇ. سىلەردىن بۇ خەتنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ بېرىشىڭلارنى تۆۋەنلىك بىلەن سورايمەن. مەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بىر قانۇنىي ئىش ئۈچۈن رىچېل بىلەن پەنتەنېلدا كۆرۈشكەن. ئۇ ياخشى تۇرۇۋېتىپتىكەن. مەن رىچېلغا ئۇنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە باشقىلارغا تىنمايدىغانلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدىم. ئۆزىمۇ ھەرقانداق قانۇنىي ئىشلار بىلەن ئاۋارە قىلىنىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەم ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان ئىدىم.

” ئۇ يېڭى كېمە ۋە دورا-لازىملىقلار ئۈچۈن پۇلغا لازىم بولىدۇ. مەن خۇشاللىق بىلەن سىزگە بىر پارچە چەك ئەۋتىپ بىرىمەن. رىچېلغا يەنە خەت يازىمەن. بۇ خەتنى ئۇنىڭغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ماڭا خەۋەر قىلىۋېتىشڭلارنى ئۆتۈنىمەن. كۆپ تەشەككۈرلەر ئېيتىپ : نېيت ئوۋرايلى. “

رىچېل تۇرۇۋاتقان يەرگە بېرىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكى ھەر يىلى 3- ئايدا بىر قېتىم، 8- ئايدا بىر قېتىم كورۇمبادىكى پوچتىخانىغا پوسۇلكا ئەۋەتەتتى. بۇ پوسۇلكىلار داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان نەرسە-كېرەكلىكلەر، خىرىستىيان ئوقۇشلۇقلىرى ۋە رىچېلغا كېرەكلىك باشقا نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. پوسولكا پوچتىخانىدا 30 كۈن قويۇپ قۇيۇلاتتى. ئەگەر مۇشۇ ئارىلىقتا رىچېل پوسولكۇنى ئېلىپ كەتمىسە، پوچتىخانا ئۇنى ھيۇستونغا قايتۇرۇۋېتەتتى. ھازىرغىچە پوسولكۇلار قايتۇرۇلۇپ باقمىغان ئىدى. رىچېل ھەر 8- ئايدا كورۇمباغا كېلىپ دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكىنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېڧۇن قىلاتتى. پوسۇلكا 3- ئايدا سۇ يولى ئارقىلىق ئەۋەتىلەتتى. بىر كېمە پوسولكۇنى سئاكو  دەرياسى(Xeco River) ئېغىزىغا يېقىن بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا قويۇپ قويدىغان بولۇپ، لاكو ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى.

11 يىلدىن بۇيان رىچېلغا ئەزەلدىن شەخسىي خەت-چەك كېلىپ باقمىغان ئىدى. نېيۋا نېيتنڭ تېلېڧۇن نومۇرى ۋە ئادرېسىنى كۆپەيتىپ خەتنى بىر تارتمىغا تىقىپ قويدى.  ئۇ خەتنى بىر ئايدىن كېيىن، 3- ئايلىق دائىملىق تەمىنات بىلەن ئەۋەتمەكچى بولغان ئىدى.

 

تېلېڧۇن جىرىڭلىغاندا نېيت ئۇخلاۋاتقان ئىدى. تېلېڧۇندىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى كەلدى. ” نېيت ئوۋرايلى ئەپەندىمنى چاقىرىپ قويغان بولسىڭىز. “

” مەن شۇ بولىمەن. “

” خەيرىلىك ئەتىگەن. مېنىڭ ئىسمىم نېيۋا كالىيا. سىزنىڭ خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. رىچېل خەت قايتۇرغاندا سىزگە ئەۋەتىپ بىرىمەن. “

” رەھمەت سىزگە. ئۇنىڭغا يەنە خەت يازىمەن. يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭدىن بېرەر خەۋەر بارمۇ؟ “

“يوق. “

رىچېل ئىككى ھەپتە بۇرۇن كورۇمباغا كەلگەن ئىدى. نېيت بۇنى بىلەتتى، چۈنكى رىچېل دوختۇرخانىغا ئۇنى يوقلاپ كەلگەن، دوختۇرخانىدا ئۇنىڭغا گەپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى سىلىغان، ئارقىدىن غايىب بولغان ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكى ئىشخانىسىغا تېلېڧۇن ئالمىغىنى غەلىتە ئىدى.

” ئۇنى نېمىشقا ئىزدىگەن ئىدىڭىز؟ ” سورىدى نېيۋا كالىيا.

” گېزىتىكى خەۋەرلەرنى كۆرسىڭىز، رىچېلنىڭ دادىسىنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى چۈشىنىسىز. نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئادۇكاتلا چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسە كېرەك.”

” ئۇنىڭ ئۇ يەردە بىر نەرسىلەرگە ئېھتىياجى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپتىكەنسىز. “

نېيت ئۇنىڭغا يىلان چېقىۋالغان ھېلىقى كىچىك ئىندىيان قىزنىڭ رىچېلدا ئۇنىڭغا بېرىدىغان دورا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

” ئۇ كورۇمبادىن يېتەرلىك داۋالاشتا كېرەكلىك دورىلارنى تاپالمايدۇ. مەن ئۇ لازىم بولغان ھەممە نەرسىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرىشنى خالايمەن. “

” سىزگە رەھمەت. پۇلنى دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئىشخانىسىدىكى ئادرېسىمغا ئەۋەتىپ بىرىڭ. ئۇنىڭ بارلىق لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىزنىڭ رىچېلغا ئوخشاش ئادەملىرىمىزدىن تۆت مىڭى بار، لېكىن بىزدە يېتەرلىك مەبلەغ يوق. “

” باشقا مىسسىيونېرلارمۇ رىچېلغا ئوخشاشلا ئالاھىدىمۇ؟ “

” شۇنداق. ئۇلار ياراتقۇچى تاللىغان كىشىلەر. “

ئۇلار نېيت خەتلىرىنى نېيۋاغا ئەۋەتىپ بېرىدىغان، نىيۋا ئۇنى كورۇمباغا ئەۋەتىپ بېرىدىغان بولۇپ كىلىشتى. ھەم نېيت ياكى نىيۋا رىچېلدىن بىرەر خەۋەر ئاڭلىسا بىر-بىرىگە تېلېڧۇن قىلىدىغان بولۇشتى.

نېيت كارىۋاتقا قايتىپ ياتتى. ئۇ رىچېلنىڭ كورۇمباغا كەلگەندە نېمىشقا دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكىگە تېلېڧۇن قىلمىغانلىقىنى ئويلاۋاتتى. رىچېل لاكودىن نېيتنىڭ قاتتىق كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئېنىقلا كورۇمباغا كەلگەن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ مىراسنىڭ ئىشى توغرىلىق ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا تېلېڧۇن قىلمىغانلىقى بەك غەلىتە ئىدى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72