سېغىنىش پەسلى Season Of Missing

ھۇزۇرلۇنۇپ شىئىر ئوقۇپ باقمىغىلى خېلى بوپتىكەن. (ياكى ئوقۇغان بولساممۇ مەن ھۇزۇرىنى تاپالمىدىممۇ ياكى شىئىر ھۇزۇر بېغىشلىيالمىدىمۇ، ئىشقىلىپ چوقۇم ئىككىسىدىن بىرى.) ئالدىنقى ھەپتە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ شىئىرىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. تىلىنىڭ تاتلىقلىقىدىن لىرىكا ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن. سېغىنىش، كۈتۈش لىرىكىلىرى قەلەمگە تۇتىشىدىغان ھۈجەيرىلىرىمنى غىدىقلىدى بولغاي،قولۇمغا قەلەم چىقىپ قالدى، بىرەر مىسراغا تەقلىد قىلىپ بىرەر نەرسە يېزىپ باقماق بولدۇم. شۇنداق قىلىپ سىز ئوقۇماقچى بولغان ” سېغىنىش پەسلى ” ماۋزۇسىدىكى مۇشۇ پارچىلار ۋىلىقلىغىنىچە دۇنياغا كۆز ئاچتى.
راست، بۇ پەسىل مەن ئۈچۈنلا ئەمەس ماڭا دۇئا قىلىۋاتقان قەدىردان ئاتا-ئانام، سۆيۈملۈك ئاكا-ئاچىلىرىم، كەپسىز ئوماق ئىنى-سىڭىللىرىم، مەن تۇيۇقسىزلا يادىغا يىتىپ قالىدىغان بارلىق كىشىلەر، شۇنداقلا ماڭا ئىلھام بېغىشلىغان شائىرە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەم ئۆيلىرىدىن ئۇزاقتا ياشاۋاتقان دوستلىرىم ئۈچۈنمۇ بىر سېغىش پەسلى ئىدى. ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ، سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭ ھەردائىم خاتىرجەم، سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.

 

سېغىنىش پەسلى Season Of Missing

دەرەخلەرگە ئۈشۈك تىگىپتۇ
ئادەملەرنىڭ كۆزى تىگىپتۇ
كىمدۇر بىرىنىڭ ھۆسنىگە
خۇشاللىقىغا، ئىلمىگە
ھەسەت كۆزى تەككەندەك
كۈلگۈنجەك يېشىل يۇپۇرماقلارغا.

ئانا يەرنىڭ تەشنالىقى ئېشىپتۇ
يۇپۇرماق قىزىنى، ئوغلىنى
سېغىنىپتۇ شۇنچىلىك
چىدىماپتۇ قىلچىلىك
ئىككى پەسىللىك ئايرىلىشقا.

ئاپئاق قارنىڭ خۇيى تۇتۇپتۇ
چىرايلىق سىڭلىسىغا خۇيى تۇتقان
بەڭباش يىگىتتەك،
يۈزى قېلىن كوت-كوت قۇشلارغا.

ئۈنتۈنسىزلا كەچكۈز كېلىپتۇ
يىراقتىكى سۆيۈملۈك ئېتىزلارغا
يېقىندىكى سوغۇق ئاراللارغا
قۇشلار باھارنى ئىزدەپ ئۇچۇپتۇ
ھارارەتلىك كەڭرى دالىلارغا.

بىرەرسىنىڭ كۆزى چۈشكەيمۇ
يىراقلارنى كۆزلىگەن
سانسىزلىغان مەكتۇپلارنى پۈتكەن
قاناتسىزلىقىغا غۇمى بار
ئوي ئىچىدە ئويى بار
يۈتەي دىگەن ئاۋازلارغا.
مەكتۇپلارنى ئېلىپ كەتكەيمۇ
ئانىلار بار
ئاتىلار بار
باھارى ئۈزۈلمەس ئاشۇ ماكانلارغا.
2016- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72