13- باب:  سوتخانىدىكى دەۋالىشىش

 

2- ئاينىڭ 17- كۈنى دۈشەنبە بۇ دەۋانىڭ بىرىنچى باسقۇچى باشلاندى. تروي ڧىلەننىڭ بايلىقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۆلگۈدەك تىرىشۋاتقان بارلىق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر ئىدى. نېيت بولسا ئۇلارنىڭ  ھەقىقىي گۇۋاھچى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇلاردىن سوئال سورىسا بولاتتى.

نېيتنىڭ ئىككى ھەپتە ۋاقىتنى لىق بىر ئۆي ئادۇكاتلار بىلەن ئۆتكۈزۈشنى خالىمايتتى. لېكىن ئۇ ڧىلەننىڭ مىراسخورلىرىنى كۆرگەندە ئۇ بۇ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتتى.

بىرىنچى بولۇپ تروي ڧلەن تى جى گۇۋاھلىق بېرەتتى.

نېيت ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ” سىز يېقىندىن بۇيان  زەھەرلىك چېكىملىك ياكى ھاراق ئىچىۋاتامسىز؟ “

” ياق، ” جاۋاب بەردى كىچىك تروي ئاچچىقلاپ تۇرۇپ.

” سىزنىڭ ئادۇكاتى قايسى؟ ” سورىدى نېيت ئولتۇرغانلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

” خاك گەدىيس. “

ئادۇكاتلارنىڭ ئاچچىقى كەلگەن ئىدى. نېيت ئادۇكاتلارنىڭ كىملەرنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. بۇ ئۇنىڭ ئۇلارنى ھۆرمەتلىمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتى.

” سىز قانچە قانچە قېتىم توي قىلغان؟ “

” ئۆزىڭىزنىڭ قانچە ئايالى بار؟ ” كىچىك تروي ۋاقىرغىنىچە نېيتتىن سورىدى.

” ڧىلەن ئەپەندى، سىزگە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي، ” دېدى نېيت. ” مەن بۇ گەپلەرنى ناھايىتى ئاستا دەيمەن. دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭ. مەن بىر ئادۇكات، سىز بولسىڭىز گۇۋاھچى. مەن سوئال سورايمەن، سىز جاۋاب بېرىسىز. ئەمدى قايتىدىن كېلەيلى. قانچە ئايالىڭىز بار؟ “

بىر سائەتتىن كېيىن نېيت كىچىك تروينىڭ ئاياللىرى، بالىلىرى ۋە ئاجراشقان ئىشلىرىغا ئائىت ئىشلارنى سوراپ تۈگەتتى.  كىچىك توري سوئاللار قاچان تۈگەركىن دەپ تەرلەپ كەتكەن ئىدى. نېيت بىر سوئال سورايتتى، كىچىك تروينىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ يەنە بىر سوئال سورايتتى. نېيتقا نىسبەتەن بۇ جەرياندىكى ھەرقانداق كىچىك ئىشلارمۇ مۇھىم ئىدى.

            چۈشتىن كېيىن سوئاللار تېخىمۇ تەسلەشتى. نېيت كىچىك ترويدىن 21- قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىدە تاپشۇرۇۋالغان 5 مىليون دوللار توغرىلىق سورىدى.

” ئۇ پۇللار سىزگە قانداق يەتكۈزۈپ بېرىلگەنتى؟ “

” بانكىدىكى ھېسابات نومۇرۇمغا ئورۇپ بېرىلگەن. “

” بانكا ھېساباتىڭىزدىن پۇللارنى قانداق ئالغان ئىدىڭىز؟ “

” چەك يېزىپ بېرىپ ئالغان. “

نېيت ئۇ دېگەن گەپلەرنى ئاساسەن خاتىرىلەپ ماڭدى. كىچىك تروي قولىغا مۇشۇ پۇل كەلگەندىن باشلاپ دېگۈدەك ئولتۇرۇش ئۆتكۈزۈپ يۈرۈپ ئالى مەكتەپكە بېرىپ سالمىغان ئىدى. نېيت ئۇنىڭ 9 يىلدىن بۇيان ئىشلەپ باقىمىغانلىقى، ئۇنىڭ گولڧ توپ، زەيتۇن توپ ئويناپ يۈرۈپ باھاما ئاراللىرىدا بىر يىل ئۆتكۈزگەنلىكىنى، پۇلى تۈگىگۈچە چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ، ئويۇن-تاماشا بىلەن يۈرگەنلىنى، ئاندىن دادىسىنىڭ يېنىغا قول قوشتۇرغىنىچە كېلىپ، خىزمەت بېرىشىنى سورىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

نېيت كىچىك تروينىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنكىنى قىلغان ئىشلىرىغا يۆتكەلدى.

” ئىناۋەت كارتىڭىزنى ئىشلىتىپ تۇلپارنىڭ ناھايىتى قىممەت مۇسابىقە ماشىنىدىن ئىككىنى سېتىۋاپسىز. ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ تېخىچە ماشىنىلارنىڭ پۇلىنى بەرمەپسىز. ئائىلە جابدۇقلىرى ئۈچۈن پۇل قەرز ئاپسىز. ئامېرىكا تىز يەتكۈزۈش پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى (American Express )  سىزدىن 15 مىڭ دوللاردىن ئارتۇقراق پۇل تەلەپ قىلىۋاتىپتۇ.  بىر بانكىنىڭ قەرزىنى قايتۇرالمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن بانكا تەرەپ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن سوتقا ئەرز قىلىپتۇ. دېگەنلىرىمىنىڭ ھەممىسى توغىرمۇ؟”

كىچىك توري بېشىنى ” ھەئە ” دېگەننى ئىشارە قىلىپ لىڭشىتتى. سائەت ئالتە بولغاندا ئۇلار ئاخىرى بۈگۈنكى سوئال-جاۋاب بېرىشنى ئاخىرلاشتۇردى. 10 مىنۇتتىن كېيىن كىچىك تروي 2 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر قاۋاقخانىغا كىرىپ كەتتى.

كېيىنكى كۈنى ئۇلار يەنە سوئال-جاۋابلارنى باشلاپ كەتتى. نېيت كىچىك ترويغا قارىدى. ئۇنىڭ  كۆزلىرى، بۇرۇن، مەڭزى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھاراق ئىچكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

نېيت ئۇنىڭدىن دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن كۈندىكى ئىشلار توغرىلىق سوراشقا باشلىدى.

” مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دادىڭىزنى تەكشۈرگەندە نەق مەيداندا بارمىدىڭىز؟ بىرەر نەرسىنى كۆرمەي قالغانمىدىڭىز؟ “

” ياق. ھەممىنى كۆرگەن. “

” ئائىلىڭىزدىكىلەر دوكتور زىيدېلنى تەكلىپ قىلغان شۇنداقمۇ؟ ”  نېيت ئۇنىڭدىن 10 مىنۇت دوكتور زىيدېل توغرىلىق سوئال سوراپ چىقتى. دوكتور زىيدېل تەجرىبىسى مول ھەم نامى چىققان قالتىس كىشى بولغاچقا كىچىك تروي ئائىلىسى ئۇنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. نېيت ئويلىغانلىرىغا ئېرىشكەن ئىدى. كىچىك تروي دوتكۇر زىيدېلنىڭ تەكشۈرۈشىگە رازى بولغاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ روھىي كېسەل ئەمەسلىكىگە ئىشىنىپ ئاندىن كەتكەنلكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

” ئەمىسە دوكتور زىيدېلنى نېمىشقا ئىشتىن بوشاتتىڭىز؟ “

” چۈنكى ئۇ ئەينى چاغدا دادامغا خاتا دىئاگونۇز قويغان ئىكەن. دادام دوختۇرلارنى ئەخمەق قىلىپ بولۇپ بىنادىن سەكرىۋالغان. ئۇ ئېنىقلا روھىي كېسەل. “

” ئەگەر دادىڭىز قولغا يېزىلغان ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويماي باشقا بىر ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويغان بولسا، ئاندىن بىنادىن سەكرىۋالغان بولسا يەنىلا  ئۇنى كاللىسىدىن كەتكەن دەپ ئويلامتىڭىز؟ “

” بىز ئۇ يەردە يوق ئىدۇق. “

نېيت ئۇنىڭدىن ئۇ قەرز ئالغان پۇل ۋە زىيان تارتقان سودىلىرى توغرىلىق سوئاللارغا يۆتكەلدى. سائەت 5 بولغاندا ئىككىنچى كۈنلۈك سوئال-جاۋاب بېرىش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى كۈنى ئۇ ئىشىنى رەكس ڧىلەندىن باشلىدى. نېيت رەكسنىڭ ئىشلىرى توغرىلىق يەنە قىيىن سوئاللارنى سوراپ چىقتى. ئەتىسى چۈشتە نېيت رەكسنىڭ 7 مىليون دوللاردىن كۆپرەك قەرزى بارلىقىنى، سوتخانىدا ئۇ توغۇرلق نۇرغۇن ئەرز بارلىقىنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭمۇ ئۇنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

چۈشتىن كېيىن نېيت رەكس بۇزۇپ چېچىۋەتكەن 5 مىليون دوللار توغرىلىق سۆزلەپ ئۆتتى. كەچ بولغاندا ڧىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئادۇكاتلىرى ئەڭ قىيىن سوئاللارنىڭ ئاخىرلاشقان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشتى، لېكىن ئۆزلىرىمۇ بۇنىڭدا بىر نېمە دېيەلمەيتتى.

جۈمە كۈنى لايبىجېيل ئەتتىگەنلا كەلگەن ئىدى. نېيت ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان كۈنىدە دادىسى بەرگەن 5 مىليون دوللار توغرىلىق سورىدى. ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ تۇرۇپ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەسكى ئادەملەرنىڭ گېپىنى قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھازىر ئىلگىرى مۇسابىقە موتسىكىلىتى مىنىدىغان زەھەر تاشلىغان سپايك دەپ بىر ئادەم بىلەن تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

” ئەگەر دادىڭىزنىڭ بايلىقىنىڭ 1/6 نى ئالسىڭىز نېمە ئىش قىلاي دەيسىز؟ ” سورىدى نېيت.

” نۇرغۇن نەرسە سېتىۋالىمەن، ” دېدى ئۇ. ” لېكىن بۇ قېتىم پۇللارنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىمەن. “

” تۇنجى بولۇپ نېمە سېتىۋېلىشىڭىز مۇمكىن؟ “

” سپايكقا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ موتسىكىلتتىن بىرنى سېتىۋالىمەن. ئاندىن ياخشىراق ئۆيدىن بىر يۈرۈش ئالىمەن. ”  مۇشۇلارنى دېگەندە ئۇنىڭ كۆزلىرى ئويناپ كەتكەن ئىدى.

رەكستىن كېيىن، مەۋرىي روۋز ڧىلەن جەكمەننىڭ نۆۋىتى كەلگەن ئىدى. سوئال-جاۋاپلاردىن ئۇنىڭ 5 مىليون دوللارنى ئالغاندىن كېيىن ئىتالىيەدە 3 يىل تۇرغانلىقى، 28 يېشىدا بىر دوختۇر بىلەن توي قىلىپ 2 بالىلىق بولغانلىقى، ئۆزلىرىدە قانچە پۇل قالغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى خېلى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى، لېكىن يەتكۈچە قەرزى بارلىقى ئايان بولغان ئىدى.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن رەمبېل كىرىپ كەلدى. نېيت ئۇنىڭدىن بىر نەچچە سوئال سورىدى. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ئۇنىڭ راستتىنلا دۆت ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى.  رەمبېل ئۆزىنىڭ دېگۈدەك مەكتەپكە بېرىپ كەتمەيدىغانلىقى، بىر يەر ئاستا ئۆيدە تۇرىدىغانلىقى ۋە  گىتار چېلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئەزەلدىن چېركاۋغا بارمايدىغانلىقىنى، ئاپىسى بىلەن ناھايىتى ئاز گەپلىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا ئىلگىرىكىدەك مۇزىكا چېلىپ ئولتۇرماي MTV كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

جېينا بۇ ھەپتىدە ئەڭ ئاخىرىدا گۇۋاھلىق بېرەتتى. دادىسىنىڭ ئۆلۈمدىن 4 كۈن كېيىن، ئۇ يولدىشى بىلەن 3.8 مىليون دوللارلىق بىر ئۆي سېتىۋالغان ئىدى.

” ئۆينىڭ پۇلىسىنى قانداق تۆلەي دەۋاتىسىز؟ ” سورىدى نېيت.

جاۋاب ناھايىتى ئېنىق ئىدى. لېكىن ئۇ بۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. ” ئۆيىمىزدە پۇل بار. ” دېدى ئۇ.

” ئۇنداقتا پۇللىرىڭىز توغرىلىق پاراڭلىشايلى، ” دېدى نېيت كۈلۈپ تۇرۇپ. ” ھازىر 30 ياشقا كىرىپسىز. 9 يىل ئىلگىرى دادىڭىز سىزگە 5 مىليون دوللار بىرىپتىكەن. ھازىر قانچىلىك پۇلىڭىز قالدى؟ “

ئۇ سوئالغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەي ئۇنى-بۇنى دەپ باققاندىن كېيىن بانكا ھېساباتىدا ئۇ پۇللاردىن پەقەت 200 مىڭ دوللار قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.  ئۇنىڭ يولدىشى كوۋدىي بولسا يامان ئىشلارغا بىر نەچچە مىليون مەبلەغ سالغان ئىدى.

نېيت كەچ بولغاندا پەنتەنېلدىكى مىراسخور توغرىلىق ئويلانغاچ شەھەردىن قايتتى. ئۇنىڭ بۇ مىراسخورلارغا ئىچى ئاغرىپ قالغان ئىدى. نېيت ئۇلارنىڭ ھازىرقىدەك تەربىيەلىنىپ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىغا ئۆكۈنەتتى. لېكىن ئۇ بۇ مىراسلار ئۇلارنىڭ قولىغا تەگسە ئازاب ۋە بەختسىزلىك ئېلىك كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

نېيت مىكائىل كوچىسىغا كەلگەندە خېلى كەچ بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ چېركاۋنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىچىگە كىرىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ياراتقۇچىدىن بۇ ھەپتە قىلغان گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلماقچى بولۇپ توختىدى. ئەتىسى نېيت پوپ ڧىل بىلەن سىتەڧوردنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى.

” مەن كىچىك بىر سەپەرگە چىماقچى، ” دېدى ئۇ تىزلا. ” بالىلىرىمنى كۆرۈپ كېلەيمىكىن دەيمەن. چوڭ ئوغلۇم ئاۋرىگېن ئەۋىنىستىېندا ئوقۇيدۇ، بىر قىزىم پىتتسبۇرگدا تۇرىدۇ. كىچىك ئىككىسى- ئوستىن ۋە ئەنجېلا- سېيلىمدا تۇرىدۇ. “

” ئۇلارنى كۆرمىگىلى قانچىلىك بولدى؟ “

” تۇنجى ئايالىمدىن بولغان  دەنىيال بىلەن كېيتلىننى كۆرمىگىلى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى.  ئالدىنقى يىلى 6- ئايدا كىچىك ئىككىسىنى بىر توپ مۇسابىقىسىگە ئېلىپ بارغان. كېيىن مەست بولۇپ قالغان ئوخشايمەن، ئۇلارنى ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكەلگىنىم ئېسىمدە يوق. “

” بۇ سەپىرىڭىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ” سورىدى ڧىل.

” قانداق بولۇشىنى مەنمۇ ئانچە بىلمەيمەن. ئۇلارنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ ياخشى دادا بولالمىغانلىقىمدىن ئەپۇ سورىۋالسام دەيمەن. لېكىن بۇنداق قىلغىنىم ئۇلارغا پايدىسى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. “

 ” نېيت ئۆزىڭىزنى مۇنداق ئەيىبلەۋەرسىڭىز بولمايدۇ. ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. ياراتقۇچى ئاللىقىچان سىزنى كەچۈردى. بالىلىرىڭىزغا ئۆزگەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاپ بىرىڭ.”

ڧىل كېتىپ خېلى ۋاقىتتىن كېيىن نېيت ئۇچاقنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە رىچېلغا يەنە بىر پارچە خەت يازماقچى بولدى. بۇ ئۇنىڭغا ئۈچىنچى پارچە خەت يېزىشى ئىدى. ” سۆيۈملۈك رىچېل، ” دەپ باشلىدى ئۇ، ” سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولمىغان بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزدۈم. ” ئۇ خېتىدە دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكىگە بىر كېمە ۋە دورا سېتىۋېلىش ئۈچۈن 500 مىڭ دوللارلىق بىر چەك سېلىپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مىراسى توغرىلىق نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى يازغان ئىدى.

 

سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىم بولغاندا سنىيد سوت زالىغا كىرىپ كەلدى. ئادۇكاتلار بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ئۇنىڭغا ھەرخىل گەپلەرنى ئۆگەتكەن ئىدى. باش سوتچى ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمىسە بولمايتتى.

جوش سىنېيدنى خېلى يىللاردىن بىرى تونۇيتتى. ڧىلەن ئەپەندىم دائىم سنىيدنى ئىشتىپ قوغلاش توغرىلىق گەپ قىلىپلا يۈرەتتى. جوش ئۇنىڭ قىممەت بىر يۈرۈش ئۆي ۋە ماشىنا سېتىۋالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى پەملىگەن ئىدى.

سنېيد تەييار بولغان ئىدى. نېيت مەيلى قانداق سوئال سورىمىسۇن، ئۇ ئاللىقچان قولىغا تەگكەن 500 مڭ دوللار ۋە قولىغا كەلمەكچى بولغان 4.5 مىليون پۇل ئۈچۈن  ئۆگىتىلگىنى بويىچە جاۋاب بېرەتتى.

 نېيت ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئۈنلۈك قىلىپ سوئال سوراشقا باشلىدى، ” سنىيد ئەپەندىم،  بۇ دەۋادا يالغان گۇۋاھلىق بىرىشىڭىز ئۈچۈن قانچە پۇل ئېرىشتىڭىز؟ “

 سنىيد ” سىزگە بىرى پۇل بەردىمۇ؟ ” دەپ سورىدىمىكىن دەپ ئويلىدى. ” ياق، ھېچكىم ماڭا پۇل بەرمىدى. “

” قانچە پۇل بەردى؟ ” نېيت خاك گەدىسيقا تىكىلىپ قارىدى. نېيت قارىماققا ھەممە ئىشنى بىلىدىغاندەك كۆرۈنەتتى.

ڧىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئادۇكاتلىرى ئورۇنلىرىدا تۈگۈلۈپ قالغان ئىدى.

” سىزگە قانچە پۇل بېرىشتى؟ ” نېيت قايتا سورىدى.

” 500 مىڭ دوللار، ” سنىيد ئىقرار قىلغان ئىدى.

” بۇ قولىڭىزغا تېگىپ بولغا پۇلمۇ؟ “

سنىيد يالغان ئېيتىش ياكى راستنى ئېيتىشنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدى. ” ھەئە، شۇنداق. ” دېدى ئۇ.

” يېرىم مىليوننى ئېلىپ بولۇپسىز. كېيىن قانچىلىك بېرىدىغان بولغان؟ ” سورىدى نېيت.

ئۇ يالغان ئيتشىقا ئورۇنۋاتاتتى. ” ھەممىسى مۇشۇ. ” دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

” بۇ پۇللارنى سىزگە كىم بەرگەن؟ “

” ڧىلەن مىراسخورلىرىنىڭ ئادۇكاتلىرى. “

” سىز ئۇلارنى ئىزدەپ بارغانمۇ ياكى ئۇلار سىزنى ئىزدەپ كەلگەنمۇ؟ “

” مەن ئىزدەپ بارغان،” ئاخىرى ئۇ راست ئەسلى پىلانغا كەلگەن قايتىپ كەلگەن ئىدى. ” ڧىلەن ئەپەندى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىدىم. ئۇ بىچارىنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەتتىم. “

” ئۇنىڭغا قانچىلىك خىزمەت قىلغان ئىدىڭىز؟ “

” 30 يىل. “

” ئۇ توغرىلىق ھەممە ئىشلارنى بىلىسىز، شۇنداقمۇ؟ “

” شۇنداق. “

” شۇنداق تۇرۇپ ئۇنىڭ ساراڭ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە ئېيتمىغان، شۇنداقمۇ؟ “

سىنىيد ئۆزىنى ياخشى جاۋاب بېرىۋاتىمەن دەپ ئويالاۋاتتى. ” بۇ ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە تاقىشىدىغان ئىش ئىدى. “

” ھازىرغىچە ئۇلار سىزگە 500 مىڭ دوللار بېرىپ بولدى، شۇنداقمۇ؟ “

سنىيد دەرھال جاۋاب بېرەلمەي تۇرۇپ قالدى.

” 40 يىل ئىچىدە، ڧىلەن ئەپەندى 11 پارچە ۋەسىيەتنامە يازغان. بىرىدە سىزگە 1 مىليون دوللار بېرىدىغانلىقىنى يېزىپتىكەن. يەنە ئۇنى بىرەرسىگە ساراڭ بولۇپ قالغان دېيەلەمسىز؟ “

” بۇ مېنىڭ ۋەزىپەم ئەمەس. “

نېيت ئۇنىڭدىن سوئال سوراشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. كەچكە يېقىن نېيت تۇيۇقسىز سورىدى، ” 500 مېڭ دوللارنى ئالغان ۋاقتىڭىزدا، ئادۇكاتلار بىلەن بىر توختام تۈزۈشكەنمىدىڭىز؟ “

سنىيد ئاددىيلا قىلىپ ” ياق ” دەپ جاۋاب بەرسە بولاتتى، لېكىن ئۇ ئىكلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ خاك قارىغاندىن كېيىن، نېيتقا يۈزلەندى.

” ئەلۋەتتە، بۇنداق ئىش يوق، ” دېدى ئۇ. ئۇنىڭ گېپىگە ھېچكىم ئىشەنمەيتتى.

 

ڧىلەننىڭ كاتىپى نككىلەتتىن 8 مىنۇتچە سوئال سورۇلدى. نككىلەت 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، چىرايلىق كۆكسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا يۈزلىرى چىرايلىق، ئالتۇن چاچلىق ئادەتتىكىچە ئايال ئىدى.

نېيت سورىدى، ” ڧىلەن ئەپەندى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە ئۆتكۈزۈپ باققانمىدىڭىز؟ “

ئۇ خىجىل بولغان بولدى ۋە ” شۇنداق ” دەپ جاۋاب بەردى.

” قانچىلىك ۋاقىت؟ “

” ئادەتتە 10 مىنۇتتەك. “

” سىزدىن بۇنى سورىمىدىم. مەن سىزنىڭ ڧىلەننىڭ كاتىپى بولغان ۋاقتىڭىزنى سوراۋاتىمەن. قاچان ئىشقا كىرىپ، قاچان خىزمەتتىن چىكەتكەن؟ “

” ھە، مۇنداق دەڭ. مەن ڧىلەن ئەپەندىمگە پەقەت 5 ئايلا خىزمەت قىلغان. “

” ڧىلەن ئەپەندىنىڭ بەدىنىدە بىرەر تاتۇق ياكى بەلگە بارمىدى؟ “

ڧىلەننىڭ ئۈچۈلى ئايالى ئۇنىڭ ئوڭ يانپىشىدا كۈمۈش تەڭگە چوڭلۇقتا مەڭ بارلىقىنى ئادۇكاتلارغا ئېيتىپ بەرگەن بولار ئىدى. لېكىن ئادۇكاتلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنداق گەپنى سوراشمىغان ئىدى.

” باشقا سوئالىم يوق، ” دېدى نېيت.

نككىلەت زالدىن چىقىپ كەتتى. نېيت بىر رەسىمىنى چىقىرىپ دۈشمەنلىرى ئالدىدا ئۈستەلگە تاشلىدى. بۇ تروي ڧىلەننىڭ بەدىنىنىڭ بىر پارچە رەسىمى ئىدى. نېيت بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئۇنىڭ گەپ قىلىشى ھاجەتسىز ئىدى. رەسىمدە بىر دانە مەڭ كۆزىنى پاقىرىتىپ قاراپ تۇراتتى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72