داپشاقلار

” ھۇ ئۆزىنى بىلىشمەيدىغان  داپشاقلار! ”

” قېلىنلىق دېگەنمۇ يېرىم دۆلەت، ” دەپ غۇدۇڭشىۋاتاتتى كىمدۇر بىرى بۇ گەپ ئېغىر كەپكەتكەندەك.

” سېرىق ھەرىدەك غۇدۇڭشىماي، گېپىڭىز بولسا ئۇچۇق قىلمامسىز؟ ”

” ۋۇي نېمە بوپسىز؟ مەن سىزگە گەپ قىلدىمما؟ ”

” ھە، نېمە بولغاندەك قىلىمەن؟ مەنمۇ سىزگە گەپ قىلغاندەك كۆرىنەمدىمەن؟ ”  قاپىقى ھېلىلا مۆلدۈر ياغىدىغاندەك كۆرىنىدىغان بۇ ئادەم خېلى تىرىكىپ قالغان ئىدى.

” بايام كىمىڭىزنى داپشاق دېگەنتىڭىز ئەمىسە؟ سۆزلەپ قالغان بىرىمىكىن دېسەم، گېپىڭىزنى تېپىپ قىلالايدىكەنسىز بولمىسا. ”

بىرجۈملە ئىككىلىسى چۈشىنەلەيدىغان تىلدا ئېيتىلغان سۆز بۇ ئىككى ناتۇنۇشنى تۇنۇشتۇرغىلىۋاتاتتى.

” ئەجەپ قىززىق چوكانكەنسىز. مەن يا سىزنى تۇنىمىسام، قانداقسىگە سىزنى تىللاي. شۇ بىر قىزىل چىراقنىڭ ئالدىدا بىرگە تۇرۇپ قالغانلا يېرىم بارغۇ سىز بىلەن. ”

” ۋوي، كىمىڭىزنى <چوكان >لا ۋاتىسىز. چوكانلىرىڭىزدەك كۆرىنىۋاتامدىگەن كۆزىڭىزگە؟ ھەرقانچە چوڭ كانىيىڭىز بولسىمۇ ئىچىڭىزدە دېسىڭىز بولاتتىغۇ < چىرايلىق > سۆزلىرىڭىزنى. ئادەمنىڭ قولىقىنىڭ تۈۋىدىلا كالىدەك مۆرىسىڭىز، بولسا مەنمۇ قاراپ تۇرۇپ بەرسەم-ھە، داپشاق چوكانلىرىڭىزدەك. ”

” ئەجەپ قۇمدەك گەپ قىلىدىغان چو.. ياق، قى.. ياقەي، چىشى ئادىمىزات ئىكەنسىز. ھەممنى قىلغان مۇشۇ قىزىل چىراق. يېشىل چىراقنىڭ يورىشىنى ساقلاۋېتىپ چاچقا ئاق چۈشەيمۇ دېدى.  بىردەم جىم تۇرىڭە سىز داپشاق بولمىسىڭىز. ”

چاچلىرىغا ئاق چۈشكىلىۋاتقان، قارىماققا خېلى تىمەن كۆرىنىدىغان بۇ غەلىتە ئادەم خىزمەتكە بارمىغىلى خېلى بولغان ئىدى. ھۆكىمەت ئۇنى بىكارلىق بېقىۋاتاتتى. ئاز بولسىمۇ ئاسماندىن پۇل يېغىپ تۇرغاندىكىن، قورسىقى توق، كىيىملىرى پۈتۈن بولغاچقىمىكىن ئەتراپىدىكى قوشنا-يۇرۇقلارنى، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى تىرىكتۈرۈشتىن باشقا ئىشلاغا ئۇ ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتى. لېكىن دائىم تۈرۈلۈپلا تۇرغان قاپاقلىرىدىن  بۇ بىئىنجالىقىغا ئۆزىنىڭمۇ ئانچە رازى ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى يېقىن-يۇرۇقلىرىدىن قاچۇرۇپلا يۈرەتتى. بەزىدە ئۆزى تۇنىمايدىغان بىرى بىلەن بىر يەردە تۇرۇپ قالغاندا قەستەنگە ئالىكىملەردىنۇ تىللاپ كىتەتتى. لېكىن كىمنى تىللاۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىپ قاراپ قوياتتى. بەزىلەر پىسەنىت قىلمايتتى. بەزىلەر ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ قوياتتى. يەنە بەزىلەر بولسا ئۈستىدە تىلغا ئېلىنغان قىزغا ئوخشاش ئۇنىڭ گېپىنى ئۆزىگە ئېلىۋالاتتى-دە، ئىككى ناتۇنۇش ئارلىقىدا بىر قاتار سۆز ئۇرۇشى بولۇپ ئۆتەتتى.

” ۋاي ئەگرى قۇۋۇرغام. ئايال كىشىدەك خۇيى بار ئەركەك زاتىنىڭ گەپلىرىنى كۆرەي. جىم تۇرۇپ بەرسەم، تازا تىللىۋالسىڭىز-ھە! ئۆيىڭىزدە خوتۇنىڭىزدىن، ئىشخانىدا باشلىقىڭىزدىن قاتتىق دەككىڭىزنى يېگەن بولسىڭىز ياكى ئەركىن دۇنيادا كىملەردۇر بىرنىڭ داپشاقلارچە قىلىقلىرىنى كۆرۈپ قېلىپ چىۋىن يەۋالغاندەك بوپ قالغان بولسىڭىز بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. پۇتىڭىزغا كىرگەن تىكەننى باشقىلارنىڭ پۇتىدىن ئىزدەپ يۈرمەي ئۆزىڭىنىڭ پۇتىدىن، كىرگەن يەردىن ئېلىڭ. ”

ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان، سارغۇچ چاچلىرى ياغلىقى ئاسىتىدىن ئازراق كۆرىنىپ تۇرىدىغان بۇ چىشى ئادىمىزات بايىلا ئۆيىدە قېينى ئانىسىدىن ئازراق ئىزا ئاڭلاپ كۆڭلى يېرىم بولۇپ كوچا ئايلانغىلى چىققان ئىدى. راست، ئۇ توي قىلىپ بولغان ئىدى، بىر نەچچە بالىنىڭ ئانىسىمۇ بوپ قالغان ئىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئەقىل چىشى چىقمىغانمۇ قانداق، تېخىچە كىچىك بالىلاردەك ئورۇنسىز گەپلەرنى ئۆزىگە ئېلىۋالىدىغان، ئەمما قېينى ئانىسىنىڭ ئىمگالىرىنى پىسەنىتىگىمۇ ئېلىپ قويماي داستىخاندا خانىش سىياقتا ئانىسى ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ قۇلدەك ئىشلەۋاتقانلىقىغا قاراپ ئولتۇرىدىغان خۇيىنى تېخى تاشلىمىغان ئىدى.

” ۋاي بولىدا، ئايال كىشىنىڭ يېنىدا گەپ قىلىپ قويغان گۇناھ ئۆزۈمدە. ئەجەپ بىر چاپلىشىۋالدى ئۆزى بىلەن ئالاقىسى يوق بىر گەپلەرگە. ” ئەركەك زات بىر كۆزىدە قىزىل چىراققا قارىغاچ كوسۇلداپ قويدى.

” ئەجەپ خەقلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ مۇشۇ كەملەردە. خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقالماي كاللىسىدىن كېتىپ قالغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ماڭىلا ئۇچرامدۇ نېمە. ئارتۇق ئىشلارنى ئويلاپ كەتكەن گۇناھقۇ ئۆزەمدە. ۋۇي، ئۆلگۈر. يېشىل چىراق كۇنۇپكىسى بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپتىمە. ”

چىشى ئادىمىزات شۇنداق دېگەچ ياندىكى كۇنۇپكىنى زەردە بىلەن باستى ۋە ئەركەك زاتىغا قاراپ يەپ كېتىدىغاندەك بىرنى ھۆمىيىۋەتكەندىن كېيىن يولىغا راۋان بولدى. ئەركەك زات يولنى ئۇ قېتىدا كۆز ئالدىدا يىلاندەك تولغۇنۇپ كىتىۋاتقان ئايالنىڭ ئايىغىدىن چىققان ئاۋازغا تەڭكەش قىلىپ بىر نېمىلەرنى دەپ كۇسۇلداپ تۇرۇپ قالغان ئىدى.

 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72