ئۇيقۇنىڭ ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتىم. جىسمىم ماشىنا ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتى، روھىم نەلەردىدۇ سەيلە قىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىزلا يەنە شۇ ئۇيقىنىڭ ئىچىدە ئويغۇنۇپ كەتتىم. روھىم جىسمىمغا قايتىپ كېلىۋاتاتتى، ئەمما جەسىتىم ھېلىھەم ئۇيقۇدا ئىدى. كۆزۈمنى ئاچتىم. مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنى چالا-پۇچۇق كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدىم. ئايرىلغىلى نەچچە يىللار بولغان، شۇنىڭدىن بۇيان بىر ئېغىزمۇ خەۋىرى كەلمىگەن بىر دوستۇم يېنىمدىن ئۆتكىلىۋاتاتتى. بېشىمنى ئاستا كۆتۈردۈم ۋە ئۇنىڭغا قولۇمنى ئۇزاتتىم. ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان شۇ دەمدە ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. ئېنىقكى، ئۇمۇ بۇ ناتونۇش بىر زىمىندا مەندەك بىر قەدىناسىنى تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالىمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدى. بىردەم قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن بىر-بىرىمىزگە تاشلاندۇق. بىر ئېغىز گەپ قىلماستىنلا قوچاقلاشتۇق، ئەھۋال سوراشتۇق

. ” مۇشۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قېلىش بارمۇ؟ يەنە كېلىپ ھېچقايسىمىز قارشى تەرەپنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز، نەچچە يىللاردىن كېيىن ئوخشاش بىر شەھەردە، ئوخشاش بىر ماشىندا قايتا ئۇچرىشىپ قېلىشىمىزغا قارا!” دەپ ئويلاۋاتاتتۇق ئىككىلىمىز.
ئۇيقۇنىڭ ئىچىدە قەدىناس دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ قالغان ئىدىم. جىسمىم جايىدا، ئەمما روھىم نەلەردىدۇ ساياھەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئازراق سەمىرىپ يۈزلىرى نۇرلىنىپ كەتكەندىن باشقا ئانچە ئۆزگەرمىگەن ئىدى. ئىلگىرىكى چاچ پاسۇنىمۇ شۇ پېتى، كۈلگەندە ئىچىگە كىرىپلا كېتىدىغان زىناقلىرىمۇ شۇ پېتى تۇرغان ئىدى.
” سالامەت تۇرىۋېتىپسەن ئاداش، ” دېدىم ئۇنىڭ بىلەن ماشىنىدىن چۈشىۋاتقاچ.
” قەدىر ئەھۋال. ئەجەپ ئۇچرىشىپ قالدۇق دېسە؟ ئۆزەڭمۇ ياخشى تۇردۇڭ؟ “
” خۇداغا شۈكرى، كۆرگىنىڭدەك تۇرىۋاتىمەن. ئاشۇنداقمۇ يوقاپ كېتەمسەن خەۋەرسىزلا؟ “
” سەن بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئىمكانسىز قالدىم دېگىنە ئاداش. “
” ئۈندىداردىمۇ ئۇچۇر قايتۇرماي قويدۇڭ، ئاشۇنداقمۇ قىلامسە؟ “
” ئۈندىدار ئىشلەتمىگىلى بەك ئۇزۇن بوپ كەتتى ئاداش ماڭا، قانداق كۆرىمەن ئۇچۇرۇڭنى؟ “
پاراڭلاشقاچ بۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ يەنە بىر شەخسىي ماشىنىغا چىقىۋاتاتتۇق. بۇ ماشىنا مېنىڭ ئىدى. ئەمما بۇ ماشىنى قاچان ئالغانلىقىم، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ماشىنا ئالغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم. ماشىنى دوستۇم ھەيدەۋاتاتتى.
” سېنى بۇ يەرلەردە ئۇچۇرتىپ قالارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئەمما ھامان بىر يەردە جەم بولىمىز دەپ ئويلايتتىم، ” دېدى ئۇ كۈلۈمسىرگىنىچە.
” بىر كۈنلەر كېلىپ قايتىدىن ئۇچرىشىمىز. نەدە بولسا ئامان-ئىسەن تۇرسىلا يەنە كۆرىشىمىز دەپ ئويلايتتىم مەنمۇ”
” مانا، ئويلاپمۇ باقمىغان بىر يەردە كۆرۈشتۇق قايتا. تونۇشىشىمىزمۇ مۇشۇنداق قىززىق بولغان ئىدى، ئىسىڭدە بار ھەقاچان؟ “
ئۇنىڭ بىلەن بىر پويىز سەپىرىدە تونۇشقان ئىدىم. ئۇ كۈنكى سەپىرىم مەن ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ئەڭ يىراق سەپەر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇندۇقلۇق بىلەت ئالغان ئىدىم. پويىزدا ھېچ بىر تونۇشۇممۇ يوق ئىدى. يېنىمدا بارى پەقەت بىر قانچە كىتاپ ۋە ئۆيدىن ئېلىۋالغان پارچە يىمەكلىكلەر. كىچىكىمدىنلا ئەتراپىمدىكى ئادەم ۋە ئىشلارغا بەكلا سەزگۈ، لېكىن كەمسۆز مەن بۇنىڭدەك سەپەرلەرنى كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۇنى-بۇنى ئويلاش بىلەن ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يىتەتتى. پويىز ئاستا قوزغىلىپ مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولغان شەھەردىن ئايرىلغىلىۋاتاتتى. ئادىتىم بويىچە ۋاگون ئىچىگە كۆز يۈگۈرتتۈم. بۇ ۋاگوندا مەندىن باشقا ماڭا ئوخشاش سۆزلەيدىغان كىشىلەردىن بىر قانچىسىلا بار ئىدى. مەندىن ئۈچ ئورۇن يىراقلىقتىكى قارشى ئورۇندا چاچلىرى پىشانىسىنى ياپقان كىلىشكەن بىرى تېلېفۇنىدا بىر نەرسە كۆرۈپ ئولتۇراتتى. تويۇقسىزلا ئۇ مېنىڭ قاراۋاتقانلىقىمنى سىزىپ قالغاندەك بېشىنى كۆتۈردى ۋە ماڭا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ يەنە ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى. مەنمۇ دەرىزىدىن سىرتقا قارىغانچە ئۆز خىياللىرىم بىلەن بەنىت ئىدىم. بىردەمدىن كېيىن بىرىنىڭ سالام قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىسام بايامقى بالا ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاددىيلام سالاملاشقاندىن كېيىن ئۇ يېنىمدىكى ۋاقتىنچە بوش قالغان ئورۇندا ئولتۇردى. ئۇنى-بۇنى دېيىشىپ تونۇشقان بولدۇق ۋە تاغدىن-باغدىن پاراڭلارنى قىلىشتۇق. پاراڭ ئارلىقىدا ئىككىلىمىزنىڭ ئوخشاش بىر مەكتەپكە ماڭغانلىقىمىز ئوتتۇرغا چىقتى. ھەر ئىككىلىمىز ئەللىك-ئاتمىش سائەت داۋاملىشىدىغان بۇ سەپەردە پاراڭلىشىپ، بىر ناننى تەڭ يېيىشىپ ماڭىدىغان بىرىنىڭ چىققانلىقىدىن بەك خوش بولغان ئىدۇق. ئەمما بۇ سەپىرىمىزنىڭ كىيىنچە قىيامەتلىك دوستلاردىن بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى ھېچقايسىمىز ئويلىمىغان ئىدۇق.
” ئەلۋەتتە ئېسىمدە بار. سەن بىلەن سەپەردە تونۇشقان ئىدىم. ئايرىلىپ ئوزاق يىللاردىن كېيىن يەنە مۇساپىرچىلىقتا، خىيالىمىزغىمۇ كىرىپ باقمىغان بىر يەردە ئۇچرىشىپ قالدۇق مانا، ” دېدىم مەن كۈلۈمسىرەپ، ” ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرىشىپ تۇرىۋاتامسە؟ “
” ھەئە، كۆرىشىمەن پات-پات. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرىۋېتىپتۇ.”
” بۇرۇن ئىنىڭنىڭ ئۈندىدارى بار ئىدى ئۈندىدارىمدا. ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىپ تۇراتتىم. كېيىن نېمە بولدى ئۇمۇ ئۈندىدار ئوينىمايدىغان بولدى.” دېدىم مەن سەل ئەپسۇسلانغان تەلەپپۇزدا.
” بىلمىدىم ئاداش. ئۆزىنىڭ بىرەر سەۋەبى باردۇ بۇ نەرسىنى ئىشلەتمەسلىكتە.”
” تېلېفۇن نومۇرىنىمۇ ئۆزگەتكەن ئوخشايدۇ-ھە ئىنىڭ. بۇرۇنقى نومۇرىغا تېلېفۇن قىلسام ئۇلانمىدى. ئۆيدىكىلىرىڭنى يوقلاپ باراي دەپ شۇنچە قىلدىم، لېكىن ئالاقە قىلالمىدىم. كېيىن بۇ يەرگە كېلىدىغان بوپ قالدىم.”
….
ماشىنا جىسمىمنى ئويغۇتىۋېتىشنى خالىمىغاندەك بىر خىل سىلىق كېتىۋاتاتتى. دوستۇممۇ ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىللىق ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. دەسلەپتە تونۇشقانغا ئوخشاشلا تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىشقانچە كېتىۋاتىمىز. ئەمما نەگە كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇقالمايۋاتاتتىم، قايتا ئۇچرىشىشنىڭ خوشاللىقى مەنزلىمىزنى ئەقلىمدىن ئېلىپ قاچقان بولسا كېرەك. لېكىن ئوخشاش بىر ماشىنىدا، ئوخشاش بىر مەنزىلگە قاراپ كېتىۋاتقىنىمىز ئېنىق ئىدى. بۇنداق بولمىغاندا بىزدەك بىرسى جەنۇپتا، بىرسى شىمالدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان بۇ ئىككى ناتونۇش قەدىناس دوستلاردىن بولالمايتتۇق. بۇ شەھەرگە كېلىپ مەن كۆرۈپ باقمىغان بىر ئوڭغۇل-دوڭغۇل دۆڭلۈكلەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتۇق. بۇ يەرلەردىن ئۆتۈپ بىر تونىلنىڭ ئالدىغا كەلدۇق.
” ئاداش، بۇ تونىلدىن ئۆتسەك پۇل تۆلەيمىز. كارتا ئاۋۇ يەردە بارمىكىن، ” دېدىم مەن ماشىنىڭ كىچىك بىر تارتمىسىنى كۆرسىتىپ.
ئۇ ئارقىسىغا قايرىلىپ كۈلۈمسىرىگىنىچە بىلدىم دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى. ماشىنىمىز تونىل ئىچىگە كىرمەستىنلا ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. دوستۇممۇ، ماشىنىمۇ غايىپ بولدى. كىملەرنىدۇ ئىزدەپ نەلەرگىدۇ ساياھەتكە كەتكەن روھىم ئۆزى خالىمغان ھالدا جىسمىغا قايتقىلىۋاتاتتى.

 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

ئىنكاسلار

    • گۈزەللىك ھەر شەيئىدە: سىزدە. مەندە. ئۇنىڭدا…. پۈتۈن مەۋجۇداتتا. مەسىلە بىزنىڭ بۇ گۈزەللىكلەرنى بايقىشىمىزدا.

  1. ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، مۆھتەرەم بۇرادەر قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ئۇزۇندىن بېرى بىلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىنى شۇنداقلا يوللىغان يازمىللىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كەلدىم. مەنمۇ قىززىقىشىم سەۋەپ ئۈندىدار ئامىۋىي سۇپىسى ئېچىۋالغان ئىدىم. يازما يېزىشقا ۋاقىتىم چىقمىغىنىدا ، سىزنىڭ ئاپتورلىقىڭىزدا يازمىللىرىڭىزنى سالونىمغا يوللىسام رۇخسەتمۇ ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قەدىر ئەھۋال، ياخشى تۇرىۋاتىمەن. ئۆزىڭىزچۇ؟ بلوگدىكى يازمىلارنى ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن بەك شاتلاندىم. ئەمەلىيەتتە بلوگىمدا بەك كۆپ يازمىلارمۇ يوق. بەزىدە بىر نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرىۋاتىمەن ياكى ئانچە-مۇنچە تاققۇ-تۇققۇ نەرسىلەرنى يېزىپ تۇرىۋاتمەن. سىزگە ياققان ۋە ئۆزىڭىز ئۈندىدار ئامىۋىي سۇپىڭىزدىكى ئەزالار ياقتۇرىدۇ دەپ قارىغان يازمىلارنى مەنبەسىنى ۋە ئاپتۇرىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا يوللىسىڭىز بولىدۇ.
      ھە راست، سۇپىڭىزنىڭ ئىزدەش نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويىڭە، مەن قېتىۋالاي.

Comments are closed.