ئۆسەك سۆز ھەققىدە قىسقىغىنە ھىكايە

ئىلگىرى بىر ياشىنىپ قالغان ئادەم بولغان ئىكەن. بۇ ئادەم  قوشنىسى ھەققىدە  ” ئۇ بىر ئوغرى ” دەپ گەپ تارقىپتۇ. نەتىجىدە ياشانغان ئادەمنىڭ ياش قوشنىسى قولغا ئېلىنىپتۇ. خېلى كۈنلەردىن كېيىن بۇ ياشنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ قويۇپ بېرىلىپتۇ. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بۇ ياش ياشانغان ئادەمنى سوتقا مېنىڭ ھەققىمدە يالغان ئۇچۇر تارتقانقان دەپ ئەرز قىلىپتۇ.

سوتخانىدا ياشانغان ئادەم :” ئۇلار مۇنداقلا دەپ قويغان گەپلىرىم ئىدى. بۇنداق گەپلەرنىڭ ھېچكىمگە زىيىنى يوققۇ،” دەپ تۇرىۋاپتۇ.  سوتچى ھۆكۈمنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى ياشانغان ئادەمگە مۇنداق دەپتۇ:

” بۇ ياش ھەققىدە دېگەن گەپلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى بىر پارچە قەغەزگە  يېزىپ چىقىڭ ۋە بۇ قەغەزنى پارچە-پارچە يىرتىڭ. ئاندىن ئۆيىڭىزگە قايتىشىڭىزدا قەغەز پارچىلىرىنى ماشىنىڭىزنىڭ دەرىزىسىدىن تاشلىۋەتكەچ قايتىڭ. ئەتە سوتخانىغا قايتا كېلىڭ، شۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمنى قولىڭىزغا بېرىمەن.”

ياشانغان ئادەم سوتچىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپتۇ ۋە ئەتىسى سوتخانىغا كەپتۇ. سوتچى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:

” ھۆكۈمنى قولىڭىزغا ئېلىشتىن بۇرۇن تۈنۈگۈن ماشىنىڭىزنىڭ دەرىزىسىدىن تاشلىۋەتكەن قەغەز پارچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كىلىڭ. “

ياشانغان ئادەم تەئەجۈپلەنگەن ھالدا  شامالنىڭ قەغەز پارچىلىرىنى ئۇچۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، قەغەز پارچىلىرىنىڭ ئۇچۇپ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى قايتىدىن يىغىپ كېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپتۇ.

”  دەل مۇشىنىڭغا ئوخشاشلا،” دەپتۇ سوتچى تەمكىن ھالدا، ” ئاددى سۆزلەر ۋە ئورۇنسىز باھالار بىر كىشىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى يەرگە شۇنداق ئورۇشى مۇمكىنكى، ئۇ كىشى ئىززەت-ھۆرمىتىنى قايتا تىكلەشكە ئامالسىز قالىدۇ.  باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى سۆزلىيەلمىسڭىز، ئۇلار ھەققىدە ھېچنېمە دېمەيلا قويۇڭ. ھەممىمىز تىلىمىزنىڭ ئىگىسى بولايلىكى، سۆزلىرىمىزنىڭ قۇلى بوپ قالمايلى. “

” ئۆسەك سۆز، پىتنە-ئېغۋا ئوغۇردىنمۇ يامان. چۈنكى ئۆسەك سۆز ۋە پىتنە-ئېغۋا باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، نام-ئابرويىنى ۋە ئىشەنچ-ئىناۋىتىنى ئوغۇرلايدۇ. ئوغۇرلانغان بۇ نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلمەك ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە ھەتتا مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. ئىسىمىزدە بولسۇنكى،  پۇتىمىزمىزدا تېيىلىپ كەتسەك قايتىدىن تەڭپۇڭ ھالىتىمىزگە كېلەلەيمىز، ئەمما تىلىمىزدا تېيلىپ كەتتۇقمۇ، سۆزىمىزنى ھەرگىز قايتۇرۇۋالالمايمىز. “

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72