ئۈچ تەرجىمە-ئۈچ مەنا

شاتۇت ۋە قاغا

بىر كۈنى قەپەزدىكى خاتىرجەم شاتۇت بىر قاغىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىكگە ھەۋەس قىلىپ كېتىپتۇ. قاغا بولسا شاتۇتنىڭ بەھۇزۇر تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مەسلەھەتلىشىپ ئورنى ئالماشتۇرماقچى بولىشىپتۇ. قاغا قەپەزگە كىرگەندىن كېيىن خۇجايننىڭ ياخشى كۈرۈشىگە ئىرىشەلمەي، ئەڭ ئاخىرىدا  زىرىكىپ چۈشكۈنلۈكتە ئۆلۈپتۇ؛ ئۇزاق مەزگىل بەھۇزۇر ياشاپ كەلگەن شاتۇت بولسا سىرتتا مۇستەققىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەي، ئاخىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ.

 ئۆزىڭىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇڭكى، باشقىلارنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ، بەلكىم ئۇنىڭ بەخىت سىزگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.

 

يوقىتىش ۋە ئېرىشىش

بىر كۈنى مۇئەللىم بالىلاردىن مۇنداق بىر سۇئال سوراپتۇ :” بىر ئادەم سۇ قايناتماقچى بولۇپ ئوت يېقىپتۇ. يېرىم سائەتتىن كېيى قارىسا ئوتۇن يىتەرلىك ئەمەستەك، ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟” بەزى ساۋاقداشلار دەرھال بىرىپ ئوتۇن ئىزدىشى كېرەك دېسە، بەزىلىرى ئوتۇن ئارىيەت ئېلىپ كىلىشى كېرەك دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ، يەنە بەزىسى ئوتۇن سېتىۋېلىپ ئەكىلىشى كېرەك دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.  مۇئەللىم مۇنداق  دەپتۇ :” نىمىشقا چەينەكتىكى سۇدىن ئازراق تۆكىۋەتسە بولمايدۇ؟”

شۇندىلا ئوقۇغۇچىلار شۇنى ھىس قىلىشىپتۇ: دۇنيادا ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. ئىرىشىمىز دەيدىكەنمىز بەزى نەرسىلەرنىڭ مەرىدىن كىچىشىمىز كېرەككەن. ئادەملەر ئىزدەۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر قانداقتۇ كۆز يەيمەتدىغان يىراقلاردا ئەمەس، بەلكى كۆزىنىڭ ئالدىدىلا ئىكەن.

 

سىزدە ھەممە نەرسە بار

بىر نامرات ئادەم تەڭرىدىن سوراپتۇ: ” مەن نىمىشقا بۇنداق نامرات؟ تەڭرى جاۋاپ بىرىپ دەپتۇ:” چۈنكى سەن باشقىلارغا بىرەر نەرسە بىرىشنى ئۇقمايسەن.”

نامرات: ” مېنىڭ ھېچنىمەم بولمىسا قانداقسىگە باشقىلارغا بىرنەرسە بىرەلەيمەن”

تەڭرى  ئېيتىپتۇ :” بىر ئادەمنىڭ ھېچنىمىسى بولمىسىمۇ ئوخشاشلا باشقىلارغا يەتتە تۈرلۈك نەرسىنى بىرەلەيدۇ؛ چىراي سەدىقىسى- كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئىش بىجىرىش؛ سۆز سەدىقىسى-باشقىلارنى ماقتايدىغان، ئۇلارغا تەسەللىي بىرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش؛ يۈرەك سەدىقىسى- كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭرى تۇتۇپ باشقىلارغا مۇلايىم بولۇش؛ كۆز سەدىقىسى-باشقىلارغا ياخشى كۆز بىلەن قاراش؛ بەدەن سەدىقىسى- ئەمەلىي ئىشى بىلەن باشقىلارغا ياردەمدە بولۇش؛ ئورۇن سەدىقىسى-كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارغا ئورۇن بېرىش؛ ئائىلە سەدىقىسى-بىر-بىرىگە ياخشى كۆڭۈللۈك بىلەن مۇمىلە قىلىش.”

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72