مەس ئادەم ۋە ئالدىراڭغۇ رىئاللىق

ھاراقلا ئادەمنى مەست قىلمايدۇ. بەزىدە ئادەمنى گۈزەل مەنزىرىلەر، ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان بىر پارچە شىئىر ياكى بىر پارچە رەسىم، ۋە ھەتتا گۈزەل بىر سەتەڭ ياكى كېلىشكەن بىر يىگىتمۇ ئادەمنى مەس قىلىپ قويۇشلىرى بار.

ئادەمنى شاراپلا مەست قىلمايدۇ. بەزىدە بىرىگە ياكى بىر شەيئىگە ئاجايىپ ئامراق بولىسەن-دە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ ئۇنىڭغىلا ئىنتىلىدۇ، ئۇنىلا ئىستەيسەن، كۆزۈڭ ئۇنىڭدىن باشقىسىغا كور، قۇلىقىڭ ئۇنىڭ سۆزىدىن باشقىسىغا پاڭ، پۇتۇڭ ئۇنىڭ يولىدىن باشقا يولغا كەلگەندە ھارغىن ياكى توكۇر بولىۋالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە مەست بولغىنى جىسمىڭ ئەمەس روھىڭدۇر بۇ ۋاقىتتا. بەدىنىڭ مەست بولسا بىر دەمدىن كېيىن يېشىلگىنى بىلەن، روھىڭ، كۆڭلۈڭ مەست بولدىمۇ، بەزىدە بىر ئۆمۈر مەستلىكتە يۈرىشىڭ مۇمكىن. بۇ مەستلىكتىن يېشىلىشىنىڭ بىر يولى ئاشىق بولغان ئادەم ياكى شەيئىنىڭ ۋەسلىگە يېتىشتۇر. لېكىن رىئاللىق ھەمىشە ئالدىراڭغۇ كەلگەچكە، ياكى نازى كۆپ قىزدەك قىلىقلىرى كۆپ بولغاچقا ۋىسال جامالىنى ساڭا كۆرسەتمەيدۇ ۋە يۈرىكىڭنى تىلىدۇ، باغرىڭنى كۆيدىرىدۇ. رىئاللىق كۆپۈنچە ھاللاردا  “ياق” دېيىشكە بەك ئامراقتۇر، ئويلاشمايلا قارارىنى ئالدىڭغا ئاتىدۇ ياكى سېنىڭ تاقىتىڭنى سىنىماقچى بولغاندەك قەستەن نازلىنىپ تۇرىۋالىدۇ. ئەنە شۇنداق نازلار بىلەن ئالدىراڭغۇ رىئاللىق بىر ئاشىقنىڭ يولىغا تىكەنلەرنى چاچىدۇ ۋە قەستەن ۋىسالدىن مەھرۇم قويماقچى بولىدۇ. دېمەككى، ئاشىقنىڭ مەستلىكدىن يېشىلىنىڭ بىر يولى ئېتىلىدۇ. ئەمما،  ئاشىق نېمىگە ئاشىق بولدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. سەن ۋاقىتلىق بولغان شەيئىلەرگە ئاشىق بولساڭ ئاقىبەت دەل ئۈستىدە ئېيتقاندەك بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئاشىق ھەمىشە ۋىسال ئىچىدە ياشايدۇ ۋە يارى بىلەن ھەردائىم بىرگە بولىدۇ ۋە  ئاشىقى ئۇنىڭدىن رازى بولغان، ئۆزىمۇ سۆيگىنىدىن رازى بولغان ھالدا ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. قسىقا ۋە ھەق گەپ شۇكى، روھىي مەستلىك كىمگە ۋە نېمىگە شەيدا بولۇش ۋە ئاشىق بولۇشقا قاراپ ھەم گۈزەل ئىشتۇر، ۋە شۇنداقلا ئاشىقنىڭ ھاياتىنى خورىتىدىغان، ئايىغى چىقماس چىركىن ئىشتۇر.

ئەي روھىي مەستلىك يولىغا چۈشۈپ قېلىۋاتقان ئاشىق! تاللاش يەنىلا سېنىڭدۇر. كەسكىن بىر قارار بەرگىنكى، بىر ئۆمۈر نادامەتتە ياشا ياكى بىر ئۆمۈر ھۇزۇر-ھالاۋەتتە.

 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72