قۇم يىغىلىپ دۆڭ بولىدۇ

بۇ سۆزنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ مەنچە ئاڭلاپ باققان. لېكىن، مەنىسى ھەققىدە ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلكىم ئويلاپ باقتىڭىز. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكىلەرنى دىققىتىڭىزگە سۇنغۇم كەلدى.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا- بەزى ئىشلارنى بىر ئازدىن كىيىن ياكى كىيىنراق قىلساممۇ بولىدۇ-غۇ، دەپ تاشلاپ قويىمىز. ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، ھەر ۋاقىتنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق ئىشى چىقىدۇ-دە، ۋاقتىدا قىلمىغان ئىشلىرىمىز بىر ياقىدا بويۇن قىسىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە بىردەمدىلا بىر دۈۋە بوپ كىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ قىلماقچى بولغان ۋە چوقۇم قىلىنىشى كېرەك بولغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز يەنە تاشلىنىپ قالىدۇ ۋە ھەتتا بۇ بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرگە سەۋەپ بولىدۇ. قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇشىمىز كېرەك. سوۋۇپ كەتسە يا تۆمۈرنى بۇزۇپ قويىمىز ياكى بولقىنى سۇندىرىمىز ۋە ھەتتا قولىمىزنى زەخمىلەندۈرىمىز؛ تۆمۈرنى قايتىدىن ئىسسىتىشقا مەجبۇر بولىمىز. شۇنداق قىلىپ ۋاقىت، زېھىن ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنى خورىتىمىز.

ئۆگۈنۈشتە- تاپشۇرۇقلارنى ئەتىگە قويىمىز. ئەسلىدە ئازغىنە بولغان تاپشۇرۇق بىرنەچچە كۈندىن كېيىن دۈۋلىشىپ كىتىدۇ. ئىشلەپ تۈگىتەي-چۇ، دەپ قولىمىزغا قەلەمنى ئالىمىز، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئاخىرىغا چىقىپ بولالماي تاشلاپ قويىمىز. دېمەك، قۇم يىغىلىپ دۆڭ بولدى، دۆڭدىن ئېشىشقا ماغدۇرىمىز يەتمەي قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماسلىقىمىز كېرەك.

يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتا- پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر، دەيمىز-يۇ، بەزىدە بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىپ بولالمايمىز ياكى پاكىزلىق ئوقۇمى شەخستىن ھالقىپ كېتەلمىگەن بولۇپ، ئۆيۈم ۋە مەن ئۆزۈم پاكىز بولساملا بولىدى، دەپ ئويلايمىز. ئەمما پاكىزلىق پەقەت شەخىسنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان ئۆي، بىنا، ئولتۇراق رايۇن… ۋە شۇنداقلا ئۆزىمىز ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىدىغان مەكتەپ، سىنىپ… قاتارلىقلارنىڭكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەخلەتلەرنى خالىغانچە تاشلايمىز؛ سۇ بوتولكىلىرى، قەغەز پارچىلىرى، ئۆچۈرگۈچ ئۇۋۇندىلىرىنى… قەيەردە ئولتۇرساق شۇ يەرگە تاشلاپلا ماڭىمىز؛ بىرنى تاشلايمىز، ئىككىنى تاشلايمىز؛ بىرسىمىز تاشلايدۇ، ئارقىدىن ئىككى، ئۈچ…. بولىمىز. شۇنداق قىلىپ بىر پاكىزە مۇھىت ئەخلەتخانىغا ئايلىنىپ قالغىلى تاسلا قىلىدۇ. قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ھەر نەرسىنى دەل ۋاقتىدا جايىغا- كىتاپنى كىتاپ ئىشكابىغا، كېيىمنى يۇيۇپ كىيىم ئىشكابىغا… ئەخلەتلەرنى بولسا ئەخلەت ساندۇقىغا، قويىشىمىز كېرەك. بولمىسا تۆت  پۇتلۇقلاردىن گەپ قىلالايدىغانلىقىمىزدىن ئىبارەت بىرلا پەرقىمىز قالىدۇ.

ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىدا- بۇنىڭ ئالدىنقى قىسمىغا بىز بەكلا ئەھمىيەت بىرىمىز، يەنى ئالىدىغان ئىش بولسا ئايىغىمىز باشقىچىلام يىنىكلەپ كېتىدۇ، چىرايىمىزدىن كۈلكە، تىلىمىزدىن بال تامچىيدۇ. ئەمما، كىيىنكىسى، يەنى بىرىش ياكى قايتۇرۇشقا كەلگەندە ئايىغىمىزغا بىرەرسى ئېغىر تاش ئېسىپ قويغاندەك، قۇلىمىز باغلىنىپ قالغاندەك… ھەر نەرسە باشقىچە ئاستىلاپ كىتىدۇ ۋە تېلېفۇنلار ئۇلانمايدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ مەلۇم كىشىلەرنى كۆرگەندە قەستەن كۆرمىگەن بولىۋالىمىز ياكى ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىمىز؛ يېڭى باھانىلەر تېپىپلىپلا تۇرىدۇ؛ بەزىدە ئاۋازىمىز بەرگۈچىنىڭكىدىن  يۇقۇرى چىقىدۇ… شۇنداق قىلىپ بىرىشكە تىگىشلىك ھەقنى ۋاقتىدا بەرمەي كەينىگە تارتىمىز. ئەسىلىدىكى كىچىككىنە سان ئۈچ، تۆت، ھەتتا بەش، ئالتە خانىلىق سانغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن سانلار ئالدىدا جىلە بولۇپ قالىمىز، بەرمەك تېخىمۇ ئېغىر كىلىدۇ…. قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ھەر ئىشنى ۋاقتىدا قىلىشىمىز كېرەك. ۋاقتىدا قىلىنمىغان ھەر قانداق ئىشتىن بىر چاتاق چىققىنى چىققان. مساللارنى تىزساق بۇ بىر بەت يەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما يۇقىردىكىلەر بۇ ئىبارىنىڭ بىر چۈشەندۈرىشىنى ئېنىق قىلىشقا يىتەرلىك. خەت قەغەز يۈزىدە قالىدۇ. ئۆزگىرىش قىلىدىغىنى يەنىلا ئەمەلىي ھەرىكەت.

تەۋسىيە دەرىجىسى: 8.9/10
تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ