ئىمكانسىزلارنىڭ ھېيتى مۇبارەك بولسۇن

ئۆزۈڭ قايناق بازارلاردا… روھىڭ يىراقلاردىكى مىھرى ئىسسىق توپىلاڭ يوللاردا؛ ئەقىلىڭ يىراقلاردىكى ئۆزى قانچىلىك ئەلەم چەكسىمۇ، ئەمما چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان، ھەر بىر جانلىققا ئادىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان مىھنەتسىز جاپاكەشلەردە… بەدىنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك داڭلىق شەھەرلەردە سەيلىدە….ئەمما كۆڭۈل ھەر قېتىم قايتقىنىڭدا سېنى بىكەتتىن ئالغىلى كېلىدىغان، ياغاچ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ياكى ئۆيدە ئىسسىق تاماق ئىتىپ يولۇڭغا قارايدىغان ئاشۇ ئۈمىدۋار كىشىلەردە…

ھېيت كەلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرەلمىدى. چۈنكى ئىشىكلەر سىرتتىن پىچەتلەنگەن ئىدى. ھېيتلىق كېرەكلىكلەرنى سېتىۋالالمايتتى ئۇلار. چۈنكى سىرتقا چىقالمايتتى؛ ئۆز-ئارا ھېيتلىشالمايتتى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاش. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىگە بەنىت قىلىنغان ئىدى…

قۇربانلىق قىلغۇسى شۇنچىلىك بولسىمۇ، بەلكى بۇ يىل قۇربانلىق قويلارنى سويالمىغان بولىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى نۇرغۇن چەكلىمىلەر ئۇلارنى توسۇپ قويغان ئىدى. مەسچىتلەر بۇ ھېيتتا ھېچكىمنى قارشى ئالالماي بويى پۈكۈلگەن، مەيدانلاردا ھېيتلىق تەنتە قىلىنمىغان، ساما سېلىنمىغان ئىدى… بالىلار ئاتا-ئانا، بوۋا-موما ۋە ئاچا-ئاكىلىرىدىن ھېيتلىق ئالالمىغان ئىدى. ھەتتا بەزى سەبىيلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ھېچ خەبەرسىز ئىدى…

سىرتلارغا پالانغانلار ئۈچۈن ھەم بۇ ھېيت ھېييتەك بىلىنمەيتتى. چۈنكى ئۇلار نە ئۆيدىكىلىرىگە تېلېفۇن قىلىپ ئۇلارنىڭ ھېيتلىرىنى تەبرىكلىيەلىسۇن، نە سىرتالاردا يۈرۈپ تور يۈزىدە ئۇلار بىلەن ۋىدىيولۇق كۆرۈشەلىسۇن!

ھەممىمىز ئىمكانسىز ئىدۇق، چارىسىز ئىدۇق. ئەمما قەلبىمىز ھەردائىم شۇنداق بىر ھېيتقا تەلپۈنەتتىكى، ئۇ ھېيتتا ھەممە ئائىلە جەم بۇلاتتى؛ مەسچىتلەر چىھرىدىن خۇشاللىق تەپچىپپ تۇرىدىغان ئادەملەر بىلەن تولاتتى؛ مەيدانلاردا، سەينالاردا ھېيت تەنتەنىسى ياڭرايتتى؛ سامالار يەرنى تەۋرىتەتتى؛ بالىلارنىڭ چىھرىدىن كۈلكىلەر ئۆچمەيتتى…

ئەنە شۇنداق بىر ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن بارلىق ئىمكانسىزلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن. قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! قۇربانلىقلىرىمىز ساماغا ئۆرلىسۇن ۋە ئەڭ گۈزەل نەتىجىلەر بىلەن بىزگە قايتسۇن!

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ