مەنىسىزلىكتىن چىقىش

ئەسلىدە ھەممىمىزنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرى بار. مېنىڭ ھەم شۇنداق گۈزەل ئارزۇلىرىم بار ئىدى. شۇ گۈزەل ئارزۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە تەكلىماكاننىڭ گىرۋەكلىرىدىكى كىچىك ۋە تىمتساس يېزىدىن كىچىك يېشىمدىلا ئايرىلغان ئىدىم. ئانام قىيمىغان ئەمما زور ئىشەنچ بىلەن؛ دادام بولسا بۇنىڭغا ئانچە رازى بولمىغان بىر پوزىتسىيەدە يولغا سالغان ئىدى. يېزىدىن شەھەرگە. شەھەردىن مەركەزگە، مەركىزدىن يەنە يوچۇن شەھەرلەرگە ئاشۇ ئارزۇلارنى قوغلاپ قانچە يىل ۋاقتىم ئۆتۈپ كەتتى. ئارزۇلىرىمغا قىسمەن يەتكەنمۇ بولدۇم، ئەمما ئاداققى ئارزۇ تېخىچە قەلب ئاسمىنىمدا لەيلەپ يۈرەتتى. يوچۇن شەھەرلەرنى تاشلاپ، ئوكيان ئاتلاپ يات بىر مىھرى ئىسسىق دۆلەتكە كەلدىم. بارسى كەلمەس يولغا كىرىپ قالغاندەك، بۇ قېتىم ئاشۇ تىمتاس يېزىلارغا- ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ يېنىغا قايتىش نسىپ بولمىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش، رەسىملىرىنى كۆرۈشكىمۇ ئامال يوق. ياشاۋاتىمەن، تۇرمۇش ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە ۋە ئادەمنى مەسخىرە قىلماقتا. ئەينى ۋاقىتتىكى ئازۇلار خىرەلەشمەكتە ۋە مەن ئاداققى نىشاندىن شۇنچە يىراقلاپ كىتىۋاتقىنىمدەك بىر تۇيغۇدا. بۇ تۇيغۇ كۈچەيگەنسىرى بىر خىل مەنىسىزلىك پاتقىقىغا پېتىۋاتقاندەك، لاتقىلار مېنى يۇتۇپ كېتىۋاتقاندەك… ئەمما بۇ مەنىسىلىكتىن چىقالايمەن- مەناغا يىتەلەيمەن، ئاداققى ئارزۇغا قاراپ لاتقىلاردىن چىقلايمەن. چۈنكى، مەن يالغۇز ئەمەس: ئەۋۋەل ياراتقۇچى، ئاندىن سۆيگۈنۈم ۋە ئىككى گۈزەل نۇرلۇق يۇلتۇز بار…

سىلەر بىلەن مەنىسىزلىكتىن ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىلايمەن. ئادداققى ئارزۇغا قول تۇتۇشۇپ يۈرۈپ كېتىمىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز