يېڭى بىر ياش

ئالدىنقى يىلى مۇشۇ تارىخىتا بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىدىڭىز، قىزىم. خۇددى بۇنى خالىمىغاندەك دوختۇرخانىدا ئاپىڭىزنى ۋە ھەممىزنى خېلى ئەنىسرەتكەن ئىدىڭىز: دوختۇرلار سىزنى جىددىي كۆزۈتۈشكە ئېلىش كېرەكلىكى، بۇ دوختۇرخانىدا ئۇنداق بىر ئۈسكىنە يوق ئىكەنلىكى ئۈچۈن، پەقەت سىزنىلا باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھەممىمىزنى قورقۇتقان ئىدى. قېنى، يېرىم سائەت ساقلاپ باقايلى، ئاندىن بىرگەپ بولسۇن دېگەن ئىدىم دوختۇرغا ئۇ كۈنى. ئاخىرى غەيرەتكە كەلگەن ئىدىڭىز ۋە قېنىپ ئىمىۋالغان ئىدىڭىز. ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن دوختۇرخاندىن چىققان ئىدۇق ۋە ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئىدۇق.

مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر يىل ئۆتەپ كەتتى: دوختۇرخانىغا بېرىپ-كېلىش، ھەزىم قىلىش يولىدىكى يىمكەلىككە بولغان سەزگۈرلۈك سەۋەبىدىن خېلىلا قىينالدىڭىز؛ ئاپىڭىز ھېلىمۇ چىدىدى، سىز ئۈچۈن ھەممە نەرسىنىدىن پەرز تۇتتى. خۇداغا شۈكرى، مانا بىر يىل ئۆتۈپ ھەممە ئىش خېلى يولىغا چۈشۈپ قالدى. ئۆمىلىمەيلا ماڭسام بولاتتى دەپ ئاپىڭىزنى يىتىلەپ ئۆيدە چىڭ يۈرىيدىغان بولدىڭىز؛ ئاكىڭىز بىلەن بىر نەرسىلەرنى تالىشىپ ئوينايدىغان، ئۆزىڭىز خالىمىغان ئىش ياكى نەرسىنى قەتئىي قىلمايدىغان ۋە قارشىلىقىڭىزنى ھەر خىل شەكىلدە ئىپادىلىيەلەيدىغان، خالىغان نەرسىڭىزنى بىز بىلمەيدىغان بىر تىلدا (بالىلار تىلىدا)توختىماي سۆزلەپ ئۇقتىرالايدىغان بولدىڭىز.

بۈگۈن سىزنىڭ بىر ياشقا كىرگەن كۈنىڭىز، ھاۋا شۇنداق ئوچۇق. سىز ئاپىڭىز ۋە ئاكىڭىز بىلەن ئۆيدە، مەن بولسام ئىشخانىدا ئىشلەپ ئولتۇرۇپتىمەن.لېكىن خىياللىرىم سىلەر – سىز، ئاپىڭىز، ئاكىڭىز تامان ئۇچۇپ يۈرىدۇ. ئىنشائاللا، ئالدىڭىزدا – ئالدىمىزدا يەنە كۆپلىگەن ئۇتۇقلۇق، بەرىكەتلىك يىللار ساقلاپ تۇرۇپتۇ. تېنىڭىز ساغلام، روھىيىتىڭىز باي، ھەر دائىم خۇشال بىر كەيپىيات بىلەن بۇ يىللارنى كۈتىۋېلىشىڭىزنى ۋە ھەر يىلنىڭ بەرىكىتىگە تولۇق ئېرىشىشىڭىز ئۈمىدى ۋە دۇئاسى بىلەن توغۇلغان كۈنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، پەرىشتە قىزىم!

ھەممىڭلارنى سۆيىمەن! سىلەرنى ماڭا نىئمەت ۋە ئامانەت قىلغان ئاللاھقا شۈكرىلەر ئيتىمەن.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ