تەرجىمىلەر

ئىشتان كىسىشتىكى مەنتىقە

ئىشتان كىسىشتىكى مەنتىقە قىزچاق بىر ئىشتان سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتىىپ كەلگەندىن كېيىن سىناپ كۆردى. قارىسا بەكلا ئۇزۇن. قىز مومىسىدىن ئازراق كىسىپ بېرىشنى سورىدى. مومىسى مەن بەك ئالدىراش، ئاپاڭنى ئىزدە قىزىم دېدى؛ ئاپىسىنىڭمۇ ۋاقتى يوق بوپ چىقتى؛ ئاچىسىنى ئىزدەپ بارغان ئىدى، ئۇ تېخىمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. قىزچاق قاتتىق ئۈمىتسىزلەنگىنىچە ئۇخلاپ قالدى. مومىسى ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن …

ئۆسەك سۆز ھەققىدە قىسقىغىنە ھىكايە

ئىلگىرى بىر ياشىنىپ قالغان ئادەم بولغان ئىكەن. بۇ ئادەم  قوشنىسى ھەققىدە  ” ئۇ بىر ئوغرى ” دەپ گەپ تارقىپتۇ. نەتىجىدە ياشانغان ئادەمنىڭ ياش قوشنىسى قولغا ئېلىنىپتۇ. خېلى كۈنلەردىن كېيىن بۇ ياشنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ قويۇپ بېرىلىپتۇ. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بۇ ياش ياشانغان ئادەمنى سوتقا مېنىڭ ھەققىمدە يالغان ئۇچۇر تارتقانقان دەپ ئەرز قىلىپتۇ. سوتخانىدا ياشانغان ئادەم …

ئاق رەڭ ۋە قارا رەڭ (Black and White)

  بۇرۇن بۇرۇندىكەن، كائىناتتىكى مەۋجۇداتلار ئەمدى پەيدا بولىۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن. ئۇ ۋاقىت شۇنداق بىر يىراق زامان ئىكەنكى ھەتتا  يۇلتۇز ۋە سەيييارىلەرمۇ  تېخى سەبىي كىچىك بولۇپ، ئۇلار شۇ زامانلاردىكى ئالاھىدە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدىكەن.  بۇ مەكتەپتە ئۆزگىچە بىر دەرس بار بولۇپ،  بۇ سىنىپتا ئوقۇيدىغان بالىلارمۇ بەك قىززىقچى بولغاچقا ھەممەيلەن بۇ دەرسكە بەك ئامراق ئىكەن. بۇ سىنىپتا بىر …

پىخسىق بۇلۇت The greedy cloud

قەدىمقى زاماندا بىر پارچە كىچىك بولۇتچاق بولغان ئىكەن. بۇلۇتچاق ناھايىتى چىرايلىق بىر يېزا ئاسمىنىدا ياشايدىكەن. بىركۈنى بولۇتچاق ئۆزىدىن خېلى چوڭ بىر بۇلۇتنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاتتىق ھەسەت قىلىپ كېتىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇنداق چوڭ بولغۇسى كېلىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇلۇتچاق قورسىقىدىكى سۇنى قەتئىي سىرتقا چىقارماسلىققى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىچىك بۇلۇتچاق قورسىقىدىكى سۇنى يامغۇر قىلىپ ياغدۇرماسلىقنى قارار …

سېھىرلىك دەرىزە The Magic Window

ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بىر كىچىك ئوغۇل بالا بولغان ئىكەن. بىر كۈنلەردە ئۇ قاتتىق ئاغىرىپ قېلىپتۇ.  ئۇ كېسىلى سەۋەبىدىن ماڭالمىغاچقا ھەركۈنى كارۋاتتا يېتىپلا ئۆتىدىكەن. ئەڭ يامىنى باشقا بالىلارنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشى يول قويۇلمىغاچقا بۇ كىچىك بالىنىڭ كۆڭلى  قاتتىق يېرىم ئىكەن، كۈنلىرىنى قايغۇ-ھەسرەت ۋە مەيۈسلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇنىڭغا دەرىزىدىن سىرتقا قاراشتىن باشقا ئىشنى قىلىشقا ئىمكان بولمايدىكەن. …