ئەڭ گۈزەل يۈرەك -The most beautiful heart


 

ئەڭ گۈزەل يۈرەك

بىر كۈنى بىر ياش يىگىت بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا كىشىلەرگە ئۈنلۈك-ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتاتتى.

“ھەي ئادەملەر. ماڭا قاراڭلار. مېنىڭ يۈرىكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق يۈرەك.”

نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. يىگىتنىڭ يۈرىكىنىڭ شەكلى ناھايىتى ئۆلچەملىك، ئازراقمۇ ئەيىبى يوق بولۇپ ئادەمنى  خېلى ھەيران قالدۇرۇپ قوياتتى. يىگىتنىڭ يۈرىكىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىغا مەپتۇن بولۇشۇپ يىگىتنى ماختىشىۋاتاتتى.

شۇنداق تۇرغاندا بىر ياشانغان ئادەم بۇ يەرگە كېلىپ كەپتۇ ۋە ھېلىقى يىگىتكە جەڭ ئىلان قىلغاندەك ئېيتىپتۇ:” دېگەنلىرىڭ خاتا ئوغلۇم! مېنىڭ يۈرىگىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق يۈرەك.”

” ئۇنداقتا يۈرىگىڭىزنى كۆرۈپ باقمامدۇق!” دەپتۇ يىگىت.

ھېلىقى ياشانغان ئادەم يىگىتكە يۈرىگىنى كۆرسىتىپتۇ: ئۇنىڭ يۈرىگى شۇنداق يېقىمسىز ئوڭغۇل-دوڭغۇل،  ھەممە يەرلىرى جاراھەت ئىزلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن، ھەم يۈرەككە ئوخشىماي قالغان بولۇپ، ھەر خىل كىچىك-كىچىك رەڭلەردىن ياساپ قويغان نەرسىدەكلا كۆرىنەتتى. يۈرەكنىڭ ئۈستىدە ئازراق قىردەك ئېنىق ئىزلارمۇ بولۇپ، بەزلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ باشقا نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى.

ياشانغان كىشىنىڭ يۈرىكى بەك ئاددىي كۆرىنەتتى ۋە ھەرخىل يۈرەكلەرنىڭ پارچىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈرەك شەكىلىگە كىرگۈزىلگەندەك قىلاتتى.

ياش يىگىت بۇ يۈرەككە قاراپ كۈلۈشكە باشلاپتۇ: ” ھەي بوۋاي! سەن ساراڭ بولۇپ قالمىغانسەن-ھە؟ مېنىڭ يۈرىكىمنى كۆر. ئۇ شۇنچىلىك كۆركەم، ئازراقمۇ نوقسان يوق. سەن ھەرقانچە قارىساڭمۇ ئازراق نوقسان تاپالمايسەن. ئەمدى ئۆزەڭنىڭ يۈرىكىگە قارا. سېنىڭ يۈرىكىڭ تارتۇق-جاراھەت، داغ-سەپكۈنلەرگە تولۇپ كېتىپتۇ. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، قانداقسىگە مېنىڭ يۈرىكىم  ئۇز دېيەلەيسە؟”

” ئوغلۇم، مېنىڭ يۈرىكىم سېنىڭ يۈرىكىڭگە ئوخشاشلا ئۇز ھەم كۆركەم. يۈرىكىمدىكى تارتۇقلارنى كۆرگەنسەن؟ ھەربىر تارتۇق بىر ئادەمگە بەرگەن سۆيگۈمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەر قېتىم باشقىلار بىلەن سۆيگۈ-مۇھاببەتنى تەڭ بەھىرلەنگىنىمدە ئۇلارغا يۈرىكىمنىڭ بىر قىسمىنى بېرىمەن.  ئۇلارمۇ ماڭا يۈرىكىنىڭ بىر قىسمى بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ئاشۇ پارچە-پارچە يۈرەكلەر بىلەن يۈرىكىمنىڭ  كەم قىسىملىرى تولۇقلىۋالىمەن.”

ياش يىگىت بۇ گەپلەرگە ناھايىتى ھەيران قېلىپتۇ.

ياشانغان ئادەم گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ: ” باشقىلار ئۈچۈن ئاجرىتىپ تۇرغان يۈرىكىمنىڭ قىسىملىرى مەيلى چوڭ-كىچىكلىكى ياكى شەكىلدە بولسۇن ئوخشاش بولمىغاچقا يۈرىكىم ئۆزۈڭ كۆرگەندەك ئوڭغۇل-دوڭغۇل، ھەم ئاشۇنداق ئۇششاق-چۈششەك كۆرىنىدۇ. يۈرىكىم ھەتتا يۈرەككىمۇ ئوخشىماي قالغان. چۈنكى بەزى چاغلاردا باشقىلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت بېرىپ تۇرىمەن، ئەمما جاۋابەن ئۇلاردىن سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيمەن. ئەمدى ئېيتىپباقچۇ، ھەقىقىي گۈزەللىك دېگەن زادى نەدە بولىدىكەن؟ سېنىڭ يۈرىكىڭ قارىماققا يىپ-يېڭى، تارتۇق-ئىزلاردىن ئەسەرمۇ يوق. بۇنىڭدىن قارىغاندا سەن باشقىلار بىلەن سۆيگۈ-مۇھاببەتنى بىرگە بەھىرلەنمەيسەندىكەنسەن، شۇنداقمۇ؟”

ياش يىگىت ئۈنتۈنسىزلا تۇرۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەڭزى كۆزياشلىرى بىلەن تولغان ئىدى. ئۇ ياشانغان كىشىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە يۈرىگىنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىپ ھېلىقى ياشانغان كىشىگە سۇندى.

نۇرغۇن كىشىلەر ئادەمنىڭ تاشقى گۈزەللىكىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىشىدۇ. ئەمما تاشقى گۈزەللىكنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ.


The most beautiful heart

.One day, in a heavily crowded place, a young man was shouting at the crowd

“.People look at me; I have the most beautiful heart in the world”

Many people looked at him and were stunned to see the beautiful heart in a perfect shape, no little flaw, which looked quite amazing. Most of the people who saw his heart was mesmerized by the beauty of his heart and praised him

“!However, there came an old man and challenged the young man, “No my son, I have got the most beautiful heart in the world

“!The young man asked, “Show me your heart, then

The old man showed his heart to him. It was very rough, uneven, and had scars all over the heart. Also, the heart was not in shape, appeared like bits and pieces joined together in various colours. There were some rough edges, some part of the heart were removed and filled with other pieces

.The heart of the old man simply looked like various pieces of heart joined together and formed as a heart

The young man started laughing at his heart, “My dear old man, are you mad? See, my heart! How beautiful and flawless it is. You cannot find even a bit of imperfection in my heart. See, yours. It is full of scars, wounds and blemishes. How can you say your heart is beautiful

“Dear boy, my heart is just so beautiful as your heart is. Did you see the scars? Each scar represents the love I shared with a person. I share a piece of heart with others when I share love and in return I get a piece of heart, which I fix at the place where I had torn a piece!” said the old man.

The young man was shocked.  

And the old man continued. “Since the pieces of heart I shared were neither equal nor in the same shape or size, my heart is full of uneven edges and bits and pieces.”

“My heart is not in shape because sometimes I never get the love in return from those I gave it. So where do you see the real beauty? Your heart which looks fresh and fuller with no scars which indicates you never shared love with anybody. Did you?”  

The young man stood still and never spoke a word. Tears rolled down his cheeks. He walked to the old man, tore a piece of his heart and gave the piece to the old man.

Many give importance and respect to physical beauty. Yet, physical appearance isn’t the real beauty!

http://www.kidsworldfun.com/shortstories_mostbeautifulheart.php#sthash.MTcFV2Cz.dpuf


[ ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچە يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: تور دۇنياسى .This Article is Taken from the Internet and Translated By Tivish ]

 

 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72