بىر تامچە سۇ The Drop of Water


بىر تامچە سۇ

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر كۈپتە  لىق ھەم پاكىز ھەم ساپ سۇلار ياشايدىكەن. بۇ كۈپتىكى ھەربىر تامچە سۇ ئۆزلىرىنىڭ شۇنچىلىك پاكىز ھەم ساپلىقىدىن بەكلا پەخىرلىنىدىكەن ۋە ھەركۈنى ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك پاكىزلىقى، قانچىلىك كۆركەملىكىنى دېيىشىپ بىر-بىرىنى ماختىشىشىدىكەن.

بىراق ئۇلارنىڭ بۇ خۇشاللىق ۋە مەغرۇرلىقى ئۇزاققا داۋاملاشماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر تامچە سۇ ئۆزىنىڭ  بۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى پاكىز تۇرمۇشىدىن زىرىكىشكە باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ تامچە مەينەت بىر تامچە سۇ بولۇشنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىنى سىناپ باقماقچى بولۇپتۇ. دوستلىرى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ئۇنى بۇ ئويىدىن قايتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ ئۇ جاھىللىق قىلىپ گىپىدە چىڭ تۇرىۋاپتۇ.

بۇ تامچە ئۆزىنىڭ مەينەت تامچە بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويماپتۇ. ئۇ بۇلغانغان بەدەنلىرىنى كۆتۈرۈپ كۈپكە قايتىپ كەپتۇ-دە، كۈپ ئىچىدىكى باشقا سۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەينەت قىلىۋېتىپتۇ.

كۈپتىكى بارلىق سۇلار قايتىدىن ئۆزلىرىنى پاكىزلىماقچى بولىشىپتۇ. بۇ مەينەتچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلمىغانلىرى قالماپتۇ،لېكىن بۇنداق قىلىش قولىدىن كەلمەي قويۇپتۇ.

خېلى ئۇزاق ۋاقىت مۇشۇنداق مەينەتچىلىكتە ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاخىرى ناتۇنۇش بىرسى كۈپنى بىر بولاقنىڭ ئاستىغا ئەكىلىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈپكە كۆپلىگەن پاكىز سۇلار كىرپتۇ ۋە كۈپتىكى مەينەتلىشىپ كەتكەن سۇلار  قايتىدىن ئىلگىرىكى سۈزەك ۋە پاكىز ھالىتىگە قايتىپتۇ.

شۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پاكىز ۋە ياخشى تۇراي دېسە، ھەر-بىرىنىڭ قانچىلىك قىيىن بولسىمۇ چوقۇم پاكىز تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا يالغۇز بىر تامچىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ھەربىرىنىڭ قاتتىق كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىۋاپتۇ.

بىز ئۆزىمىز ۋە دوستلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇشىنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىمىز. ناۋادا بىز بىر دانە پاك-پاكىز كۈپ ئىچىدە ياشاشنى ئويلايدىكەنمىز، ھەربىرىمىز چوقۇم پاكىز تامچىلاردىن بولىشىمىز، ھېچقايسىمىز ھەممە سۇنى بۇلغايدىغان مەينەت بىر تامچە بولماسلىقىمىز كېرەك.  قېنى دوستۇم، ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: سىز زادى قايسىسى؟ پاكىز تامچىمۇ؟


 

ئەسلى ئىنگىلىزچە تېكىست:

The Drop of Water 

By Pedro Pablo Sacristan

Translated By Tivish Blog

There was once a jar of fresh, clean water. Every drop of water in the jar felt immensely proud of being so clear and pure. Day after day they would congratulate each other on how clean and beautiful they were.

That was, until one day when one of the drops got bored with his ultra-clean existence. He wanted to try what it was like being a dirty drop. The other drops tried to talk him out of it, but he stuck to his guns.

Hardly realizing, when the drop came back all dirty he turned all the other drops in the jar into dirty drops too.

They tried to get clean again, but couldn’t. They tried everything to shake off the dirtiness.

Finally, much later, someone dipped the jar in a fountain, and only when a lot of clean water entered the jar, did the drops regain their old transparency and purity.

Now they all know that if they all want to be nice clean drops, then each and every one of them has to stay clean, even if they find it difficult. Putting right the mistake of one single drop entails a lot of work for everyone else.

The same happens with us and our friends. If we want to live in a jar of clean water, each one of us will have to be a clean drop. None of us should try being the dirty drop who spoils everything.

How about you? What are you?

A clean drop?


[ This Article is Taken from the Internet and Translated By Tivish .ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچە يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: تور دۇنياسى ]

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

ئىنكاسلار

    • مەرھابا، ئالۋۇن بۇرادەر. تەرجىمىنى ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم. بۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ تۇرارسىز.

Comments are closed.