ئۆچكە ۋە ئىگىدار The Goat and his Master


ئۆچكە ۋە ئىگىدار

مىرسىر دېگەن يەردە بىر ئۆچكە بولغان ئىكەن. بۇ ئۆچكىنىڭ ئىگىدارى ناھايىتى مۇلايىم كىشى بولۇپ، ئۆچكىنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىپتۇ.

بىر كۈنى ئۆچكە كۆڭلىدە ئويلاپتۇ:” ئىگەم مەندىن ئىزچىل ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭغا بەك كۆپ قەرىزدار.”

شۇنىڭ بىلەن ئۆچكە ئىگىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېيتىپتۇ: ” بېرىپ بىر باي سودىگەرنى تېپىڭ ۋە ئۇنىڭغا مېنىڭ ئۆچكەم يۈز دانە ھارۋىنى سۆرىيەلەيدۇ دەڭ. مېنىڭ بۇنداق قىلالىشىمغا يۈز دانە ئالتۇن تەڭگە تىكىڭ.”  ئۆچكىنىڭ ئىگىسى ئۆچكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنى چۈش كۆرىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇ. لېكىن ئۇ بېرىپ بىر باي سودىگەرنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن پۇل تىكىشىپتۇ.

ھارۋىلار تەييار قىلىنىپتۇ. لېكىن ئىگىدارنىڭ ئاچكۆزلىكى تۇتۇپ كېتىپ كۆڭلىگە جىن كىرىپتۇ:” ئۇتىۋالغان پۇل بىلەن نۇرغۇن ئۆچكە سېتىۋالالايمەن. ئاندىن ئۆچكىلەرگە كۆپلەپ پۇل تىكسەم… ئۇزۇن ئۆتمەي كەنىتتىكى ئەڭ باي ئادەم بولالىغىدەكمەن.”  ئىگىدار مۇشۇنداق تويماس خياللارنى قىلغاچ ئۆچكىسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ دەپتۇ:” قېنى يۈر،  چاتاقچى ئۆچكە!  يۈر!”

ئىگىسىنىڭ قۇپال بۇيرۇقىنى ئاڭلىغان ئۆچكە كۆڭلىدە ئويلاپتۇ:” مېنى چاتاقچى دەۋاتىدۇ-يا ماۋۇ! خەپ، ماڭمايمەنغۇ تازا!” شۇنداق قىلىپ ئۆچكە ئورنىدا جىملا تۇرىۋاپتۇ.

” ئۆچكەم نىمىشقا ماڭمايدىغاندۇ؟” ئىگىدار خىيالغا چۆمۈپتۇ.

” ئەپەندىم! سىز ئۇتتادىڭىز، بۇ يۈز ئالتۇن تەڭگە مېنىڭ بولدى.” دەپتۇ سودىگەر.

ئىگىدار كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ. لېكىن ئۆچكە ئىگىسىنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىنى قايتۇرۇش نىيىتىدىن ۋاز كەچمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىگىسىنىڭ قېشىغا كېلىپ  ئېيتىپتۇ:” ئەمدى ئۇتتىرىۋەتمەيسىز. بېرىپ ھېلىقى سودىگەرنى تېپىڭ. بۇ قېتىم ئىككى يۈز ئالتۇن تەڭگە تىكىڭ. لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، مېنى قايتا  ‘چاتاقچى’ دەپ ئاتىماڭ!”

ئىگىدار ئۆچكىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپتۇ، ئىككى يۈز ئالتۇن تەڭگە تىكىپتۇ. بۇ قېتىم ئۆچكىگە مۇنداق دەپتۇ:” قېنى  جانىۋارىم!!  ھارۋىلارنى تارتىپ مېڭىڭ.” ئۆچكە ھارۋىلارنى تارتىپ ئالدىغا مېڭىپتۇ.

شۇنداق قىلىپ ئۆچكىنىڭ ئىگىسى 200 تەڭگە ئۇتۇپتۇ. ئەقلىمۇ، پۇلىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئېشىپتۇ ۋە خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ.


ئەسلى تېكىست:

The Goat and his Master By Navya Khurana

Translated By Tivish Blog

There was a goat in Mercer. He had a kind owner, who grew him with love.One day, the goat thought: “My master has taken good care of me. I owe him.” So he went to his master and said: “Go to a rich merchant and tell him that your goat can pull a hundred carts. Make a bet of a hundred gold coins.” And his master thought he was dreaming. But still he went to the merchant and did the wager.

And as the carts were loaded, the owner got greedy thoughts in his head: “With the money I get I’ll buy more goats. Then I’ll do more bets. Then I’ll be the richest man in town!” With such greedy thoughts, he said: “Move, you rascal! Move!” And the goat thought: “He calls me rascal! I won’t move!” So the goat stayed there.

“Why is my goat not moving?” His owner thought.

“Sir! You’ve lost a 100 gold coins!” the merchant said.

The goat’s owner left home sadly. But the goat didn’t give up. He went to his master and said: “All ain’t lost. Go to the merchant again. Make a bet of 200 gold coins this time. But remember, don’t call me a rascal again!”

The owner of the goat did so. And so it was a 200 gold coin bet. This time, the master said: “Now my fine fellow!! Move the carts along.” And the goat did.

The owner got 200 coins and he went home as a happier, wiser and richer man.


[ This Article is Taken from the Internet and Translated By Tivish .ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچە يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: تور دۇنياسى ]

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72