15- باب: پەنتەنېلغا قايتا سەپەر

 

15- باب:  پەنتەنېلغا قايتا سەپەر ( پەنتەنېلغا قايتىش )

 

جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ڧىل نېيتنى ماشىنا بىلەن بالتىمور-ۋاشىنگتون ئايرودۇرۇمىغا ئاپىرىپ قويدى. ئۇ 9 سائەتتىن كېيىن كورۇمباغا يېتىپ باراتتى.

ئۇ جوش بىلەن رىچېل ئۈچۈن بىر ھاۋالە قىلىش ھۆججىتى يازغان ئىدى. رىچېلغا تېگىدىغان پۇل ” رىچېل ھاۋالىسى ” دېگەن نام بىلەن ھاۋالىگە قويۇلاتتى. پۇلنى مىدىرلىتىشقا بولمايتتى، ئەمما ھاۋالە قىلىنغۇچى بۇ پۇللارنى مەبلەغ سالسا، چىققان پايدىسىنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتسە بولاتتى. ئەگەر رىچېل بۇنى خالىمىسا، بۇ پۇللارنى كۆرمىسىمۇ،  قولىغا ئالمىسىمۇ بولاتتى. رىچېل پەقەت مۇنداقلا ئىمزا قويۇپ بەرسىلا  ڧىلەننىڭ مىراس ئىشلىرى دەۋاسى ئاياغلىشاتتى. ئەگەر رىچېل ئىمزا قويۇشقا قوشۇلماي قالسا چوقۇم بۇ پۇللارنى ئالمايدىغانلىقى توغرىلىق بىر پارچە ئىسپات خېتى يېزىپ بەرمىسە بولمايتتى. ئۇ بۇ بايلىقلارنى رەت قىلسا بولاتتى، لېكىن چوقۇم سوتتا بۇ گەپلەرنى دېمىسە بولمايتتى. مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن قانۇندا بۇ پۇللار ڧىلەننىڭ بالىلىرىغا بۆلۈپ بېرىلەتتى.

نېيت يېتىپ بارغاندا رىچېل قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟ نېيت رىچېلنىڭ ئۇنى كۆرگەندە خۇشال بولۇشىنى  ئۈمىد قىلاتتى،لېكىن ئۆزىمۇ بىر نېمە دېيەلمەيتتى.  نېيت ئەينى چاغدا ئۇ كېمىگە چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا رىچېلنىڭ ئۇنىڭغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرغان ھالىتىنى ئەسلىدى:  رىچېل ئىندىيانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنى ئۇزۇتۇپ خوش  دېگىنىچە قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈلۈككە خوشلىشىۋاتاتتى. رىچېل دۇنيا ھەلەكچىلىكلىرىنىڭ ئۆزىنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايتتى.

 

ۋالدېر بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىجارىگە ئېلىپ قويغان بولۇپ، نېيت تىك ئۇچاردا پەنتەلېدىكى بىرژىغا ( سۇ يوللىرىدا مال ساتىدىغان كىچىك دۇكان، trading post) كەلدى. ئۇنىڭ كونا دوستى جەۋىي بىلەن ۋېلىي ئۇنى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى.

نېيت ۋاقىتنى چىڭ تۇتمىسا بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نېيت قاراڭغۇلۇقتىن، شىۋىرغاندىن، كەلكۈندىن شۇنداقلا پاشىلاردىن بەك قورقاتتى. شۇڭا ئۇ ئامال بار تېزراق يۈرۈشنى خالايتتى. نېيت بىلەن جەۋىي قولۋاققا چىقتى ۋە ئىندىيانلار تۇرالغۇسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. جەۋىي ئۇ يەرلەرگە 3 سائەتتە يېتىپ بارالايمىز دەپ ئويلىغان ئىدى.

 ئېقىننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخلەر ئىلگىرىكىدىن باراقسان بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ رايونلار نېيتنىڭ ئېسىگە كېلىشكە باشلىغان ئىدى. ئاخىرى ئۇلار ئالدىنقى قېتىم رىچېل بىلەن خوشلاشقان يەرگە كېلىپ قولۋاقتىن چۈشتى. بىر ئىندىيان يىگىت ئۇ ئىككىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقتى ۋە ئۇلارغا ئېقىن بويىدا قەبىلە باشلىقىدىن خەۋەر كەلگۈچە تۇرۇپ تۇرۇشىنى ئېيتتى. بۇ ئىندىيان يىگىت ئۇلاردىن قورقۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

ئۇ ئىككىسى ئېقىن بويىدا ساقلاپ ئولتۇراتتى. جەۋىي ئۆزىنىڭ كورۇمبادا رىچېلنى ئىزدەپ قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. ” سىزگە دېسەم، ” دېدى ئۇ، ” سۇ يولىدا يۈرىدىغان كىشىلەر ئۇنداق ئايالنىڭ بۇ تەرەپكە ئۆتمىگەنلىكى دېيىشتى. رىچېل دوختۇرخانىغىمۇ كەلمەپتىكەن. دوستۇم، ئۇ ۋاقىتتا سىز ئۇنى چۈشىڭىزدە كۆرگەن ئىكەنسىز. “

نېيتنىڭ بۇ گەپلەرنى تالاشقۇسى كەلمىدى. ئۇ ئۆزىمۇ ئۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنىڭ چۈش ياكى رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيتتى.

بىر پاشا نېيتنىڭ قولىنى ئايلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدى. ئۇ پاشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى-يۇ، لېكىن ئۇنداق قىلماي قاراپ ئولتۇردى. نېيت قۇلاق، بويۇن ۋە يۈزىگە ماي سۈركىۋالغان بولۇپ، سۈركىۋالغان دورىلارنىڭ پايدىسى بولارمۇ؟  پاشا تۇيۇقسىزلا ئايلىنىپ ئۇچۇپ قولىنىڭ دۈمبە تەرىپىگە كەلدى ۋە توختاپ قالدى. پاشا ئارقىغا يېنىپ ئۇچۇپ كەتتى ۋە كۆزدىن غايىب بولدى. ئەگەر نېيت بۇ قېتىم دېنگې قىزىتمىسى(Dengue) بولۇپ قالسا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ قاتتىق دىققەت قىلمىسا بولمايتتى.

نېيت ئىندىيانلار كەنتى تەرەپكە قارىدى.  رىچېل ھېلىقى ئامېرىكىلىقنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر تاپقان بولۇشى مۇمكىن. نېيت رىچېلنىڭ كەپىلەر ئارىسىدىكى يوللاردىن ناز بىلەن ماڭغىنىچە ئۇلاردىن ئەھۋال سوراپ چىقىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

ئۇلار قەبىلە باشلىقىنىڭ ئۇلارغا قاراپ ئاستا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭغا بىر ئايپىكىس (Ipicas) ئەگىشىۋالغان بولۇپ، نېيت ئۇنى تونۇغان ئىدى. ئۇلار قىرغاقتىن 20 مېتىر يىراقلىقتا توختىدى. ئۇلارنىڭ چىرايىدا كۈلكە يوق بولۇپ، قەبىلە باشلىقىنىڭ خۇشال ئەمەسلىكى چىقىپلا تۇراتتى.  ئۇ پورتۇگال تىلىدا سورىدى، ” سىلەرگە نېمە لازىم؟ “

” ئۇنىڭغا مېنىڭ ھېلىقى مىسسىيونېر ئايال بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمنى ئېيت، ” دېدى نېيت. جەۋىي بۇنى تەرجىمە قىلىپ بەردى.

” نېمە ئۈچۈن؟ ” جاۋاب بەردى قەبىلە باشلىقى.

نېيتنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە قەبىلە باشلىقى چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان، كۈلۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئىدى. ھازىر بولسا ئۇنىڭ كۆزلىرى چوڭ ئېچىلغان بولۇپ، چىرايىدا كۈلكىدىن ئەسەرمۇ كۆرۈنمەيتتى.  ئۇ نېيت ئىككىسىدىن ئامال بار يىراقراق تۇرۇۋاتاتتى. چوقۇم بىر چاتاق چىققان ئىدى.

ئۇ نېيت ئىككىسىگە ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتقاندىن كېيىن كەنت تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بىر يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى.  بۇ چاققىچە رىچېلمۇ ئۇلارنى كەلگەنلىكىنى ئوقۇپ بولغان بولۇشى، قەبىلە باشلىقى ئۇنىڭغا بۇنى دېگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن رىچېل ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلمەيۋاتاتتى.

بۇ نۆۋەت كەنت باشلىقى يالغۇز  كەلگەن ئىدى. نېيت ئىككىسى 50 مىتېر ئارىلىق ساقلاپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلار كەپىلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ باشقا بىر چىغىر يولدا كېتىۋاتاتتى. نېيت كەنتنىڭ ئەتراپىغا قارىدى. ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى: چۆرگۈلەپ يۈرگەن ئايپىكىس (Ipicas)لاردىن بىرسىمۇ كۆرۈنمەيتتى؛  نە سىرتتا ئويناپ يۈرگەن كىچىك بالىلارنىڭ ، نە تاماق تەييارلاۋاتقان، تازىلىق قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. تۇرخۇنلاردىن چىقىۋاتقان ئىسلاردىن باشقا ھېچنىمنى كۆرگىلى بولمايتتى. ھەممە تەرەپ جىمىپلا كەتكەن ئىدى.

نېيت دېرىزىلەردىن مارىشىۋاتقان يۈزلەرنى كۆردى. ھەممىنىڭ كۆزى ئۇلاردا ئىدى. قەبىلە باشلىقى ئۇلارنى خۇددى ئۇلار كېسەللىك ۋىروسى ئېلىپ يۈرىدىغاندەك كەپىلەرگە يېقىن يۇلاتمايۋاتاتتى. ئۇلار تىمتاس بىر ئورمانلىققا تۇتىشىدىغان باشقا بىر چىغىر يولغا بۇرۇلدى. ئۇلار ئورمانلىقنىڭ ئۇ چېتىغا كەلدى. ئۇلار رىچېلنىڭ كەپىسىگە يېقىنلاشقان ئىدى.

ئەتراپتا ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. قەبىلە باشلىقى ئالدى ئىشىكتىن ئۆتۈپ يانغا بۇرۇلدى. قېلىن دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئاستىدا ئىككى قەبرە تۇراتتى.

كىچىك  ياغاچلاردىن تەييارلانغان ئاق كىرېست بەلگىسى  ئىككىلى قەبرىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە يېڭىدىلا تاشلانغان توپىغا چوقۇپ قويۇلغان ئىدى.

قەبىلە باشلىقى بىر نېمىلەرنى دەۋاتاتتى.

” سول تەرەپتىكى مىسسىيونېر ئايالنىڭ، ئوڭ تەرەپتىكىسى لاكونىڭ قەبرىسى، ” جەۋىي تەرجىمە قىلىۋاتاتتى، ” بىز قايتىپ كەتكەندىن بۇيان 10 ئادەم قىزىتما كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. “

قەبىلە باشلىقى توخىماي بىر نېمىلەرنى دەۋاتاتتى. نېيت ئوڭ تەرەپكە دۆۋىلەپ قويۇلغان سېغىز توپىغا قارىدى.  ئۇ بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئەڭ قەيسىرى رىچېل لېين مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ئىدى.  ئۇ ئۆلۈمدىن قورقۇپ قالمايتتى. ئۆلۈمگە ” مەرھابا ” دېيەلەيتتى. شۇنداق بىر ئايال ئاخىرى ياراتقۇچى تەرەپكە قايتقان، ئۇنىڭ روھى ئەمىن تاپقان ئىدى. ئۇ ئۆزى سۆيگەن كىشىلەر ئارىسىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.

ئۇ ھېچكىمنىڭ قايغۇرۇشىنى خالىمايتتى ۋە ئۇلارنىڭ ياش تۆكۈشىگە قوشۇلمايتتى. نېيتنىڭ كۆزلىرى قۇرۇغان بولۇپ يىغلاي دەپمۇ يىغلىيالمايتتى. نېيت رىچېلنى مۇشۇنداق تونۇيتتى. لېكىن ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى.  ئۇ پەنتەنېلدىن ئايرىلغان كۈنىدىن باشلاپلا ھەر كۈنى ئۇنى خىيال قىلاتتى؛ ئۇنى چۈشلىرىدە كۆرەتتى، ئۇنىڭ ئۆزىگە مەدەت بىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى؛ ئۇنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلايتتى، ئۇنىڭ نەقەدەر پاراسەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسلەيتتى. رىچېل ئۇنىڭغا قانداق دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ، ئۇنىڭغا ئۈمىد بېغىشلىغان ئىدى. نېيت رىچېل لېيندەك بىرسىنى ئۇچرىتالمايتتى. نېيت ئۇنى قاتتىق سېغىنۋاتاتتى.

” قەبىلە باشلىقى سىلەر ئۇزاق تۇرساڭلار بولمايدۇ دەۋاتىدۇ، ” دېدى جەۋىي، ”  بۇ يەرگە ئايىغىمىز بېسىلغان ۋاقىتتىلا بۇ يەرلەردە قىزىتما كېسىلى تارىلىپتىكەن. روھلار بۇ كېسەلنى بىزدىن كۆرىدىكەن. ئۇلارنىڭ بىزنى كۆرگۈسى يوق ئوخشايدۇ. قەبىلە باشلىقىدا ساڭا كۆرسىتىدىغان بىر نەرسە باركەن، راست. “

نېيت قەبىلە باشلىقىغا ئەگىشىپ نېيتنىڭ كەپىسىگە ئاستا كىرىدى. قەبىلە باشلىقى كىچىك بىر ئۈستەلگە قويۇپ قويۇلغان بىر ساندۇقنى كۆرسىتىۋاتاتتى.

” بۇ ساندۇقتىكى نەرسىلەر ساڭا قالدۇرۇلغان ئوخشايدۇ، ” تەرجىمە قىلدى جەۋىي.

” ماڭا؟ “

” شۇنداق.  رىچېل ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قەبىلە باشلىقىدىن ئۆزىنىڭ كەپىسى يېنىغا بىر قاراۋۇل قويۇشنى ۋە سەن كېلىپ قالساڭ ساڭا بۇ ساندۇقنى كۆرسىتىشنى ئۆتۈنۈپتىكەن. “

ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئۈچ پارچە قەت تۇراتتى. بۇ خەتلەر دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار مەركىزىدىن كەلگەن ئىدى. نېيت ساندۇقنىڭ ئەڭ ئاستىدا تۇرغان رىچېلنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى كۆرۈپ بۇ خەتلەرنى ئوقۇمايلا قويدى. ۋەسىيەتنامە ئۈستىگە ” رىچېل لېين پوتېرنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيەتنامىسى ” دەپ يېزىلغان ئىدى:

ۋەسىيەتنامىگە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى:

 مەنكى رىچېل لېني پوتېر، تەڭرىنىڭ بالىسى، ياراتقۇچىنىڭ بەندىسى، ئامېرىكا  پۇقراسى بولىمەن. ئۆزۈم ناھايىتى ساغلام ، ئەقلى-ھۇشۇم جايىدا. بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيەتنامەم.

  1. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋەسىيەتنامە يېزىشىم. ۋەسىيەتنامىدىكى ھەر بىر خەت ئۆز قولۇم بىلەن يېزىلغان.
  2. دادام تروي ڧىلەننىڭ 1996- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى ئىمزا قويغان ئاخىرقى ۋاسىيەتنامىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى قولۇمدا بار. دادام كۆپىنچە بايلىقلىرىنى ماڭا مىراس قىلىپ قالدۇرۇپتۇ.
  3. مەن تروي ڧىلەننىڭ ماڭا مىراس قالدۇرغان مال-مۈلۈكلىرىنى ھەم رەت قىلمايمەن، ھەم تاپشۇرۇپ ئالمايمەن، ئۇنى ھاۋالىگە قالدۇرىمەن.
  4. ھاۋالىدىن كىرگەن پايدا تۆۋەندىكىدەك ئىشلىتىلسە بولىدۇ: (a دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىزمەتلىرىگە ئىشلىتىلسە بولىدۇ؛ (b دۇنياغا خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ؛ (c بىرازىلىيە ۋە شىمالى ئامېرىكىدىكى يەرلىك خەلقنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ؛ (d ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا، كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن، ئۆي-ماكانسىز كىشىلەرگە ئۆي سېلىپ بېرىش، شۇنداقلا بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ.
  5. مەن دوستۇم نېيت ئوۋرايلىنى بۇ ھاۋالىنىڭ باشقۇرغۇچىلىقىغا كۆرسىتىمەن.

1997- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى، بىرازىلىيە كورۇمبادا ئىمزا قويۇلدى.

 

رىچېل لېين پوتېر

 

ساندۇقتا پورتۇگال تىلىدا يېزىلغان يەنە بىر پارچە خەت تۇراتتى.

نېيت ۋەسىيەتنامىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى. 1- ئاينىڭ 6- كۈنى نېيت كورۇمبادىكى دوختۇرخانىدىن چىققان كۈن بولۇپ، نېيت ئۇنى چۈشىدە كۆرمىگەن ئىدى. ئۇ شۇ كۈنى ھەقىقەتەن دوختۇرخانىغا كەلگەن، نېيتنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتمەيدىغانلىقى ئېيتقان ۋە بۇ ۋەسىيەتنامىنى يېزىپ چىققان ئىدى.

نېيت پورتۇگال تىلىدا يازغان خەتنى جەۋىيغا ئۇزاتتى ۋە ئۇنىڭغا خەتنى ئوقۇشنى ئېيتتى.

” بۇ بىر ئادۇكات يازغان خەتكەن، ” دېدى جەۋىي، ”  خەتتە دېيىلىشىچە، رىچېل لېين ئۇنىڭ كورۇمبادىكى ئىشخانىسىدا ۋەسىيەتنامىسىگە ئىمزا قويغان. ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويغاندا ئۇنىڭ ئەقلى-ھوشى جايىدا بولۇپ، ئۆزىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بېلىدىكەن. ۋەسىيەتنامىگە يەنە باشقا كىشىلەرمۇ ئىمزا قويغان ئىكەن. “

ئۇلار كەپىدىن سىرتقا چىقتى. قەبىلە باشلىقى ئىككى قولىنى مەيدىسىنىڭ ئالدىدا قايچىلاشتۇرۇۋالغان ئىدى – ئۇ نېيت ئىككىسىنى ئەمدى قايتىڭلار دېمەكچى ئىدى. نېيت سومكىسىدىن ئاپپاراتىنى ئالدى ۋە كەپىنى ۋە قەبرىنى بىر نەچچە پارچە رەسىمگە تارتتى. ئۇ ۋەسىيەتنامىنى جەۋىيگە تۇتۇپ تۇرۇشقا بەردى ۋە رىچېلنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تىزلاندى.

ئۇلار بايامقى چىغىر يول بويىچە ئورمانلىق ئىچىگە يۈرۈپ كەتتى. نېيت گىرەلىشىپ كەتكەن دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن رىچېلنىڭ كەپىسى تەرەپكە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قارىدى. نېيت كەپىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېتىشنى، بىر ئامال قىلىپ ئامېرىكىغا ئاپىرىپ ياخشى ساقلاشنى ئويلايتتى. مۇشۇنداق قىلسا رىچېل ياردەم بەرگەن سان-ساناقسىز كىشىلەر ئۇنى مەڭگۈ ئەسلىگەن بولاتتى. لېكىن رىچېل بۇنداق بولۇشىنى ھەرگىز خالىمايتتى.

ئۇلار قولۋاققا چىققاندا قەبىلە باشلىقى بېر نېمىلەرنى دېدى.

” ئۇ ئەمدى قايتا كەلگۈچى بولماڭلار دەيدۇ، ” دېدى جەۋىي.

” ئۇنىڭغا خاتىرجەم بولۇشنى ئېيتىپ قوي. “

قەبىلە باشلىقى ئاللىقاچان ئىندىيانلار كەنتى تەرەپكە كېتىپ قالغان ئىدى. نېيت خىيال قىلىۋاتاتتى:  رىچېل بۇ يەردە ساق 11 يىل تۇردى، قەبىلە باشلىقى رىچېلنى سېغىنىپ قارلارمۇ ؟  ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىگە قايغۇرغانمىدۇ؟ ياكى رىچېل كېتىپ ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرى ۋە روھلىرىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىگە خۇشال بولغانمىدۇ؟ شۇنداق بولسا خىرىستىيان بولغان ئايپىكىسلارنىڭ (Ipicas) كۈنى قانداق بولار؟

جەۋىي ماتورنى ئۆچۈرۈپ قولۋاقنى پالاق بىلەن ھەيدەشكە باشلىغان ئىدى. ئېقىننىڭ سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا سۇ يېنىك ئېقىۋاتاتتى. نېيت ئاۋايلاپ سۈنئىي ھەمراھ تېلېڧۇننى ئالدى. ئۇ بىردەمدىلا جوشقا تېلېڧۇن ئۇرغان ئىدى.

” رىچېل ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويدىمۇ؟ ” ۋارقىرىدى جوش تېلېڧۇندا.

”  جوش، بۇنداق ۋاقىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن ئاڭلىيالايمەن. “

” كەچۈرگىن. ئۇ ئىمزا ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويغاندۇ؟ “

” ئۇ بىر ھۆججەتكە ئىمزا قويۇپتۇ، لېكىن بۇ بىزنىڭ ھۆججەت ئەمەس. جوش، رىچىل ئۆلۈپ كېتىپتۇ، 2 ھەپتە ئىلگىرى قىزىتما كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇ دادىسىغا ئوخشاش بىر پارچە ۋەسىيەتنامە يېزىپ قالدۇرۇپتۇ. “

” ئاشۇ ۋەسىيەتنامە قولۇڭدا بارمۇ؟ “

” شۇنداق. ۋەسىيەتنامە ھازىر بىخەتەر. ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلۈكلىرى ھاۋالىگە قويۇلىدىغان بوپتۇ. مەن ھاۋالە قىلىنغۇچىكەنمەن. ئەمدى قانداق ئىشلار يۈز بېرەر؟ “

” ھېچ ئىش يۈز بەرمەيدۇ، ” دېدى جوش،” تروي ڧىلەنىڭ مىراسلىرى تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ ھەممىسى رىچېلغا ئايرىپ بېرىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ھەر كۈنى ماشىنا ۋەقەسى يۈز بىرىپ تۇرىدۇ. بىر كۈن يولدىشى، كىيىنكى كۈنى ئايالى ئۆلۈپ كېتىدۇ. پۇللار كۆپىيىۋېرىدۇ. كېلىشىم تۈزۈپ بولۇنغان، باشقا مىراسخورلار تېگىشلىكىنى، ياكى ئادۇكاتلاردىن ئاشقىنى ئېلىشىدۇ. ۋەسىيەتنامىنى ئوقىغىنە، ئاڭلاپ باقاي. “

نېيت ۋەسىيەتنامىنى ناھايىتى ئاستا ئوقۇپ ئۆتتى.

” دەرھال قايتىپ كەلگىن، ” دېدى جوش.

نېيت تېلېڧۇننى قويۇۋەتتى. جەۋىي ۋەسىيەتنامىدە يېزىلغان ھەممە گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ سورىدى، ” شۇنداق بولغاندا، بۇ پۇللار سىزنىڭ بولدىمۇ؟ “

” ياق. پۇللار ھاۋالىگە قويۇلىدۇ. “

” ھاۋالە دېگەن نېمە راست؟ “

” ئۇنى ئىچىدە كۆپ پۇل بولغان بانكا ھېساباتى دېسەكمۇ بولىدۇ. ھېساباتتىكى پۇللار ھەر كۈنى نۇرغۇن پۇل تېپىپ تۇرىدۇ. بۇ پايدىلارنىڭ نەگە ئىشلىتىشىنى مەن قارار قىلىمەن. “

 

ئۇلار كەچرەك كېمىنىڭ يېنىغا يېتىپ كېلىشتى. ۋېلىي بېلىق تۇتۇۋاتقان ئىدى. نېيت جوشقا يەنە تېلېڧۇن قىلدى.

” كورۇمبادىكى تىك ئۇچارغا تېلېڧۇن قىلغىن، ” دېدى جوش.

” ئۇنداق قىلمىساممۇ بولىدۇ. ڧىلەننىڭ مىراس داۋاسى توغرىلىق ئاللىقاچان كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بولدۇق، ئەمدى ئالدىراش يوق، مەن ئالدىرىماي قايتماقچى. “

ۋېلىي كېمە رولىنى تۇتۇپ تۇراتتى. جەۋىي بولسا ئالدى تەرەپتە پەستە ئولتۇرغان بولۇپ، پۇتلىرىنى سۇغا ساڭگىلىتىۋالغان ئىدى. نېيت ئۇخلىۋالماقچى بولدى، لېكىن ماتورنىڭ ئاۋازى ئۇنى پەقەت ئۇخلاتمىدى. ئۇ دەرياغا قارىغىنىچە ياتاتتى.

نېمە ئۈچۈندۇركى، رىچېل نېيتنىڭ كونا خۇمارلىرىنى تاشلاپ، ھاراققا ھەرگىز يېقىن يولۇمايدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى. ئۇ نېيتنىڭ قەلبىدىكى ياخشى تەرەپنى كۆرۈپ يەتكەن، شۇنداقلا نېيتنىڭمۇ قەلبىدىكى ئاشۇ ياخشى تەرەپنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدى. رىچېل نېيتقا ھاياتلىقتىكى نىشانىنى، ياراتقۇچى رىچېلنىڭ كۆڭلىگە سالغان نىشاننى، تونۇتقان ئىدى. 

جەۋىي نېيتنى يېرىم كېچىدە ئويغاتتى. ” قاراڭ، ئاي چىقىپتۇ، ” دېدى ئۇ. ئۇلار كېمىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تولۇن ئاينىڭ يورۇقىغا قاراپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. كېمە ئېقىنغا ئەگىشىپ پاراگۋايغا قاراپ يۈرۈپ كېتىۋاتاتتى.

” كىمىنىڭ سۈرئىتى بەك ئاستا، ” دېدى جەۋىي، ” كورۇمباغا 2 كۈندە بارارمىزمىكىن. “

نېيت كۈلۈپ قويدى. ئەمدى ئۇ بۇ سەپەر بىر ئاي ۋاقىت ئالسىمۇ پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتى.

تۈگىدى

جان گرىشخېم. كەۋرىن ھومز تەرىپىدىن سۆزلەپ بېرىلگەن.

پئىسىن تەربىيە-مائارىپ چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

خەلقئارالىق ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى: ISBN: 9780582437067

تەرجىمان: ئابدۇلئەھەد ئابدۇللا. 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى، بېيجىڭ.

 

*8-باب قول تېلېڧۇن ئارقىلىق گوگېلى يېزىققا ئايلاندۇرۇش قورالى ( Google Docs ) [سېزىمچان ھەرپ-بەلگىلەرنى پەرقلەندۈرۈش قورالى-Optical character recognition, OCR ] بىلەن يېزىققا ئايلاندۇرۇلغان. قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈلگەن بولسىمۇ، چۈشۈپ قالغان يەرلەر بولۇشى مۇمكىن.

* بىر قېتىم تەكشۈرۈلدى، لېكىن كومپيۇتېرغا ئېلىش جەريانىدا بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولىشىم مۇمكىن.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72