شەخس ۋە كوللىكتىپ

شەخس ۋە كوللىكتىپ

بىر كۈنى مۇئەللىم شاگىرتىدىن سوراپتۇ : ” بىر تامچە سۇ قانداق ئەھۋالدا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلىيالايدۇ ؟” شاگىرت گەپ قىلماي تۇرۇپ قاپتۇ. مۇئەللىم ئېيتىپتۇ: ” بىر تامچە سۇ ، شامال ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ، تۇپراق ئۇنى سۈمىرىپ يوق قىلىدۇ، قۇياش ئۇنى پارغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.  ئەگەر  مەۋجۇت بولۇپ تۇرسۇن  دېسەك، ئۇنى دېڭىزغا قويىشىمىز كېرەك.”

بىر ئادەم ئۆزىگىلا تايىنىپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس. غەلبە قازىناي دەيدىكەنسىز،  چۇقۇم باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. بۇ دەل بىز ھەمىشە دەيدىغان شەخس مەيلى قانچىلىك كۈچىيىپ كەتسۇن، ئۇ ھامان بىر ئۇيۇل تەشكىلاتقا يەتمەيدۇ، دېگەن گەپنىڭ ئۆزىدۇر.

 

شاتۇت ۋە قاغا

بىر كۈنى قەپەزدىكى خاتىرجەم شاتۇت بىر قاغىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىكگە ھەۋەس قىلىپ كېتىپتۇ. قاغا بولسا شاتۇتنىڭ بەھۇزۇر تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مەسلەھەتلىشىپ ئورنى ئالماشتۇرماقچى بولىشىپتۇ. قاغا قەپەزگە كىرگەندىن كېيىن خۇجايننىڭ ياخشى كۈرۈشىگە ئىرىشەلمەي، ئەڭ ئاخىرىدا  زىرىكىپ چۈشكۈنلۈكتە ئۆلۈپتۇ؛ ئۇزاق مەزگىل بەھۇزۇر ياشاپ كەلگەن شاتۇت بولسا سىرتتا مۇستەققىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەي، ئاخىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ.

 ئۆزىڭىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇڭكى، باشقىلارنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ، بەلكىم ئۇنىڭ بەخىت سىزگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.

 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72