يەنە بىر يۇلتۇز – ئۈمىد يۇلتۇزى

ئۈلۈشكۈن دوختۇرخانىغا يۈگۈرۈپ كەلگەن ئىدۇق. دوختۇر ئاپىڭىزنى كۆرۈپلا بۈگۈنلا ياتاققا ئالىمىز دەپ بەك ئالدىرىتىپ كەتتى. لېكىن بىز ھېچ تەييارلىقسىزلا كەلگەن ئىدۇق: بۇرۇنقى دوختۇر مۇنداقلا تەكشۈرۈپ قويغاندەك، ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىگەندەك تويۇلۇپ كىتىپ، دوختۇر ئالماشتۇرۇپ باقايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ دوختۇرخانىغا كەلگەن ئىدۇق. كىم بىلسۇن، بۇ دوختۇرمۇ ھېچ ئەستايىدىل ئەمەسستەك، ھېلىمۇ كەچ قېلىپسىلەر، ھازىرلا ياتاققا ئالىمىز، دەپ تۇرىۋاتاتتى.

— يەنە ئىككى ھەپتە ساقلىغۇمىز بار ئىدى، دېدى ئاپىڭىز بىر ئاز جىددىيلىشىپ.

— بولمايدۇ، قەتئىي. ئارتۇق ساقلىيالمايمىز، بۇنداق قېلىش بەك خەتەرلىك. دەرھال يۈرەك سوقۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈتۈپ كېلىڭ. نەتىجىسە قارىمىساق بولمايدۇ، دېدى دوختۇر قەتئىيلىك بىلەن.

دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىساق بولمايتتى، چۈنكى بىز ئىشنى ئەھلىدىن سوراشقا ۋە ئىش ئەھلىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئىش قىلىشقا بۇيرۇلغان كىشىلەردىن ئىدۇق. ئاپىڭىز تەكشۈرۈش ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. بىز، تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قېلىپتىمەن، ئەمدىلا ئىككى يېرىم ياشقا كىرىپ ئازراق ئاشقان ئوماق بىر ئاكىڭىزمۇ بىرگە كەلگەن ئىدى، بىز ئىككىمىز سىرتتا ساقلاپ تۇرمىساق بولمايتتى. ئاكىڭىز ئاپىڭىزدىن ئەنسىرىدى بولغاي، مەنمۇ كىرىمەن دېگىنىچە يىغلاپ تۇرىۋالدى. دوختۇرخانىغا ئاكىڭىزنى ئۆيدە قويۇپ قويۇپ كېلەلمەيتتۇق، چۈنكى بىز بۇ يەردە يالغۇز ئىدۇق- بوۋا-مومىلىرىڭىز، تاغا-ھاممىلىرىڭىز… ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ھەممىسى بىزدىن بەكمۇ ئۇزاقتتا ياشايتتى، ئۇلار ھەتتا بىزنىڭ بۈگۈن دوختۇرخانىغا كەلگەنلىكىمىزنىمۇ بىلمەيتتى. بۇ ناتۇنۇش شەھەردىكى باشقا تونۇشلارنىڭمۇ يېتەرلىك باش ئاغىرىقلىرى بار ئىدى- ھايات ھەممىمىزنى ئالدىغا سېلىۋالغان ئىدى، ئۇلارنىمۇ ئاۋارە قىلغۇمىز يوق ئىدى. ئامال يوق، ئۈچىمىز دوختۇرخانىغا كەلگەن ئىدۇق. ئەمما خۇشال ئىدۇق، چۈنكى ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئۈچىمىز بىرگە ئىدۇق.

ئاپىڭىز بىلەن ئوماق ئاكىڭىز تەكشۈرۈش ئۆيىدىن چىقتى ۋە نەتىجىنى دوختۇرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.

— نەتىجىسىغۇ ياخشى. لېكىن ئەمدى ساقلىيالمايمىز. ساقلىساق ئانىنىڭ ھايىتىنى خەتەرگە ئىتتىرگەن بولىمىز. ئەتە كېلىڭلار. ھازىر ھەممە ئىشنى دېيىشپ قويۇپ قايتىڭلار.

— ئۇنداق بولسا- دېدى ئاپىڭىز، جۈمە كۈنى كىلەيلى. تەييارلىق قىلمىساق بولماس.

دوختۇرمۇ بۇنىڭغا قوشۇلدى ۋە جۈمە كۈنى ئەتتىگەن سائەت توققۇزغا نۇمۇر بەرگەن بولدى. پەستىكى قەۋەتكە چۈشۈپ دوختۇرخانا بىلەن گەپلىشىپ قويدۇق ۋە بىر خىل ئەنسىىرەش ۋە تەقەززالىق ئارلىشىپ كەتكەن كەيپىياتتا ئۆيگە قايتتۇق.

ئۆيگە قايتىپ مەسلەھەتلەشتۇق. ئاپىڭىزنىڭ يەنە ئىككى ھەپتە ساقلىغۇسى بار ئىدى، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال بۇنىڭغا يول قويماتتى. ئاخىرى جۈمە كۈنى دوختۇرخانىغا بېرىۋىشىنى قارار قىلدۇق.

جۈمە كۈنىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتمەكتە ئىدۇق. چۈنكى بۇ كۈننى بەك ياخشى كۆرەتتۇق: جۈمە كۈنى بىر بەرىكەتلىك، خەيىرلىك كۈن ئىدى، ئاكىڭىزمۇ مۇشۇ ئۇلۇغ كۈندە تۇغۇلغان ۋە خۇشاللىقتىن كۆزلىرىمىز نەملەنگەن ئىدى.

مانا، جۈمە كۈنىمۇ كەلدى. يەنە ئۈچىمىز نەرسىلەرنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا كەلدۇق. ياتاققا ئورۇنلاشتۇق ۋە ئاپىڭىز تەييارلىنىۋاتاتتى. مەن ئاكىڭىز بىلەن ياتاقتا ئۇنى بۇنى دېيىشكەچ تۇرىۋاتاتتۇق. ئاپىڭىزنىڭ تەييارلىقى پۈتتى ۋە سېستىرالار بىلەن چۈشۈپ كەتتتى، ئاپىڭىزنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزۇتۇپ قويدۇق ۋە بىزمۇ پەسكە قاراپ يۈگۈردۇق.

توغۇت ئۆيىنىڭ ئالدىدا تەخىرسىزلىك بىلەن ساقلاۋاتتۇق، ئاكىڭىز بەك تېنىمسىز ئىدى: ھېلى ئۈستىگە چىقايلى دېسە، ھېلى پەسكە چۈشەيلى دەپلا تۇراتتى. سائەت 9:42 نى كۆرسەتكىنىدە يەنە بىر يۇلتۇزۇمىز، يەنى سىز دۇنياغا كۆز ئاچتىڭىز. قەۋەتلا خۇشال بولدۇق، بىر تەرەپتىن ئاپىڭىزدىن ئەنسىرەۋاتتۇق، چۈنكى ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ ئوپراتسىيە قىلىنغان ئىدى. دوختۇرنىڭ ئارتۇق ساقلىيالمايمىز دېگىنىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن ئىدى. سىزنى بالىلار پەرۋىش ئۆيىگىچە ئۇزۇتۇپ چىقتۇق ۋە ئاپىڭىزنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن پەسكە قاراپ چاپتۇق. يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئاپىڭىزمۇ ساق-سالامەت ئوپراتسىيە ئۆيىدىن چىقتى ۋە سىزنى باغرىغا باستى. تۆتىمىز بەكلاا خۇشال ئىدۇق.

ئەمما، ئوماق قىزىم، نېمىشقىكىن ئۇخلىۋېلىپ ئەممەيۋاتاتتىڭىز. دوختۇرلار ئەنسىرەۋاتتى ۋە بىزمۇ ئەندىشىدە ئىدۇق. دوختۇر سىزنى جىددىي پەرۋىشكە ئېلىشنى ئېيتىۋاتتى. بۇ دوختۇرخانىدا بوۋاقلار جىددىي پەرۋىش ئۆيى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سىزنى باشقا تارماق دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتمەكچى ئىدى. سىزگە قەتئىي قىيالمايتتۇق: ئاپىڭىز يىغلاشقا باشلىدى. دوختۇرغا يەنە يېرىم سائەت ساقلاپ بېقىشنى ئېيتتىم. خۇداغا شۈكرى، سىز غەيرەتكە كەلدىڭىز ۋە ئۆزىڭىز ئىمىشكە باشلىدىڭىز. ئاپىڭىزنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتا بەك ئۆينىۋېتىپ چارچاپ كەتكەن بولسىڭىز كېرەك، پەرىشتە قىزىم، شۇڭا ئەممەي ئۇخلىۋالغان بولغىيمىدىڭىز.

قەۋەتلا خۇشال ئىدۇق، ئاكىڭىزمۇ يېنىڭىزدا پەرۋانە ئىدى.

ېيڭى دۇنياغا خوش كەلدىڭىز، گۈزەل قىزىم، بىلگەئاي. كۈلبەمىزنى يەنە بىر يۇرۇق يۇلتۇز- ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇپ يۇرۇتتىڭىز. سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمىز، ھەر جەھەتتە ساغلام-تىمەن چوڭ بولىسىز، بىز ھەر دائىم يېنىڭىزدا بولىمىز، تاتلىق قىزىم.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ