بىراۋلار كۆزىدە مەڭگۈ ياخشى ئادەم ئەمەسسەندۇرسەن. ئۇلار ئۈچۈم سەن شۇنچىلىك رەزىلكى، ئۇلار بارلىق رەزىللىكلەرنى سېنى يادىغا ئېلىش بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىدۇ؛ سېنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكۈسى كېلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت خىياللار دۇنياسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، كۈپكۈندۈزدە چۈش كۆرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. خىيالىنى كىمدۇر بىرىنىڭ يەتتىنجى قات ئاسماننىڭ تىگىدىن كەلگەن ساداسى بۇزىۋېتىدۇ، قولىدىكى سوۋغاتلىق گۈل پەرۋىشسىز قېلىپ سارغىيىپ ياپراق تاشلاشقا باشلىغاندا …
– سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن. – قانداقسىگە دەيسىز؟ – سىز بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتتا ئۆزۈمنى شۇنداق بىخەتەر ھىس قىلىمەن. گەرچە ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى شۇنداق يىراق بولسىمۇ، سىزنىڭ ئۇچۇرۇڭىزنى قۇبۇل قىلغان ۋاقتىمدا، نىمىشقىكىن خۇددى قوغدۇغۇچى پەرىشتەم يېنىمغا كەلمەكچى بولغاندەكلا خۇشال بولۇپ كىتىمەن. سىز بولغاچقىلا يوچۇن بىر شەھەردە خاتىرجەم يۈرىۋاتىمەن. سىز بولغاچقىلا خېلى -خېلى يەرلەرگە كىملىكىمنى كۆتۈرۈپلا كىرىپ …