جىسمىمىز قايناق شەھەرلەردە، ئەمما روھىمىز ئاشۇ توپىلاڭ كوچىلارنى، يالاڭ ئاياق ئوينايدىغان قۇملۇقلارنى ئەگىپلا يۈرىيدۇ. روھىمىز ئەنە شۇنداق ئايلىنىدۇ، ئايلىنىدۇ قايسى بىر كوچىنىڭ دوقمىشىدىن چىقىدۇ ياكى قايسىدۇر بىر قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئولىشىدۇ ياكى قايسىدۇر بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ… بولۇپمۇ ھېيت-ئايەملىرىمىز يېتىپ كەلگىنىدە. مەسچىتتىن بىر خىل خۇشال كەيپىياتتا ياتاققا قايتىسەن، دوستلار بىلەن بىر قاتار سالاملىشىسەن. ئەتراپقا …
ئالدىنقى يىلى مۇشۇ تارىخىتا بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىدىڭىز، قىزىم. خۇددى بۇنى خالىمىغاندەك دوختۇرخانىدا ئاپىڭىزنى ۋە ھەممىزنى خېلى ئەنىسرەتكەن ئىدىڭىز: دوختۇرلار سىزنى جىددىي كۆزۈتۈشكە ئېلىش كېرەكلىكى، بۇ دوختۇرخانىدا ئۇنداق بىر ئۈسكىنە يوق ئىكەنلىكى ئۈچۈن، پەقەت سىزنىلا باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھەممىمىزنى قورقۇتقان ئىدى. قېنى، يېرىم سائەت ساقلاپ باقايلى، ئاندىن بىرگەپ بولسۇن دېگەن ئىدىم دوختۇرغا ئۇ كۈنى. …
ئۈلۈشكۈن دوختۇرخانىغا يۈگۈرۈپ كەلگەن ئىدۇق. دوختۇر ئاپىڭىزنى كۆرۈپلا بۈگۈنلا ياتاققا ئالىمىز دەپ بەك ئالدىرىتىپ كەتتى. لېكىن بىز ھېچ تەييارلىقسىزلا كەلگەن ئىدۇق: بۇرۇنقى دوختۇر مۇنداقلا تەكشۈرۈپ قويغاندەك، ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىگەندەك تويۇلۇپ كىتىپ، دوختۇر ئالماشتۇرۇپ باقايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ دوختۇرخانىغا كەلگەن ئىدۇق. كىم بىلسۇن، بۇ دوختۇرمۇ ھېچ ئەستايىدىل ئەمەسستەك، ھېلىمۇ كەچ قېلىپسىلەر، ھازىرلا ياتاققا ئالىمىز، دەپ …
ئەسلىدە ھەممىمىزنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرى بار. مېنىڭ ھەم شۇنداق گۈزەل ئارزۇلىرىم بار ئىدى. شۇ گۈزەل ئارزۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە تەكلىماكاننىڭ گىرۋەكلىرىدىكى كىچىك ۋە تىمتساس يېزىدىن كىچىك يېشىمدىلا ئايرىلغان ئىدىم. ئانام قىيمىغان ئەمما زور ئىشەنچ بىلەن؛ دادام بولسا بۇنىڭغا ئانچە رازى بولمىغان بىر پوزىتسىيەدە يولغا سالغان ئىدى. يېزىدىن شەھەرگە. شەھەردىن مەركەزگە، مەركىزدىن يەنە يوچۇن شەھەرلەرگە ئاشۇ ئارزۇلارنى قوغلاپ قانچە …
تاقىتىم تاق بولما، تاشما يەنە بىر ئاز قىلغىن سەبىر، ۋىسال شەربىتى ئۈچۈن مەيلىغۇ تارتساڭ جەبىر. كۆزلىرىڭ تالسا ئەگەر يار يولىغا ئۇزاق بېقىپ، قالمىغاي داق يەردە ھەرگىز، مۇھەققەق بولغاي ئەجىر. تاقىتىم تۆكۈلمە ياپراق كەبى تېخى كۈز كەلمىدى، ئېقىن سۇ ئەمەسكى ئۇ، ياشلىق باھارىڭ ئۆتمىدى. باشقىلار ئېيتۇر ساڭا ئاق ساچلىرىڭنى دوق قىلىپ، سىرت ئالدىتار، ئىچنى كۆرۈشكە كۆزلەرى …
ئۆزۈڭ قايناق بازارلاردا… روھىڭ يىراقلاردىكى مىھرى ئىسسىق توپىلاڭ يوللاردا؛ ئەقىلىڭ يىراقلاردىكى ئۆزى قانچىلىك ئەلەم چەكسىمۇ، ئەمما چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان، ھەر بىر جانلىققا ئادىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان مىھنەتسىز جاپاكەشلەردە… بەدىنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك داڭلىق شەھەرلەردە سەيلىدە….ئەمما كۆڭۈل ھەر قېتىم قايتقىنىڭدا سېنى بىكەتتىن ئالغىلى كېلىدىغان، ياغاچ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ياكى ئۆيدە ئىسسىق تاماق ئىتىپ يولۇڭغا قارايدىغان ئاشۇ ئۈمىدۋار …