ۋاقىتنىڭ بەرىكىتى قالمايۋاتامدۇ ياكى بىز ۋاقىتنىڭ بەرىكىتىنى تۇتالمايۋاتدۇق، ئىشقىلىپ ھەممە ئىش شۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەندەكلا.
ئارقىغا قاراپ باقىنىمدا، بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن ياكى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتقان، تەكلىماكاندا ئوتۇن يىغىۋاتقان، قوي بېقىۋاتقان، ئېتىزلىقلىقلاردا تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگەن؛ تولۇقسىزدا ئوقۇمايلا شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ۋە يەنە بىرەر ئايلاردىن كېيىن قايتىدىن مەكتەپكە قايتىشقا مەجبۇر بولغان؛ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تېخىمۇ چوڭ شەھەرلەرگە قاراپ يولغا چىقىپ بىر- ئىككى يىل ۋاقىتنى ئۇ يەر- بۇ يەرلەردە ئۆتكۈزۈپ ئاندىن تولۇق ئوتتۇرىغا قايتقان؛ قېرىشقاندەك تولۇقنىمۇ ئىككىنجى يىلىلا توختىتىپ، باشقا بىر ئۈمىدلەر بىلەن يالغۇزلا سەپەرگە چىقىپ، يېرىم يىل باشقا يەرلەردە سەرگەردانلىقتا يۈرۈپ، يەنە قايتىدىن ئوقۇشقا كېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالى مەكتەپتەپنى پۈتتۈرۈپ قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، تېخىمۇ چوڭ سەپەرگە ئاتلانغان، ۋە بۇ سەپەرنىڭ ئارقىغا قايتىشى بولمىغان بىر سەپەر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان؛ سەرگەردانلىقتا يالغۇز توي قىلىپ، ئىككى ئوماق پەرزەنتنىڭ دادىسى بولۇپ، ئاخىرىدا يەنە ئائىلە بويىچە قايتىدىن سەپەرگە چىقىشقا مەجبۇر بولغان ۋە بۇ سەپەر جەيرانىدا كۆرمىگەننى تەڭ كۆرۈپ، ئىنتايىن ناتۇنۇش بىر تۇپراقلارغا كېلىپ، ھاياتنى ېيڭىدىن باشلاشقا مەجبۇر بولغان؛ شۇنداقلا بۈگۈننىڭ خاتىرىسى بىلەن كومپېيۇتىر ئېكرانىغا قاراپ، نېمىلەردىدۇ يازماقچى بولۇپ، كونۇپكا تاختىسىنى بېسىۋاتقان ئۆزۈمنىڭ سىمالىرى قىسقا فىلىمدەكلا كۆز ئالدىمدىن ئۆتىۋاتاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر نەچچە ئاي، بىر نەچچە يىل بورۇن يۈز بەرگەندەكلا، ھەتتا تېخىچە مەن مۇشۇلارنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقانكەندەكلا بىر تۇيغۇدا بىر نەرسىلەرنى يازماقچى بولۇۋاتتىم. رىئاللىق شۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە، ئەڭ يېڭىسى بىر يىل بورۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار بولسا، ئەڭ كونىسىغىمۇ 20-15 يىل بولغان ئىدى. لېكىن بۇ ئىشلار ھەردائىم بەك ئۇزاق بولمىغان ئىشلاردەكلا تۇيۇلاتتى. مەكتەپتە كېتىۋېتىپ ياكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئويلانغىنىمدا، ۋاقىت ھەجەپ تېز ئۆتۈپتۇ، بىردەمدە بىر يىل، سەككىز يىل… 10 يىل… 15 يىل بولۇپتۇ، دەپ ئۇھ تارتىپ قوياتتىم.
راست، بۇلار ھەقىقەتەن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلەر ئىدى. 30 نەچچە يىللىق ھاياتىم ھەقىقەت راست ئىدى. ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا شۇنداق ئاستىدەك بىلىنىدىغان يىللار، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن شۇنچىلىك تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. شۇڭىلاشقىمىكىن، ۋاقىتنىڭ بەرىكىتى قالمىغاندەك بىلىنەتتى. ئارقامغا قارايتتىم: نېمىلەرگە ئېرىشتىم؟ نېمىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدىم؟ ئەسلى مەخسەت- مۇددىئالىرىمدىن قېيىپ كىتىۋاتامدىمەن ياكى؟ كەلگۈسىدە يەنە قانداق قىسمەتلەر پايلاپ تۇرىدۇ ۋە بۇلارغا تەييارلىقىم بارمۇ؟
سوئاللار كۆپ، جاۋابلار ئېنىقسىز، تەييارلىقلىرىم بوش…. مۇشۇنداق بىر شەكىلدە يىللارنىڭ قوينىغا چۆكۈپ كېتىۋاتاتتىم، يىللار قازىنىدا چايقىلىۋاتاتتىم. ئۈمىدىم شۇكى، يىللار قازىنىدىن پىشىپ- يىتىلىپ چىقسام، مەخسەتلىرىمگە تېخىمۇ يېقىنلاشسام… بۇ جەرياندا كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتمىسەم، يىللار قازىنىدا قايناۋېرىپ پارغا ئايلىنىپ كەتمىسەم، شەكلىم ئۆزگىرىپ تۇنۇغىسىز بىر شەكىلگە كىرىپ قالمىسام…
بىلىمەنكى، ئاجىز بىرىمەن. يېشىمغا بىر ياش قوشۇلدى، لېكىن ئەقىلم بەزىدە خاتالىقلارغا مەھكۇم. ياراتقۇچۇمنىڭ رەھمەتلىرى ۋە پەزلىسىز ئېنىقكى پارغا ئايلىنىپ كېتىمەن، يولدىن چەتنەپ كېتىمەن. ئى، ئاللاھىم، مېنى ئۆزۈمگە تاشلاپ قويما، كى يىللار قوينىدىن ساق- سالامەت چىقالاي. يىللىرىمدىن بەرىكەتنى ئېلىپ تاشلىما، يا ئاللاھىم، كى سەپەردىن غەلىبە بىلەن قايتىيالىشىم ئۈچۈن تېخى كۆپ ئىشلارنى قىلىلاي.


