ئىككى ياشقا كىرگەن كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن

تۈنۈگۈن ئىككى ياشقا كىرىدىڭىز، تاتلىق قىزىم!
سىزگە ئېغىزاكى ئىككى ياشقا كىرىدىڭىز، چوپچوڭ بولدىڭىز، دەپ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى تەبرىكلىدۇق. ئەلۋەتتە، گېپىمىزنى چۈشىنەلەيتىڭىز. تۈنۈگۈن كۈن بويى شۇنداق خۇشال ئۆتكۈزدۇق.
تۆت يېرىم ياشقا كىرگەن ئاكىڭىز مۇھاممەد ئۆزى يىققان پۇلىنى يىغىپ سىزگە يۈدىمە سومكا ئېلىپ بەرمەكچى ئىكەنتتۇق، ئەتتىگەندىلا بازارغا ماڭدۇق. بازار ئايلاندۇق. بازاردىكى نەرسىلەرنىڭ تايىنى يوق ئىدى، شۇنداق بولىشىغا قارىماي باھاسى شۇنچىلىك قىممەت ئىدىكى، ئادەم توۋا دېمەي تۇرالمايتتى. (ئەلۋەتتە، سۈپىتى ياخشى بولسا باھاسى ئۇنچە مۇھىممۇ ئەمەس. سوۋغات دېگەننىڭ كىچىك- چوڭى، ئەرزان- قىممىتى بولمايدۇ. سوۋغات كۆڭۈل مەسىلى، شۇنداق بولغان ئىكەن، ئادەمنىڭ ياخشىسىنى تاللىغۇسى كېلىدۇ) بىر- ئىككى سائەت بازار ئايلىنىپ ئەرزىگۈدەك بىرەر نەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن ئاكىڭىزغا لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ سودا- سېتىق مەركىزىدىن يېنىپ چىقتۇق ۋە باغچىغا ئوينىغىلى كىردۇق.
ئەتتىگەندە ئۆيىدىن چىقىدىغان چاغدا نېمە يىگۈڭىز بار دەپ سورغىنىمىزدا دېگەن گېپىڭىز بەك ئېسىڭىزدە تۇرغانىدى. يول بويى كەمپۈت ۋە شاكىلات يەيمەن… كەمپۈت نەدە؟ شاكىلاتچۇ؟ دەپ سوراشنى ئۇنتۇپ قالمىدىڭىز.
باغچىدا يېقىن دوستلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە ھاۋانىڭ سوغۇقلىقىغا قارىماي تازا سەكرەپ ئوينىدۇق ۋە سىزمۇ كىچىكلىكىڭىزگە باقماي، ئاكىلىرىڭىز ماڭغان يەرلەردىن قولىمدىن تۇتقۇنىڭىزچە مېڭىپ ئوينىدىڭىز. ئاندىن يەنە ئاكىڭىزغا مەكتەپتە لازىم بولىدىغان كانۋاي كۆينەكنى ئېلىش ئۈچۈن باشقا بىر يەرگە باردۇق. دۇككاندىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن سىزگە كەمپۈت ۋە شاكىلاتنىمۇ ئالدۇق. مۇشۇنداق قىلىپ، بىر كۈنمۇ تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، سىرتتا بىرگە تاماق يىگەندىن كېيىن ئۆيگە قايتۇق.
بۇ كۈن مانا مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. ھەممىمىز خۇشال ئىدۇق.

پەرىشتە قىزىم! تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە تورت سېتىۋېلىپ، دوست- يارەنلەرنى چاقىرىپ ئولتۇرمىدۇق. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ – ئۆزىمىزنىڭ ئۆرۈپ- ئادەتلىرىدە ئۇنداق بىر ئادەت يوق ئىدى، يەنى تورت سېتىۋېلىش، شام ياندۇرۇش ۋە تىلەك تىلەش…. دېگەندەك ئىشلارنى ئانىڭىز ۋە مەن توغۇلۇپ- ئۆسكەن مەھەللىلەردە ھېچ كۆرمەيتتۇق. شۇنىڭدىن بولسا كېرەك، بىزمۇ تورت ئېلىپمۇ يۈرمىدۇق، يېقىن- يورۇقلارغا ھەم خەۋەر قىلمىدۇق. ئەتتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇردۇق ۋە رەببىمىزگە شۈكۈر ئېيتقاچ سىزگە ئىككى ياشقا كىرگەنلىكىڭىزنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتتۇق، پىشانىڭىزدىن سۆيۈپ قويدۇق. ئاللاھ تېنىڭىزنى ساغلام قىلسۇن، كى چوڭ بولۇپ ئۆزىڭىز قارار بەرگۈدەك بولغىنىڭىزدا، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزىش ئۆتكۈزمەسلىك ۋە قانداق شەكىلدە ئۆتكۈزىش قارارنى ئۆزىڭىز بېرىسىز، ئەلۋەتتە.
ئۇماق قىزىم! ئەلۋەتتە، ئانىڭىز ۋە مېنىڭمۇ سىزگە سوۋغىمىز بار ئىدى. تۈنۈگۈن ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن سىرتقا چىققان ئىدۇق. لېكىن، قېرىشقاندەك بىز بارىدىغان دۇككاندىكىلەر دەم ئالغان ئىكەن، ئالالماي قالدۇق. سىزنى ئاپىرىپ، ئۆزىڭىز خالىغىنى ئېلىپ بىرەيلى دېگەنىدۇق. ئىنشائاللا، مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئېلىپ بىرىمىز. سىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز، ئاللاھنىڭ نىئمىتى قىزىم!
ئۆيىمىزنىڭ ساھىبجامال قىزىسىز، تاتلىق قىزىم! ۋەتەندە بولساق ئىدۇق، ساھىبجامالخان چوڭ ئانىڭىز، مەمتاۋلائاخۇن چوڭ دادىڭىزنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىلىرىنىڭ (ھېلىمۇ ئۆيىمىزنىڭ مەلكىسىسىز) بىرى، چوڭ ئۆينىڭ ئەڭ كىچىك قوزىسى، رۇمەيسسەدىن ئىبراھىمگىچە چوڭ- كىچىك نەۋرىلەرنىڭ قولدىن چۈشۈرمەيدىغان قونچىقىلا بولاتتىڭىز. تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇلارنى يوقلاپ باراتتۇق ۋە تېخىمۇ خۇشال- خورام ئۆتكىزگەن بولاتتۇق. ئەپسۇس، ئىلاجىسىز ئىدۇق. ئەمما، بىز ئۇلارنىڭ يېنىڭىزدا يوقلىقىنى سىزگە ھېس قىلدۇرماسلىققا تىرىشىمىز، جېنىم قىزىم! ئىنشائاللا، ئۇلار بىلەن غەلىبە تەنتەنىسىدە ئۇچرىشىمىز!
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە تەكرار مۇبارەك بولسۇن، ئۇز قىزىم!

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 73

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ