قىسقىچە سۆيمەك

تىۋىش بلوگى رەسىم دوسكىسى

قىسقىچە سۆيمەك ئەسلىدە شۇنچىلىك ئاددىي ئىدى. ئەمما بىز ئىنسانلار  بۇنى تەسلەشتۈرىمىز.

مەسىلەن، بەزىدە بىرەرسى بولىدۇ، ئۆمۈر بويى ئۇنى تىڭشاپ چىقىسەن. ئەسلىدە مەن ساڭا چۈشەندۈرۈشنى ئويلىغان نەرسە دەل مۇشۇ ئىدى.

ھاياجانلانغىنىڭدىن بىر نەچچە كۈن تاماق يىيەلمەيتىڭ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئايلىناتتىڭ. بىر خىل تىنىمسىز بولۇپ قالاتتىڭ. پۈتۈن گۈزەللىكىڭنى، پۈتۈن ئەمگىكىڭنى ئۇنىڭغا ئاتايدىغان بىر ۋاقىتلىرىڭ بولاتتى. بۇ دەل مەن سۆزلەۋاتقان سۆيمەك ئىدى.

—ھىكمەت ئانىل ئۆزتەكىن

 

Comments

  1. ئالۋۇن

    تىمىغا مۇناسىۋەتسىزئىنكاس!
    ————————————–
    بلوگنىڭ خەت نۇسقىسى تۇنۇماپتۇ ، ئارقا بەت تەڭشەكتىن ئالدى بەتكە خەت نۇسقىسى تۇنۇتۇش دىگەن يىرىن تاللاپ قۇيۇڭ …

    1. Post
      Author
      تىۋىش

      يېقىندىن بۇيان بلوگقا پەقەت ۋاقىت چىقىرىپ بولالمايۋاتىمەن. شۇڭا سىز دېگەن مەسىلىگىمۇ قارىماپتىمەن.
      رەخمەت سىزگە. ئەمدى ۋاقىت چىقىرىپ بىر قاراپ باقاي.

  2. ئالۋۇن

    سۈيۈش ئەسلىدە سۈيلۈش ئۈچۈن سۈيلەتتى …
    سۈيلۇشنىڭ ئۈزى شىرىن ئىدى ، ئەپسۇس سۈيلىۋاتقان شۇ پەيتلەردە سۈيلۈشنىڭ قەھۋە تەمىمىدەك قىرتاق ھىس قىلدىڭ …

  3. جۇلالىق

    ئىنساننىڭ شۇنداق بىر سۆيىدىغان كىشىلىرى بولىدۇ، شۇ قىسقىغىنە سۆيۈشنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەيسەن، شۇ سۆيۈش ساڭا كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، قەلب ھوزۇرى ئاتا قىلىدۇ. گەرچە سەن شۇ سۆيۈشكە ئېرىشەلمىسەڭمۇ؟!

    1. تىۋىش

      دەل شۇنداق! قەلبتە ئەنە شۇ سۆيگۈ بولغاچقا، ھۇزۇر ئىچىدە ياشايمىز. كۆزىمىزگە ھېچ قىينچىلىق كۆرۈنمەيدۇ، كى، ” ئادەممۇ ياكى پەرىشتە ” دېيىشىپ قالىدۇ باشقىلار.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز