رەڭسىز سۈرەت ۋە رەڭدار ئۈمىد

بۈگۈن تۇنجى قېتىم سېنى كۆردۇق. بۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ رەڭدار ئاشىق سەۋەپ بولدى. ئاشىق قانداقسىگە رەڭدار بولسۇن دەپ ھەيران قېلىۋاتىسەن ھەقاچان. ئاشىق سەن قانداق ئويلىساڭ شۇنداقتۇر: رەڭسىز ئويلىساڭ، ئاق بىلەن قارا رەڭ گېرەلىشىپ كەتكەن بىر شەكىل كۆز ئوڭۇڭدا زاھىر بولىدۇ؛ رەڭدار ئويلىساڭ، دۇنيادىكى بارلىق رەڭلەرنىڭ قوچاقلىشىپ تۇرغان بىر تىز سىزمىسى خىيالىڭدىن كېچىدۇ… ئەمما ئاشىقنى قايسى خىل شەكىلدە ئويلىغىن، ئاشىق ھەققىدە ئۆزگەرمەيدىغان بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاشىقلىقىدۇر.

ئاشىقنىڭ رەڭگى سۇلغۇن ئىدى بۈگۈن. دوختۇرخانىغا كەتتۇق. ھەيران قالما، ئاشىقنىڭ ھەم جىسمى بولىدۇ، ھەم روھى بولىدۇ. جىسمى ھەر دائىم بىئارام بولۇشى مۇمكىن، راھەتسىزلىك ھىس قىلغىنىدا دوختۇرغا، تىۋىپقا ئېلىپ بارماق لازىم. ئەمما، روھى جان ئالغۇچى پەرىشتە كەلگۈچە ھەردائىم ساغلام تۇرىدۇ، جان ئالغۇچى پەرىشتە جېنىنى ئالغىنىدا بولسا، ياراتقۇچىنىڭ مەرھەممىتى بىلەن، ئەبەدىل-ئەبەد خاتىرجەم بولىدۇ. دوختۇرخانىغا كەلدۇق. دوختۇر يامان ئەمەس بىرى ئىدى. ئاشىقنىڭ جىسمىنى كۆردى ۋە ئەنسىرگۈدەك بىر ئىش يوقلىقىنى ئېيتى. كۈلۈمسىرىدۇق. سەنمۇ  كۈلۈمسىرىدىڭ ئاتەشتەك ئىسسىق بىر يېپىنچا ئىچىدە.

تەخمىنەن سەكسەن توققۇز كۈن ئالدىدا خوش-خەۋىرىڭنى ئالغان ئىدۇق. جېنىمىز شۇنچىلىك يايراپ كەتكەن ئىدىكى،خۇشاللىقىمىزنى بۇنىڭغا ئوخشاش تاققۇ-تۇققۇ سۆزلىرىمىز بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش قولىمىزدىن كەلمەيتتى. پەقەتلا بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ تويماي قارىشىپ كۈلۈمسىرىگەن، بىر-بىرىمىزگە  تېخىمۇ مەھكەم يېپىشقان ئىدۇق. مانا ئەمدى سېنى بىز بىلەن بىرگە كۈلۈمسىرەلەيدۇ دەپ ئويلايتتۇق. راست، سەن ھەممىنى ئۆگۈنۈشكە باشلىغان ئىدىڭ: خۇشال بولساڭ بۇدۇرۇق پۇتۇڭ بىلەن يىنىك تىپىپ قويۇشنى ئۆگۈنەتتىڭ؛ ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايتتىڭ؛ سېنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئاشىققا ئائىت ھەممە نەرسىلەرنى سېزىلەيدىغان بولاتتىڭ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن.

رەببىمىزنىڭ فەزلى بىلەن ئاشىقىم سالامەت ئىدى. دېمەك، سەنمۇ ساغلام ئىدىڭ. ساڭا شۇنچىلىك تەقەززا ئىدۇق. ئاستى قەۋەتكە چۈشتۇق. بۇ يەردە سېنى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇنجى ئاۋازىڭنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر بار ئىدى. نۇمۇر ئالدۇق ۋە دوختۇرنى بىر سائەت ئەتراپىدا ھاياجانلىق بىر كەيپىياتتا ساقلىدۇق.ئاخىرى ياردەمچى دوختۇر ئاپاڭنىڭ ئىسمىنى چاقىردى. مەنمۇ بىر خىل تارتنىش ۋە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خۇشاللىقتا ئاپاڭغا ئەگەشتىم. ئىچىدە سېرىق بۇيالغان چاچلىرى دۇلىسىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان، خۇش چىراي بىر دوختۇر بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى. ئاددىيلا سالاملاشتۇق ۋە بىر قاتار ئەھۋاللاشتۇق. ئاندىن تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى: ئاپاڭنىڭ قورسقىغا ياغدەك بىر نەرسىنى سۈركىدى،بىر ئۈسكىنىى قويدى-دە، ئىكراندا رەڭسىز سۈرەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

ئاشۇ رەڭسىز سۈرەتلەر سەن ئىدىڭ. بۇ سېنى تۇنجى رەڭسىز ھالەتتە كۆرۈشىمىز ئىدى. ئاپاڭمۇ، مەنمۇ شۇنچىلىك خۇشال ئىدۇق. دوختۇر ئىكراندىكى رەڭسىز شەكىلللەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ” مانا بۇ قولى، مانا بۇ پۇتى؛ ماۋۇسى بولسا كۆزى، بۇ بولسا بېشى..” دەپ بىزگە سېنىڭ ئەمدىلا يىتىلىشكە باشلىغان ئەزالىرىڭىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. گەرچە سېنى ئېنىق كۆرەلمىسەكمۇ، دوختۇر ھەر قېتىم ” بۇ ماۋۇ ئەزاسى ” دېگىنىدە خۇشاللىقتىن كۆزلىرىمىز چوڭ ئېچىلاتتى. سەن ئىكراندا رەڭسىز ئىدىڭ. ئەمما، كىچىكلىكىڭگە قارىماي، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل كائىناتتىكى بارلىق رەڭلەرنى ئۆزۈڭگە جەملىگەن بىر تەڭداشسىز مەۋجۇدات ئىدىڭ.

” گۈپ-گۈپ،گۈپ-گۈپ…”

ئۈسكۈنىدىن تىز بىر رېتىمدا بۇ ئاۋاز كەلدى. ” بوۋىقىڭلارنىڭ يۈرەك سوقۇش ئاۋازى” دەپ چۈشەندۈردى دوختۇر. ھاياجانلانغىنىمىزدىن يۈرىكىمىز كۆكرىكىمىزىدىن چىقىپ كەتكىلىۋاتاتتى؛ يۈرەكلىرىمىز سېنىڭ يۈرەك رېتىمىغا قوشۇلۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. يۈرىكىڭنىڭ ھەر قېتىم ” گۈپ-گۈپ ” قىلىپ سوقۇش ئاۋازىدىن پەرقلىق رەڭلەردىكى ئۈمىدلەرنى ھېس قىلىۋاتاتتۇق.

شۇ دەمدە ئىكراندا رەڭسىز سۈرەت ھالىتىدە زاھىر بولدۇڭ. لېكىن، قوزام، سەن ئاللىقاچان ھاياتىمىزغا رەڭ قېتىپ بولغان ئىدىڭ؛ ھاياتىمىزنىڭ رەڭگى، ئاشىقلىقىمىزنىڭ رەڭگى تېخىمۇ تويۇنۇپ، گۈزەل بىر تۈسكە كىرگىلىۋاتاتتى. سەن رەڭدار بىر ئۈمىد ئىدىڭكى، رەببىمىزنىڭ رەھمىتى بىلەن سېنى قولىمىزغا ئالغىنىمىزدا ھاياتىمىز، ھاياتلىق تېخىمۇ گۈزەل بىر قىياپەتكە كىرەتتى؛ شۇ ۋاقىتقىچە تىللىرىمىز رەببىمىزنى زىكىر قىلىش بىلەن، ئويلرىمىز سەن بىلەن، قوللىرىمىز ھەمىشە ساماغا ئېچىلغان ھالدا سېنى كۈتىمىز،قوزام.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 73