ئىنتايىن سوغۇن بىر ئاخشىمى بىر مىليادىر سىرتتا نامرات بىر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. مىليادىر بوۋايدىن سوراپتۇ:
بۇنچە سوغۇقتا چاپانمۇ كىيمەپسىز، سىرتتا تۇرۇپ توڭلىمىدىڭىزمۇ؟
» چاپىنىم يوق، ھەم بۇنداق سوغۇققا كۆنۈپمۇ قاپتىمەن.» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ بوۋاي.
» مېنى بىردەم ساقلاڭ. ئۆيگە كىرىپ سىزگە بىر چاپان ئاچىقىپ بىرەي» دەپتۇ مىليادىر ۋە ئۆيىگە كىرىپ كىتىپتۇ.
بوۋاي بەكلام خوش بولۇپتۇ ۋە ئۇنى ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سىرتتا قاپتۇ. مىليادىر بولسا ئۆيىگە كىرىپ كىتىپتۇ ۋە ئالدىراش بوپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سىرتتا قالغان بوۋاي ئىسىدىن كۆتۈرىلىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ئەتتىگەن مىليادىر ھېلىقى بوۋاينى ئىسىگە ئاپتۇ ۋە ئۇنى ئىزدەپ سىرتقا يۈگىرەپتۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بوۋاي ئاللىقاچان سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان ئىكەن. بوۋاينىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا بولسا مۇنداق بىر ئىزاھات تۇرغۇدەك:
ئىسسىق كىيىملىرىم يوق ۋاقتىدا سوغۇققا قارشى تۇرالايتتىم، چۈنكى بۇنداق سوغۇقلارغا كۆنۈپ قالغان ئىدىم. لېكىن سىز ماڭا چاپان ئاچىقىپ بىرىمەن دەپ ۋەدە بەردىڭىز، شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ۋەدىڭىزگە باغلىنىپ قېلىپتىمەن ۋە بۇ سوغۇققا چىداشچانلىقىمنى يوق قىلىۋېتىپتۇ.
خۇلاسە: ۋەدىڭىزدە تۇرالمىسڭىز، ھېچ ئىش ھەققىدە بىرەرسىگە ۋەدە بەرمەڭ. بەرگەن ۋەدىڭىز سىزگە ئاددىيلا بىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ۋەدىڭىز باشقىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش بولىشى مۇمكىن.
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس .
تىۋىش سالۇنى تاشلىنىپ قالدىمۇ ياكى؟
بلوگنىڭ سالۇنى يوق ئالۋۇن بەگ.
بىر ۋاقىتتا بىر دوستمىز بلوگىڭىزدىكى يازمىلارنى سالۇنۇمدا يوللىسام بۇلامدۇ، دەپ سورىغان ئىدى. مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ دېگىنىم ئىسىمدە.
سالۇن ئىسمى بولسا قالدۇرۇپ قويىڭە. ئىزدەپ كۆرۈپ باقاي.
مەن بەكلا ياقتۇرغان ئىدىم ئۇ سالۇننى سىزنىڭمىكى دىگەن ئىدىم تىخى …
سالۇن :id : tivish
باشقىلارغا يۈلنىۋىلىش تىرەپ تۇرغان ھاساڭنى يۇقۇتۇپ قۇيدۇ خالاس!
دەل شۇنداق.
شۇڭا ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك، ھەردائىم.
بەزىدە ئۈمۈت، غەيرەتنى بوشاشتۇرۇپ قۇيدۇ ، شۇ سەۋەپلىك باشقىلارغا يۈلنىۋىلىش يوقسۇللۇققا باشلاپ قۇيدۇ خالاس .