بەش ياشقا كىرگەن ئوغلانىم

بۇ بەش يىل شۇنچىلىلىك تېز ئۆتتىكى، ماڭا بارمىقىمىزدا چاك چىقارغۇدەك بىر قىسقا ۋاقىتتەك بېلىنىدۇ، ئوغلۇم!
ھېلىقىدەك ئېسىمدە. بەش يىل بۇرۇن مۇشۇ كۈندە، يەنى مۇبارەك جۈمە كۈنىدە دوختۇرخانىغا باردۇق ۋە سىزنى قولىمىزغا ئالغان ئىدۇق. دوختۇرخانا كارىدورىدا ئاق كۆينەك كىيىۋالغان ۋە كىچىك سومكا ئېسىۋالغان مەن سىزنى قولۇمغا ئالغاندىكى روھى ھالىتىم ھازىرمۇ يېپيڭى پېتى تۇرىدۇ: ئاجايىپ خوش بولغان ئىدىم ۋە سىزگە قاراپ كۆزلىرىمگە خۇشاللىق ياشلىرى كەلگەن ئىدى، ئاپىڭىزمۇ سىزنى قولىغا ئالغاندا شۇنچىلىق خۇشال بولغان ئىدى ۋە ئىككىمىز رەببىمىزگە شۈكۈر ئېيتقان ئىدۇق. مانا ھازىر، كىچىك، بۇدرۇق بوۋاقتىن بىردەمدە چوپ- چوڭ بىر ئوغلانغا ئايلاندىڭىز. ئارقامغا قاراپ باقسام، سىز بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇتنى، ھەر بىر ئەسلىمىنى ئەسلىگىنىمدە، يۈزۈمدە ئىختىيارسىز كۈكلە جىلۋىلىنىدۇ، بەدىنىمنى ئىسسىق بىر ھارارەت قاپلايدۇ ۋە خۇشاللىقتا پۈتۈن بەدىنىم راھەتلىنىپ كېتىدۇ.

مانا ئەمدى چوپ- چوڭ يىگىت بوپ قالدىڭىز! سىزگە قاراپ ئۆزۈمنىڭ بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىمنى ئەسلەپ قالىمەن؛ ئىككىمىزنىڭ بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىنى سېلىشتۇرما قىلىپ باقىمەن ۋە سىزگە ئىچىم كۆيۈپ كىتىدۇ:

بۇلار، بىر ئولتۇرغانچە مۇنداقلا سېلىشتۇرۇپ باققانلىرىم، ئوغلۇم! مەيلى قايسى تەرەپتىن ئويلاي، سىزدىن پەخىرلەنمەي، ھۇزۇر ئالماي تۇرالمايمەن. بەش ياشقا كىرگەن كۈنىڭىزدە سىزگە ئەڭ گۈزەل دۇئا ۋە تىلەكلىرىم بىلەن بۇ ئاددىي خاتىرىنى يېزىپ ئولتۇرىمەن. گەرچە بۇلارنى ھازىر تولۇق ئوقۇيالمىسڭىزمۇ، ئالدىمزىدىكى يىلدا ئاللاھ خالىسا بۇلارنى راۋان ئوقۇيالايدىغان بولىسىز ۋە بۇ خاتىرەمنى شۇ ۋاقىتتا ياكى تېخىمۇ كېيىن ئوقارسىز. تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، كىچىك يىگىت! ئاللاھ ئىككىلى دۇنيادا ئالامچە بەخىت بەرسۇن!

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 73

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ