رامىزان خاتىرىلىرى

يەنە بىر رامىزان – بەرىكەت، رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيى كەلگىلىۋاتىدۇ، ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ ئاينىڭ پەزىلەتلىرىدىن قۇرۇق قويمىغاي.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 2018- يىلى رامىزان ئايلىرىدا تېلېفۇندا خاتىرە شەكلىدە يازغان خاتىرىلىرىمنى(ئاتلاپ كەتكەن ۋە يازالاماي قالغان كۈنلەرمۇ بار) بلوگقا يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. بلوگىمدا بۇ يازمىلار بىلەن قارشىلىشىپ قالغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدىي پوزۇتسىيە بىلەن ئوقۇشىنى ۋە پىكىر- تەكلىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


رامىزان خاتىرىلىرى (2018- يىلى)

رامىزان ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى ئۇزاق بولدى. ھەتتا قۇربان ھېيتنىمۇ ئارقىدا قالدۇردۇق. ئەمما قەلبىمدە رامىزان ئېيىغا باشقىچە بىر تەلپۈنۈش بار، قاچان رامىزان كېلەر دەپ تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن، كەتكەن رامىزان ئايلىرىدىكى بەرىكەت ۋە خۇشاللىقلارنى كۈلۈمسىرىگىنىمچە ئەسلەپ تۇرۇپ قالىمەن بەزىدە. 
 كەلمەكچى بولغان رامىزاننى تاقەتسىلىك بىلەن كۈتكەچ، كېتىپ قالغان رامىزاننى ئەسلىگەچ، شۇنداقلا ئالدى بىلەن ئۆزۈمگە، ئاندىن قېرىنداشلىرىمغا رامىزان نىئمەتلىرىنى قايتا ئەسكەرتىش ۋە شۈكرىچانلىق يولىغا چۈشۈشكە ۋە نىئمەتلەرنى قەدىرلەشكە تەۋسىيە بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە، تۆۋەندە  مۇشۇ رامىزاندا قالدۇرۇپ ماڭغان تاققۇ-تۇققۇ خاتىرىلىرىمنى سىزلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ قالدىم.
بۇ خاتىرىلەر كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدە يېزىلغان بىر قاتار يازمىلار بولۇپ، ھەممىسى پەقەت ئۆزۈمنىڭ شەخسى ئويلىرى ۋە ئۈمىدلىرىمدىنلا خالاس. شۇڭا خاتىرىلەرنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغان ئەزىزلەرنىڭ خاتىرىدىكى خاتالىقلارغا كەڭقورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
رامىزان خاتىرىلىرى 


رامىزاننىڭ تۇنجى كېچىسى 


شۇنداق ئىنسانلار باركى، ئۇلار سەھەرلىرى تۇرۇپ روزا تۇتىدۇ. ئەمما ئۆزىنى ئاچ قويغاندىن باشقا ھېچبىر نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ؛ شۇنداق ئىنسانلار باركى، كېچىلىرى ئالدىراپ-تىنەپ مەسچىتلەرگە كېلىپ تىراۋىھ نامىزىنى ئادا قىلىدۇ. ئەمما پۇت-قولىنى تالدۇرغاندىن باشقا ھېچنەرسىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ.
سەۋەبى: كىمدۇر بىرىنىڭ  روزا تۇتقانلىقىنى ياكى بۇرۇندىن باشلاپ مۇشۇ ئاي كەلسىلا روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەنلىكتىن، ۋەياكى ئىمامنىڭ روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن روزا تۇتقان؛ تىراۋىھ نامازلىرىغا بولسا يا بىرەر دوستى، ياكى قولۇم-قوشنىلارنىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئەگىشىپ چىققان.بۇنىڭدىكى نوقسان: ئىبادەتلەرنى پەقەت ۋە پەقەت بىر اللە ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلىشتىن ئىبارەت نىيەت ۋە چىن ئىخلاس قەلبلەردىن ئورۇن ئالالمىغان.
تۈزىتىش چارىسى: ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيتىگە تەدبىقلاشقا تىرىشىش. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ئۆزىگە تەپەككۇر قىلىشنى ئادەت قىلىش.

رامىزان خاتىرىلىرى — ئىككىنجى كېچە

روزا تۇتۇش پەقەت سەھەردە تويغۇچە تاماق يىۋېلىپ كەچكىچە ھېچ نېمە يىمەي-ئىچمەي يۈرۈشلا ئەمەس. رامىزان مۆئمىنلەر ئۈچۈن بىر ئۆگىنىش، ئۆزگىرىش، ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش ئېيىدۇر. ئۆگىنىش دېگەندە، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئېسىدىن كۆتۈرۈلگەن دىنىي ئەھكاملارنى، يول-يۇرۇقلارنى قايتىدىن ئۆگىنىدۇ. ئۆزىگىرىش دېگەندە، بىلىپ-بىلمەي ئۆزىدە يىتىلىپ قالغان يامان ئادەتلەرنى بىر ئاي ئىچىدە ئۆزگەرتىدۇ. ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشقا كەلسەك، ئۆتكەنكى ۋاقىتلاردا نېمىلەرنى توغرا قىلدىم، نېمىلەرنى خاتا قىلدىم دېگەنلەر ھەققىدە ئويلىندۇ. ئىلگىرى ئىبادەتلەرگە سۇسلۇق قىلغان بولسا رامىزان كىرىشى بىلەن ئۆزىنى ئىبادەتلەرگە ئۇرىدۇ ۋە چامىنىڭ يىتىشىچە ئىبادەتلەردە مەھكەم تۇرىدۇ. بۇ كۈنلەردە قورساقلا ئەمەس، كۆزلەر، تىللار، پۇت-قوللار… ھەممە ئەزالىرىمىز روزا تۇتىشى كېرەك. ئەتتىگىنى روزىغا نىيەت قىلىپ، كۈندۈزلىرى تىل يالغان سۆزلىسە، باشقىلارغا بوھتان چاپلىسا، كىشىلەرگە ئازار بەرسە؛ كۆزلەر ھارام نەرسىلەردىن ئۆزىنى تارتالمىسا؛ پۇتلار چوڭ-كىچىك گۇناھقا باشلايدىغان يوللاردىن قايتالمىسا ئۇ ھالدا گەرچە بىرسى ئۆزىنى روزا تۇتتۇمغۇ دەپ ئويلىسىمۇ ئەمما بۇ روزىدار ئۆزىنى ئاچ قويدى خالاس.ئوخشاشلا، رامىزان ئېيى ئۆتۈپ كەتكەندە ھەم بىر مۆئمىن ھەردائىم ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ. مەيلى كشىىلەر بىلەن يۈزمۇ-يۈز مۇناسىۋەتتە بولىدىغان كىشىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن، مەيلى پۈتۈن ئالاقىلەر رەقەملەر بىلەن بولىدىغان مەۋھۇم تور دۇنياسىدا بولسۇن اللە نىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ ۋە باشقىلارغا ئاززار بەرمەيدۇ، ھارامغا يېقىنلاشمايدۇ، ياخشىلىققا گۈزەل رەۋىشتە بۇيرىدۇ، يامانلىققا ھېچبولمىغاندا يانتاياق بولمايدۇ…

رامىزان خاتىرىلىرى– ئۈچىنجى كېچە


ھەرقانداق بىر ياخشىلىقنىڭ ماھىر بىر ئوغىرىسى بار. بۇ ئوغرىنىڭ ئىسمى رىياكارلىقتۇر. ئۇنداقتا، بۇ ئوغرى، يەنى رىياكارلىق زادى قانداق بىر نەرسە؟ رىياكارلىق بىر ياخشى ئىش قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭ مۇكاپاتىنى ياخشىلىق قىلىنغۇچىدىن كۈتۈشتۇر؛ رىياكارلىق باشقىلار مېنى ياخشى، ئوڭلاغ ئادەم ئىكەن دېسۇن دېگەننى نىيەت قىلىپ ياخشىلىق قىلىشتۇر؛ رىياكارلىق قىلغان ياخشىلقىنى، ياردىمىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇش ۋە ئۇلارغا،ھەتتا ياراتقۇچىغا باتناشتۇر. دېمەككى، رىياكارلىق ئەنە شۇنداق ئوسال ھەم ناھايىتى ماھىر بىر ئوغىرىدۇر. شۇنداق ئىكەن، قىلغان ۋە قىلىشنى كۆڭلىمىزگە پۈككەن ياخشى ئىشلارنىڭ ئوغىرلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر قاراۋۇل تۇرغۇزۇشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. ئۇنداق قىلمىغىنىمىزدا، ياخشىلىق قىلىمىز، ئەمما كۈتۈلگەن نەتىجىلەرنى ئوغرى ئالغىنى ئالغان. ئاخىرقى ھېسابتا قۇرۇق قول قالىدىغىنى يەنىلا بىز ئۆزىمىز بولۇپ قالىمىز.ياخشىلىقلىرىمىزغا قارايدىغان ئەڭ ياخشى قاراۋۇل دەل ياراتقۇچىغا بولغان چىن ئىخلاس ۋە سەمىمىيەتتۇر. قاچانكى ياراتقۇچىنىڭلا رىزاسىنى كۆزلەپ ياخشىلىق قىلىدىكەنمىز ياخشىلىقىمىز كىتابىمىزدا بىخەتەر ساقلىنىدۇ.  ئەلۋەتتە، قىلىشىمىز تەلەپ قىلىنغان ئىبادەتلەر، يەنى ناماز، روزا، زاكات، ھەج…. قاتارلىق ئەمەللەردىمۇ چىن ئىخلاسىمىز كەمچىل بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ئەمەللىرىمىزمۇ ئوخشاشلا قۇمغا يېزىلغان خەتلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ، شۇنداق بىر بوران چىقىدۇ، قۇم ئۈستىدىكى خەتلەردىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. ئويلىنىپ كۆرىشىمىز كېرەككى، مۇكاپاتنى پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ ئىگىسى، بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە سېخى بولغان اللە تىن كۈتۈشتىنمۇ ھۇزۇرلۇق بىر ئىش بارمۇ؟

رامىزان خاتىرىلىرى — تۆتىنجى كېچە

ئىككى كۈندىن بىرى مەھەللە ئەتراپىدىكى كوچىلاردا پەيدا بولۇپ قالغان ئىككى جۈپ ئەر-ئايالغا قاراپ اللە قا كۆپ شۈكۈرلەر ئېيتتىم. بۇلار قارىماققا 28-27 ياش ئەتراپىدا كۆرىنەتتى. بۇلار ئادەم كۆپرەك ئۆتىدىغان بىر يەرنى تاللاپ ئولتۇرىۋالغان بولۇپ، ئۆتكەن كەچكەنلەر ئۇلارغا بىر -ئىككى تەنگە پۇل بېرىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. خۇداغا كۆپ شۈكىرلەر ئېيتتىمكى، سىرتتا قالمىغان ئىدىم، زوھورلۇقسىز، ئىپتارلىقسىز قالمىغان ئىدىم. بىر تەرەپتە يانچۇقۇمغا پۇل سېلىۋالمىغاچقا ئۇلارغا ياردەم قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆكۈنسەم، يەنە بىر تەرەپتە ئۇلارنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىم: بەلكىم يۇرتلىرىدا بولۇۋاتقان ئورۇش ۋە قالايمىقانچىلىق بولىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ ياپ-ياش تۇرۇپمۇ، بۇ دەرىجىدە بىئىنجالىقى ۋە ھورۇنلۇقى ئادەمنىڭ ئوغۇسىنى قاينىتاتتى. مەنچە بولغاندا ئۇلارنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا ماھىيەتتە ئۇرۇش ئەمەس ئەنە شۇنداق بىئىنجالىقى سەۋەپ بولغان ئىدى. توغرا، ئىنسان ھاياتلىقتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، كۈتۈلمىگەن ئىشلارغا يولىقىدۇ. بۇلارنىڭ ھاياتىنى مەن ياشاپ باقمىغان بولغاچقا ئۇلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىسسىق-سوغۇقلاردىن بىخەۋەرمەن. ئەمما، ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىت بار، دېگەن ئاتا سۆزىگە ئىشىنىدىغان مەن يەنىلا ئۇلارنى ھورۇنلۇق، ئىزدەنمەسلىك ۋە باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىش ئادەتلىرى بىلەن ئەيىپلەشكە مايىل. ئەمەلىيەتتە ھورۇنلۇق مۇسۇلمانغا ئەڭ ياراشمايدىغان بىر سۈپەت ئىدى. بىر مۇسۇلمان ياخشى ياشاش ئۈچۈن تىرىشىپلا قالماي يەنە اللە ئەمىر قىلغان ئىشلارنى قىلالىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تېرىشىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇنداق نىيەتلەر ئادەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە بولسىمۇ كىرىپ چىقمىسا كېرەك. يا اللە دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، اللە نىڭ ئېھسانىنى نىيەت قىلىپ تىرىشپ باقسا ئىدى، اللە ئۇلارنى قۇرۇق قول قايتۇرماس ئىدى. ئەمما قىيىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگلىدىكى بەل قويىۋېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىزەلمىلىكى ۋە باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسى ئۇلارنى مۇشۇ ئۇلۇغ كۈنلەردىمۇ رىزىقىنى ئىزدەپ مىدىرلاپ بېقىشتىن توسۇپ قويغان ئىدى. ئى اللە زاكاتتىن ئىبارەت ئىبادەتنى ئورۇندىيالىشىمىز ئۈچۈن بىزگە غەيرەت ئاتا قىلغىن، شۇ غەيرەتلىرىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ تىرىشالايلى ۋە ئۈمىدكى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشەلەيلى.

رامىزان خاتىرىلىرى — بەشىنجى كېچە

اللە نى ھەممىنى بىلگۈچى، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى دەپ ئىشىنىمىز-يۇ، بەزىدە بۇ ئىشەنچىمىزدە قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىمىز مانا مەن دەپ چىقىپ قالىدۇ. شەيئىلەرگە ھەمىشە ئۆزىمىزنىڭ قارشىغا كۆرە مۇئامىلە قىلىشنى كۆڭلىمىز بەكراق تارتىدۇ، بولۇپمۇ بۇ ئىشلار ئۆز مەنپەئەتىمىزگە باغلىق بولغىنىدا. بۇنداق چاغلاردا بەزىدە ۋىجدانى كۈرەشلەرگىمۇ ئۇچراپ قالىمىز، ئىمانىمىز اللە نىڭ بۇيرىقىغا قايت دەپ شىۋىرلايدۇ، ئەمما بىز بولساق سەن نېمە بىلەتتىڭ، مېنى چۈشىنەمتىڭ سەن، مەن ئۆزۈمنى ياخشى بىلىمەن ۋە ھاكازا…دەپ ئۆكتە قۇپىمىز ۋە مەغرۇرلۇق بىلەن چۈشەنچە ئىشەنچىمىزنىڭ ئارقىسىدىن سوكىلداپ كىتىپ قالىمىز. دەل مۇشۇ چاغ اللە نىڭ ھەممىنى بىلگۈچى، يەنى بىز تەسەۋۇرمۇ قىلالمايدىغان ئۇزاق تارىخلاردا بولۇپ ئۆتكەن ھەم ئۇزاق كەلگۈسىدە يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىمىز ياكى ئېسىمىزگە كىرىپمۇ چىقمايدۇ-دە، بىزنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان، تولۇق چۈشىنىدىغان زاتنىڭ اللە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيمىز. اللە نىڭ ھەر بىر ئىشنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىيتىگە، ئىككى دۇنيالىق سائادىتىگە كۆرە ئەمىر قىلىدىغانلىقىغا چىنپۈتمەيمىز-دە، اللە قىلىشقا بۇيرىغانغا سەل قارايمىز، قىلىشتىن توسقان ئىشلاردىن بولسا ئۆزىمىزگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنگەنلىكىمىزدىن يانمايمىز. ئاخىرىدا زىيان تارتقۇچى ئۆزىمىز بولىمىز. ئەستە تۇتىشىمىز كېرەككى، ئىنسان قاچان، قەيەردە ئۆلىشىنى ھەرگىز بىلەلمەيدۇ، ئۆلۈم ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ-دە، تەۋبە قىلىشقا ئۈلگىرەلمەي قالىمىز. شۇڭا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىمانىمىزنى ھەمىشە تەكشۈرۈپ ۋە اللە نىڭ بۇيرىغانلىرىغا چىڭ ئېسىلىپ مېڭىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساق اللە نىڭ مەرھەممىتى بىلەن ئىككىلى دۇنيادا غەلبە قىلغۇچىلاردىن بولالايمىز. ئى اللە، بۇ مۇبارەك ئايلاردا بىزلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئىلگىرى بىلىپ- بىلمەي سادىر قىلغان چوڭ-كىچىك خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرگىن، ئاجىز بەندەڭگە رەھمەت قىلغىن. بىزنى سېنىڭ كۆرسەتمەڭ بويىچە ياشىيالايدىغان بەندىلىرىڭنىڭ قاتارىدىن قىلغىن.

رامىزان خاتىرىلىرى — ئالتىنجى كېچە

ئىنسانغا شۇنچىلىك كۆپ نىئمەت ئاتا قىلىنغانكى، ئۇ نىئمەتلەرنى ساناپ تۈگىتىپ بولالمايمىز. بۇنىڭغا يانداش، تاللاش ۋە قارار قىلىشتىن ئىبارەت ئەركىنلىك بېرىلگەن ئىنساننىڭ تويماس نەفسى ۋە كۆزى باركى، ئاقىللار ئېيتقاندەك ئۇنى پەقەت تۇپراقلا تويغۇزسا كېرەك. ئەمدى ئۆزىمىزگە كەلسەك، مۇسۇلماننىڭ كۆزىنى چىرايلىق نەرسىلەر، قورسىقىنى لەززەتلىك تائاملارلا تويغۇزۇپ قالماستىن، يەنە شۈكرى-قانائەتمۇ تويغۇزىدۇ. مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە نىئمەت مەيلى كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن ئوخشاشلا اللەنىڭ ئىنايەت-مەرھەممىتىدۇر. شۇ ۋەجىدىن مۇسۇلمان ھەربىر نىئمەتكە شۈكرى ئېيتدۇ. ئەپسۇسكى، ماددىي باياشاتلىق ۋە دۇنيا مەئىشەتلىرىنىڭ ئاۋازى ئۈللۈكراق چىقىۋاتقان ھازىرقى دەۋردە، مۇسۇلمانلارنىڭ قولىقى ھەق سۆزگە ئېغىر، ھاۋايى-ھەۋەس، ئويۇن-تاماششا ھەققىدىكى سۆزلەرگە بولسا ئىنتايىن سەزگۈر بوپ قالدى ۋە قېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىئمەتلەرنى ئاڭلىيالمايۋاتىمىز، كۆرەلمەيۋاتىمىز ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرىمىز يوقالغىلىۋاتىدۇ. ھەتتا، يىلدا ئاران بىر ئايلا بولىدىغان، ئايلارنىڭ تاجى، اللەنىڭ ئېيى، تەۋبە، مىننەتدارلىق ئېيى بولغان رامىزاندىمۇ نۇرغۇن نىئمەتلەرنىڭ قەدرىنى بىلمەيۋاتىمىز، مەسىلەن بوش ۋاقىتلىرىمىزنىڭ قەدرىنى.  يەنە بەزى نىئمىتلەرگە شۈكۈر ئېيتىش تۈگۈل تۇزكورلۇق قىلىۋاتىمىز، ئىسراپ قىلىۋاتىمىز. مەسىلەن زوھۇرلۇق ۋە ئىپتارلىق داستىخنىمىزدىكى نىئمەتلەرنى. يەنە بەزى نىئمەتلەرگە بولسا سەل قاراۋاتىمىز ياكى ياشلىقىمىز، ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن ئىبارەت ئېنىقسىزلىق بىزنى بۇ نىئمەتلەرگە لايىقىدا شۈكرى ئېيتىشىمىزدىن توسۇپ قويىۋاتىدۇ. مەسىلەن، چەتئەللەردە ياشاۋاتقانلارغا ھېچكىم مەسچىتكە چىقساڭ، قۇرئاننى ئۈللۈك ئوقۇساڭ بولمايدۇ دېمەيدۇ، ھەم ۋەتەندىكى ئاشۇ ئاجىز قېرىنداشلىرىمىزدىن مىڭ، ھەتتا يۈزمىڭ ھەسسە ئەركىن ياشاۋاتىدۇ، شۇنداق تۇرۇپمۇ مەسچىتكە چىقىپ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا ھورۇنلۇق قىلىمىز؛كۈندە ئازراق بولسىمۇ قۇرئان ئوقۇشقا ئېزەلمىلىك قىلىمىز؛ ئۆزۈمىز ياقتۇرىدىغان كىتاپلاردىن سېتىۋېلىپ ئوقۇشقا رايىمىز بارمايدۇ، ئەمما كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنى كۆرۈشكە ئاجايىپ ئىشتىھايىمىز بار. قىسقىسى، ۋەتەندىكى ۋاقتىمىزدا قانداق ياشىغان بولساق، ئۆزىمىز تەلپۈنگەن ئەركىن بىر مۇھىتتقا كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئوخشاش بىر يۇسۇندا كۈن ئۆتكىزىمىز، ئۆزىمىزدە ھېچبىر ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلمايمىز. لېكىن، مۇشۇ ھالدا تۇرۇپمۇ يەنە ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىمىز. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، نىئمىتلەرگە، خاھ كىچك، خاھ چوڭ بولسۇن، شۈكرى ئېيتىش ۋە قەدرىنى بىلىش بۇ نىئمەتلەرنىڭ دائىملىق بولىشىغا ۋە ئارتىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا نىئمەتلەر قولدىن كېتىۋىرىدۇ. اللە بۇ نىئمىتلەرنى مىننەتدارلىقنى ۋە قەدىرلەشنى بىلىدىغان باشقا قەۋمگە ئاتا قىلىدۇ. ئى اللە، نىئمەتلىرىڭگە شۈكرى قىلالايدىغان، ئۇلارنى چىڭ تۇتالايدىغان بەندىلىرىڭنىڭ قاتارىدىن قىلغىن.

رامىزان خاتىرىلىرى — يەتتىنجى كېچە

مۆئمىنلەرنىڭ نۇرغۇن سۈپەتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا سۈپەتلەرنىڭ مۆئمىندە ھازىرلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر سۈپەت بار. ئۇ بولسىمۇ نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، يەنى نامازلىرىنى ۋاقتىدا، تەئدىل-ئەركانلىرى بىلەن تولۇق ئوقۇشتۇر. ناماز بەندە بىلەن ياراتقۇچنى ئۇچراشتۇرىدىغان، ئىنساننى روھىي جەھەتتىن تاۋلايدىغان ئالاھىدە بىر ئىبادەتتۇر. سەھەرلەردە شىرىن ئۇيقۇلىرىدىن ۋاز كېچىپ اللە نى زىكرى قىلالىغان، چۈشلىرى ئالدىراش ۋاقىتلىرىنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ اللە قا شۈكرى ئېيتالىغان، كەچقۇرۇنلىرى نامازغا تۇرۇپ اللە نى ياد ئېتىش ئارقىلىق روھىي ۋە جىسمانىي ھارغۇنلىقىنى چىقىرىدىغان ۋە ئولتۇرۇپ بۇ بىر كۈنىدىن ھېساب ئالىدىغان ئىنساندىنمۇ سۆيۈملۈك، ئىشەنچلىك بىرى بارمۇ؟ بۇنداق بىرسىدىن باشقا بىرىگە ھېچ زىيان يەتمەيدۇ، ئەتراپىدىكى ئىنسانلار بۇ كىشىنىڭ قولىدىنمۇ، تىلىدىنمۇ ئامان قالىدۇ، بۇ كىشىدىن سۆيىنىدۇ؛ بۇنداق كىشى باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىمەيدۇ، بىراۋغا زۇلۇم قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ مۆئمىن رەببى بىلەن نامازلىرى ئارقىلىق دائىما ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، رەببىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئەسكە ئېلىپ تۇرىدۇ. ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدە خېلى ساندىكى قېرىنداشلىرىمىزدا ( بەزىدە ئۆزۈممۇ ئىچىدە) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشلار تېپىلماس بوپ قالدى. نېمىشقا؟ سەۋەبى شۇنچىلىك ئېنىقكى، بىر كۈنلۈك نامىزىمىزنى جايىدا، ۋاقتىدا ئادا قىلالمايۋاتىمىز ياكى ئادا قىلساقمۇ قىرائەتلىرىمىز، قىياملىرىمىز، رۇكۇ-سەجدىلىرىمىز سەمىمىيەت ۋە ئىخلاسىمىزدىن مەھرۇم. ھەتتا رەھمەت-مەغپىرەت، ئىبادەت ئېيى بولغان، ياخشىلىقلار نەچچە ھەسسىلىنىپ مۇكاپاتلىنىدىغان، ھەممە ئىشتا بەرىكەت بولىدىغان رامىزان ئېيىدىمۇ نامازغا سەل قارايدىغانلىرىمىز يوق ئەمەس، يېتەرلىك بار. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ئەلۋەتتە ھالىمىز كۆرىۋاتقىنىمىزدەك، يەنى باشقىلارنىڭ ھەققىدىن قورقمايدىغان، زۇلۇمنى، پىتنە-ئىغۋالارنى راۋا كۆرىدىغان، بەزىدە زىنا-پاھىشىگە بېرىپ قالىدىغان، كىچىك گۇناھلارغا سەل قارايدىغان، ياراتقۇچى بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىشتا ھورۇنلۇق قىلىدىغان… بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىنمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددى ئويلىنىپ، رامىزاندەك بىر ئالتۇن پۇرسەتتە بولسىمۇ ئۆزىمىزدىكى يامان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماستىن، چوڭ-چوڭ ئىشلارنىڭ غېمىدا شىرىن خىياللارنى قىلىشقىنىمىزچە تور دۇنياسىغا بەنت بولىشىمىزدۇر. ئى اللە، بىزلەرگە رەھمەت ئەيلىگىن. بىزنى بۇ ھالىمىزدا تاشلاپ قويمىغىنكى، ئىككىلى دۇنيادا نادامەت چەككۈچىلەردىن بولۇپ قالمايلى.

رامىزان خاتىرىلىرى — سەككىزىنجى كېچە

ئىلگىرى بىلمەستىن مۇنداق-مۇنداق خاتىلىقلارنى سادىر قىلىپتىقەنمەن، ھازىرمۇ بەزىدە بىلىپ تۇرۇپ، بەزىدە بىلمەستىن ياكى بىردەملىك ھىسياتىمغا گول بولۇپ گۇناھ ئىشلارنى سادىر قىلىپ سالىمەن… بۇنداق ئۆرتۈنۈشلەر پەقەت اللە ئىنايەت قىلغان، قەلب كۆزى ئويغاق مۇسۇلماندىلا بولۇپ تۇرىدۇ. قەلبلىرىنى كىر باسقان بىرىدە بولسا بۇنىڭدەك ئۆزىدىن ھېساپ ئېلىش خارەكتىرىدىكى ئەھۋال بولمايدۇ ياكى ناھايىتى ئاز كۆرىلىدۇ. مۇسۇلمان گۇناھ قىلىدۇ، ئۆرتىنىدۇ ۋە تەۋبە يولىنى تۇتىدۇ. پاسىق بولسا گۇناھ سادىر قىلىدۇ، يەنە سادىر قىلىدۇ. دەسلىپىدە قەلبىدە ئازراق قورۇلۇش، ئەجەپ ئىشلارنى قىلدىما دېگەندەك تۇيغۇلار بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل تۇيغۇ ئاستا-ئاستا غايىپ بولۇپ، گۇناھ ئىشلار ئۇلارغا ئادەتتىكى ئىشلاردەك بىلىنىدۇ. ھەتتا گۇناھقا شۇنداق چۆكۈپ كىتىدۇكى، اللە مەرھەممەت قىلىپ ئۇ كىشىنى ئۇنىڭغا تەۋبە يولىنى تەۋسىيە قىلدىغان كىمدۇر بىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. قىلىۋاتقان ئىشىڭ خاتا قېرىندىشىم، اللە تىن، قىيامەت كۈنىدىكى ھېسابتىن قورق دېيىلسە، پاسىق كىشى ھېچ ئەيمەنمەستىن ئېيتىدۇكى، دوزاققىمۇ ئادەم لازىم، مەن يولۇمدا مېڭىۋىرەي. ئۇلار ئۈمىدسىزلىكتە، نادانلىقتا شۇ دەرىجىگە بېرىپ قالغانكى، اللە نىڭ شىرىك كەلتۈرۈشتىن باشقا ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلىنغان بارلىق گۇناھلارنى كەچۈرىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇشقان ياكى خەۋەرسىز قالغان. ھەقىقەت شۇكى، ئىنسان ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان پەرشتە ئەمەس، ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، خالاپ-خالىماي، سىزىپ-سەزمەي گۇناھلارغا مۇپتىلا بولىدۇ. مەرھەممەتلىك اللە بولسا تەۋبە قىلغۇچىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كۈندۈزى گۇناھ قىلغانلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىنى ئېچىۋىتىدۇ؛ كېچىلىرى سادىر قىلغان خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلىۋالسۇن دەپ كۈندۈزنى ئېچىۋېتىدۇ؛ بەندەم ئۆتكەنكى بارلىق گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىۋالسۇن دەپ ھەر يىلى بىر ئاينى، يەنى رامىزان ئېيىنى بىزلەرگە نىئمەت قىلىپ بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ دۇنيا مەئىشەتلىرى ۋە بۇنداق ياش ئۆلۈپ كەتمەيمىز، ئۆلۈم بىزدىن خېلى يىراقتا دېگەن چۈشەنچىمىز تەۋبە يولىغا تىزراق قايتىشىمىزغا توسالغۇ بولىۋاتىدۇ. ئەمما، تا ھازىرغىچە بىرەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ قاچان، قەيەردە، قانداق ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلىگەنلىكىنى ئاڭلىمىدۇق ھەم بۇندىن كېيىنمۇ ئاڭلىيالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەھۋال يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئىكەن، يەنى اللە تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدىكەن، ئۆلۈم بولسا بىر ئېنىق پەيتسىز ھەقىقەت ئىكەن، نېمىشقا تەۋبىگە قايتمايمىز؟ تەۋبە قىلىشىمىز كېرەك. بولمىسا قىيامەتتە گۇناھلارنىڭ جازاسى ھەقىقەت قورقۇنۇشلۇق بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا، تەۋبە دېگەن نېمە؟ تەۋبە قانداقتۇر، قىلىدىغان ئىشلارنى تازا قىلىۋېلىپ (گۇناھلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ) ئاندىن كەچلىرى قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، ئەتىسى ئويغانغاندا يەنە ئوخشاش گۇناھقا چۆكۈش ۋە قايتىدىن قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. تەۋبە چىن ئىخلاسى بىلەن اللە قا ئىستىغفار ئېيتىش، ئەپۇ قىلىنىشىنى تىلەپ اللە قا ھەقىقى رەۋىشتە يىلىنىپ دۇئا قىلش ۋە بۇ خاتىلقنى قايتا سادىر قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىش، شۇنداقلا چامىنىڭ يىتىشىچە ئىرادىسىدىن تەۋرىنىپ قالماسلىقتۇر. ئويلىنىپ كۆرسەك مۇسۇلمان مۇنداق ئەھۋاللاردا گۇناھقا مۇپتىلا بولىشى مۇمكىن. بىرى بىلمىگەن ئەھۋالدا؛ بىرى نەپسى ۋە ھىسياتى مۇسۇلماننىڭ گەدىنىگە مىنىۋالغاندا؛ يەنە بىرى ھەر خىل سەۋەپلەرگە كۆرە مەجبۇرى قېلىپ قالغىنىدا. بىرىنجى خىل ئەھۋالدا مۇسۇلمان ئۇ ئىشنىڭ خاتالىقىنى بىلگەندىن كېيىن اللە قا ئىستىغفار ئېيتىدۇ ۋە گۇناھ ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ئۈچۈنچى خىل ئەھۋالدا بولسا مۇسۇلمان مەجبۇرى بولۇنغاچقا مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ، ئەمما مۇسۇلمان يەنىلا رەببىدىن كەچۈرۈپ قىلىنىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. ئەمدى ئىككىنچى خىل ئەھۋال بولسا ئەتراپىمىزنى پىتنىلەر قاپلىۋالغان، ئىمان ئاجىزلاشقا قاراپ يۈزلەنگەن ۋاقىتتا يۈز بىرىدۇ. مۇسۇلمان بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەييار تۇرغاندا، يەنى اللە نى كۆپ زىكىر قىلغاندا، بۇ ئىشلاردىن ساقلىنلايدۇ. ئەگەر مۇپتىلا بولسا، اللە قا تەۋبە قىلىپ، اللە نى كۆپ زىكىر قىلىشقا قايتىشى كېرەك.خوش، تەۋبە قانداق قىلىنىدۇ؟ يۇقاردا ئازراق تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلگىنىدەك، تەۋبە دۇئا ۋە ئىستىغفار ئېيتىش بىلەن بولىدۇ. بۇ يەردە توردا كۆرگەن مۇنداق بىر قىسقا ۋىدىيونىڭ مەزمۇنىنى ئازراق كەڭەيتىپ تەۋبە خۇسىسىدا قەلەمگە ئالغۇم كەلدى. ۋىدىيودا بىر كىچىك ئىنىمىزنىڭ ئالدىدا بىر ئىستاكان سۇ ۋە بىر دۈۋەت قارا رەڭ قويولغان بولۇپ، ئۇ سۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېيتىدۇكى، بىزنىڭ قەلبىمىز مىسالى بۇ سۇ كەبى، پاك-پاكىز، سۈپ-سۈزۈكتۇر، ياخشى ئىشلار ھەم بۇ سۇ كەبى سۈپ-سۈزۈك ۋە ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. گۇناھ ئىشلار بولسا مانا بۇ قارا رەڭ مىسالىدۇر. بىز گۇناھ ئىش قىلغانسىرىمىز بۇ رەڭ سۇغا تۆكىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇ ئەسلى سۈزۈكلىكىنى يوقىتىدۇ. گۇناھ ئىشلارنى قىلىۋەرسەك، سۇ قارىغۇسىز ھەم ئىچكۈسىز بىر ھالغا كېلىپ قالىدۇ. دېمەككى، گۇناھ ئىشلار بىلەن قەلبمىزنى كىر باسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىمىزدىن ھەقىقى مەنىدە ھۇزۇر ۋە خۇشاللىق تاپالمايمىز. ئەگەر بۇ سۇغا رەڭ تۆكىلىۋەرسە ۋە شۇ پېتى قېلىۋەرسە، يەنى تەۋبە قىلماي كېتىۋەرسەك، سۇ ئاستا-ئاستا سېسىيدۇ، ئەتراپقا بەتبۇي تارقىتىدۇ. ئەمما كۆرۈڭكى، بۇ رەڭ تۆكۈلگەن سۇنى تەمىزلىيەلەيدىغان بىرلا نەرسە يەنىلا پاكىز سۇدۇر. قاراڭ، رەڭ تۆكۈلگەن سۇغا بىر ئىستاكان پاكىز سۇ قۇيدۇم، ئىككى ئىستاكان، ئۈچ ئىستاكان…. ماۋۇ رەڭگە قايتا يېقىنلاشمىدىم. قاپقارا رەڭگە كىرىپ قالغان سۇ ئەسلى سۈزۈكلىكىگە قايتى. بۇ يەردىكى تەمسىل شۇكى، ئىستىغفار ۋە ياخشى ئىشلار، نەفلى ئەمەللەر دەل بۇلغانغان سۇنى پاكىزلايدىغان پاكىز سۇدۇر. بىر مۇسۇلمان قانچە كۆپ ئىستىغفار ئېيتسا ۋە دۇئا قىلسا اللە ئۇ مۇسۇلماننىڭ خاتىلىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە ئۇ مۇسۇلماندىن سۆيىنىدۇ. ئى اللە، بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە تەۋبە-ئىستىغفارلارنى  قولدىن كەتكۈزۈپ قويمايدىغان قۇللىرىڭدىن ئەيلىگىن.

رامىزان خاتىرىلىرى — توققۇزىنجى كېچە

بۈگۈن مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ توققۇزىنجى كېچىسى. كۈندۈزى ھاۋا بىر ئاز ئىسسىق بولغان ئىدى، لېكىن ئىپتاردىن كېيىن مەيىن شامال چىقىپ ئادەمنى باشقىچىلا خوش قىلىۋەتتى، تەنلەر ھۇزۇرلاندى. ئەمدى دىللارنىڭ ھۇزۇرىنى ئىزدەش ئۈچۈن مەسچىتكە چىقىشىمىز كېرەك. مەسچىتكە بۇرۇنقىدىن ئازراق بۇرۇن چىقتىم ۋە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىمامنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم. ئويلۇرۇم رامىزان ئايلىرىنىڭ ئەۋۋىلىدىكى رەھمەتلەر ۋە بۇ رەھمەتلەرگە قانداق ئېرىش ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرگە بەنىت ئىدى. نامازلىرىمىزنى دەل-ۋاقتىدا، ئامال بار جامائەت بىلەن ئادا قىلساق، پەقەت قورسىقىمىزنى ئاچ قويۇش بىلەن رامىزان تۇتتۇم دەپ ئويلىماي، پۈتۈن بەدىنىمىز، روھىمىز بىلەن رۇزا تۇتۇپ، ھەممە ئەزالىرىمىزنى يامان-گۇناھ ئىشلاردىن تارتساق، كەچلىرى چامىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرەۋىھ نامازلىرىغا چىقساق، اللە قا ئىستىغفار- دۇئالارنى ئېيتقاچ بەزى كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكىزەلىسەك، ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇيالىساق، ياخشى ئىشلارغا ئۆزىمىزنى ئۇرالىساق، اللە خالىسا، بۇ رەھمەتلەردىن مەھرۇم قالمايتۇق. اللە قا كۆپ شۈكرىلەر بولسۇنكى، بۇ ئاينىڭ خاسىيىتىدە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئىبادەتلەرگە باشقىچە كۆڭۈل بىرىدۇ ۋە بىرىۋاتاتتى. ئەمما، خىيالىم ۋەتەن ئاسمىنىغا يەتكىندە كۆڭلۈم باشقىچە غەش بولاتتى. ۋەتەندە ئاتىلارنىڭ-ئانىلارنىڭ دىللىرى يارا، ھەتتا دۇئا قىلاي دېسە تىللىرى تۇتۇق، قەلبلىرى سونۇق بىر ھالەتتە بۇ مۇبارەك ئاينى زۇلۇم ئاستىدا غەم-ئەندىشە قىلغىنىچە ئۆتكۈزىۋاتاتتى. مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ياشلار بولسا زالىملار تەرىپىدىن مەسچىتللەردىن مەجبۇرىي ئۇزاقلاشتۇرۇلۋاتاتتى. ۋەتەندىن ناھايىتى ئۇزاقتا ياشاۋاتقان مەندەك بىرىنىڭ قولىدىن زالىملارنىڭ ھالاكىتىنى، مەزلۇملارنىڭ نۇسرىتىنى، ئەزىز تۇپراقلىرىمىزنىڭ ھۆرلىكىنى تىلەپ رەببىمگە چىن ئىخلاسىم بىلەن دۇئا قىلماقتىن باشقا ھېچ ئىش كەلمەيتى. ۋەتەندىكى ئەزىزلىرىمىز نۇرغۇن پۇرسەتلەردىن مەھرۇم، زالىملارنىڭ 24 سائەت دېگۈدەك نازارىتىغا مەھكۇم ئىدى. ۋەتەننىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان كىشىلەردە بولسا ھەم ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ھەم ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىشلار تەڭلا مەۋجۇت ئىدى. كىمدۇر بىرلىرى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دېمەي ئۈنتۈنسىز ئىشلەيتتى؛ كىمدۇر بىرى كۆرمىگەن يەرلەرنى كۆرىۋېلىش، ئەركىنلىكتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىۋېلىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىدى؛ يەنە قايسى بىرى قانداق قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداش غېمىدا ، قايسى بىرى ئىمتاھانلىرىدىن ئۆتۈش كويىدا كۇتۇپخانىلاردا، قايسىدۇر بىرى ئەڭ پەسكەش يوللاردا ئالدىراش. مانا مۇشۇنداق ئالدىراشچانلىق ئىچىدە رامىزاننى كۈتىۋالدۇق ۋە توققۇزۇنجى كېچىسىگە ئۇلاشتۇق. رامىزان اللە نىڭ ئېيى، قۇرئاننىڭ ئېيى، ياخشى ئەممەللەر ئېيى ئىدى. ئەمما ئەركىن بىر دۇنيادا ياشاۋاتقان بىزلەردە، بولۇپمۇ ياشلاردا بۇ ئاينىڭ قەدىرىنى بىلمەيۋاتاتقان ئەھۋاللار يوق ئەمەس بار. قايسىلىرىمىز ئەزان ئاۋازىنىڭ قولاق تۈۋىمىزدىلا ياڭراپ تۇرىشىغا قارىماي نامازلىرىمىغا سەل قاراۋاتقان، قايسى بىرىمىز تىرەۋىھ نامازلىرىغا ھورۇنلۇق قىلىپ چىقمايۋاتقان… بىز تېلېفۇن ۋە كومپيۇتېر ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرالايتۇق، ئەمما قۇرئان ئالدىدا كۈندە بىر سائەت ئولتۇرۇشقا تاقەت قىلالمايتتۇق. ھەتتا رامىزاندا قۇرئاننى تولۇق بىر تامام قىلاي دېگەن ئويمۇ بەزىمىزنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى. قىسمەنلرىمىز زوھورلۇققا ئويغىنالماسلىقتىن قورقۇپ كېچىچە تۈنەپ چىقىشنى تاللايتتۇق-يۇ، ئەمما تورخانىلاردا، ياتاق ئۆيىمىزدە كىمدۇر بىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئويۇن ئويناپ، كىمدۇر بىرىنىڭ چاكىنا بىۋاستە تارقىتىشىنى ۋە ياكى قايسى بىر ئايىغى چىقماس تىياتىرلارنى كۆرۈپ ئۆتكۈزەتتۇق… ئى اللە ياشلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ بەرگىن. ئۇلارغا نىئمەتلەرنىڭ قەدرىگە يېتەلەيدىغان ئەقىل ئاتا قىلغىن. تىرەۋىھ نامىزىدىن اللە قا دۇئا قىلغاچ قايتتىم. ياتاققا قايتقاندا بىلدىمكى، بۈگۈن بىر پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى باركەن. دوستلار چەمبىرىكى شۇنىڭغا ئائىت ھاياجانلىق ئۇچۇرلار بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ…

رامىزان خاتىرىلىرى — ئونىنجى كېچە

ئۇيقۇ ئاجايىپ بىر نەرسە. بەزىدە ئازراقمۇ كەلمەيدۇ، بەزىدە ئاجايىپ كېلىدۇكى بىر نەچچە كۈن ئۇخلىساڭمۇ يەنە قانمىغاندەك. ئۇيقۇ ئادەم ئۈچۈن ھۇزۇرلۇق بىر شەيئىدۇر. كېچىدە ئۇخلايمىز، ھارغۇنلىقىمىز چىقىدۇ، روھىمىز ئارام ئېلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى روھلۇق ھالدا ئورنىمىزدىن تۇرىمىز ۋە يارالمىشىمىزنىڭ مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولىغا قاراپ يۈرۈپ كېتىمىز. ئەمما شەيئىلەرنىڭ مىقدارى ئەسلى نورمىسىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەندە ياكى ھەددىدىن زىيادە ئاز بولۇپ قالغاندا ئۇ شەيئىنىڭ مۇۋازىنىتىدە باشقىچە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاجايىپ تىز ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن، بۇ ئۆزگىرىش مەيلى ياخشىلىق بىلەن، مەيلى يامانلىق بىلەن خارەكتىرلەنسۇن، ئۆزگىرىشكە يانداش يەنە نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئۇيقۇنىمۇ مۇشۇ لوگىكىغا سالساق تامامەن بولىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئۇخلىساق، ھورۇنلۇق باسىدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەردىن، ھەتتا سەھەردىكى ئىبادەتلەردىن، بەرىكەتلەردىن ھەم مەھرۇم قالمىز، بەدىنىمىز ۋە روھىمىز كېسەللىك ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇيقۇمىز داۋاملىق ئاز بولسا، ئۇ ھالدا يەنە ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بەدىنىمىزنى كېسەللىك چىرمىۋالىدۇ، قىلغان ئىشلىرىمىزدىن ھۇزۇر تاپالمايمىز ياكى چالا ئۇيقۇلۇقتا ئىشىمىزنى چالا ياكى خاتا قىلىپ قويىمىز، ھەتتا ئىبادەتلەتلىرىمىزدىمۇ ئوخشاش كىرزىسقا مۇپتىلا بولىمىز.
بۈگۈن تىراۋىھ نامىزىدا ئەنە شۇنداق چالىلىق ماڭا ياماشتى. ئۇيقۇ ئارىلاپ-ئارىلاپ مېنى بۇزەك قىلدى. كۆزۈم ئۇچۇق تۇرۇپ قەلبىم ئۇيقۇغا قاچاتتى. ئىبادەتلەرنىڭ ھۇزۇرىنى مەندىن ئېلىپ قاچاتتى. تۈنۈگۈن كۈندۈزى ئىسسقتا يول يۈرۈپ چارچاپ قالغان بولسام كېرەك، ھەم چۈشتىن كېيىنكى ئۇيقۇ تولۇقلاش ۋاقتىمنى قولدىن بىرىپ قويغان ئىدىم. بەلكىم باشقا قېرىنداشلرىمدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى رامىزان كېچىلىرىدە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ناھايىتى ئاز ئۇخلايتتى ياكى كېچىچە تۈنەپ چىقاتتى. ئۇلار كېچىلىك ئۇيقۇلىرىنى اللە نىڭ مەرھەممىتى، رەھمەت-مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قۇربان قىلاتتى. كۈندۈزلىرى كۆپۈنچىلىرى اللە نىڭ پەزىلىنى ئىزدەپ سىرتلاردا ئىشلەيتتى، كەچلىرى ئامال قىلىپ نەپلى ئىبادەتلەرنى قولدىن بەرمەيتتى. ئەمما بەزىدە ھارغىنلىق، ئۇيقۇ بىزگە يۇپۇرلۇپ كېلەتتى-دە، ئىبادەتلىرىمىزنىڭ لەززىتى قاچاتتى. قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ جاۋابى ئېنىق، ئىبادەتلىرىمىزنى روھلۇق، تىتىك بىر كەيپىياتتا قىلالىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇخلىشىمىز كېرەك. كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن بولساق كۈندۈزلىرى ۋاقىت چىقىرىپ ئازراق ئۇخلىۋالساق بولىدۇ.  بۇ ئايدا خىزمەت مىقدارىنى مۇمكىن قەدەر قىسقارتىش كېرەك. بەزىدە بۇنداق قىلىش بىزگە ئەمەس، ئىشلەۋاتقان يىرىمىزنىڭ خوجايىنىغا باغلىق بوپ قالىدۇ. ئەگەر خوجايىن بولساق، بۇلارنى ئويلىشىپ خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت مىقدارىنى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە يېنىكلەتسەك، اللە خالىسا بۇ ئىشىمىزغا اللە ھەسسىلەپ ئەجىر بېرىدۇ. ئەگەر بۇمۇ مۇمكىن بولماي قالسا، ئارىلاپ-ئارىلاپ تىراۋىھ نامازلىرىغا چىقساق، پەرز ئىبادەتلەرنىڭ ھۇزۇر ئىچىدە، تولۇق ئادا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كېچىلىرى يىتەرلىك ئۇخلىساق ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى مەقسەت ئىبادەتلەرنى ھۇزۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن ئۇخلاش بولغاچقا اللە بۇ ئۇيقۇمىزدىن رازا بولغۇسى. قاچانكى نىيەتلەر گۈزەل بولىدىكەن قىلغان ھەر ئىشىمىزدىن رەببىمىز رازى بولغۇسى. ئەمما سەۋەپسىزلا، يا كەچلىرى تۈنىمەي، ياكى كۈندۈزلىرى ھاردۇرىدىغان بېرەر ئىشى بولماي تۇرۇپ ھۇرۇنلۇق قىلىپ پەرز نامازلارنىڭمۇ ۋاقتىنى قاچۇرۇپ، تىراۋىھ نامازلىرىغىمۇ چىقماي تېلېفۇن، كومپيۇتېر ئويناپ ياكى باشقا ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن ۋاقىتنى كەچ قىلىپ، ئەتىسى زوھۇرلۇق يەيمە دەپ ئۇخلىمىغان دەپ كۈندۈزى ئۇخلاپ پۈتۈن ئىشىلىرىمىزنى، ئۆگىنىشلىرىمىزنى ئاخساتساق، ياخشى ئويلىنىپ باقساق، ئىمانىمىزنى تەكشۈرۈپ باقساق بولىدۇ. زادى رامىزاندىن سۆيىنىۋاتامدىمىز ياكى مۇنداقلا تۇتۇپ قويىۋاتامدىمىز؟ اللە بۇ خىلدىكى قېرىنداشلىرىمىزگە مەرھەممەت قىلسۇن ۋە ئىبادىتىدە مۇستەھكەم تۇرالايدىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن قىلسۇن. بىزلەرنى ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىپ ياشايدىغان سۆيۈملۈك قۇللىرى قاتارىدىن قىلسۇن.

رامىزان خاتىرىلىرى — 11- كېچە

ياخشى ئادەت ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يەردىكى ئادەت، بىر ياخشى ئىش ياكى بىر يامان ئىشقا ھېچبىر چۈشەنچىسىز ئۈگىنىپ قېلىش ئەمەس ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىشقا ئاڭلىق رەۋىشتە ۋە چۈشەنگەن ھالدا ئۈگىنىپ قېلىشتۇر. ئاڭسىز رەۋىشتە بىر ئىشقا كۆنۈپ قېلىشمۇ كۆپۈنچە ھاللاردا ئادەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئەمما بۇنداق ئادەت ئىنساننىڭ بىر ئىزدا تۇرۇپ قېلىشىغا سەۋەپ بوپ قالىدۇ. ئەكسىچە، ياخشى تەرىپىنى بىلىپ تۇرۇپ بىر ئىشقا ئادەتلەنگەندە ئىنسان شۇ ئىشنى ھېچ بىرىنىڭ ھەيدەكچىلىكىسىز داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي يەنە شۇ ئىشتا يېڭى بىر بالداققا قاراپ ئىنتىلىدۇ. لېكىن ئەتراپنى ياخشىراق كۈزەتسەك، ئاڭسىز رەۋىشتە بىر ئىشقا ئاداتلىنىش بەكلا ئاسان، ئاڭلىق رەۋىشتە ئادەت يىتىلدۈرۈش بولسا خېلى قىيىن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مەسىلەن، ھەممىمىز بۇرۇن ئۇخلاشنىڭ، سەھەر تۇرۇشنىڭ سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز-يۇ، تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە بۇرۇن يېتىش، سەھەر تۇرۇشتەك بىر ئادەتنى يىتىلدۈرەلمەيمىز. ئەكسىچە، كىيىن يېتىش، كىيىن قوپۇشتەك يامان ئادەتنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئوڭايلا چۈشۈپ قالىمىز. يەنە مەسىلەن، ھاراق-تاماكا قاتارلىق خۇمار قىلغۇچى نەرسىلەرگە ئۆگىنىپ قالغانلار شۇ ئادەتكە قۇل بولۇشتىن ئىلگىرى بەلكىم بۇ نەرسىلەرنىڭ زىيىنى توغۇرلۇق تولۇقراق چۈشەنچىسى يوق بىر ھالدا بۇ ئىشنى باشلايدۇ. شۇ نەرسىلەردىكى خۇمار قىلىش ماددىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇلار بۇ ئىچىملىك-چىكىملىكلەرگە تىزلا ئۆگىنىپ قالىدۇ، يەنى دەسلەپكى ئۆگىنىپ قېلىش ئىشى ئاڭسىز رەۋىشتە تاماملىنىدۇ. چۈشىنىپ تۇرۇپ بىر ئىشقا ئادەتلىنىشقا كەلسەك، بۇنداق ئەھۋالدا ئادەمنىڭ يامان بىر ئىشقا كۆنۈپ قېلىشى خېلىلا تۆۋەن، چۈنكى كۆپۈنچە ئىنسانلار دەسلىپىدە بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە زىيانلىقىنى ھەقىقى بىلىپ تۇرۇپ شۇ ئىشقال قول سالمايدۇ، بۇنداق ئىشلاردىن ئامال بار يىراق تۇرىدۇ. ئىنسان بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن شۇ ئىشنى ياخشى چۈشەنسە ۋە شۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرالىسا، بۇنىڭ بىر ياخشى ئىش بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى، بۇ ئىش ھەم ئۆزى، ھەمدە باشقىلار ئۈچۈن پايدىلىق. ئىنسان بۇ ئىشتا ئىزچىللىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭالىسا بىر ياخشى ئىشنى ئۆزىدە يېتىلدۈرەلەيدۇ. بۇنىڭغا ئەڭ ئاددى بىر مىسال، ئەخلەت يىمەكلىكلەردىن، سوغۇق ئىچىملىكلەردىن يىراق تۇرۇش. لېكىن باشتا دېگىنىمىزدەك، چۈشىنىپ تۇرۇپ بىر ئىشقا ئادەتلىنىش خېلىلا قىيىن. بۇنىڭ سەۋەبى ھەر بىر ئادەمگە كۆرە پەرقلىق بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئومۇمىي بىر سەۋەپ نەپسىمىزنىڭ يامان ئىشلارغا، ۋاقىتلىق مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان ۋە پەيتلىك ھۇزۇر بېغىشلايدىغان نەرسىلەرگە بەكراق قىزىقىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. بۇ ھەقتىكى قۇرۇق گەپلىرىمنى بەك سوزىۋەتتىم. ئەمدى ئەسلى مەقسەتكە، يەنى ئادەتنىڭ ئىبادەتلەردىكى رولىغا قايتىپ كېلەي. بەزىلەر ئىبادەتلەرنى، مەسىلەن نامازنى، ئادەتكە كۆرە ئادا قىلىش ئادەمنى شۇ ئىبادەتنىڭ ھۇزۇرىدىن مەھرۇم قويىدۇ، چۈنكى ئادەتتە ئىخلاس يوق دەيدۇ. توغرا، مەنمۇ مۇشۇ كۆز قاراشقا ماھىل. ئەمما بۇ يەردىكى ئادەتلىنىشنى مەن باشقىچىراق چۈشىنىمەن. بۇ كىشى ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتا دەسلەپكى مەزگىلدە دورالمىچىلىق بىلەن، بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى، ھىكمىتىنى ئانچە چۈشەنمەستىن باشلىغان ۋە يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شۇ ئىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن، يەنى ئاڭسىز رەۋىشتە بۇ ئىشلارغا ئادەتلەنگەن. قارايدىغان بولساق بۇنداق ئادەتنىڭ تۈرتكىسىدە قىلىنغان ئىبادەتلەر، يەنى ئوقۇغان نامازلار، ئوقۇلغان قۇرئانلار… ئۇ كىشىدە ھېچ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىغان. ھەتتا بۇنداق ئادەم ئەتراپىدىكى دىننىي مۇھىتتىن ئايرىلسا ياكى قاتتىقراق بېسىمغا دۇچ كەلسە بۇ ئادىتىدىن تىزلا ۋاز كېچىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئىبادەتلەرگە ئىبادەتلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ھەقىقىتىنى ۋە ھىكمىتىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئادەتلەنگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتقانلىقىنى، مەيلى قانداق مۇھىتقا بارسۇن ئوخشاشلا ئىبادەتلىرىدە چىڭ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ياخشى بىر ئادەت يىتىلدۈرۈش، بولۇپمۇ چۈشىنىپ تۇرۇپ بىر ئىشقا كۆنۈكىشنىڭ بىر مۇسۇلماننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىتلىك بولالىشىدا بەكلا مۇھىم رولى بار. اللە ھەممىمىزنى ئىبادەتلەرگە چۈشىنىپ تۇرۇپ ئادەتلىنىدىغان قۇللىرىدىن قىلسۇن.

رامىزان خاتىرىلىرى — 12- كېچە

بىر مۇسۇلمانغا نىسپەتەن ئۇنىڭ كىم بىلەن ئولتۇرۇپ قوپۇشى، يەنى ئارلىشىدىغان دوستى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئىنسان كۆپۈنچە ھاللاردا ئىجتىمائىيلىقنى خالايدىغان بىر مەخلۇقتۇر. شۇ ۋەجىدىن ئىنسان ھەردائىم يولداشقا، سەپەرداشقا، ھەمنەپەس بىرىلىرىگە ئىنتىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى قايسىدۇر بىر مەنپەئەتنى كۆزلەپ، بەزىلىرى يەنە بىر نەرسىنى مەقسەت قىلىپ كۆرىنىشتە سېنى دوست تۇتىدۇ. قاچانكى سەندىن ئالماقچى بولغان نەرسىگە ئېرىشتى، سېنى دەرھال تاشلايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر بار، داستىخاندا، سورۇندا دوست، قاچان بۇ نەرسىلەر يوقالسا ئۇلارمۇ يوقىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئادەمنى دۇنيا تىرىكچىلىكىگىلا بەنىت قىلىپ قويىدۇ، ئاخىرەت تەپەككۇرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ھەمىشە بىرگە يۈرىدىغان كىشىلەر ئۆز-ئارا بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مۇناسىۋەتتىكى ئىككى كىشى بىر-بىرىنىڭ تەسىرىنى بەزىدە ھېس قىلىدۇ، بەزىدە ھېس قىلالمايدۇ. ئادىمىيلىكى ياخشى، دۇرۇس، ھەردائىم ئۈمىداۋار يۈرىدىغان كۈلەريۈزلۈك بىرى بىلەن دوستلاشساق، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ياكى بىزنىڭ مىجەزىمىز، تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز شۇ كىشىنىڭ خارەكتىرىگە ۋە ئادەتلىرىگە، پۈتۈنلەي ئوخشاپ كېتەلمىسىمۇ، چەكسىز يېقىنلىشىپ قالىدۇ ياكى قارشى تەرەپنىڭ خارەكتېرى بىزنىڭ مىجازىمىزگە ماسلىشىپ قالىدۇ. ئەكسىچە ئادىمىيلىكى يېرىم، قەلبىنى قەسۋەت قاپلىغان، چۈشكۈن بىرى بىلەن دوستلىشىپ قالساق، ئۇ ھالدا بىزمۇ شۇلارغا ئوخشاپ قېلىشقا قاراپ ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەيمىز ياكى ئۇلار بىز بىلەن بىر قازاندا قاينالمايدۇ، بىزمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ھايات دېڭىزىغا چۆكەلمەيمىز، ئاقىبەتتە تىزلا پەرقلىق يوللارغا يۈرۈپ كېتىمىز. دېمەككى، ئەجدالىرىمىز يەكۈنلىگىنىدەك، ” يامانغا يولۇقساق يارىسى، قازانغا يولۇقساق قارىسى ” يۇقىدۇ ياكى ئاقىللار ئېيتقاندەك ئىپار ساتقۇچى بىلەن دوست بولساق قولىمىزدىن ئىپار ھىدى كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا بىر مۇسۇلمانغا نىسپەتەن ياخشى دوست قانداق بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ھەر بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ دوستىدۇر. لېكىن كىشىلىك تۇرمۇشتا دوستلۇقنىڭ دەرىجىسى بولىدۇ، بەزىلىرىنى بەزىرلىرىدىن بەكراق ياخشى كۆرۈش ئىنتايىن نورمال ئەھۋال بولغاچقا، بىر مۇسۇلماننىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرى بولىشىمۇ تەبىئىيلا بىر ئىش. بۇ يېقىن دوستلار بىر-بىرىگە دۇنيا ئىشلىرىدا يار-يۈلەك بولىشىدۇ، ئەڭ مۇھىمى بىر-بىرىگە ھالال-ھارامنى، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. دوستى توغرا ئىش قىلىۋاتقان بولسا قوللايدۇ، قولىدىن كېلىشىچە ياردىمىنى ئايىمايدۇ، بىر گۇناھ ئىش قىلىۋاتقان بولسا ئۇنى بۇ ئىشتىن توسىدۇ. بۇ دوستلارنىڭ دوستلىقى بۇ دۇنيادىلا ئاخىرلاشمايدۇ، بەلكى ئاخىرەت ھاياتىدىمۇ داۋاملىشىدۇ.گەپنى يىغىنچاقلىغاندا، دوستلۇق ئىجتىمائىيلىق نوقتىسىدىن بولسۇن ياكى روھىيەت نوقتىسىدىن بولسۇن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ياخشى دوست تۇتىمىز، ئۇلار بىزنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدۇ، بۈگۈنكىدەك رامىزان كېچىلىرىدە بىزلەرنى ئىبادەتلەرگە ئۈندەيدۇ، ھورۇنلۇق قىلساق قولۇمىزنى تارتىپ دېگەندەك بىزلەرنى مەسچىتلەرگە ئېلىپ چىقىدۇ، ھېچ تىرىكمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاۋۋال اللە نىڭ مەرھەممىتى، كېيىن ئەتراپىمىزدىكى بۇ دوستلىرىمىزنىڭ تەسىرىدە ھاياتىمىزدا ئۆزگىرىش بولىدۇ ۋە ئاخىرەتلىك نەتىجىمىزدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. يامان كىشى بىلەن دوستلىشىمىز، ياكى يۈكسەك سەۋرچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارغا بىز تەسىر قىلىمىز ۋە اللە نىڭ رەھمىتى بىلەن ئۇلارنى ياخشىلىققا يىتەكلىۋالىمىز، ياكى نەپسىمىزنىڭ كەينىگە كىرىمىز ۋە ئۇلار بىزنى ئۆز يولىغا يىتەكلەيدۇ، ئادىشىمىز، ئۆزىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىپلا قالماي ئەتراپىمىزدىكىلەرگىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بىلىپ بىلمەي زىيانكەشلىق قىلىمىز، شۇنداقلا ئاخىرەتتىكى ھالىمىزمۇ، اللە مەرھەمەت قىلمىسا، يامان بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە دۇئا قىلايلىكى، ئى اللە! بىزلەرنى ساڭىلا قۇلچىلىق قىلىدىغان، بىزگە ھەردائىم ھالال-ھارامنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان قانائەتچان ھەمراھ بىلەن ئۇچراشتۇرغىن ۋە بىزلەرنىمۇ ئاشۇنداق ھەمراھلاردىن قىلغىن.

رامىزان خاتىرىلىرى — 13- كېچە: مەسئۇلىيەت ۋە مەۋجۇتلۇق

مەسئۇلىيەت شۇنداق بىر نەرسىكى،كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھەممە ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، ئەمما ھەممە كىمدۇر بىرىنىڭ ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە ھەتتا بىرى ئۇنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ ئاخىرىدا ئازراقلا مەسىلە كۆرىلسە ئەتراپتىكىلەر شۇ مەسئۇلىيەت ئىگىسىنى ئەيىپلىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل بولمىغانلىقىدىن ئاغىرىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقىنى، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغالىقىنى بولسا ئۇنتۇپلا كېتىدۇ. ئەگەر ئىشلار ياخشى يۈرۈشۈپ، شۇ ئىشتىن ھەممىگە مەنپەئەت يەتسە دەسلىپىدە مەسئۇلىيەتتىن جېنىنىڭ بارىچە قاچقان كىشىلەردىن ” قەھرىمان ” بولغىسى كېلىدىغانلىرىمۇ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، بىرسى دەسلىپىدىلا مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرسا بۇ شۇ كىشىنىڭ شەخسى تاللىشى، ھېچبىر كىشى ئۇنى ئەيىپلىيەلمەيدۇ. ئەمما بۇ كىشىنىڭ تاللىشى جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتسىز بىر توپنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ، شۇ جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە خىرىس شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشىدۇ. مەسئۇلىيەتتىن قېچىش بىر جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ خىرىس تېخىمۇ چوڭىيىپ تەھدىتكە ئايلىندۇ. ئۇ ۋاقىتتا شۇ جەمئىيەتتىكى ئەقلى جايىدا، مەسئۇلىيەت يېشىغا يەتكەن ھەممە كىشى ئەيىپلىنىشكە لايىق بوپ قالىدۇ. ئىجتىمائىيلىق نوقتىسىدىن قارىغاندا، بىر جەمئىيەتنىڭ ياكى مىللەتنىڭ ئىچىدە مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى شۇ جەمئىيەت ياكى مىللەتنىڭ ھالاكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر.ئۇنداقتا مەسئۇلىيەت زادى نېمە؟ مەسئۇلىيەت بىرەر ئىشنى ياكى ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە خالاپ، خۇشاللىق بىلەن ئېلىشتۇر ۋە شۇ ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشتۇر؛ مەسئۇلىيەت ئۆزىنىڭ قىلغان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشتۇر؛ مەسئۇلىيەت ئەتراپىدىكى ئائىلە ئەزالىرى، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا دىققەت قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشتۇر؛ تېخىمۇ چوڭ مەنىدىن ئېيتقاندا مەسئۇلىيەت بىر كىشىنىڭ ھۇزۇرلۇق ياشىيالىشى ۋە ئۆزى تەۋە بولغان قەۋم، مەدەنىيەت ۋە تۇپراقلارنىڭ گۈللىنىپ ياشنىشى، تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەت،گەپ-سۆز ۋە شۇنىڭدەك مەجبۇرىيەتلىرىگە دىققەت قىلىشىدۇر. بۇنىڭغا مۇسۇلمانلىق سالاھىيەت قوشۇلسا مەسئۇلىيەتتىن كۈتۈلگەن نەتىجە ياكى قەست قىلىنغان مۇراد تېخىمۇ كەڭىيىدۇ، يەنى ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە، ئىبادەتلىرىگە، ئامانەتلەرگە رىئايە قىلىشى مەسئۇلىيەتتۇر. بۇ مەندىن ئېيتقاندا مەسئۇلىيەتنىڭ ئەڭ بېشىدا شەخىسنىڭ ئۆزىگە مەسئۇل بولىشى كېلىدۇ. شەخىس ئۆزىگە مەسئۇل بولغىنىدا جەمئىيەتتە كۆپلىگەن مەسئۇلىيەتچان شەخىسلەر ئوتتۇرغا چىقىدۇ ۋە بۇلارنىڭ ئارىسىدىن پۈتۈن قەۋمنى يىتەكلەپ ماڭالايدىغان لاياقەتلىك يولباشچىلار، قوماندانلار ۋە ئالىملار بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت تۈزىلىدۇ، قەۋمنىڭ پۇتىدىكى كىشەنلەر، بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقلار پارچاقلىنىدۇ ۋە پۈتۈن مىللەت ئىستىقلال يولىغا قاراپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرلىيەلەيدۇ. ئەمما ئادەم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تۇغۇلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر كىچىك بالىدا ئۇ مەلۇم ياشقا كىرگىچە ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بولمايدۇ. مەلۇم ياشقا كىرگىنىدە بولسا مەسئۇلىيەت ئۇلارغا ئۆگىتىلىدۇ، ئۇلار ئەمەلىي ئىشلىرى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزىگە ئادەت قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ۋە مائارىپىمىز پەرزەنتلەرگە مەسئۇلىيەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۈگەتمىگەنلىكتىن ۋە ئانچە ئېتىبار بەرمىگەنلەكتىن ھازىرقىدەك باشسىز قالدۇق ۋە مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان ياكى نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىر ئەۋلات يىتىشىپ چىقتى. كۆزەتسەك بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشىدا مۇنداق سەۋەپلەر بولىشى مۇمكىن: بىرىنچىسى، بىلمەسلىك، يەنى نادانلىق. ئىككىنچىسى، مەسئۇلىيەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلسىمۇ ئەمما ئۆزىدە شۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىقتىدارنىڭ يېتەرسىزلىكى ياكى پەقەت ئۆزى بىلەنلا بولۇپ كېتىش. ئۈچۈنچىسى، توپتىن قېچىش خارەكتىرىدىكى ئەندىكىش ۋە ئۆزلۈكتىن يىراقلىشىش. ئەڭ ئاخىرىدىكى بولسا، ئۆزى ئالىم، مەسئۇلىيەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما باشقا بىرىنىڭ چىقىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۈتۈپ باش چۆكۈرۈپ تۇرىۋالدۇ ياكى ئۆزىنىڭ شۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىغا ئىشىنەلمەيدۇ، اللە قا تەۋەككۇل قىلالمايدۇ. قارىسقاق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپلىق تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىمىزدىن كىلىپ چىققاندۇر. شۇڭا ئەمدى بولسىمۇ بۇلارغا تۇتۇش قىلساق، يەنى پەرزەنتلەرگە ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا مەسئۇل بولۇشنى، ئۆز ئىبادەتلىرىگە، بېرىلگەن ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلماسلىقنى، ئاندىن ئەتراپىدىكىلەرگە مەسئۇل بولۇشنى ۋە ئىشلارغا ۋە ۋەزىپىلەرگە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىتىشكە تۇتۇش قىلساق ھەرگىز كېچىكمەيمىز. ئەگەر بۇنىڭغا يەنە ئۇ-بۇ باھانىلەر بىلەن سەل قارىساق، ئۆزىمىزنىڭ ئۈستىدىكى ئەڭ زۆرۈر ۋە ئەڭ ئەقەللىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالمىساق، ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش يولىغا چۈشمەي دۇنيادىن ۋايساپ يۈرسەك، بۇ دۇنيالىقتىكى ھالىمىز ھازىرقىدىن بەتەر بولۇشى، ئازادلىققا ئېرىشىش تۈگۈل، سەرسانلىقتا ۋەيران بولىشىمىز ۋە ئاخىرەتتە چوڭ بىر دىشۋارچىلىققا يولۇقىشىمىز تۇرغانلا گەپ. خۇدايىم بىزلەرنى بۇلاردىن ساقلىسۇن. ئى اللە، بىزلەرنى ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش يولىغا يىتەكلىسىلە. قەلبىمىزدە مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۈندۈرسىلە ۋە ئارىمىزدىن بىزلەرنى ھەق يولغا، قۇتۇلۇش يولىغا يىتەكلەيدىغان مەسئۇلىيەتچان يولباشچى رەھبەرلەرنى ۋە ئۇلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغان ئالىملارنى، شۇنداقلا ھەر بىر ساھەدىن ئۇلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەرنى چىقارسىلا، يا رەببىي.

رامىزان خاتىرىلىرى — 14- كېچە: رىياكارلىق كېسىلى ھەققىدە

ياخشى ئىشلىرىمىزنى ۋە ئىبادەتلىرىمىزنىڭ ساۋابىنى يوققا چىقىرىدىغان بىر روھى كېسەللىك بار. ئۇ بولسىمۇ رىياكارلىقتۇر. رىياكارلىق ياخشى ئىشلارنى ۋە ئىبادەتلەرنى باشقىلارغا كۆرسىتىش، باشقىلار ياخشى ئادەمكەن دېسۇن دەپ قىلىشتۇر. بۇنداق كېسەللىك كىمدە بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەمەللىرى يامغۇر يۇيۇپ تاشلىغان ئۇچۇقچىلىكتىكى تاشقىلا ئوخشاپ قالىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، كۆپ قىسىملىرىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدىلا رىياخورلۇققا ئىنتىلىش تەربىيەسىنى  يۇشۇرۇن رەۋىشتە ئازدۇر كۆپتۇر كۆردۇق. كىچىك ۋاقتىمىزدا مۇئەللىملەر شۇنداق سورىشاتتى: چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىسىلەر؟ بىز بەسبەستە: ” دوختۇر، مۇئەللىم، ئۇچقۇچى، ئالىم… بولىمىز” دەپ ۋاقىرايتتۇق. ئۇ ۋاقىتتىكى ئارزۇلىرىمىز تولىمۇ گۈزەل ئىدى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، ئاتا-ئانىلىرىمىز جاۋابىمىزدىن سۆيۈنگەن ئىدى. كېيىن ئازراق چوڭ بولدۇق، ئارىمىزدىن مەكتەپلەردە نەتىجىمىزنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىرىمىزمۇ، ياخشى نەتىجىلىرىنى ۋە ياخشى ئىشلىرىنى باشقىلار ماختىمىسا بىر خىل مەيۈسلىنىپ كېتىدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ چىقتى. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىرىمىزدە بۇنداق ماختاشقا ئىنتىلىش ۋە ماختىنىش ئىستىكى بار ئىدى. شۇڭا كىچىكلىكىمىزدىكى ۋە بەزىدە ھازىرمۇ پەيدا بوپ قالدىغان ئۇ خىل كەيپىياتنى ھەرگىز خاتا دېيىشكە ۋە بالىلارنى ماختتايدىغان ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچىلارنى ھەرگىز ئەيىپلەشكە بولمايتتى. ئەكسىچە ئۇلار تەقدىرلەشكە لايىق ئىدى. چۈنكى سەبىيلەرنى ماختاش ئارقىلىق ئۇلارغا مەدەت بىرىش ئىنتايىن ياخشى بىر ئىش. ئەمما بۇنداق ماختاشلار ھەردائىم ۋە ئورۇنسىز يەرلەردىمۇ بولىۋەرگەچكە بىر قىسىم كىچىكلىرىمىز ماختىنىشقا ئۆگىنىپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ماختالمىسا كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالىدىغان، بىر ئىشقا كۆڭلى بارمايدىغان بىر كەيپىيات شەكىللەندى. كېيىنچە بۇنىڭغا مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قوشۇلدى. يەنى، سەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان. شۇڭا تىرىشىپ ئوقۇپ مىللىتىڭگە، ئىسلام ئۈممىتىگە تۆھپە قوشۇشۇڭ، تارىختا نامىڭنى قالدۇرۇشۇڭ كېرەك دەيدىغان تەربىيەلەر كىتابلاردا، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېغىزدا كۆپىيىپ قالدى. بۇنداق تەربىيەنىڭ قارىماققا ھېچبىر زىيىنى يوقتەك قىلاتتى. ئەمما ئوبدانراق دىققەت قىلساق ئۇلۇغ كىشىلەردىن بولۇش ئۈچۈن ياشاش، تارىختا نامىنى قالدۇرۇش ئۈچۈ تىرىش دېگەن گەپلەر ماھىيەتتە ئادەمنى رىياخورلۇققا ئۈندەيتتى. مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر بىلەن ئارىمىزدا رىياخورلۇقتىن ئىبارەت بۇ روھى كېسەلگە مۇپتىلا بولغان مەلۇم نىسپەتتىكى كىشىلەر يىتىشىپ چىقتى. ئۇلار بىر ياخشى ئىش قىلاتتى، ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلاتتى، بۇ ئىشلىرى ياخشى جاۋاپقا ئېرىشەلمىسە غەزەپلىنەتتى ۋە ھەتتا بۇ ياخشى ئىشلىرىنى قىلىشتىن توختاپ قالاتتى. ئۇلار ناماز ئوقۇيتتى، چىرايلىق قىرائەتلەرنى قىلاتتى، زاكات بېرەتتى ۋە بۈگۈنكىدەك رامىزان كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتى… ئەمما نامازلىرىنى باشقىلارنى دوراپ ياكى كىمدۇر بىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيتتى، ئاۋازى بەك چىرايلىقكەن دېسۇن دەپ گۈزەل قىرائەت قىلاتتى، ئوخشاشلا زاكات ۋە سەدىقە بەرسىمۇ يەنىلا باشقىلار باي دېسۇن دېگەننى قەست قىلىشاتتى. بۇنداق دېسەم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ چىققان ئوخشىمامسىز دېگەن سۇئالنى تاشلايدىغانلار ئەلۋەتتە بار. جاۋابىم شۇكى، ياق، بۇنداق قىلىش بەندىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. مەن پەقەت ئاڭلىغانلىرىم ۋە كۆرگەنلىرىم ئاساسىدا ھېچكىمنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي تۇرۇپ ئارىمىزدا قىسمەنلىك ئەمما يامراپ كېتىش ئىھتىماللىقى بار دەپ قارىغان بىر پەرىزىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم ۋە بۇ خىل كېسەللىكنىڭ بۇ دۇنيادا ھەم، ئاخىرەتتە ھەم بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتىم. بۇ ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ ئىللەتتىن يىراق تۇرسىكەن دېگەننى ئۈمۈد قىلدىم.ئۇنداقتا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ئالدى بىلەن نىيەتلىرىمىزنى توغىرلىشىمىز كېرەك، يەنى ھەر بىر ئىشىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ھەممە ئىشلارنىڭ ئىگىسى بولغان اللە تىن كۈتىشىمىز، ئىشلىرىمىزنى ئۇنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلىشىمىز كېرەك. ئاندىن قالسا كىچىكلرىمىزگە كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇلۇغ شۇئارلار بىلەن بېسىم قىلماي، ئۇلارغا بالىلىقىنى قايتۇرۇپ بېرىشىمىز ۋە ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق ئىبادەتلەرنى، ياخشى ئەمەللەرنى ۋە پۈتۈن ئىشلىرىمىزنى اللە رىزاسى ئۈچۈن قىلىشنى، شۇنداقلا بۇ ئەمەللىرىمىزنىڭ مۇكاپاتىنى ئەڭ كەرەملىك، مەرھەممەتلىك زات اللە تىنلا كۈتۈشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. ئى اللە، قەلبىمىزدىكى رىياخورلۇقتىن ئىبارەت ئىللەتنى ئېلىپ تاشلىغىن.

رامىزان خاتىرىلىرى — 15- كېچە: ھەسەتخورلۇق ئىللىتى

بۈگۈن رامىزاننىڭ ئون بەشىنجى كېچىسى. ھاۋا تولىمۇ سالقىن. تىراۋىھ نامىزىدىن باشقىچە كەيپىيات بىلەن ياندۇق. مەيىن شامالدا ياتىقىمغا قاراپ قايتىۋاتىمەن. ئويلىرىم تۈنۈگۈن كاللامغا كەلگەن رىياخورلۇق ھەققىدىكى پىكىرلەرنى قايتىدىن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتاتتى. بۇ روھى كىسەللىككە يانداش بىزدە قىسمەن ساقىلىنىۋاتقان، ئەمما تۈزىتىشىمىز ۋە ناھايىتى دىققەت قىلىشىمىز كېرەك بولغان يەنە قانداق ئىللەتلەر بار؟ پىكىرلىرىم ئەلگىكىنى ئايلاندۇرغاچ بۇ سۇئالنىنمۇ ئەلگەك ئۈستىدە سۈزۈپ ئېلىپ قالغان ئىدى. بىزدە نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلىنىقلىق. ئەھۋالى ھازىرقىدەك بىر قىسمەتكە چۈشۈپ قالغان مىللەتنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرى بولىشى تەبىيلا بىر ئىش. ھەم بەزى مەسىلىلەر ئومۇمىيلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنىشىنىڭ ئانچە ھاجىتى يوق، بۇ مەسىلىلەرنى ئائىلىلەر، شەخىسلەر ئارىسىدا ھەل قىلىنسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايتتىم. لېكىن رىياخورلۇققا يانداش ياخشى ئەممەللەرنى يوق قىلىدىغان، قەلبنى ئۆلتۈرۈپ بىر مۇسۇلماننى قېرىنداشلىرىغا دۈشمەن قىلىپ قويىدىغان يەنە بىر ئىللەتتىن، گەرچە بىزدە بۇ ئىللەت قىسمەن بولسىمۇ، ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكىم كەلمىدى. بۇ ئىللەت دەل ھەسەتخورلۇقتۇر. 
ھەسەتخورلۇق ئوخشاشلا بىر خىل روھى كېسەللىك، يېڭى ئاتالغۇ بىلەن ئاتىساق ناچار پىسخىكىلىق كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭغا گىرىپتار بولغان كىشى قولىدىكى نىئمەتلەرنى قەدىرلىيەلمەيلا قالماستىن، ئەڭ يامىنى ۋە قورقۇنۇشلۇقى قېرىنداشلىرى ئېرىشكەن نەتىجىلەرگە، ئۇلارغان بېرىلگەن نىئمەتلەرگە كۆز قىزارتىدۇ ۋە ھەتتا بۇ كېسەللىك چېڭىغا چىقسا باشقىلارغا ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق زىيان سېلىشتىن ھەم يانماسلىقىمۇ مۇمكىن. قارايدىغان بولساق ئەتراپمىزدا مۇنداق ھادىسىلەر مەۋجۇت: بىرەرسى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرسە ئۇلارنى توختىماي تىللايدىغانلار بار. بىرسى باش كۆتۈرسە ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۇرغىلى توقماقلىرىنى تەل قىلىپ تۇرىدىغانلار، كىمدۇر بىرى يۇقۇرىغا يامىشىۋاتسا پۇتىدىن تۆۋەنگە سۆرەيدىغانلار ھەم بار. يەنى شۇنداق ئەھۋاللارمۇ باركى، سەندىن مەن قالامدىن دېيىشىپ ماددى تويۇنۇشتا زورىغا بەيگىگە چۈشىدۇ، ۋە ھەتتا قارشى تەرەپنى پاسسىپ بىر ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ. 
قىسقىسى، باشقىلارنى ئۇلار ئېرىشكەن بەخت، نەتىجە ۋە نىئمەتلەرگە لايىق كۆرمەيدۇ، بەلكى ئۆزىنى شۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىشكە ئەڭ ھەقلىق دەپ ئويلايدۇ. قېرىنداشلىرى ياخشىراق ياشاۋاتقان بولسا ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى قاغايدۇ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدى، ئۇلارغا نېمىشقا گۈزەل ئىنايەتلەر ئاتا قىلىندى دېگەنلەرنى بولسا ئويلىنىپمۇ باقمايدۇ. بۇ خىل روھى ھالەت مەيلى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە بولسۇن، مەيلى شۇ كىشى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە بولسۇن ئىنتايىن چوڭ زىيىنى ۋە خەتىرى باردۇر. مۇسۇلمانلارغا نىسپەتەن تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇقتۇر. يەنى بۇ خىل ئىللەت بىر مۇسۇلماننى تۇزكۇرلۇق ۋە نانكورلۇققا ئېلىپ بارىدۇ ۋە مۇسۇلمان بۇ ئىللەت بىلەن ئىككىلى دۇنيادا چوڭ زىيانغا مۇپتىلا بولىدۇ. 
ئۇنداقتا بۇ كېسەللىكتىن ساقلىنىشنىڭ يولى نېمە؟ چىقىش يولى يەنىلا اللە ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ياشاش يولى ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرى ۋە تەۋسىيەلىرىگە قايتىپ، شۈكۈر-قانائەتچانلىقنى، قېرىنداشلىقنى قايتىدىن قولغا ئېلىش ۋە اللە نى كۆپ ياد ئېتىشتۇر. ئى رەببىمىز، بۈگۈنكىدەك مۇبارەك كۈنلەردە قەبلىمىزدىكى تۈرلۈك نىفاقلارنى، ئىللەتلەرنى ئېلىپ تاشلىسىلا ۋە بىزلەرنى پاك-پاكىز بىر قەلب بىلەن ئۆزلىرىگە قايتىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلسىلا!

رامىزان خاتىرىلىرى — 16- كېچە

بۈگۈن كۆڭلۈم ھەم يېرىم ھەم خۇشال. كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولۇشى، بىر قېرىندىشىمىزغاقىلىش ۋاقتى يو ياردەملىشىش ئۈچۈن تىراۋىھ نامىزىغا چىقالمىدىغانلىقىمدىن بولسا، خۇشال بولۇشۇم، ھېچ بولمىسا بۇ ئاخشامنىمۇ بىكار ئۆتكىزىۋەتمەي قېرىندىشمغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بۇلالىغىنىمدىن ئىدى. بۇلارنى يېزىۋېتىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىندا چوڭ ئاكام بىلەن ئارىمىزدا بەزىدە بولىنىدىغان مۇنداق پاراڭ يادىمدىن كەچتى: ئالى مەكتەپنى ئىچكىرىدە ئوقۇغان ئىدىم. مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردا يۇرتتىن قېرىنداشلىرىمىز ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى مەن ئوقىۋاتقان ئۆلكىگە كىلەتتى. كۆپۈنچىلىرى بالىلىرىنى دوختۇرخانىغا داۋالىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلسە، يەنە بىر قىسىمى ساياھەت، سودا ئىشلىرى بىلەن كىلىپ كىتىپ تۇراتتى. داۋالىنىش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسى خىتايچە بىلمىگەچكە دوختۇرخانىغا بېرىش، كېسەل كۆرسىتىش، ياتاق ۋە تاماق ئىشلىرىدا بەكلا قىينىلاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا بۇ يەردە مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، ۋاقىتلىرىنى توغۇرلاپ ئۇلارغا دەملىشىپ ياردەم قىلاتتى. ئالى مەكتەپنىڭ كىيىنكى ئىككى يىلى بۇنداق ئىشلارغا خېلى ۋاقىت سەرپ قىلغان ئىدىم. ئاكام قاچان تېلېفۇن قىلسا ھېلى دوختۇرخانىدا، ھېلى ئاشخانىدا دېگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك، ئۇ بەزىدە ” سىز ئوقۇغۇچى تۇرسىڭىز، ئوقۇشىڭىشنى ياخشى ئوقۇسىڭىز بولمامدۇ، بۇ ئىشلارغا ياردەم بېرىدىغانغىمۇ باشقا ئادەم چىقىپ قالىدۇ. ئۇلارمۇ قىززىق، بىرەر ئاي ۋە بەزىدە ئېنىقسىز بىر مۇددەتلىك چىققاندىكىن ئۇ يەرگە، نېمىشقا تونۇش-بىلىشلىرىدىن خىتايچە بىلىدىغان بىرەرسىنى ئېلىپ چىقمايدۇ… ” دەپ قاقشاپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولاتتى. مەن ” ئەمدى قول قۇشتۇرۇپ تۇرغىلى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوش ۋاقىتلىرىمغا (بەزىدە دەرسلىرىمگە توغرا كەپ قالىدىغان چاغلارمۇ بولاتتى لېكىن) توغرا كەلدى ئەمەسمۇ،” دەيتتىم. ئاكام ” بۇ قىلغىنىڭىزنى خاتا دېمەيمەن. ئەمما ھازىر سىز ئۈچۈن ئوقۇش ئەڭ مۇھىم، شۇڭا كىم بىر ئىشىم بار ئىدى، ياردەم بەرگەن بولسىڭىز بولاتتى دېسە كېتىۋەرمەي دەرسلەرگە قاراڭ سىز. بۇنداق ياخشىلىقلارنى قىلىدىغان ۋاقىتمۇ كېلىدۇ. ئادەم بەزىدە بەك كۆڭۈل ئاياپ كەتسىمۇ بولمايدۇ،”  دەپ ئازراق چېچىلىپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئاكام بىلەن ئارتۇق تالاشمايتتىم. چۈنكى ئاكامنىڭ دېگىنىمۇ بىر تەرەپتىن توغرا ئىدى، ئۇ ئىشلارغا مۇھىملىق دەرىجىسىسىگە كۆرە مۇئامىلە قىلىشنى بەكراق توغرا دەپ قارايتتى ۋە بىزنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىش قىلىشىمىزنى ئىستەيتتى. بۇ نوقتىدا ئاكامنىڭ پىكىرىگە بەكراق مايىل ئىدىم ۋە كۆپ ئىشلىرىمغا مۇشۇ ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلاتتىم. ئەمما گەپ باشقىلارغا ياردەم بىرىش، بولۇپمۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ مەندىن ئىستىگىنى قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش بولسا يەنىلا ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئىش قىلىۋېرەتتىم. مېنىڭ چۈشەنچەمدە ياخشىلىق قىلىشنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى بولمايتتى، پەقەت گۈزەل نىيەت ۋە دەرھال ھەرىكەتكە كىلىشلا بار ئىدى. چۈنكى ھېچكىم قاچان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ھەم ياخشىلىق مەيلى قانچىلىك كىچىك بوپ كەتسۇن كېيىن يەنە مۇشۇنداق پۇرسەت بارغۇ دەپ نۆۋەت ساقلاپ تۇرىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى تالىشىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئىش ئىدى. ئەلۋەتتە، باشقىلارغا ياردەم بىرىمەن دەپ ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىغا، مۇھىم ئىبادەتلىرىمىزگە تەسىر يەتكۈزسەك بولمايدۇ. چۈنكى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ھەققىدە سورىلىمىز ۋە ئۆزىمىزدە بولمىغان نەرسىلەرنى باشقىلار بېرەلمەيمىز ۋە قولىمىزدىن كەلمىسە باشقىلارغا ياردەممۇ قىلالمايمىز. شۇڭا مەيلى ئوقۇۋاتقان بولايلى ياكى باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرسى بولايلى، ئالدى بىلەن قىلىۋاتقان ياكى قىلىشنى پىلانلاپ ئۆگىنىۋاتقان ئىشىمىزنى پۇختا ئىگەللىشىمىز كېرەك. بولمىسا پىشقىلداقتەك يا كۆيمەي يا ئۆچمەي تۈتۈن چىقىرىپ تۇرغىنىمىز تۇرغان. ئەلۋەتتە، يۇقاردا دەپ ئۆتۈپ كەتكىنىمدىكىدەك، باشقىلارنىڭ بىزگە ھاجىتى چۈشسە، قولۇمىزدىن كەلسىلا ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىمىزدا ئىككىلى دۇنيادا ئۆزىمىز ئۈچۈن كۆپ ياخشىلىك باردۇر. ھېچ بولمىغاندا ” بۇغداي نېنىمىز بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزىمىز ” بار بولسۇن. ئى اللە، بىزلەرنى ئىبادەتلەرگە ئۆزىنى ئورىدىغان، ياخشىلىققا ئاشىق بەندىلىرىڭنىڭ قاتارىدىن قىلغىن!

رامىزان خاتىرىلىرى — 17- كېچە: ئەركىنلىك نىئمىتى ۋە بىخۇدلۇق ئۇيقۇسى

ئۆلىما-ئۇستازلىرىمىز ۋە شۇنداقلا چوڭلىرىمىز بىزگە ھەمىشە تەكىتلەپ تۇرىدىغان، ئەمما كۆپىنچىلىرىمىز قېرىشقاندەك ھە دەپ قويۇپلا ئۆز يولىمىزغا مېڭىۋىرىدىغان بىر تەۋەررۈك ھەدىس بار. بۇ ھەدىسنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:بەش نەرسە كېلىشتىن بۇرۇن بەش نەرسىنى ياخشى قەدىرلەڭلار. يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى ھاياتنى، ئالدىراش بولۇشتىن ئىلگىرى بوش ۋاقىتنى، نامراتلىققا چۈشۈپ قېلىشتىن ئىلگىرى بايلىقنى، قېرىلىق يىتىشتىن ئىلگىرى ياشلىقنى، شۇنداقلا كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى سالامەتلىكىنى ياخشى قەدىرلەڭلار.
 ئەپسۇسكى، بايام ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكىنىمدەك كۆپۈنچىلىرىمىز بۇ ھەدىسنى كۆپ ئاڭلىغان بولساقمۇ لېكىن ھاياتىمىزغا تەدبىقلاشقا ھۇرۇنلۇق قىلىپ كەلدۇق. بوش ۋاقتىمىز يەتكۈچە بار، لېكىن ئەڭ ئەدناسى پەرىز ئىبادەتلەرنىڭ ۋاقتىغا سەل قارايمىز، شۇنداقلا بوش ۋاقتىمىزنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلىمىز. سالامەتلىك ھەققىدە بۇ ھەدىس بىلەن بىرگە دوختۇرلارنىڭ نۇرغۇن تەۋسىيە ۋە ئاگاھلاندۇرشىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز-يۇ، زىيانلىق نەرسىلەرگە ئۆزىمىزنى ئۇرىمىز. ئەمما بۈگۈنكى ئۆزۈم بىلەن بولغان سۆھبىتىم، مۇھاكىمىلىرىم ئۆزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئېرىشكەن ۋە ئازراقلا دىققەت قىلمىساق ئاسانلا زايا قىلىۋېتىدىغان باشقا بىر نىئمەت، يەنى ئەركىنلىك ئۈستىدە بولىدۇ. 
بۇ يەردىكى ئەركىنلىك مۇتلەق مەنىدىكى ئەمەس، بەلكى سېلىشتۇرما مەنىدىكى نىسپى ئەركىنلىك بولۇپ، چەتئەلنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سېلىشتۇرغاندا مىڭ، ھەتتا ئون نەچچە مىڭ ھەسسە ئەركىن ياشاۋاتىدۇ، ياشاۋاتىمىز. نېمە قىلغۇمىز كەلسە، نېمە دېگۈمىز كەلسە… كۆپ توسالغۇسىز قىلالايمىز. نېمىشقا بۇنى نىئمەت دەيمىز؟ بۇ سۇئال ئەسلىدىنلا بىر ئورۇنسىز سۇئالدۇر. بۇنى قويۇپ مۇھاكىمىنى نېمىشقا ئاسانلا زايا قىلىۋىتىلىنىغان نىئمەت دېگەن سۇئالغا مەركەزلشتۈرەيلى. ئۇزۇن مەزگىل زۇلۇم ئاستىدا ياشىغان، ئەڭ ئەققەللى كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ زۇلۇم تۈگەپ ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىنكى ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل بولىشى مۇمكىن:
بىرىنجىسى، قاتتىق خۇشال بولىدۇ، ئېچىلىپ كۈلۈپ يايرايدۇ ۋە ھەتتا خۇدىنى يوقىتىپ قويىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرىلىدۇ. ئىككىنجىسى، بۇ زۇلۇملارنىڭ تۈگىگەنلىكىگە ھەمدە ئېيتىدۇ ۋە ئائىلىسى ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن نەچچە ھەسسە تىرىشىدۇ، ئەمما بۇنداق ئەھۋال كۆپ نىسپەتنى ئىگەللىمەيدۇ. ئۈچۈنجىسى، ئازادلىقتىن، ھۆرلۈكتىن ھەيران قالىدۇ ۋە نېمە قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىرايدۇ. تۆتىنجىسى، ئادەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم كىشىلەر بۇرۇنقى ھاياتىنى ئارزۇلايدۇ ۋە بۇ ئازادلىققا ئەندىكىش بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە قەپەستىن چىققىلى ئۇنىماي تۇرىۋالىدۇ. ياخشى يىرى بۇنداق كىشىلەر ئاز نىسپەتنى ئىگەللىشى مۇمكىن.
ئەمدى مۇھاكىمىنىڭ ئۆزىگە كىلەيلى. دەل يۇقاردىكىدەك ئەھۋاللار زۇلۇمدىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن كىشىلەردە خالاپ-خالىماي، بىلىپ-بىلمەي يۈز بەرگەچكە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت بۇ نىئمەت ئاسانلا زايا بوپ كېتىدۇ. چەتئەلدە ياشاۋاتقان، ئوقۇۋاتقان، ئىشلەۋاتقان بىزلەر ئاز بىر قىسمىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا ۋاقىتلىق ئەركىنلىكنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتىمىز. ئۇنداقتا بۇ ئەركىن مۇھىتقا بىز قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز؟ تولىمۇ ئەپسۇسىكى، كۆپىنچىلىرىمىز يۇقىردىكى بىرىنجى خىلدىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز، يەنى ۋاقىتلىق ئەركىنلىكنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىۋاتىمىز، قىلمىغاننى قىلىپ، كۆرمىگەننى كۆرىۋېلىشقا جان جەھلىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز ۋە ھەتتا خۇدىمىزنى يوقۇتۇپ ئەسلى مەقسەت-مۇددىئالرىمىزدىن چەتنەپ،ۋەتەندە قېلىپ قالغان ئۇرۇق-تۇققان، ئەل-جامائەتنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. بەزىدە تورلاردا، كوچىلاردا زالىملارنىڭ ئىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ قويۇشلىرىمىز بار لېكىن. ئىككىنجى خىل ئەھۋالدىكى قىز-ئوغۇل ئەزمەتلىرىمىز يوق ئەمەس، ئەمما نىسپەتەن ئاز ساندا بولىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئادەمگە ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد بېغىشلايدۇ. ئۈچىنجى ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان كىشىلەر چەتئەللەردە يوق بولىشى مۇمكىن، بار دېيىلگەندىمۇ ئۇلار ئاللىبۇرۇن باشقىچە بىر ياشاش يولى تاللىۋالغان بولدى. قارايدىغان بولساق، ئەھۋالىمىزدا ئادەمگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان كىچىككىنىە بىر مەنزىرە بولسىمۇ بار ۋە بۇ مەنزىرە ناھايتى ئاستا تەرەققى قىلىۋېتىقلىق. لېكىن ئەركىنلىكتىن خۇدىنى يوقاتقان كىشىلىرىمىز خېلىلا بار ۋە بۇ نىسپەت قۇرامىغا ئەمدى يىتىۋاتقان ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ياش ئەۋلاتلار ئارىسىدا ئېشىۋاتىدۇ. دېمەككى، ۋاقىتلىق ئەركىنلىككە بۇرۇنراق ئېرىشكەن چوڭلار، ئىش بېشىدىكى كىشىلەر، ئاتا-ئانىلار بۇ نىئمەتنى يىتەرلىك قەدىرلىيەلمىگەن ۋە قەدىرلىيەلمەيۋاتىمىز. شۇڭا ئەمدى بىخۇدلۇق ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىساق، ئىشلارنى تەرتىپلىك ئېلىپ بارمىساق، ياش ئەۋلاتلارغا ئىگە بولمىساق بولمايدۇ. بولمىسا قىيامەت كۈنى ئەركىن مۇھىت ھەققىدىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرەلمەي تىلىمىز تۇتىلىدۇ ۋە ئەزالىرىمىز، ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلغان ۋاقىتلىرىمىز… بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھچى بولىدۇ. ئى اللە، بىزلەرنى نىئمەتنىڭ قەدرىنى بىلەلايدىغان كىشىلەردىن قىلغىن. نانكورلادىن بولۇپ قېلىشىمىزدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز.

رامىزان خاتىرىلىرى– 18- كېچە: تەككەببۇرلۇق ۋە مەغرۇلۇق گىرۋەكلىرىدە يۈرۈپ نېمىلەردىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز؟

ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس

 تېخى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى رامىزانغا قوپقاندەك قىلاتتۇق. ئەرشىدىكى زاتنىڭ مەرھەممىتى بىلەن ھەشپەش دېگۈچە بىردەمدىلا 17 كۈننى ئارقىدا قالدۇرۇپتۇق. ۋاقىت راستىنلا تىز ئۆتكەن ئىدى. بۇ بىر نەچچە كۈندىن بويان دەرسكە ماڭغاچ تۇرغاچ قىسمەنلىرىمىزدە ساقلىنىۋاتقان، ئىككىلى دۇنيادا بىر مۇسۇلمانغا نىسپەتەن زىيىنى بەكلا چوڭ بولغان بىر ئىللەت- روھى كېسەللىك ھەققىدە ئويلىنىۋاتاتتىم. بۈگۈن كەچ بەك چارچاپ كەتكەنلىكىمدىن بولسا كېرەك، تىراۋىھ نامىزىنىڭ يېرىمىغا ئاران چىدىدىم. كۆزۈم ئېچىشىپ پەقەت ئارام بەرمىدى ۋە مەيۈسلەنگەن ھالدا ياتىقىمغا قايتتىم. كاللامدا نەچچە كۈندىن بۇيانقى تەھلىللەر ئۇيان-بۇيان ئۇچۇپ يۈرەتتى. بۇ ئىللەت ئىبلىسنىڭ ئەبەدىي قاغىشتەككۈر ۋە قوغلاندى بولىشىغا، ئاخىرەتتە دوزاققا مەھكۇم بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. اللە نىڭ دەرگاھىدىن قوغلىنىشتىن، اللە نىڭ نەزىرىدىن دوزاقنىڭ ئەڭ تىگىگە چۈشۈپ كېتىشتىنمۇ چوڭ زىيان بارمۇ بىر يارالغۇچىغا؟ بۇ گەپ دىنسىزلارغا، قىيامەت كۈنىگە ئىشەنچىسى سۇس بولغان كىشىلەرگە نىسپەتەن كۈلكىلىك ئاڭلىنىشى ياكى بۇنداق سۆزلەر ئۇلارغا قىلچىلىك تەسىر قىلماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئەمما بىر مۆئمىنگە نىسپەتەن اللە نىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىش ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق. اللە نىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتۇقمۇ، بىزنى قۇتقازغۇچى بولمايدۇ. خوش، ئۇنداقتا، ئىبلىسنىڭ قوغلاندى بولىشىغا، اللە نىڭ نەرىزىدىن مەڭگۈ چۈشۈپ كېتىشىگە زادى نېمە سەۋەب بولدى؟ بىرلا نەرسە، يەنى ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى. تەكەببۇرلۇق ئۆزىنى باشقىلاردىن چوڭ تۇتۇشتۇر، تەكەببۇرلۇق باشقىلارنى ئەرزىمەس نەرسە ئورنىدا كۆرۈش، ئۆزىگە قاتتىق تەمەننا قويۇشتۇشتۇر. تەكەبۇرلۇقنىڭ ئەڭ يامىنى ياراتقۇچىنىڭ ئەمرىدىن چىقىشتۇر. قارايدىغان بولساق، تەككەببۇرلۇق قانداقتۇر بىلمىگەنلىكتىن ياكى قول ئىلىكىدا بولمىغانلىقتىن، مەرتىۋسىنىڭ يوقلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچەكۆپۈنچە ئەھۋالدا بىلگەنلىكتىن، قول ئىلكىدە يەتكۈچە بولغانلىقتىن ۋە مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقتىن كېلىپ چىققاندۇر. بۇنداق دېگەنلىك بىلگەن كىشى، باي ۋە مەرتىۋىلىك كىشى تەكەببۇر بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ھەقىقىي ئالىم-بىلىم ئىگىسى تەكەببۇر كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىنى بىلگۈچى زات ئالدىدا پەقەت يىڭنە چاغلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىمۇ ياراتقۇچى زاتنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئىنايىتى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدا تەكەببۇرلۇق تېپىلسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ئالىم ئەمەس. ئوخشاشلا ھەقىقىي بايلىق ئىگىسىمۇ قول ئىلىكىدىكى بۇ نەرسىلەرنىڭ پۈتۈن خەزىنىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان اللە نىڭ ئالدىدا دېڭىز سۈيىنىڭ بىر تامچىسىچىلىك، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەم اللە نىڭ بىر سىنىقى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بۇ تەرەپتىن ئېيتقاندا ھەقىقىي باي كىشى ھەم ئىلىم ئەھلىدۇر ھەم بايلىق ئىگىسىدۇر. ناۋادا بىر بايدا تەكەببۇرلۇق مەۋجۇت بولسا، ئۇ باي ھەقىقىي باي ئەمەس، بەلكى بىر پىخسىقتۇر، مال-دۇنياغا بىرىلگەن، ئۆزىنى ئۇنۇتقان بىرسىدۇر. يەنە ئوخشاشلا، مەرتىۋىگە، ھوقۇققا ئىرىشكەن كىشىمۇ، ئەگەر شۇ كىشى ھەقىقى ھوقۇقدار، مەرتىۋە ئىگىسى بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ اللە نىڭ ئالدىدا ھوقۇقدار ئەمەس بەلكى سورالغۇچى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. گەپنىڭ ئۆزىگە قايتساق، بىلىشتىن ئىبارەت بۇ پەزىلەتكە ئىلگىرى دەپ ئۆتۈپ كەتكەن ھەسەتتىن ئىبارەت ئىللەت قېتىلسا، بۇنىڭغا مەنمەنچىلىك، پىخسىقلىق ۋە جاھىللىق يانداشسا تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت مۇسۇلمانغا ئىككىلى دۇنيا چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ھەم ماددىي ھەم روھى كېسەللىك بولغان بۇ مەرەز مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە بىخ سۈرىدۇ، ئاستا-ئاستا چوڭىيىدۇ ۋە شۇ ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتسە، اللە ساقلىسۇن، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ ھىدلىيالمايدۇ. شۇڭا بىر مۇسۇلمان ھەر دائىم قەلبىنى تەكشۈرۈپ تۇرىشى، قەلبىدە تەكەببۇرلۇق بىخلىرى ئۇچراپ قالسا دەرھال يولۇپ تاشلىشى ۋە زىكىر-تەسبىھلەر بىلەن دىلىنى سوغۇرۇپ تۇرىشى كېرەك. اللە نىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ مەنىسىنى بېلىش ۋە ئۇلارنى ھەرۋاقىت خاتقرىلەپ تۇرۇش، شۇنداقلا اللەنى كۆپ ئەسلەش تەكەببۇرلۇق ئورۇقىنى قۇرىتىدىغان بىردىنبىر ئۈنۈملۈك دورىدۇر. بۇ دورىدىن كۆپ ئىستىمال قىلىپ تۇرايلىكى، بۇنىڭ ھېچبىر ئەكىس تەسىرى يوقتۇر.

رامىزان خاتىرىلىرى– 19- كېچە : ” لېكىن، ئەمما ” نىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان بىز

بۈگۈن بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيىگە ئىپتارلىققا باردۇق. ئىپتاردىن كېيىن ھەرخىل تىمىدا ئۆزىمىز بىلگەنچە سۆھبەتتە بولدۇق. يەنى ئۇ تېمىنى، بۇ تېمىنى مۇلاھىزە قىلىپ دېگەندەك. مۇساپىرچىلىقتا بۇنىڭغا ئوخشاش بىر يەرگە يىغىلىپ تاماق يىگەچ، ئانا تىلىنىڭ لەززىتىنى سۈرۈشمۇ باشقىچە بىر ھۇزۇر ئىدى. ئەمەلىيەتتە رامىزاندىكى بەرىكەت بىزنى بىر يەرگە جەملىگەن ئىدى. تىما بىردەم قانداق قىلغاندا كۆپرەك پۇل تاپقىلى بولىدىغالقىنى چۆرىدىسە، گاھىدا بويتاقلارنىڭ بۇرۇنراق ئۆيلىنىۋېلىشى ھەققىدە بولىناتتى. دېمىسىمۇ بۇ ئىككى تىما چەتئەلدە ياشاۋاتقان ياشلار ئارىسىدا دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان تىما بولسا كېرەك. ئۇنى دېمىسىمۇ چەتئەلدە مۇساپىرچىلىقتا ياشاۋاتقان كۆپۈنچىلىرىمىز ئىلگىرى تاپقان پۇللارنى خىراجەت قىلاتتۇق. ئوقۇغۇچىلار بولسا بەزىلىرى مۇشۇ دۆلەت ياكى خەيرى- ساخاۋەت ئورۇنلىرى تەمىنلىگەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا تايانسا، يەنە بىر قىسمى ئائىلىسى سالىدىغان پۇلغا تايىناتتى.
 قېرىشقاندەك ۋەتەن ئىچىدىكى ۋەزىيەت بىردەمدە ئۆزگەردى. ۋەتەن سىرتىغا پۇل سېلىش بەكلا تەسلەشتى. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى كېسىلدى. يەنە كىلىپ چەتئەلدە ئىش تاپماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ھەم بۇرۇندىن باشلاپلا ئوبدان يەپ، يىنىك ئىشلەپ كۆنۈپ قالغان ئاقپىشماق بىزلەر ئېغىر ئىشلارنى قەتئىي ياراتمايمىز ياكى ئۇنداق ئىشلارنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالمايتتۇق. بۇنداق كېتىۋەرسەك يانچۇق بىرەر يىلغا بارمايلا قۇرۇقدىلىپ قالاتتى. شۇڭا بىر ئاماللارنى قىلىپ پۇل تاپمىساق، تاپقاندىمۇ كۆپلەپ تاپمىساق چەتئەلدە بوينىمىز ھازىرقىدىن بەكراق قىسىلىپ قالاتتى. شۇڭىلاشقا ياشلار بىر يەرگە كەلسىلا ئىگىلىك تىكلەش ۋە چەتئەلدە پۇت تىرەپ تۇرۇش ھەققىدە پىكىرلەر بولىنىشى تەبىئىي بىر ئىش ئىدى. ئەمدى بويتاقلىق مەسىلىمۇ چەتئەلدىكى ياشلار دۇچ كىلىۋاتقان ۋە خېلى قىينىلىدىغان بىر مەسىلە ئىدى. ئوقۇيمەن، ئۇنى قىلىمەن، بۇنى قىلىمەن دەپ يۈرۈپ ياش بىر يەرگە بېرىپ قالغان، يۇرتقا قايتاي دېسە تېخى، ئۆيلىنەي دېسە تېخى، يانچۇقتىكى ئىقتىسادنىڭ تايىنى يوق، بىر جېنىمنى ئاران بېقىپ كېتىۋاتقان تۇرسام، يەنە بىر جاننىڭ ھۆددىسىن قانداق چىقىپ بولىمەن دەپ ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز قورقۇپ ياشاتتۇق. يەنە كېلىپ چەتئەللەردە مۇۋاپىق بىر نامزات تېپىشمۇ بىر مەسىلە ئىدى. 
دېمەككى، چەتئەلدە ياشىماق، ئوقىماق، ۋە شۇنداقلا بىر ئىش قىلىپ ئاخىرىغا ئاچىقماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى. ۋەتەندە چەتئەل ھەققىدە قىلغان گۈزەل خىياللىرىمىز چەتئەلگە ئايىغىمىز تىگىپ ئۇزاققا بارمايلا بەرپات بولاتتى. چەتئەل ئىرادىمىزنى تاۋلايتتى، ئىمانىمىزنى سىنايتتى. يۇقاردىكى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، ئەمەلىيەتتە بىز سىنىلىۋاتاتتۇق، ئىمانىمىز سىنىلىۋاتاتتى، ئىرادىمىز تاۋلىنىۋاتاتتى. ھەم ئىمان جەھەتتىكى ئاجىزلىقىمىز مانا مەن دەپ چىقىپلا قالغان ئىدى:
 بىرىنچىدىن، ھەر بىر جان ئۆز رىسىقى بىلەن يارىتىلغانلىقىغا تازا چىن پۈتمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدۇق، يەنى اللە نىڭ ھەممە جاندارغا رىزىق بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق-يۇ، بۇ ئىشەنچىمىزنىڭ ئارقىسىغا ” لېكىن ” قوشۇلۇپ قالغان ئىدى. 
ئىككىنچىدىن، بەزىلىرىمىز ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا شۇنچىلىك چۆكۈپ كەتكەن ئىدۇقكى، ھەتتا اللە نىڭ ئىنايەت ۋە رەھمىتىدىنمۇ ئۈمىد ئۈزگىلىۋاتاتتۇق. ئىمانىمىزنىڭ ئاخىرىغا قېتىلىپ قالغان ” لېكىن ” سۆزى اللە قا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرغان بولسا، ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىشىمىز بىزنى تەۋەككۇلدىن، تىنماي سەۋەپ قىلىشتىن مەھرۇم قىلغان ئىدى.
 ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، يەنى اللە قا تەۋەككۇل قىلىشتىن يىراقلاپ كەتتۇق، ئۈمىدسىزلىككە ھەم ئەسىرگە چۈشتۇق، ھەممە ئىشىمىز يۈرۈشمەيتتى، ئارىسالدىلىقتا كۈن ئۆتكۈزەتتۇق، ئىبادەتلىرىمىزدىن نە ھۇزۇر تاپاتتۇق، نە دۇئالىرىمىز قۇبۇل بولاتتى. بۇنداق دېگەنلىك پىلانسىز، تەرتىپسىز بول دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ” تۆگەڭنى ئوبدان باغلاپ قويۇپ اللە قا ھەقىقى مەنىدىن تەۋەككۇل قىل” دېگەنلىك ئىدى. بىز دەل مۇشۇ ئىشەنچتىن ۋە تەۋەككۇلدىن ئايرىلىپ قالغىلىۋاتاتتۇق.

رامىزان خاتىرىلىرى– 20- كېچە: ” قۇسۇرچى ” سۆيۈملۈكلەر

بىردەمدىلا رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىگە قەدەم قويدۇق. رامىزان باشلانغان كۈنىلا ھەركۈنى ئاخشام ئۆزۈم ئويلىغان نەرسىلەرنى خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭىمەن دەپ نىيەت قىلغان ئىدىم. نىيىتىمگە يارىشا ئۆزۈم بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمنى خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىشقا تىرىشتىم. بەزىدە ئىلگىرىكى خاتىرىلەرنى يېنىشلاپ ئوقۇپ باقاتتىم، ئەپسۇسلىناتتىمكى، ئانا تىلىمدا ئويلىغانلىرىمنى ئىپادىلەشتە خېلى قىينىلىۋاتاتتىم، ئويلىرىمنى راۋان، ھەممە چۈشىنەلىگۈدەك، لوگىكىلق بىر نەچچە جۈملە بىلەن ئىپادىلىيەلمەي جىلە بولاتتىم. يەنە بىر تەرەپتىن خۇددى بىزدە ئادەمنى سۆيۈندىرىغان خىسلەتلەر يوقتىكىدەك ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەر ھەققىدە بەكراق توختالغاندەك قىلاتتىم.
 ئەلۋەتتە، بىزدە خېلى كىشىلەردە بولمىغان خىسلەتلەر تېپىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەن ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ۋە سۆيىنىدىغان بىر خىسلەت كۆپۈنچىلىرىمىزنىڭ مەيلى قەيەرگە بارمايلى يىمەك-ئىچمىكىمىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ئىدى. بۇ ئىشلارغا دەسلىپىدە يۇرتتىكى ۋاقىتتىلا دىققەت قىلغان ئىدىم. نۇرغۇن كىشىلىرىمىز سىرتتىن تاماق يېيىشكە توغرا كەپقالسا تاماقخانىلارنى بەك خىللايتتى ۋە ئۇ ۋاقىتلاردا ئاشخانا لوزىنكىلىرىدىمۇ شۈبھىدىن خالى دېگەندەك گەپلەرنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. بۇنىڭدىن كىشىلىرىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ پاكىز ۋە شۈبھىدىن خالىلىقىغا جىددىى قارايدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى. يۇرتتىكى چېغىمدا بۇنداق قۇسۇرخور بولۇپ نېمە پايدىغا ئېرىشەرمىز دەپ ئويلاپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولاتتى. كىيىنچە ئىچكىرىگە كىردىم. بۇ جەرياندا تۈرلۈك كىشىلەر بىلەن تۇنۇشتۇم. ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىلىرى چوشقا گۆشىدىن باشقا نەرسە بولسىلا، گۆشنىڭ قانداق تەييارلانغانلىقىغا، كىمنىڭ قولىدا ۋە قەيەردە تەييارلانغانلىقىغا قاراپمۇ قويماستىن يەۋىرەتتى. ھەتتا ئانا تىلى ئەرەپ تىلى بولغان، چۈشەنچەمدە قۇرئاننى چۈشىنىشتە قىينالمايدىغان ئەرەپلەرمۇ نە يىمەك-ئىچمىكىگە دىققەت قىلاتتى، نە كىشىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ بۇيرۇلغان چەك ئىچىدە بولىشىنى ئويلاتتى. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىرىنى بەك ئاز ئۇچرىتاتتىم. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى يىمەك-ئىچمەكتە خېلى قىينىلىدىغانلىقىغا قارىماي ئالدى-كەينىگە قارىمايلا ئۆزىنى يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىگە ئۇرمايتتى؛ سىرتقا چىقىپ تاماق يەيدىغان بوپ قالسا، تۇڭگان ئاشخانىلىرىنى ۋەياكى شۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسىنى ئىزدەپ تاپاتتى؛ تاللا بازىرىدىن ئالىدىغان نەرسىلەرنىڭمۇ مۇسۇلمانچە ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىپ قوياتتى. (خىتايلارنىڭ ئىچكىرى تولۇق سىياسىتىنىڭ ئاسارىتىدە ئەسلى كىملىك ۋە ئىتىقادى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەردىن مەھرۇم قېلىپ، يىمەك-ئىچمىكىگە ئانچە دىققەت قىلمايدىغان ئاز ساندىكى بالىلارمۇ بار ئىدى ئەلۋەتتە.) بۇلار مەن كۆرگەن ئەرەپ دۆلەتلىرى ۋە باشقا ئاھالىسى مۇسۇلمان سانىلىدىغان بەزى دۆلەتلەردىن كەلگەن، ھەتتا خەنزۇ ئاشخانىلىرىغىمۇ كىرىۋىرىدىغان (چوشقا گۆشى بولمىسىلا، باشقا تاماقلارنى يىسە بولۇۋىرەتتى ئۇلارچە) كۆپۈنچە چەتئەللىكلەر بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ئىدى. كېيىنچە چەتئەلگە چىقىش نىسىپ بولدى، ئۇ تەرەپلەردىمۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەيدىغان نەرسىلىرىگە ئاجايىپ دىققەت قىلىدىغىنى كۆردۈم. كېيىن تۈركىيىگە كەلدىم. تۈركىيە مەيلى تىل، مەدەنىيەت، ئۆرۈپ-ئادەت، مەيلى ئىتىقاد جەھەتتە  بىزگە ئاجايىپ يېقىن بىر دۆلەت بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولاتتى. ئەمما بىز گۆش ئالغاندا دۇكانداردىن ” مۇسۇلمانچىمۇ، تەكبىر چۈشۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلگەنمۇ؟ ” دەپ سوراپ قوياتتۇق؛ سىرتتىن تاماق يىيىشكە توغرا كەپ قالسىمۇ، ئاشخانىلارنى ئىلغايتۇق. (بەلكىم باشقا ئەللەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلاردىنمۇ بىزدەك قىلىدىغانلىرى باردۇر. ئەمما مەن ئۇچراتىمىدىم.) دېمەك، بىز بۇ يەردىمۇ شۇنداق ” قۇسۇرخورلۇق” قىلاتتۇق.
ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن بىزگە ئەنئەنە بولۇپ قالغان نۇرغۇن يارقىن خىسلەتلىرىمىزمۇ بار. ئەمما ئەندىشە شۇكى، بۇ خىسلەتلىرىمزگە چىڭ چاپلىشىپ ياشىيالامدۇق ھەم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدىغان ئەۋلاتلارنى يىتىشۈرەلەمدۇق؟ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىمىزنى ۋە تۆت ئەتراپىمىزدىن يۇپۇرلۇپ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى ئويلاشقىنىمىزدا، بۇ ھەققىدە  راستلام ئەندىشىلەنمىسەك بولمايدۇ. ئەگەر بۇلاردىن ئەنسىرىمىسەك، چۆچۈپ دەرھال ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتمىسەك، بۇ ئەندىشىلىرىمىزنىڭ رىئاللىقا ئايلىنىشى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ تىز بولىشى مۇمكىن. ئەكسىچە بولغاندا، ئەنسىرەشلىرىمىز خۇشاللىقىمىزغا ئايلىنىپ، تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق تىلىمىز ۋە دىنىمىزنى ئۆز ئىچىگە  ئالغان قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزنى ۋە باشقا ئىسىل خىسلەتلىرىمىزنى ئۆزىمىز ئەۋلاتلارغا ھېچ توسالغۇسىز ئۈگىتەلەيدىغان گۈزەل بىر كەلگۈسىنى بەرپا قىلالايمىز. ئاللا مۇشۇ يولدا جاپا چىكىۋاتقانلارنىڭ قەدەملىرىنى مۇستەھكەم، ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن! بۇ يولغا قەدەم ئېلىۋاتقانلارنىڭ يوللىرىنى ئۇچۇق قىلسۇن! ئۆز چىگىرىلىرىنى، ئەنئەنىلىرىنى قوغداپ ياشاۋاتقان ئائىلىلەرگە ئاسايىشىلىق ۋە بەرىكەت ياغدۇرسۇن!

رامىزان خاتىرىلىرى: 22- كېچە

اتۇنۇشلارنى تۇنۇشتۇرىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەيدىغان، ئارىدىكى ئادەۋەتلەرنى يۇيىدىغان، تىلغا شۇنچىلىك يەڭگىل بىر جۈملە سۆز بار. شۇنداق بولىشىغا قارىماي ياشاش ۋە تەپەككۇر ئادەتىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ باھالىرىغا كۆرە بۇ سۆزنى ئېغىزىمىزدىن چىقارماقنى مۈشكۈل قىلىۋالدۇق. ناۋادا قارشى تەرەپ ناتۇنۇش ياكى بىز ئازارلىشىپ قالغان، كۆزىمىزگە سەت كۆرىنىدىغان، ئۆزىمىز ياقتۇرمايدىغان بىرەرسى بولۇپ قالدىمۇ، بولدى، ئۇلارغا بۇ سۆزنى قىلىش تۈگۈل چىرايمۇ ئاچمايمىز. جەزىم بىلەن ئېيتىمەنكى، بۇ قىسقا جۈملىنىڭ قايسى جۈملە ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەر ئاللىقاچان پەرەز قىلىپ بولدى. ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە، چۈنكى ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ ئىلگىرى ۋە ھېلىمۇ بۇ كەلىمىنى يېقىنلار، دوست-يارەنلەر ئارىسىدا كۈندە دېگۈدەك ئىشلىتىمىز.بۇ كەلىمە دەل سالامدۇر، يەنى اللە ۋە اللە نىڭ رەسۇلى بىزگە ئۈگەتكەن، جەننەت ئەھلىنىڭ بىر-بىرىگە قىلىدىغان سالامى بولغان ئەسسالامۇئەلەيكۇم دۇر. لېكىن بۇ سالامنىڭ، بىرىنچىدىن اللە نىڭ ئۈگەتكەنلىكىگە، ئىككىنچىدىن جەننەت ئەھلىنىڭ سالىمى بولغانلىقىغا قارىماي ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئارىمىزدا سالامنى يېيىشقا سەل قارىشىمىز ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق ئىككى مىسال بىلەن بىزنىڭ سالامدىن قانچىلىك چىقىپ قالغانلىقىمىز ۋە بوۋىلىرىمىزنىڭ سالامغا قانداق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قىياس قىلغۇم كەلدى.
بىرىنجى مىسال:
ياتىقىمنىڭ يېنىدا كىچىككىنە بىر مەسچىت بار ئىدى. ھەركۈنى نامىزىمنى ئامال بار مەسچىتتە ئوقۇيتتۇم. ئادەتتە نامىزىمنى ئوقۇپ بولۇپلا ئىشىمغا ماڭىدىغان بولغاچقا ئىمام ۋە بىر قانچە كىشىدىن باشقا كۆپ جامائەتلەر بىلەن تېخى تونۇشۇپ بولالمىغان ئىدىم. شۇڭا كوچىلاردا ئۇچراپ قالسىمۇ ئاساسەن تۇنىمايتتىم ۋە ناۋادا ئۇچراپ قالسىمۇ كۆنگەن ئادىتىم، يەنى ناتۇنۇشلارغا سالام بەرمەيدىغان ئادىتىم بويىچە سالام قىلماسلىقىم ئېنىقراق ئىدى. يەنە كىلىپ تۇنۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام بەرمەسلىك ئومۇمىي مۇسۇلمانلاردىكى بىر ئادەت بولسا كېرەك، بۇ يەردىكى جامائەتلەرمۇ مېنى يوللاردا ئۇچرىتىپ قالسا مۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىشى ئېھتىمالغا بەكراق يېقىن ئىدى. بىر كۈنى ئالدىراش مەكتەپتىن قايتىۋاتاتتىم. بىر كىشىنىڭ ئەسسالامۇئەلەيكۇم دېگەن ئاۋازى دىققىتىمنى بۆلىۋەتتى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ سالام قايتۇردۇم ۋە مەندىن ئاللىقاچان بەش-ئالتە قەدەم ئۇزاقلىشىپ بولغان بۇ ئادەمگە قايتا قارىدىم. بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب شۇنچىلىك ئېنىق، يەنى بۇ كىشىنى خاتىرلىيەلمەيۋاتاتتىم. ئۇ ئاكىمىزمۇ بۇنى ھىس قىلدى بولغاي، ناماز ئوقۇغان ئىشارىتى قىلىپ ياتىقىمنىڭ يېنىدىكى مەسچىتنىڭ جامائىتى ئىكەنلىكىنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئەسكەرتتى. بۇ ئاكىمىز بىلەن كۈلۈمسىرەپ خوشلاشتىم، ئەمما كاللامدا بىر خىل ئىكىلىنىش: يا ئۇنى تۇنىمىسام، قانداقسىگە ماڭا سالام قىلىدىغاندۇ. كېيىن يولدا ماڭغاچ ئۆزۈمنىڭ بۇ ئويلىرىدىن خىجىل بولۇپ كەتتتىم. ئەجىبا بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا سالام بىرىشىگە بىرەر سەۋەپ كىتەمدۇ؟ ياق،سالام قىلىش، يەنى ئەھۋال سوراش- قىلىشقا تىگىشلىك ھەم شۇنچىلىك گۈزەل بىر پەزىلەت ئىدى. بەلكىم بۇ خاتىرىنى ئوقۇپ ئولتۇرغان قېرىنداشلرىمنىڭ ئارىسىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا يولۇققانلار، تۇيۇقسىز قىلغان سالامدىن ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالغانلار، ۋە ھەتتا ناتۇنۇش سالام بەرگۈچىنى كاللىسىنىڭ سۈيى بار بىرىمۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالغانلار بولىشىمۇ مۇمكىن. دېمەككى، سالامدىن، بولۇپمۇ ئۆزىمىز تونىمايدىغان كىشىلەرگە سالام بېرىش ۋە ئۇلارنى سالامىنى ئىلىك ئېلىشتىن خېلىلا چىقىپ قالغان ئىدۇق. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا رەھمەتلىك بوۋامنى سېغىنشتا ئەسلەپ قالىمەن.
ئىككىنجى مىسال:
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بوۋام مەھەللىمىزدىكى كىچىك مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىدى. گەرچە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى يەتكۈچە بولسىمۇ، قۇرئانغا ئاجايىپ مۇھەببىتى بار ئىدى بوۋامنىڭ. قاچانلا چوڭ ئۆيگە كەلسەم بوۋامنىڭ قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغان ھالىتى كۆرەتتىم. بوۋامنىڭ بازارغا بېرىپ-كىلىش ياكى تۇققان يوقلاپ قايتىش يولىدىمۇ ھارۋىدا ئولتۇرۇپ بىرەر پارە قۇرئاننى يادىغا تۈگىتىدىغانلىقىنى ئانام سۆزلەپ بېرەتتى ۋە ئۆزۈممۇ بەزىلىرىگە شاھىد بولغان ئىدىم. بوۋامنىڭ ئادەمنى ئەڭ سۆيۈندىرىدىغان يەنە بىر ئىشى بولسا يولدا ئۇچرىغان ھەممە ئادەملەرگە سالام بېرىپ مېڭىشى ئىدى. شۇ سەۋەپتىنمىكىن بوۋامنى بۇ كىچىك يېزىدىكى كۆپىنچە كىشىلەر تۇنۇيتتى. بوۋام سالامنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىكى، تاغام بوۋام بىلەن بىرگە بازارغا بېرىشنى ياقتۇرمايتتى، سەۋەبى ” دادام كىم ئۇچرىسا سالام بېرىپ ۋاقىتنى ئالىدۇ. ئادەم سالام بېرىپ بولالماي ھېرىپ كېتىدۇ.” دىيىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بىر كەنتتىكى ھەممە ئادەملەر ئاساسەن تونۇشاتتى. ئۇلارنى تونۇشتۇرغىنى دەل سالام ئىدى؛ ئۇ ۋاقىتلاردا سالام گەرچە ئۇنداق كەڭ ئومۇملاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما دەۋرىمىزدىدىن خېلى كەڭ ئومۇملاشقان دېيىشكە بولاتتى.
دېمەككى، ئاتا- بوۋىلىرىمىز سالامغا ئەھمىيەت بېرەتتى. ئەمدى ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىزدە شۇنداق بىر ئەندىشە ۋە قورقۇنۇش بار ئىدىكى، ھەممە خەۋپ، زىيان ئۆز قېرىندىشىمىزدىن كېلىدىغاندەك بىر تۇيغۇدا ياشايتتۇق؛ چەتئەلەردە بىرەر ئۇيغۇر كۆرسەك، سالام بەرمەكتە يوق ئۈركۈپ ماڭىدىغانلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس؛ ئۆزىمىزنى ئارىنى تۈزەيدىغان، قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلاشنى ھارام دەپ قارايدىغان ئۈممەتنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ھىسابلايتۇق-يۇ، لېكىن ۋەتەندە، ھەتتا مۇساپىرەتتىمۇ بىلمەستىن بىرەرسى بىلەن ئاداۋەتلىشىپ قالساق،باشقىلارنىڭ سۆزى قولىقىمىزغا ياقمىسا، ئۇلارنى ئەپۇ قىلماق، ئارىنى ياخشىلىماق ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلاردىن ئاغىرىنىش، ئارىنى تېخىمۇ بۇزۇش ۋە ئامال تېپىپ ئۇلارنى تازا بىر ” ئەپلەپ قويۇش ” كويىدا يۈرىدىغانلىرىمىزمۇ بار؛ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز، قېرىنداشلىرىمىزدىن قورقاتتۇق،ئۈركىيتۇق، زالىم خىتتايلار ۋە ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان، دۇنياغا بېشىچىلاپ دۈم چۈشكەن بەزى كىشىلەرنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى، ئۇلارنىڭ تاكتىكىلىرى بىزنى شۇنداق ئۈركىگەك، زىيادە ئىھتىياتچان ۋە گۇمانخور قىلىپ قويغان ئىدى. ئىھتىياتچان ۋە ئۆزىگە پۇختا بولۇش ياخشى بىر ئىش. ئەمما بىر-بىرىمىزدىن ئۈركۈش ۋە يامان گۇمان بىلەن ئىھتىياتچانلىق يولىنى تۇتۇش مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئەمەس. توغرا ئۇسۇل يەنىلا سالاملىرىمىزغا قايتىشتۇر. قاچانكى سالاملىرىمىزغا قايتۇق، ئارىمىزدىكى ئىشەنچ بېغى كۈچىيىدۇ.

رامىزان خاتىرىلىرى–23- كېچە: مەن راستىنلا كىتاپ ئوقامدىم؟

كىتاپ ئوقۇش ئادەمنىڭ مەنىۋىيتىنى بېيىتىدۇ. كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق بىلمىگەن بىلىملەرنى، بىلىنمىگەن تارىخلارنى… ھەرخىل نەرسىلەرنى ئۆگىنىەلەيمىز. ئەمما بىز قانچىلىك كىتاپ ئوقۇيمىز؟ بۇنى بەلكىم ئېنىق تەكشۈرگىلى بولمىسا كېرەك. ئالدى بىلەن ئۆزۈمگە بىر قاراپ باقاي. 
بۇ يىل مۇساپىرچىقلىقتا ھازىرغىچە ئالغان كىتابىم ئۈچ دانە، تەكرار ئوقۇپ تۈگەتكىنىم بىر دانە؛قالغان ئىككىسىنىمۇ يېڭىدا سېتىۋالدىم، ئوقۇشنى پىلانلاۋاتىمەن. يەنە بىر قانچە كىتاپنى ئارىيەت ئالغان ئىدىم، ئىككىسنى ئوقۇپ يېرىپ قىلىپتىمەن. دېمەككى، مەن بۇ يەتتە ئاي ئىچىدە ھېچقانچە كىتاپ ئوقۇمىغان ئىدىم. ئالدىنقى يىلى ئوقىغان كىتاپلىرىمغا سېلىشتۇرغاندا كىتاپ ئوقۇمۇدۇم دېسەممۇ بولاتتى. ئۆزۈمنى خېلى كىتاپخۇمار بىرى دەپ ئويلايتتىم، ھازىر بۇنداق ئويلاشتىنمۇ بىر خىل خىجىل بولىۋاتىمەن. ئۇنداقتا، بۇ يەتتە ئاي ۋاقتىم زادى قەيەرگە كەتتى، بىكارغىلا ئىسراپ قىلىۋەتتىممۇ؟ ماڭغان يولۇمغا، قىلغان ئىشلىرىمغا بۇرۇلۇپ قاراپ باقتىم: 
يېڭى بىر تىلنى ئۆگۈنۈپ يېرىم قىلغان بوپتىمەن، دەرس ئۆتكەن بوپتۇمەن، يېڭى يەرلەرنى كۆرگەن، يېڭى كىشىلەر بىلەن تۇنۇشقان بوپتۇمەن. ۋاقىتلىرىم ئاساسەن مەكتەپ بىلەن ياتاق ئارلىقىدا ئۆتۈپتۇ. بىر قارىسام ھېچ ئىش قىلمىغاندەك، بىر قارىسام ئاز-پاز بىر نەرسە ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەندەك. زادى كىتاپ ئوقۇشتىن چىقىپ قالدىممۇ؟ راستىنى ئېيتقاندا سېستىمىلىق كىتاپ ئوقۇشتىن چىقىپ قالغاندەك تۇراتتىم. ھەركۈنى دېگۈدەك بىر نەرسە ئوقۇپ تۇردۇم، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى تور دۇنياسىدىكى پارچە-پۇرات يازمىلار ئىدى. ئەلۋەتتە، تور دۇنياسىغا يوللانغان يازمىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنداق كىچىك، پۈچەك يازمىلارمۇ ئەمەس، تور دۇنياسىدا مەتبۇئاتلار كۆرسىمۇ ئارقىغا يېقىلىپ چۈشكۈدەك تېرەن يازمىلار، تەپسىلىي يېزىلغان تەتقىقات ۋە تەھىل خارەكتىرىدىكى ماقالىلەر، ھىكايە، سەزگۈرەشتىلەر… ھەم بار. ئويلاپ باقسام مۇشۇنداق ماقالە، يازمىلاردىن خېلى ئوقۇپتىمەن. تور دۇنياسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ يېڭىلىنىشى تىز، مەزمۇنلارنىڭ بەكلا رەڭدار بولىشى دەل يۇقاردىكىدەك سېستىمىلىق كىتاپ ئوقۇشتىن چىقىپ قېلىشىمغا سەۋەپ بولغاندەك قىلاتتى. بەلكىم ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىمۇ ماڭا ئوخشاش بىر ھىسياتقا كېلىپ قالغانلار بولىشى مۇمكىن. ھېس قىلىشىمچە بۇنداق ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىۋېرىشى گەرچە ئادەمنىڭ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەركىتىگە ئۈن-تۈنسىز تەسىر قىلىپ روھىيتىنى بېيىتسىمۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇرمەننىڭ ياكى ئۆگەنگۈچىنىڭ سېستىمىلىق بىلىم ئىگەللىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. شۇڭا سېستىمىلىق كىتاپ ئوقۇشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلمىسام بولمايتتى. ئۇنداقتا، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
 ئالدى بىلەن ئۆزۈم قىزىقىدىغان ساھەلەرگە ئائىت كىتاپلارنىڭ تىزىملىكىنى تۈزىۋېلىشىم ۋە ئوقۇشنى شۇ تىزىملىك بويىچە باشلىشىم كېرەك. مايمۇندەك ھېلى ئۇ كىتاپقا، ھېلى بۇ كىتاپقا، ھېلى ئۇ يازمىغا، ھېلى بۇ يازمىغا چاچراپ يۈرسەم، بىر قارىسا ھەممە نەرسىنى بېلىپ كەتكەندەك، ئەمەلىيەتتە بولسا ھېچنىمە بىلمەيدىغان بىرىگە ئايلىنىپ قالاتتىم ۋە بەك شالاقشىپ كېتەتتىم. بۇ ئەھۋال ھەم ئۆزۈمگە ھەم ئۇرۇق-تۇققانلارغا، ئەتراپىمدىكى ماڭا دىققەت قىلغان ۋە ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان دوست-يارەنلىرىمگە پايدىسىز ئىدى. شۇڭا كىتاپ ئوقۇمىسام، ئوقۇغاندىمۇ سېستىمىلىق ئوقۇمىسام بولمايتتى.
 خوش، ئەمدى گەپ رامىزان ئېيىغا قايتىپ كەلسۇن. بۇ يەردە باشقا كىتاپلارنىڭ گېپىنى بىر ياقىغا قۇيۇپ تۇرايلى. زادى قانچىلىك قۇرئان ئوقۇيالىدىم؟ ئوقۇشنى بىلمىسەم ئۈگۈنۈش ئۈچۈن مىدىرلىدىممۇ ياكى ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇز كۈندە قۇرئاننى تولۇق ئوقۇپ بولۇشنى ياكى قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت گۈزەل بىر نىيەتنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈممۇ؟ بۇ رامىزان ئېيى چىقىپ كەتسە قۇرئان ئوقۇشنى، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرالامدىمەن ياكى رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقانلىقىدىن قاتتىق سۆيۈنۈپ، قۇرئاننى چىرايلىق ئوراپ ئىگىز بىر يەرگە ئېلىپ قۇيامدىم؟ مانا بۇلار مەن ۋە ھەربىر مۇسۇلمان ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلەر ئىدى. شۇنداقلا بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى كۆڭلىمىزنى ئازراقلا غەش قىلسا، ئۇ توغۇرلۇق بىر ئىش قىلمىساق بولمايتتى.
 ھەقىقەت شۇكى، بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان، قۇرئاننى ھاياتىغا تەدبىقلاشقا تىرىشقان ۋە تىرىشۋاتقان ئويغاق مۇسۇلمانلارنى بىئارام قىلاتتى. چۈنكى، سېستىمىلىق كىتاپ ئوقۇشتىن چىقىپ قالغانغا ئوخشاشلا كۆپىنچىلىرىمىز ھەر كۈنى ئازراق بولسىمۇ قۇرئان ئوقۇپ تەپەككۇر قىلىشتىنمۇ خېلى چىقىپ قالغان ئىدۇق. ھالبۇكى قۇرئان باشقا ھېچبىر كىتابقا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، مۇشۇ رامىزان ئېيىدا چۈشۈرىۈلگەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىسىنىڭ دىلىنى ئەمىن تاپقۇزۇدىغانلىقىنى، ئوقۇلغان ھەربىر ھەرىپنىڭ بەدىلىگە ھەسسىلەپ ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە قىيامەت كۈنىدە ھەم ئوقۇغۇچىسىغا چوڭ مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز دېگۈدەك بىلەتتۇق.

رامىزان خاتىرىلىرى– 24- كېچە

ۈگۈنمۇ ھاۋا رايى باشقىچە ياخشى. شامدىن كېيىن سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، اللە نىڭ بەرىكىتى يېغىۋاتاتتى. ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بۇ ھاۋاغا ياندىشىپ ھەرياندىن لەرزان كېلىۋاتقان ئەزان ئاۋازى كىشىلەرنى مەسچىتلەرگە كۆڭۈل ھۇزۇرى ۋە ئاخىرەت تەييارلىقى ئۈچۈن چاقىرىۋاتاتتى. ئەمما بۇ كۈننىڭ دەم ئېلىش كۈنى ئىكەنلىكىگە قارىماي ھەر خىل ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولغان كىشىلەر ئۆزلىرىنى چارچىتىۋالدىمۇ ياكى يامغۇردىن قورقتىمۇ ئەيتاۋۇر كەچلىرى ياتاق ئۆيلىرىگە بېكىنىۋالغان ئىدى. مەن تونۇيدىغان كۆپ ساندىكى ياپ-ياش يىگىتلەرمۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ياتاقلىرىغا مۈكىنىۋالغان بولۇپ، قولىقىدىكى تىڭشىغۇچتىن كېلىۋاتقان ئاۋازلارنىڭ سەۋەبىدىن ئەرزان ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايتتى. ئەمەلىيەتتە قەلبى ئىبادەتكە باغلانغان، رامىزاننىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئايلىقىنى، ئاخىرقى ئون كۈنلىرىنىڭ ئىچىدە قىممىتى مىڭ يىلدىنمۇ ئارتۇق بولغان بىر كۈننىڭ بارلىقىنى بىلگەن بىر مۇسۇلمان ئەرزاننى ئاڭلىمىسىمۇ مەسچىتكە ئالدىرايتتى. دېمەككى، قولاقلار ئېغىرلاشقان ئەمەس، ئەپسۇسلىنارلىق ۋە مۇمكىنلىقى يۇقىرى ئەمەلىيەت شۇكى، قەلبلەر ئېغىرلىشىۋاتتى ۋە دىللارنى قەسۋەت قاپلىغىلىۋاتتى. كۈندۈزلىرى دەم ئېلىش بولغاندىكىن چۈشكىچە ئۇخلايتتۇق. ئويغۇنۇپلا تېلېفۇنىمىزنى قولىمىزغا ئالاتتۇق-تە، قايسى بىر دوستىمىز بىلەم پاراڭغا چۈشۈپ كېتەتتۇق ياكى ئۇنى-بۇنى كۆرۈشكە باشلايتۇق، ئۇنىڭ كەينىدىن بۇ، بۇنىڭ كىينىدىن ئۇ چىقىپ ئاخىرى چىقمايدىغان قىسكا فىلىملەر دۇنياسىغا كىرىپلا كېتەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن پىشىم نامىزىنىمۇ كىچىكتۈرۈپراق ئوقۇيتتۇق. بەزىدە سىرتتا ئىشىمىز چىقىپ قالاتتى. چاچلىرىمىزنى يۇيۇپ-تاراپ سىرتقا ماڭاتتۇق ئالدىراپ-تىنەپ. يەنە بەزىدە ھەرخىل ئويۇنلار چىقىپ تۇراتتى. قورسىقىمىزنىڭ كوركىراپ تۇرغىنىغا قارىماي ئاشۇ ئۇيانلارغا يۈگىرەتتۇق: توپ قوغلايتتۇق، كوچا چىڭدايتتۇق، تېلېفۇن-كومپيۇتېرلىرىمىزدا ئۇرۇشۇپ شەھەر ئالاتتۇق… بۇ ئىشلارغا شۇنچىلىك ھەۋىسىمىز بار ئىدىكى، نە ئۇسسۇزلىقىمىز ئېسىمىزگە كىرىپ چىقىدۇ، نە ئاچلىقىمىز بىلىنىدۇ. بۇنداق ئىشلارغا سەۋدا، ئاشىق ئىدۇق. شۇنداق قىلىپ كەچتە سالپىيىپ ياتاقلىرىمىزغا، ئۆيلىرىمىزگە قايتاتتۇق. ئىپتار ۋاقتى بولاتتى. تامىقىمىزنى يەپ بولۇپلا باشقىچە ھارغۇنلۇق باساتتى. بەزلىرىمىزگە مەسچىتكە چىقىش خوشياقمايتتى…. رامىزاننىڭ ئاخىرلىرىغا مانا مۇشۇنداق بىر ھالدا كىرىپ كىلەتتۇق، كىم بىلىدۇ، قايسىلىرىمىز رامىزاننىڭ تىزراق چىقىپ كىتىشىنى ئارزۇ قىلىشاتتۇق…

رامىزان خاتىرىلىرى–25- كېچە: قاچانغىچە بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويىمىز؟

بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويۇش مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن ئەيىپلىنىدىغان بىر ئىش. ئەمما بىز نۇرغۇن ئىشىمىزنى ئەتىگە قويۇشقا ئادەتلىنىپ قالغاندەك قىلاتتۇق: ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىمىز چالا قالاتتى ياكى بۈگۈن ماۋۇ ئىشنى قىلىپ تۈگىتەي دەيدىغان ئېنىق بىر پىلانىمىز بارمۇ-يوق بىرنەرسە دېگىلى بولمايتتى. بۇنىڭغا نېمە ئامال دەپ تۇرايلى، چۈنكى دېھقانچىلىق ئىشلىرى بەزىدە راستىنلا ئادەمنىڭ رايىغا، پىلانىغا باقمايدۇ، سۇنى شۇنداق كۈتسەڭ كەلمەيدۇ، كېچىلىرى شىرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاپ ياتساڭ شىرقىراپ سۇ كېلىدۇ-دە، دەرھال ئورنۇڭدىن تۇرۇپ يىرىڭنى سوغۇرۇش ئۈچۈن ئاتلىنىسەن؛ ئەمدى ئېتىز بېشىغا كەلسەڭ، كەنت مەركىزى ئىشخانىسىدىن يىغىن بار دەپ توۋلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشىڭنى يېرىم قويۇپ ئۇنىڭغا يۈگۈرمىسەڭ بولمايدۇ؛ بۇ ئىشلاردىن يېنىپ يەنە ئېتىز بېشىغا كېلىسەن، قورسىقىڭ كوركىرايدۇ، مال-چارۋىلىرىڭ مەرەيدۇ، قورساقنى ئەستەرلەش ئۈچۈن يەنە ئارقاڭغا قايتىسەن… ھۈنەرۋەننىڭمۇ ئۆز ئىقتىدارىغا مۇۋاپىق بولغان بىر پىلانى يوق، قانچىنى تۈگەتسەم شۇنى تۈگىتەمەن دېگىنىچە ئىشىنى باشلايدۇ، ھېلى تېلېفۇنىغا قارايدۇ، ھېلى رادىيونى ئاچىدۇ، بەزىدە تېلېفۇنىدا كىنو كۈرۈپ قۇيۇشلىرىمۇ بار، شۇنداق قىلىپ كەچتە يا ئۆزىدىن مەمنۇن بولالمالمىغان، يا خاپا بولمىغان ھالدا ئىشىنى توختىدۇ. ئوقۇغۇچى، تالىپچاقلار باشقىلارغا قارىغاندا بىر ئاز پىلانلىق، ھېچبولمىسا ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مەكتەپتىكىلەر ئۇلارغا تاپشۇرۇق بېرىپ تۇرىدۇ، دەرس جەدىۋىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇ-بۇ باھانىلەر بىلەن كۈنلىرى تەرتىپسىزلىشىدۇ، ئىشلارنى ئارقىغا تارتىدۇ، ئارقىسىغا قارىسا ئەتە قىلىمەن دەپ قويۇپ قويغان يېرىم-ياتا، ھەتتا پۈتۈن ئىشلىرى ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق قىلىپ كىچىك ئىشلار دۈۋلىشىپ تاغ بولىدۇ، دۈۋلىشىپ كەتكەن ئىشلىرىمىنىڭ ئالدىدا بىز يىڭنىدەك بىرىگە ئايلىنىپ قالىمىز، يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغىلى بولىدۇ دەيدىغان ئىرادىمىز سۇنىدۇ ۋە ئۆزىمىزنى بىراقلا تاشلىۋېتىمىز، نۇرغۇن كىچىك ئىشلارغىمۇ بىئىنجالىق قىلىدىغان بىر ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. قاچانكى مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدۇق، ھاياتىمىز غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتۈشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. دۇنيا ئىشلىرىنى ئەتىگە قويىدىغان ئادىتىمىز ئىبادەتلىرىمىزنىمۇ ئايىغى چىقمايدىغان ئەتىلەرگە ياكى ئارقىغا سۈرۈشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ: بامدات نامىزىنى كۈن چىققاندىن كىيىن ئوقۇشقا ئادەتلىنىمىز… ھېلى چىقارمەن، ئەتە چىقارمەن دەپ يۈرۈپ مەسچىتلەرگە بېرىشتىن ئۆزىمىز خالاپ-خالىماي چىقىپ قالىمىز. قايسىدۇر بىر دوستىمىز قولىمىزدىن تارتىپ نامازغا ئېلىپ چىقماقچى بولىدۇ، كۈلۈپ تۇرۇپ مەن ئەتە چىقاي دەيمىز. يەنە بەزىلىرىمىز ئۆلۈم ۋە قىيامەت ھەققىدە چىرايلىق ئاگاھلاندۇرىلىمىز. بۇنداق ۋاقىتلاردا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ نەسىھەتلەرگە قولاق سالىمىز ۋە مەيدانىمىزنى ئىپادىلەيمىز: خۇدايىم بۇيرىسا پات يېقىندا باشلىۋالىمەن. ئۇ-بۇ ئىشلار بىلەن قىلالمىدىم، ئەمدى قىلىۋالىمەن ياكى مەن تېخى ياش، ئالدىرىماي قېرىغاندا قىلارمەن…. مانا مۇشۇنداق ھەرخىل باھانىلەر بىلەن قىلىشىمىز بۇيرۇلغان ئىشلارنىمۇ ئارقىغا سۈرۈيمىز. خۇددى قانچىلىك ياشايدىغانلىقىمىزنى ئالدىن بىلىۋالغاندەك بىر قىياپەتتە سۆزلەيمىز. بۇ يەردە بىر قارا يۇمۇر ئېسىمگە كېلىپ قالدى:
 بىر مەست ئېھتىياتسىزلىقتىن تۆتۈنجى قەۋەتتكى ئۆيىنىڭ دەرىزىسىدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. چۈشۈپ كېتىۋاتقاندا ئۇ كۆڭلىدە مۇنداق دۇئا قىلىپتۇ: ئى خۇدا! رەھمىتىڭ بىلەن يەرگە ساق-سالامەت چۈشۈپلا قالسام ئىللا-بىللا تۆۋە قىلىپ ياخشى ئادەم بولىمەن. مەس ئادەم دېگەندەك ھېچنېمە بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. تۇرۇپ بايام كۆڭلىدە قىلغان دۇئاسىنى ئېسىگە ئېلىپتۇ ۋە ئۆزىگە مۇنداق دەپتۇ: ئادەم مەسچىلىكتە نېمىلەرنى دىمەيدۇ.
 قارايدىغان بولساق، بۇ بىر مەنتىقىسىز توقۇلما. بىرىنجىدىن غەرق مەس ئادەمدە گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىدىراك قىلىغۇدەك بىر ئىقتىدار ۋاقتىنچە بولمايدۇ. ئىككىنجىدىن ساق ئىنساندىمۇ تويۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا تىزلا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئىقتىدار ناھايىتى ئاز كۆرىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ توقۇلما ئىنسانلاردا، بولۇپمۇ بىزلەردە ئومۇمىيلىققا قاراپ يۈزلىنىش ئېھتىمالى بولغان، يەنى خاتىرىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويۇشتىن ئىبارەت يامان ئادەتنىڭ قېنىمىزغىچە سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھەقىقىي ئۇچۇر بەرگەن.
 راست، دۇنيا ئىشلىرىمىزنى، ئىبادەتلىرىمىزنى ئەتىگە قويۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدۇق. ۋاھالەنكى اللە تىن باياشات تۇرمۇش، ھۆر بىر ۋەتەن، ئاخىرەتتە ياخشى بىر نەتىجە كۈتەتتۇق، شىرىن خىياللارنى قىلاتتۇق. تېخىمۇ قورقۇنۇشلىقى ياشلىقىمىز، ساقلىقىمىزدىن پەخىرلىنەتتۇق، ھاياتنىڭ ئوزۇنلىقى بىلەن ئۆزىمىزنى ئالداپ تەۋبىنىمۇ ئەتىگە قويۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىدۇق. ھالبۇكى ئۆلۈم تويۇقسىز كېلەتتىكى، سەكرات گېلىمىزنى ئۇشتۇمتۇت بۇغاتتىكى، نە اللە دېيىشكە قادىر بولالايتتۇق، نە قىلغانلىرىمىزغا تەۋبە قىلىشقا ئۈلگۈرىلەيتتۇق.
 ئى اللە، مۇشۇ مۇبارەك كۈنلەردە قىلىنغان دۇئالارنى ئىجابەت قىلغىن. بىزلەرنى غەپلەت ئۇيقۇمىزدىن ئويغاتقىن. قىيامەت كۈنى ھەسرەت چىكىدىغانلارنىڭ قاتارىدىن قىلمىغىن، يا رەببى. ئى يەككە-يىگانە اللە، بىلىپ-بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمىزغا تەبە قىلىپ ئاندىن دەرگاھىڭغا قايتىشىمىزنى مۇيەسسەر قىلغىن، قىيامەت كۈنى بىزلەرنى سېنىڭ ئالدىڭدا، سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋە پۈتۈن پەرىشتە، جىن-ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلمىغىن. ئى گۇناھلارنى ئەپۇ قىلغۇچى رەببىمىز، ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز، ساڭا تەۋبە قىلىمىز، شاھادەتسىز ئۆلۈمدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز.

رامىزان خاتىرىلىرى–26- كېچە: كۈچسىزلىك ۋە دۇئا

بۈگۈن خىتتايچە توردىن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆردۈم ۋە كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدە باشلانغۇچ بەشىنجى يىللىقتا ئوقۇيدىغان 12 ياشتىكى بىر قىز ئەتتىگىنى ئادىتى بويىچە ئەتتىگەن ئورنىدىن تۇرمىغان. ئاتا-ئانىسىمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولالماي ھېرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، بىردەم ئارام ئېلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىغان. قىز ئەتتىگەنلىك تاماققىمۇ چىقمىغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى سەل ئەنسىرەپ قىزىنىڭ ھوجۇرىسىنىڭ ئىشىكىنى چەككەن. ھېچبىر سادا كەلمىگەندىن كېيىن ئۇلار ھۇجرىغا كىرىپ قىزىنى ئويغىتىش ئۈچۈن يوتقاننى ئۆرىگەن. ئەمما كۆز ئالدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ قورقۇش ۋە جىدىيلىكتە ئۆلەيلا دېگەن. كىچىك قىز قولىنىڭ بېغىشىنى كىسىۋەتكەن بولۇپ، قان بىلەن بويالغان كارىۋاتتا ھۇشسىز سوزۇلۇپ ياتاتتى. بەخىتكە يارىشا قىز دوختۇرخانىغا جىددى يۆتكىلىپ قۇتقۇزىۋېلىنغان. بۇ نارسىدە قىز مۇنداق مەزمۇندىكى بىر پارچە خەت يېزىپ ياستۇقىنىڭ يېنىغا قالدۇرۇپ قويغان:ئاپا، مېنى كەچۈرۈڭ. مەن بەك چارچاپ كەتتىم. بۇ تاپشۇرۇقلارنى زادى ئىشلەپ بولالمىدىم. ئاخشاملىرى ئىشلىدىم، سەھەرلىرى ئىشلىدىم. مۇئەللىملەرمۇ ھەممە دەرستىن تاپشۇرۇقلارنى بېرىۋىرىدۇ. شۇنداق قىلساممۇ پەقەت يىتىشىپ بولالمىدىم. تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلىمەي مەكتەپكە بارسام مۇئەللىملەردىن ئىزا ئىشتىمەن. مەن بەك چارچىدىم، ئاپا. مېنىڭمۇ باشقا بالىلاردەك تاقراپ-سەكرەپ ئوينۇغۇم بار ئىدى. لېكىن كۆزۈمنى ئاچساملا بىر دۆۋە تاپشۇرۇق كۆزلىرىنى پاقىرىتىپ ماڭا قاراپ تۇرغان. دادا، ئاپا، مېنى كەچۈرۈڭلار. مېنىڭ پەقەت خاتىرجەم مەڭگۈ ئۇخلۇغۇم بار. مەن كەتتىم. بۇ خەۋەردىكى ئەھۋال گەرچە بىز چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ خىتاي ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئادىمىيلىك نوقتىسىدىن خەۋەردە دېيىلگەن پاجىئە ھەقىقەت ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلاتتى. بۇلا ئەمەس، ۋەتەندىكى مىليۇنلىغان ياش نوتىلار دەل مۇشۇ كىچىك قىز بىلەن ئوخشاش بىر مائارىپ سېستىمىسىدا تەربىيە كۆرۈپ چوڭ بولىۋاتقان بولغاچقا بۇ پاجىئە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ھەم يېرىم قىلاتتى ھەم ئەندىشىگە سالاتتى. چۈنكى ياش نوتىلىرىمىز ئەنە شۇنداق ئايىغى چىقمايدىغان تاپشۇرۇقلارغا بەنت بولۇپ بالىلىقىدىن مەھرۇم قېلىۋاتتى. ھەم ئاتا-ئانا بولغۇچىلارمۇ سەزمەستىن ئۇلارنى بالىلىقىغا قاندۇرمايۋاتاتتى. ۋەتەندىكى كىچىكلىرىمىز خىتاينىڭ بالىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەردىن مەھرۇم قېلىۋاتاتتى: ئانا تىلىدا تەربىيە كۆرۈشتىن، ئاتا-ئانىلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرىنىڭ تەربىيەسىدىن مەھرۇم قېلىۋاتاتتى. ئەڭ ئېچىنىشلىقى بالىلىرىمىز ئەقىدە تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئىدى. مۇساپىرلىك سەپىرىمىنى باشلىغاندىن بۇيان ھەرقايسى يەرلەردە دائىم كۆزۈمگە چېلىقىپ تۇرغان مۇنداق بىر مەنزىرە ئېسىگە كېلىۋالدى: ھەر قېتىم مەسچىتكە چىققىنىمدا مەسچىتە بىخارامان ئويناپ يۈرگەن كىچىك ئۇكام دېمەتلىك بالىلار كۆزۈمگە تاشلىناتتى ۋە بۇ ئوماقلاردىن شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كېتەتتىم. بۇ يەرلەردە مەسچىت چوڭلارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان يىرىلا ئەمەس، بەلكى كىچىكلەرنىڭ ئوينايدىغان يېرىگىمۇ ئايلانغان ئىدى. كىچىكلەر مەسچىتنىڭ ئىچىدە، ھويلىسىدا ھېچ تارتىنماي قوغلاشماق، مۈكۈشمەك دېگەن ئويۇنلارنى ئوينايتتى، ئۈنلۈك ۋاقىرىشاتتى. ھېچكىم ئۇلارغا ” سىرتقا چىقىپ ئوينا، توۋلىما” دېمەيتتى. بۇ يەردە مىللەتنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ كەلگۈسى بولغان پەرزەنىتلەر ئائىلىدە، مەكتەپتلەردە، مەسچىتلەردە تەڭ تەربىيە كۆرۈپ چوڭ بولىۋاتاتتى. مۇنداق بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ھەر قېتىم بۇنداق مەنزىرىنى كۆرگىنىمدە كۆز ئالدىمغا ئالدى ئەمدى ئون ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، كەينىمۇ بىرەر-ئىككى ياشقا كىرىپ قالغان ئىنى-سىڭىللىرىم كېلىۋالاتتى. ئۇلار يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان خىتاي قىز بىلەن ئوخشاش بىر مائارىپ سېستىمىسىدا تەربىيە كۆرۈپ چوڭ بۇلاتتى. ئەڭ ئېچىنىشلىق يىرى ئائىلە تەربىيەسىدىن مەجبۇرى يىراقلاشتۇرىلىۋاتتى، ئۇلارنىڭ مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىرىشى تۈگۈل، يېقىن كېلىشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. ئۇلارنىڭمۇ بۇ يەردىكى بالىلاردەك ئەركىن چوڭ بولالىشىنى، مەسچىتلەردە ئويناپ-كۈلەلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما ئاجىزلىقىم سەۋەپلىك اللە قا دۇئا قىلماقتىن باشقا ھېچنېمە قىلالمايۋاتاتتىم.ئى ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى، بىلىپ تۇرغۇچى اللە! بىزلەر نۇرغۇن ئىشلارغا ئاجىز كېلىپ قالدۇق، سەندىن باشقا ھېچبىر يۆلەنچۈكىمىز، ياردەمچىمىز يوق. ئى اللە! بىزلەرگە كۈچ-قۇۋەت ئاتا قىلغىن،بىز كۈچ-قۇۋىتىمىزنى قولىمىزغا ئېلىپ بولغۇچە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىمانىنى ئىبارىھىم ئەلەيھىسالامنى ئوت ئىچىدە راھەت ھەم سالامەت ساقلىغىنىڭدەك سالامەت ساقلىغىن. زالىم خىتايلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغىن، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرمىغىن! ئى ئەڭ پاراسەتلىك پىلان تۈزگۈچى، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى رەببىمىز، مۇشۇ مۇبارەك كېچىلەردە ساڭىلا يالۋۇرىمىز، ساڭىلا ئىلتىجا قىلىمىز، كافىرلارغا، زالىملارغا ۋە شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئۆز ئىچىمىزدىن ۋە سىرتتىن بولغان قول-چۇماقچى مۇناپىقلىرىغا قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن. ۋەتەن سىرتىدىكىلىرىمىزنى بىرلەشتۈرگىن، كۆزلىرىمىزنى ئاچقىن. ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سەبىر ئاتا قىلغىن.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ