رەڭسىز سۈرەت ۋە رەڭدار ئۈمىد

بۈگۈن تۇنجى قېتىم سېنى كۆردۇق. بۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ رەڭدار ئاشىق سەۋەپ بولدى. ئاشىق قانداقسىگە رەڭدار بولسۇن دەپ ھەيران قېلىۋاتىسەن ھەقاچان. ئاشىق سەن قانداق ئويلىساڭ شۇنداقتۇر: رەڭسىز ئويلىساڭ، ئاق بىلەن قارا رەڭ گېرەلىشىپ كەتكەن بىر شەكىل كۆز ئوڭۇڭدا زاھىر بولىدۇ؛ رەڭدار…

قىسقىچە سۆيمەك

قىسقىچە سۆيمەك ئەسلىدە شۇنچىلىك ئاددىي ئىدى. ئەمما بىز ئىنسانلار  بۇنى تەسلەشتۈرىمىز. مەسىلەن، بەزىدە بىرەرسى بولىدۇ، ئۆمۈر بويى ئۇنى تىڭشاپ چىقىسەن. ئەسلىدە مەن ساڭا چۈشەندۈرۈشنى ئويلىغان نەرسە دەل مۇشۇ ئىدى. ھاياجانلانغىنىڭدىن بىر نەچچە كۈن تاماق يىيەلمەيتىڭ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئايلىناتتىڭ. بىر خىل تىنىمسىز بولۇپ قالاتتىڭ. پۈتۈن گۈزەللىكىڭنى، پۈتۈن ئەمگىكىڭنى ئۇنىڭغا ئاتايدىغان بىر ۋاقىتلىرىڭ بولاتتى. بۇ دەل مەن سۆزلەۋاتقان سۆيمەك ئىدى. —ھىكمەت ئانىل ئۆزتەكىن  

يوقلۇق

يوقلۇق ئاجايىپ بىر نەرسە. بەزىدە ئادەمنى شۇنچىلىك خوش قىلىدۇكى، ئادەم ھەممە نەرسىگە ۋاقىرىغۇسى كېلىدۇ: تاغلارغا قاراپ، ئاخىرى يوق بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا قۇتۇلدۇق، دەپ توۋلىغۇسى، سۇلارغا قاراپ ،نىمانچە گۈزەل دۇنيا بۇ، دېگىنىچە چىقىرغۇسى كېلىدۇ؛ بەزىدە ئىنساننى شۇنچىلىك ئازاپلايدۇكى، ياشاشنىڭ ھېچبىر لەززىتى ۋە مەنىسى قالمىغىنىدەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ: ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ، ئۆزىنى كاچاتلايدۇ، كىملەرنىدۇ تىللىغۇسى-كۈچى يەتسە يوقلۇققا سەۋەپ بولغان ئاشۇ رەزىل ئادەملەرنى، پەس نەرسىلەرنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ چەيلىگۈسى، شۇ ئارقىلىق يوقلۇقنىڭ ئازابىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ۋە ھەتتا ئاشۇ يوقلۇق بىلەن بىرگە مەنمۇ يوق بولسامچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ.

قۇرىغان توغراق

ئەنە، چوقچىيىپ تۇرىدۇ قۇملار دۆۋىسىدە، ئادەم سۆڭىكى. ئىدى ئۇ ئىنساننىڭ سۆڭەك-يىلىكى قوغداپ كەلگەن ئۆلۈمدىن ئۇنى. لېكىن ئىنسان كېسىۋەتتى، قۇرۇتتى ئۇنى. ئەنە، قۇپقۇرۇق سۆڭەك خۇددى بىر قاقشال تەكلىماكاندىكى. ئازغۇن شاماللار توختىماي يالماپ قالدۇرۇپ قويغان ئۇستۇخۇنىنى… يەتمىدى يەنە. ئوتۇنچى بوۋاي تېرىۋېلىپ جاڭگالدىن…

مەس ئادەم ۋە ئالدىراڭغۇ رىئاللىق

ھاراقلا ئادەمنى مەست قىلمايدۇ. بەزىدە ئادەمنى گۈزەل مەنزىرىلەر، ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان بىر پارچە شىئىر ياكى بىر پارچە رەسىم، ۋە ھەتتا گۈزەل بىر سەتەڭ ياكى كېلىشكەن بىر يىگىتمۇ ئادەمنى مەس قىلىپ قويۇشلىرى بار. ئادەمنى شاراپلا مەست قىلمايدۇ. بەزىدە بىرىگە ياكى بىر…

ئۈچ تەرجىمە-ئۈچ مەنا

شاتۇت ۋە قاغا بىر كۈنى قەپەزدىكى خاتىرجەم شاتۇت بىر قاغىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىكگە ھەۋەس قىلىپ كېتىپتۇ. قاغا بولسا شاتۇتنىڭ بەھۇزۇر تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مەسلەھەتلىشىپ ئورنى ئالماشتۇرماقچى بولىشىپتۇ. قاغا قەپەزگە كىرگەندىن كېيىن خۇجايننىڭ ياخشى كۈرۈشىگە ئىرىشەلمەي،…