شاتۇت ۋە قاغا بىر كۈنى قەپەزدىكى خاتىرجەم شاتۇت بىر قاغىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىكگە ھەۋەس قىلىپ كېتىپتۇ. قاغا بولسا شاتۇتنىڭ بەھۇزۇر تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مەسلەھەتلىشىپ ئورنى ئالماشتۇرماقچى بولىشىپتۇ. قاغا قەپەزگە كىرگەندىن كېيىن خۇجايننىڭ ياخشى كۈرۈشىگە ئىرىشەلمەي، ئەڭ ئاخىرىدا زىرىكىپ چۈشكۈنلۈكتە ئۆلۈپتۇ؛ ئۇزاق مەزگىل بەھۇزۇر ياشاپ كەلگەن شاتۇت بولسا سىرتتا مۇستەققىل تۇرمۇش …
شەخس ۋە كوللىكتىپ بىر كۈنى مۇئەللىم شاگىرتىدىن سوراپتۇ : ” بىر تامچە سۇ قانداق ئەھۋالدا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلىيالايدۇ ؟” شاگىرت گەپ قىلماي تۇرۇپ قاپتۇ. مۇئەللىم ئېيتىپتۇ: ” بىر تامچە سۇ ، شامال ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ، تۇپراق ئۇنى سۈمىرىپ يوق قىلىدۇ، قۇياش ئۇنى پارغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. ئەگەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرسۇن دېسەك، ئۇنى دېڭىزغا قويىشىمىز كېرەك.” بىر ئادەم ئۆزىگىلا …
ئىشتان كىسىشتىكى مەنتىقە قىزچاق بىر ئىشتان سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتىىپ كەلگەندىن كېيىن سىناپ كۆردى. قارىسا بەكلا ئۇزۇن. قىز مومىسىدىن ئازراق كىسىپ بېرىشنى سورىدى. مومىسى مەن بەك ئالدىراش، ئاپاڭنى ئىزدە قىزىم دېدى؛ ئاپىسىنىڭمۇ ۋاقتى يوق بوپ چىقتى؛ ئاچىسىنى ئىزدەپ بارغان ئىدى، ئۇ تېخىمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. قىزچاق قاتتىق ئۈمىتسىزلەنگىنىچە ئۇخلاپ قالدى. مومىسى ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن …
قاچانلا قارىسىڭىز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان خەۋەرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن بىر دۇنيا بار، ئۇ بولسىمۇ تور دۇنياسىدۇر. تور دۇنياسى، بولۇپمۇ خەۋەر تورلىرى، تىز تاراتقۇ ۋە ھەر خىل كىچىك ئىجتىمائىي ئالاقە قۇراللىرى دەل ئاشۇنداق پاسسىپ نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن دۇنيادىن، ئىنسانلاردىن قاتتىق يىرگىنىدىغان، ئۆچمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەرمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى. ئەمما دۇنيادا مۇنداق ئىنسانلارمۇ بار. …
پەن-تېخنىكىنىڭ سايىسىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىدىمۇ زور يۈكسىلىش ۋە ئىلگىرىلىشلەر روياپقا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە جەمئىيەتتە يىمەكلىك بىخەتەرلىكى دەيدىغان بىر ئوقۇممۇ بارلىققا كەلدى. چۈنكى پەن-تېخنىكا دېھقانچىلىق ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن خىمىيەلىك دورىلارنىمۇ بىزگە سوۋغا قىلغان ئىدى. مەنپەئەتنىڭ پېيىغا چۈشكەن ئىنسانلار ئۈچۈن بۇنداق خىمىيەلىك دورىلار ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا كۆپ پۇل …