بىر كۆزى يوق ئانام ئانامنىڭ پەقەت بىرلا كۆزى بار ئىدى. ئۇ ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارغا تاماق ئىتىدىغان ئىشنى قىلاتتى. ئۇ ماڭا نىسپەتەن شۇنداق بىر تەڭقىسلىق ئىدىكى، ئۇنى بەكلا ئۆچ كۆرەتتىم. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئانام مەندىن ئەھۋال سوراپ سېنىپىمىزغا كەپتۇ. ئۇ كۈنى شۇنچىلىك ئوڭايسىزلاندىمكى، ئۇ نېمىشقا مېنى بۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالدا قويىدىغاندۇ دەپ ئاچچىقلاپ كەتتىم. …
Month: 2015-يىل ئۆكتەبىر
ئۆچكە ۋە ئىگىدار مىرسىر دېگەن يەردە بىر ئۆچكە بولغان ئىكەن. بۇ ئۆچكىنىڭ ئىگىدارى ناھايىتى مۇلايىم كىشى بولۇپ، ئۆچكىنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىپتۇ. بىر كۈنى ئۆچكە كۆڭلىدە ئويلاپتۇ:” ئىگەم مەندىن ئىزچىل ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭغا بەك كۆپ قەرىزدار.” شۇنىڭ بىلەن ئۆچكە ئىگىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېيتىپتۇ: ” بېرىپ بىر باي سودىگەرنى تېپىڭ ۋە …
بىر تامچە سۇ بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر كۈپتە لىق ھەم پاكىز ھەم ساپ سۇلار ياشايدىكەن. بۇ كۈپتىكى ھەربىر تامچە سۇ ئۆزلىرىنىڭ شۇنچىلىك پاكىز ھەم ساپلىقىدىن بەكلا پەخىرلىنىدىكەن ۋە ھەركۈنى ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك پاكىزلىقى، قانچىلىك كۆركەملىكىنى دېيىشىپ بىر-بىرىنى ماختىشىشىدىكەن. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ خۇشاللىق ۋە مەغرۇرلىقى ئۇزاققا داۋاملاشماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر تامچە سۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى پاكىز تۇرمۇشىدىن …
قاغا ۋە توز– كىم ئەڭ بەخىتلىك؟ بىر قاغا بولۇپ ئۆز تۇرمۇشىدىن ھەقىقەتەن رازى ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ بىر ئاققۇنى ئۇچۇرىتىپ قاپتۇ. ” بۇ ئاققۇ ئاپئاق ئىكەن، مەن بولسام قاپقارا…” دەپ ئويلاپتۇ قاغا، ” ئاققۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قۇشمۇ نېمە.” شۇنىڭ بىلەن قاغا ئويلىغانلىرىنى بېرىپ ئاققۇغا ئېيتىپتۇ. ” ئەمەلىيەتتە،” جاۋاپ بېرىپتۇ ئاققۇ، ” ئاشۇ ئىككى خىل رەڭلىك …
ئەڭ گۈزەل يۈرەك بىر كۈنى بىر ياش يىگىت بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا كىشىلەرگە ئۈنلۈك-ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتاتتى. “ھەي ئادەملەر. ماڭا قاراڭلار. مېنىڭ يۈرىكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق يۈرەك.” نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. يىگىتنىڭ يۈرىكىنىڭ شەكلى ناھايىتى ئۆلچەملىك، ئازراقمۇ ئەيىبى يوق بولۇپ ئادەمنى خېلى ھەيران قالدۇرۇپ قوياتتى. يىگىتنىڭ يۈرىكىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىغا …