ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بىر كىچىك ئوغۇل بالا بولغان ئىكەن. بىر كۈنلەردە ئۇ قاتتىق ئاغىرىپ قېلىپتۇ. ئۇ كېسىلى سەۋەبىدىن ماڭالمىغاچقا ھەركۈنى كارۋاتتا يېتىپلا ئۆتىدىكەن. ئەڭ يامىنى باشقا بالىلارنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشى يول قويۇلمىغاچقا بۇ كىچىك بالىنىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم ئىكەن، كۈنلىرىنى قايغۇ-ھەسرەت ۋە مەيۈسلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇنىڭغا دەرىزىدىن سىرتقا قاراشتىن باشقا ئىشنى قىلىشقا ئىمكان بولمايدىكەن. …
Month: 2015-يىل نويابىر
قەيسەر ئۇرۇق بۇرۇنقى زاماندا تۆت دانە ئۇرۇقچە بولغان ئىكەن. ئۇلار بەك يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بېرىدە شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ بىر تاقىر دالىغا ئەكىلىپ تاشلاپتۇ. ئۇلار بىخلىنىپ چىرايلىق دەرەخ بولۇشنى ئۈمىد قىلىشىپ تۇپىنىڭ ئاستىدا ئۇزاق يېتىپتۇ. لېكىن بىرىنچى ئورۇق بىخلىنىشقا باشلىغاندا ئۇلار كۆكلەپ دەرەخ بولۇشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشكە باشلاپتۇ. بۇ دالىدا بىر توپ مايمانلارمۇ …
بۇرۇنقا زاماندا بىر تۈلكە بولغان ئىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كېتىپ يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ سىرتقا چىقىپتۇ. تۈلكە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ھەممە يەرنى ئارىلاپ چىققان بولسىمۇ يەيدىغان بېرەر نەرسە تاپالماپتۇ. تۈلكە مۇشۇنداق مېڭىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر ئورمانلىققا يىتىپ كەپتۇ ۋە ئورمانلىقتىن يەيدىغان نەرسە ئىزدەشكە باشلاپتۇ.تۈلكە تۇيۇقسىز كامىرى بار بىر تۈپ چوڭ دەرەخنى كۆرۈپ قاپتۇ. تۈلكە …