Month: 2017-يىل سېنتەبىر

قۇرىغان توغراق

ئەنە، چوقچىيىپ تۇرىدۇ قۇملار دۆۋىسىدە، ئادەم سۆڭىكى. ئىدى ئۇ ئىنساننىڭ سۆڭەك-يىلىكى قوغداپ كەلگەن ئۆلۈمدىن ئۇنى. لېكىن ئىنسان كېسىۋەتتى، قۇرۇتتى ئۇنى. ئەنە، قۇپقۇرۇق سۆڭەك خۇددى بىر قاقشال تەكلىماكاندىكى. ئازغۇن شاماللار توختىماي يالماپ قالدۇرۇپ قويغان ئۇستۇخۇنىنى… يەتمىدى يەنە. ئوتۇنچى بوۋاي تېرىۋېلىپ جاڭگالدىن ئۇنى ئوت قالىدى، سورىۋەتتى كۈلىنى، ئۇنى… شۇندىلا ئوتمۇ ئۆچتى بىر بۇران بىلەن ئىنسان كۆمۈلدى قۇمنىڭ …

مەس ئادەم ۋە ئالدىراڭغۇ رىئاللىق

ھاراقلا ئادەمنى مەست قىلمايدۇ. بەزىدە ئادەمنى گۈزەل مەنزىرىلەر، ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان بىر پارچە شىئىر ياكى بىر پارچە رەسىم، ۋە ھەتتا گۈزەل بىر سەتەڭ ياكى كېلىشكەن بىر يىگىتمۇ ئادەمنى مەس قىلىپ قويۇشلىرى بار. ئادەمنى شاراپلا مەست قىلمايدۇ. بەزىدە بىرىگە ياكى بىر شەيئىگە ئاجايىپ ئامراق بولىسەن-دە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ ئۇنىڭغىلا ئىنتىلىدۇ، ئۇنىلا ئىستەيسەن، كۆزۈڭ ئۇنىڭدىن باشقىسىغا كور، قۇلىقىڭ …