تاقىتىم تاق بولما، تاشما يەنە بىر ئاز قىلغىن سەبىر، ۋىسال شەربىتى ئۈچۈن مەيلىغۇ تارتساڭ جەبىر. كۆزلىرىڭ تالسا ئەگەر يار يولىغا ئۇزاق بېقىپ، قالمىغاي داق يەردە ھەرگىز، مۇھەققەق بولغاي ئەجىر. تاقىتىم تۆكۈلمە ياپراق كەبى تېخى كۈز كەلمىدى، ئېقىن سۇ ئەمەسكى ئۇ، ياشلىق باھارىڭ ئۆتمىدى. باشقىلار ئېيتۇر ساڭا ئاق ساچلىرىڭنى دوق قىلىپ، سىرت ئالدىتار، ئىچنى كۆرۈشكە كۆزلەرى …