ئالدىنقى يىلى مۇشۇ تارىخىتا بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىدىڭىز، قىزىم. خۇددى بۇنى خالىمىغاندەك دوختۇرخانىدا ئاپىڭىزنى ۋە ھەممىزنى خېلى ئەنىسرەتكەن ئىدىڭىز: دوختۇرلار سىزنى جىددىي كۆزۈتۈشكە ئېلىش كېرەكلىكى، بۇ دوختۇرخانىدا ئۇنداق بىر ئۈسكىنە يوق ئىكەنلىكى ئۈچۈن، پەقەت سىزنىلا باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھەممىمىزنى قورقۇتقان ئىدى. قېنى، يېرىم سائەت ساقلاپ باقايلى، ئاندىن بىرگەپ بولسۇن دېگەن ئىدىم دوختۇرغا ئۇ كۈنى. …