خىياللار قەسىرى

سېغىنىش

ئۇيقۇنىڭ ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتىم. جىسمىم ماشىنا ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتى، روھىم نەلەردىدۇ سەيلە قىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىزلا يەنە شۇ ئۇيقىنىڭ ئىچىدە ئويغۇنۇپ كەتتىم. روھىم جىسمىمغا قايتىپ كېلىۋاتاتتى، ئەمما جەسىتىم ھېلىھەم ئۇيقۇدا ئىدى. كۆزۈمنى ئاچتىم. مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنى چالا-پۇچۇق كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدىم. ئايرىلغىلى نەچچە يىللار بولغان، شۇنىڭدىن بۇيان بىر ئېغىزمۇ خەۋىرى كەلمىگەن بىر دوستۇم يېنىمدىن ئۆتكىلىۋاتاتتى. …

ئەقىدەڭنى تاشلىۋەت ئاستا

بۇ قىسقا يازمىنى بۇنىڭدىن 7-6 يىل ئىلگىرى كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىپ قويۇپتىكەنمەن. بۈگۈن شۇ ۋاقىتتىكى كۈنلىرىمنى ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە ئەسلىگەچ  بۇ يازمىنى تورغا يوللاپ قويغۇم كەلدى.  ئەينى ۋاقىتتىمۇ بۇ يازمىغا ھېچقانداق ماۋزۇ قويماپتىكەنمەن. ئۈستىدىكى ماۋزۇ مەجبۇرى قويۇلۇپ قالدى(باشنى چايقىغان چىراي ئىپادىسى). ماۋزۇ مۇۋاپىقمۇ، بۇ قانداق ژانىرىدىكى تاققۇ-تۇققۇ… دېگەندەك مۇلاھىزىلەر ئوقۇرمەنلەرگە قالدى.   كىمدىن باشلانغان سۇئال . بەك ئۇزۇن …

ئامانەت ۋە خىيانەت (ئانا تىل)

بۈگۈن 2017-يىل 21- ھۇد، ھاۋا باشقىچە ئوچۇق ھەم بىر خىل ئىللىق.  بۈگۈن نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈنمۇ ئەمەس. چۈنكى ئۇلار بۇ كۈننى بىر يىلنىڭ باشقا 364 كۈنىگە ئوخشاشلا ئالدىراشچانلىق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ: بەزىلىرى ئېتىزلىقلىرىدا ئىشلەش بىلەن؛ بەزىلىرى بازارلاردا  ئالدىراش؛ بەزىلىرى بولسا بىرەر يىغىن ياكى يىغىلىشلاردا؛ يەنە بەزىلىرى چىراقلىرى بار قاراڭغۇ ئۆيلەرگە بىكىنگەن، ھاياتتىن، خىزمىتىدىن، ھەر …

يولۇچى Traveler

شاد-شادىمان يۈرۈيدۇ بىرى ھەسرەتا! ئەجەپ يوقمىدۇ غېمى. غەملەر نېمە؟ بىلمەي تۇرۇپ ئىچىڭدىكىنى، «غەملەر» دېمە ئورۇنسىزلا غەملەر يىمە بىلگۈچىدۇر بىرلا خۇدا ئىچىدىكىنى، ئىچىڭدىكىنى. كىم بىلىدۇ قەلب قەسىرى سېغىنىش دېڭىزىنىڭ ئاجىز ئەسىرى نەچچە يېقىلىپ، نەچچە سېلىنىپ تۇرار بەردەم، تاشماس سەبىرى. ئىرادىلەر دولقۇنلىرىدا ئۈزۈپ يۈرىيدۇ كۈندە، تۈندە رەت رەت چايقىلىپ، سېغىنىشنىڭ ئاپتاپلىرىدا بەس! چېقىلىپ، يەنە چېقىلىپ، ئۆرتىنىدۇ، پۇچلىنىدۇ …

سېغىنىش پەسلى Season Of Missing

ھۇزۇرلۇنۇپ شىئىر ئوقۇپ باقمىغىلى خېلى بوپتىكەن. (ياكى ئوقۇغان بولساممۇ مەن ھۇزۇرىنى تاپالمىدىممۇ ياكى شىئىر ھۇزۇر بېغىشلىيالمىدىمۇ، ئىشقىلىپ چوقۇم ئىككىسىدىن بىرى.) ئالدىنقى ھەپتە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ شىئىرىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. تىلىنىڭ تاتلىقلىقىدىن لىرىكا ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن. سېغىنىش، كۈتۈش لىرىكىلىرى قەلەمگە تۇتىشىدىغان ھۈجەيرىلىرىمنى غىدىقلىدى بولغاي،قولۇمغا قەلەم چىقىپ قالدى، بىرەر مىسراغا تەقلىد قىلىپ بىرەر نەرسە يېزىپ باقماق بولدۇم. شۇنداق …