ئەڭ گۈزەل يۈرەك بىر كۈنى بىر ياش يىگىت بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا كىشىلەرگە ئۈنلۈك-ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتاتتى. “ھەي ئادەملەر. ماڭا قاراڭلار. مېنىڭ يۈرىكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق يۈرەك.” نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. يىگىتنىڭ يۈرىكىنىڭ شەكلى ناھايىتى ئۆلچەملىك، ئازراقمۇ ئەيىبى يوق بولۇپ ئادەمنى خېلى ھەيران قالدۇرۇپ قوياتتى. يىگىتنىڭ يۈرىكىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىغا …