Tag Archives: سەبىر

تاقەت ۋە سەبىر

تاقىتىم تاق بولما، تاشما يەنە بىر ئاز قىلغىن سەبىر، ۋىسال شەربىتى ئۈچۈن مەيلىغۇ تارتساڭ جەبىر. كۆزلىرىڭ تالسا ئەگەر يار يولىغا ئۇزاق بېقىپ، قالمىغاي داق يەردە ھەرگىز، مۇھەققەق بولغاي ئەجىر. تاقىتىم تۆكۈلمە ياپراق كەبى تېخى كۈز كەلمىدى، ئېقىن سۇ ئەمەسكى ئۇ، ياشلىق باھارىڭ ئۆتمىدى. باشقىلار ئېيتۇر ساڭا ئاق ساچلىرىڭنى دوق قىلىپ، سىرت ئالدىتار، ئىچنى كۆرۈشكە كۆزلەرى …

يولۇچى Traveler

شاد-شادىمان يۈرۈيدۇ بىرى ھەسرەتا! ئەجەپ يوقمىدۇ غېمى. غەملەر نېمە؟ بىلمەي تۇرۇپ ئىچىڭدىكىنى، «غەملەر» دېمە ئورۇنسىزلا غەملەر يىمە بىلگۈچىدۇر بىرلا خۇدا ئىچىدىكىنى، ئىچىڭدىكىنى. كىم بىلىدۇ قەلب قەسىرى سېغىنىش دېڭىزىنىڭ ئاجىز ئەسىرى نەچچە يېقىلىپ، نەچچە سېلىنىپ تۇرار بەردەم، تاشماس سەبىرى. ئىرادىلەر دولقۇنلىرىدا ئۈزۈپ يۈرىيدۇ كۈندە، تۈندە رەت رەت چايقىلىپ، سېغىنىشنىڭ ئاپتاپلىرىدا بەس! چېقىلىپ، يەنە چېقىلىپ، ئۆرتىنىدۇ، پۇچلىنىدۇ …