ئىلاۋە: 2020- يىلى كىرگەندىن كېيىن خەۋەرلەردە بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ باقمىدى: ھېلى چوڭ كۆلۈملىك ئوت ئاپىتى، ھېلى خېمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاشلار، چىكەتكە ئاپىتى… دېگەندەك. ئەمما ھېچقايسىسى ھازىر پۈتۈن دۇنيا تىركىشىۋاتقان كورونا ۋىروسىدەك دۇنيانى پالاچ قىلىپ قويمىغان ئىدى: دەسلەپتە شەھەرلەر سىرتقا تاقالدى؛ كېينچە ھەتتا دۆلەتلەر چىگراسىنى تاقىدى؛ كىشىلەر ئۆيىگە بەنىت بولدى… بۇ ۋىروسنىڭ ئوتۇرغا چىققىنىغا ئالدى-كېينى بولۇپ ئۈچ …
ئىنتايىن سوغۇن بىر ئاخشىمى بىر مىليادىر سىرتتا نامرات بىر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. مىليادىر بوۋايدىن سوراپتۇ: بۇنچە سوغۇقتا چاپانمۇ كىيمەپسىز، سىرتتا تۇرۇپ توڭلىمىدىڭىزمۇ؟ ” چاپىنىم يوق، ھەم بۇنداق سوغۇققا كۆنۈپمۇ قاپتىمەن.” دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ بوۋاي. ” مېنى بىردەم ساقلاڭ. ئۆيگە كىرىپ سىزگە بىر چاپان ئاچىقىپ بىرەي” دەپتۇ مىليادىر ۋە ئۆيىگە كىرىپ كىتىپتۇ. بوۋاي بەكلام خوش بولۇپتۇ …
بۇ سۆزنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ مەنچە ئاڭلاپ باققان. لېكىن، مەنىسى ھەققىدە ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلكىم ئويلاپ باقتىڭىز. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكىلەرنى دىققىتىڭىزگە سۇنغۇم كەلدى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا- بەزى ئىشلارنى بىر ئازدىن كىيىن ياكى كىيىنراق قىلساممۇ بولىدۇ-غۇ، دەپ تاشلاپ قويىمىز. ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، ھەر ۋاقىتنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق ئىشى چىقىدۇ-دە، ۋاقتىدا قىلمىغان ئىشلىرىمىز بىر ياقىدا بويۇن قىسىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە بىردەمدىلا بىر دۈۋە …
جىسمىمىز قايناق شەھەرلەردە، ئەمما روھىمىز ئاشۇ توپىلاڭ كوچىلارنى، يالاڭ ئاياق ئوينايدىغان قۇملۇقلارنى ئەگىپلا يۈرىيدۇ. روھىمىز ئەنە شۇنداق ئايلىنىدۇ، ئايلىنىدۇ قايسى بىر كوچىنىڭ دوقمىشىدىن چىقىدۇ ياكى قايسىدۇر بىر قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئولىشىدۇ ياكى قايسىدۇر بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ… بولۇپمۇ ھېيت-ئايەملىرىمىز يېتىپ كەلگىنىدە. مەسچىتتىن بىر خىل خۇشال كەيپىياتتا ياتاققا قايتىسەن، دوستلار بىلەن بىر قاتار سالاملىشىسەن. ئەتراپقا …
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بلوگنىڭ قەدىرلىك كونا-يېڭى، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش… ئوقۇرمەنلىرى. قانداق ئەھۋالىڭلار؟ بەلەن-ئوبدان تۇرۇشتۇلىمۇ؟ يازمىنىڭ تېمىسىنى كۆردۈڭلار ھەقاچان. نېمە دېمەكچى بولغانىلىقىمنىمۇ بىلىپ بولدۇڭلار. (ئەقىللىق،ھۇششار تور پۇخرالىرى-دە، ھەممىڭلار. ھى..ھى…) گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، بلوگچىلىققا كىرىپ لاغايلاپ يۈرگىلىمۇ ئۇزۇن يىل بولۇپتۇ (گەرچە پىشقەدەملەر سېپىگە تېخى كىرمىگەن بولساممۇ). ئۇنى-بۇنى يېزىپ دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقان بولدۇم. بلوگ يېزىپ يۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئۆرلەپ …