2-باب: تروي ڧىلەننىڭ ۋەسىيەتنامىسى

2-باب: تروي ڧىلەننىڭ ۋەسىيەتنامىسى

سىنىيد توۋلىغىنىچە بالكونغا يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى. ئۇ پەسكە قاراپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان ڧىلەن ئەپەندىمنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ بېرىۋاتقان سايىسىگە نېمە قىلارىنى بىلمەستىن قاراپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. ڧىلەن ئەپەندىم يەرگە زەردە بىلەن تاشلاندى. سىنىيد كۆزىگە ئىشىنەلمەي ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى.
جوش سىتەڧورد سنىيدىننىڭ ئارقىسىدىنلا  ئۇلۇشۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇمۇ ڧىلەن ئەپەندىمنىڭ يەرگە تاشلانغاندىكى ھالىتىنى كۆرگەن بولدى. سىتەڧورد بىر نەچچە مىنۇت تاڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئادۇكاتتەك ئويلاشقا باشلىدى.  پەستە ڧىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ جەسىتى ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان ئىدى. ئۇ ئىشخانىغا قايتتى.
كامېرا تېخىچە سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ئىدى. سىنىيد كامېراغا يۈزلەندى ھەم ئوڭ قۇلىنى كۆتۈرۈپ راست گەپ قىلىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچتى، ئاندىن بايىلا كۆرگەنلىرىنى بىر-بىرلەپ ئېيتىپ ئۆتتى. سىتەڧورد لىپاپىنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن سېرىق رەڭلىك بىر قەغەزنى چىقىرىپ  كامېراغا يېقىن تەڭلىدى.
” ھەئە، مەن ڧىلەن ئەپەندىمنىڭ ئۆزى ئىمزا قويغانلىقىنى كۆردۈم،”- دېدى سسىنىيد،” تېخى بايىلا ئىمزا قويغان. “
” ڧىلەن ئەپەندىم بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيەتنامىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتىمۇ؟ “
” ھەئە، ئۇ بۇ ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيەتنامەم دېگەن. “
سىتەڧرورد، جوربېىنغۇ ئوخشاش گۇۋاھلىق بەرگۈزگەندىن كېيىن، سىتەڧورد كامېرانى ئۆزىگە توغرىلاپ، بايام كۆرگەنلىرىنى ئۆزى بايان قىلىپ چىقتى.  ئۇ گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن سىنىيدقا سىرتقا چىقىپ تۇرۇشنى ئېيتتى.
سىتەڧورد كامېراغا يۈزلىنىپ سېرىق رەڭلىك ۋەسىيەتنامىگە قارىدى. بىرىنچى بېتىدە مۇنداق يېزىلغان ئىدى. سىتەڧورد كامېراغا قاراپ:
” بۇ خەت بۈگۈن، يەنى 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى دۈشەنبە كۈنى يېزىلغان. بۇ خەتنى ماڭا تروي ڧىلەن ئەپەندىم بەرگەن. مەن ھازىر ھەممىنى ئۈنلۈك ئۇقۇپ ئۆتىمەن. “
” ھۆرمەتلىك جوش، مەن ھازىر ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولدۇم. تۆۋەندىكىلەر مېنىڭ سىزگە دېمەكچى بولغانلىرىم، سىزدىن جىددىي قارىشىڭىزنى سورايمەن. بىرىنچىدىن، جەسىتىمگە قارىتا بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىڭلار. ئىككىنچىدىن، ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىسۇن.  جەسىتىم كۆيدۈرۈلۈپ، جەسەت كۈلۈمنى ھاۋاغا چېچىۋىتىڭلار، جەسەت كۈلۈم ھاۋالاردا ئۇچۇپ ۋىيومىڭدىكى ئوتلاقلارغا بارسا ئەجەب ئەمەس. ئۈچىنچىدىن، سىزدىن 1997-يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە بۇ ۋەسىيەتنامىنى مەخپىي تۇتۇشىڭىزنى سورايمەن.  قانۇن بويىچە بولغاندا ۋەسىيەتنامىنى دەرھال تەمىنلىنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. خەير-خوش.  تروي. “
سىتەڧورد ئىككىنچى ۋاراقنى ئاۋايلاپ ئالدى،” بو بولسا بىر بەتلا كەلگەن ھۆججەت.  بۇ ھۆججەت تروي ل. ڧىلەن ئەپەندىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيەتنامىسى. ھازىر مەن ئۇنى ئۈنلۈك ئوقۇپ ئۆتىمەن. ” دېدى ئۇ كامىراغا قاراپ تۇرۇپ.
” تروي ل. ڧىلەن ئەپەندىنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيەتنامىسى. بالىلىرىمنىڭ- توري ڧىلەن جى ئار، رەكس ڧىلەن، لايبىجىيل ڧىلەن، مەۋرىي روۋز جەكمەن، گىنا سچروڭ، ۋە رەمبل ڧىلەن، ھەر بىرىگە- بۈگۈنگىچە گەردىنىدە بولغان قەرزلىرىنى قايتۇرۇشقا يەتكۈدەك پۇل قالدۇرىمەن. ئۇلار كەلگۈسىدىكى قەرزلىرىنى ئۆزلىرى تۆلەيدۇ. ئەگەر بالىلىرىمنىڭ قايسى بىرى بولسۇن بۇ ۋەسيەتنامىگە قوشۇلماي، ۋەسىيەتنامە ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلسا ئۇنىڭغا مېنىڭ مىراسىمدىن ئازراقمۇ بېرىلمەيدۇ. “
” ئاياللىرىم- لىلىيىن، جېينىي، تىرا، ئۇلارغا مىراسىمدىن ھېچنېمە قالدۇرمايمەن. ئۇلار ئاجراشقان ۋاقىتلىرىدا مەن ئۇلارغا يېتەرلىك بېرىپ بولغان. “
” قالغان مال-مۈلۈكىمنىڭ ھەممىسىنى 1954-يىلى 11-ئاينىڭ 2- كۈنى نىيۇئورلىننىڭ لۇۋىسىيانادا ئەۋىلىن كانىڭخەم ئىسىملىك ئايالدىن بولغان قىزىم رىيچېل لېينغا قالدۇرىمەن. قىزىمنىڭ ئاپىسى ئاللىقاچان تۈگەپ كەتكەن. “
سىتەڧورد بۇ ئىككىسىنىڭ ئىسمىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى:
” مەن ئىشەنچلىك ئادۇكاتىم جوش سىتەڧوردنى بۇ ۋەسىيەتنامىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن. 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە،   تروي ڧىلەن تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلدى. “
سىتەڧورد بۇ ۋاراقنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ، ئۈچىنچى ۋاراقنى ئالدى،” بۇ بىر كىچىك ئىزاھلاش خېتىكەن، مەن ھازىر ئۇنى ئۈنلۈك ئۇقۇپ ئۆتىمەن.”  دېدى ئۇ كامىراغا قاراپ.
” جوش، رېىيچېل لېين بىرازىلىيە-بولۋىيە چېگراسىدىكى دۇنيا قەبىلىلەر دىن تارقاتقۇچىلار ئۆمىكىدىكى بىر مىسسىيونېر. ئۇ پەنتەنېل دەپ ئاتىلىدىغان جايدا، بىر ئىندىيان قەبىلىسىدە خىزمەت قىلىدۇ.  ئۇ يەرگە ئەڭ يېقىن بازار كورۇمبا. ئىلگىرى ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىغان ئىدىم. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىممۇ ئالاقە قىلىپ باققىنىم يوق.  ئىمزا قويۇلدى، تروي ڧىلەن. “
سىتەڧرود ئەڭ ئاخىرقى ۋاراقنى قويۇپ قويغاندىن كېيىن جوربېنغا قارىدى،” ئۇ ھەممە ئىشنى ئەستايىدىل ئويلاپ قويغان ئىكەن. “
” ئۇ بەك رەزىل ئادەمكەنغۇ. ” دېدى جۇربېن ئۇلاپلا،” بۇ ئەخمەقلەر كېلەر ئايدا قانچىلىك پۇلنى سورۇپ تۈگىتىپ بۇلار، تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭە؟ “
” بۇنى ئۇلارغا دېمەي تۇرساق بولغۇدەك. “
”  ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ. بىزنىڭمۇ تەرتىپ-قائىدىلىرىمىز بار-دە. “
ڧالىس چېرچتىكى لىلىيننىڭ ئۆينىڭ سىرتىدىكى كوچىدا بىر توپ مۇخبىرلار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. ئۆينىڭ ئىچىدە بولسا ڧىلەننىڭ چوڭ تۆت بالىسى ئولتۇراتتى. ئۇلار ئامال بار ئازابلانغان قىياپەتتە كۆرۈنۈشكە تىرىشاتتى. بۇنداق قىلىش راستلا تەسكە توختايتتى. ئۇلار ئاسماندىن چۈشكەندەك كەلگەن كۆپ بايلىقلىرىنى تەبرىكلەپ ئۆزۈم ھارىقى ئىچىۋالغان ئىدى. يېرىم كېچە بولغاندا  تى جى بىلەن رىئەكس مەست بوپ قالغان ئىدى.  
كېيىنكى كۈنى سىتەڧورد بىلەن تىپ جوربېن مىكىلىيدىكى جەسەت تەكشۈرۈش ئىشخانىسىغا كەلدى.
” ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى ئىنتايىن ئېنىق. قان تەركىبىدە ھېچقانداق ئىسپىرت ياكى زەھەرلىك چېكىملىك تەركىبىي بايقالمىدى. ” دېدى جەسەت تەكشۈرگۈچى.
” تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، تروي ئەپەندىدە راك كېسىلى يوقكەن. ئۇ ئۆلگەن ۋاقىتتا سالامەتلىكى ھەم ناھايىتى ياخشى ئىكەن. “
” تروي ئەپەندى سىزگە ئۆزىدە راك كېسىلى بارلىقىنى ئېيتقانمۇ؟ ” جوربېن قايتىش يولىدا سىتەڧوردىن سورىدى.
” ھەئە. نەچچە قېتىم ئېيتقان. “
” تروي ئەپەندىم نېمىشقا يالغان ئېيتىدىغاندۇ ئەمىسە؟ “
” كىم بىلىدۇ؟ ھەممە ئادەم ئۇنىڭ راك كېسىلى بار دەپ ئويلايتتى. “
” ئەمسە، ئۇ نېمىشقا بىنادىن سەكرىۋالىدۇ؟ “
” بەلكىم ئۇ غېرىب بىر قېرى بولغاچقىمىكىن. “
” تروي بەك ئوسال ئادەمكەن. ” جوربېن ئېيتتى،” ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە پۇللىرىنى مىراس قالدۇرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان. مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۇنى نورمال دەپ دىئاگونۇز قويغان. ئاخىردا بولسا ئۇ باشقا بىر ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويدى. نېمىشقا ئۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن بۇنچىلىك نەپرەتلىنىدىغاندۇ؟ “
” ئۇلار تروي ئەپەندىمنىڭ يۈزىنى تۆكەتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشاتتى. ئۇلار بەك ھىيلىگەر ئىدى. ئۇنىڭ پۇلىنى توختىماي خەجلەيتتى. شۇڭا تروي ئۇلارغا ھېچنېمە قالدۇرمىغان گەپ. “
سىتەڧورد ئىشخانىسىغا قايتقاندىن كېيىن گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتداشلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ۋەسىيەتنامىدىكى بىر ئادەمنى تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، لېكىن بۇ ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
” ئۇنىڭ ئىسمى رىيچېل لېين. ” سىتەڧورد ئۇنىڭغا ئائىت بىلىدىغانلىرىنى خىزمەتداشلىرىغا ئېيتتى،” مەنمۇ ئانچە كۆپ بىلىپ كەتمەيمەن، ئالدى بىلەن دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلىرى ھەققىدە،ئۇلارنىڭ كىملىكى، ئۇلار قانداق ھەرىكەت قىلىدۇ، خىزمەتچىلىرىنى قانداق تاللايدىغانلىقى، ئۇلارنى قەيەرلەرگە ئەۋەتىدۇ دېگەندەك، ئۇلارغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى تېپىپ چىقايلى. رىيچېلنىڭ ئاپىسى- ئەۋىلىن كاننىڭخەم، يەنى ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن، توغرىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىكى ئۇچۇرلارنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. “

چۈش بولغىچە تى جىنىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىپ چىقتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بىر بوتۇلكا پىۋا ئىچىۋالغان بولۇپ، قالايمىقان، مەينەت ھۇجرىسىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئۇكۈنى ئۇ ئايالى بىڧ بىلەن ئۈچ قېتىم سوقۇشۇپ قالغان ئىدى، مانا ھازىرغىچە ئايالىنى تاپالمايۋاتاتتى.
ئۇ يەنە بىر بوتۇلكا پىۋىنىڭ ئېغىزىنى ئاچتى، ئانىدىن زالغا قويۇلغان ئەينەكتىكى ئۆزىگە قارىدى.  ” تروي ڧىلەن جى ئار. ” ئۇ ئۆزىگە سۆزلەۋاتاتتى،”  ئامېرىكىدىكى 10- ئەڭ كاتتا باي ئادەم تروي ڧىلەننىڭ ئوغلى مەن،  ئۇنىڭ بىر مىليارد بىر يۈز مىليون پۇلى  بار ئىدى، مەن تروينىڭ ئوغلى! “
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ چىرايلىق كۈلرەڭ كاستۇمىنى كىيىۋالغان ئىدى. تۈنۈگۈن سۆيۈملۈك قېرى دادىسى مۇتەخەسسىسلەر ئالدىدا ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن جاۋاب بەرگەن ۋاقىتتىمۇ تى جى مۇشۇ كاستۇمىنى كىيگەن ئىدى. ” ئارمانى، مانا مەن.”  ئۇ خۇشاللىقىدا ئۈنلۈك توۋلىدى.
دەسلەپكى يىگىرمە يىلدا تى جىنىڭ كۈنلىرى ئىنتايىن ياخشى ئۆتتى. ئاندىن ئۇ دادىسىدىن 5 مىليون دوللار پۇل تاپشۇرۇۋالدى. لېكىن 30 يېشىغا كىرمەيلا  ئۇ بۇ پۇللارنى سورۇپ بولدى. دادىسى شۇڭا ئۇنى بەك ئۆچ كۆرەتتى.
ئۇ تىز سۈرئەتلىك يولدا كېتىۋېتىپ  ئۆزىدىن 500 مىڭ دوللار پۇلنى نەگە ئىشلەتسەم بۇلا؟ دەپ سورايتتى.  ” 500 مىڭ دوللار بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان پۇل دېگىنە. ” ئۇ ئۆزىچە كۈلۈشكە باشلىدى.
ئۇ بىرىنچى بولۇپ دوستى دېكىي ئاچقان تۇلپار-پورسچى  (BMW-Porsche)ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرىدىغان زاۋۇتنىڭ ئالدىدا توختىدى.
” بىڧنىڭ پورسچى ماركىلىق،911 تىپلىق قىزىل ماشىنىدىن بىرنى ھەيدىگۈسى باركەن. “
” قاچان ئالىسەن؟ “
تروي ئۇنىڭغا ئاچچىقلىغىنىچە قارىدى:
” ھازىرلا! “
” ئەلۋەتتە بولىدۇ، تى جى. لېكىن پۇلىنىچۇ؟ “
” مەن تۆلەيمەن، يەنە ئۆزۈمگە ئوخشاش ماركا، ئوخشاش تىپتىكى  قارا رەڭلىكتىن بىرنى ئالىمەن. ئىككىسىنىڭ پۇلى جەمئىي قانچە بولىدىكەن؟ “
” ھەر بىرى 90 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولىدىكەن. “
” ئۇنداقتا چاتاق يوق، ماشىنىنى قاچان ئېلىپ كەتسەك بولىدۇ؟ “
” مۇشۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە. ھازىر پۇل تۆلەمسەن؟ ” سورىدى  دېكىي.
” بىر ياكى ئىككى ئاي ئىچىدە تۆلىۋېتىمەن. لېكىن ماشىنىلار ماڭا ھازىرلا  لازىم. “
دېكىي باشقا ياققا قارىۋالدى،” ئاڭلا، تى جى. يېڭى ماشىنىدىن ئىككىنى ساڭا نېسىگە بېرەلمەيمەن.”
” بوپتۇ،بوپتۇ! مەن باشقا يەرگە بېرىپ كۆرۈپ باقاي ئەمسە. ئىسكىلاتىڭدىكى بارلىق ماشىنىلارنى سېتىۋالغۇچىلىقىم بار.بىلسەنغۇ، مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەيلى قايسى بانكىغا كىرەي 10 ياكى 20 مىليون دوللار ئېلىپ چىقىپ بۇ يەرنى سېتىۋالالايمەن. بانكىدىكىلەر خۇشال بولۇشقىنىچە كېرەكلىك پۇلنى ماڭا ئاچىقىپ بېرىدۇ. گېپىمنى چۈشىنىۋاتقانسەن؟ “
دېكىينىڭ كۆزى چوڭ ئېچىلدى:
” داداڭ ساڭا قانچىلىك مىراس قالدۇردى؟ “
” بانكىنى سېتىۋالغۇلى بولغۇدەك پۇل مىراس قالدى. قانداق، ماشىنىلارنى بېرەمسەن ياكى باشقا يەرگە بېرىپ باقىمەنمۇ؟ “
” بولدى، بولدى. مەن ماشىنىلارنى ئاچىقىپ بېرەي ھازىر. “

رەمبېل پۈتۈن بىر كۈننى ھۇجرىسىدا مۇزىكا ئاڭلىغاچ تاماكا چېكىپ ئۆتكۈزدى، باشقىلار بىلەن كارى بولمىدى. ئۇ مەكتەپكە بارمىغىلى بىر نەچچە ھەپتە بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئادۇكاتى ئۇنىڭغا مىراسنىڭ ئۇ 18 ياكى 21 ياشقا كىرمىگۈچە قولىغا بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغىچە ھەر ئايدا ئۇنىڭغا يەتكۈچىلىك مىقداردا پۇل بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئۇ رەمبېل دەپ ئاتىلىدىغان مۇزىكا ئەترىتى قۇرغان بۇلاتتى. ئۇ گىتتار چالالايتتى، ناخشا ئېيتالايتتى، قىزلارنى قوغلىشالايتتى.
تى جىنىڭ ئۆيىدىن ئىككى قەۋەت ئۈستىدىكى ئۆيدە ئاپىسى تىرا پۈتۈن كۈننى دوستلىرى بىلەن تېلېڧۇندا پاراڭلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. دوستلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭدىن قانچىلىك مىراس تەگكەنلىكىنى سورايتتى. لېكىن ئۇ پەرەز قىلىشتىن قورقاتتى.  ئۇ تروي بىلەن ئاجراشقاندا، تروي ئۇنىغا 10 مىليون دوللار بىلەن بۇ ئۆينى بەرگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدا ئەڭ ئاخىرقى 2 مىليون دوللارلا پۇلى قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېھتىياجلىرى بەك كۆپ ئىدى. دوستلىرىنىڭ بەخامىزدىكى دېڭىز بويىدا داچىلىرى بار، ئۇ بولسا ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر؛ دوستلىرى كىيىملىرىنى نىيۇيوركتىن سېتىۋالىدۇ؛ ئۇ بولسا كىيىملىرىنى مۇشۇ شەھەردىن سېتىۋالىدۇ؛ دوستلىرىنىڭ بالىلىرى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ؛ رەمبېل بولسا يەر ئاستى ئۆيگە كىرىۋالغىنىچە سىرتقا چىققىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ. گىينا ڧىلەن سچروڭ بولسا 30 ياشقا كىرگەن، ئىككىنچى قېتىم كوۋدىي بىلەن توي قىلغان ئىدى. كوۋدىينىڭ چوڭ پىلانلىرى بولسىمۇ، ئىش باشلاپ 6 ئايدىن كېيىن چوڭ زىيان تارتتى. گىيناغا تروي 21- تۇغۇلغان كۈنىدە بەرگەن 5 مىليوننىڭ ھازىر قېپقالغىنى بىر مىليونغىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قەرزلىرىمۇ ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا تروي ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالدى.
ئۇلار چۈشتىن بۇرۇننى سۋىنكىس مىلدىن ئۆي ئىزدەش بىلەن ئۆتكۈزدى. سۋىكىس مىل ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدىكى ئەڭ ياخشى يەر ھېسابلىناتتى. كەچكە يېقىن  ئۇلار 4 مىليون 500 مىڭ دوللار باھار چىقىرىلغان بىر بوش ئۆينى كۆرۈپ چىقتى ھەم بۇ ئۆينى سېتىۋالماقچى بولۇشتى.

تى جىنىڭ قېرىندىشى 44 ياشلىق رەكس بولسا  ئوغرىلىق  جىنايى ئىشلىرى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتاتتى.  بىر بانكا بۇلىنىش ئىشى بىلەن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI ) قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. رەكسنىڭ 7 مىليون دوللاردىن كۆپرەك بېرىشى بار.  ھازىر بولسا تروي ئۆلدى، شۇڭا ئۇ بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.  ئۇ بۇ قەرزلىرىنى تەگكەن مىراسلىرى بىلەن قايتۇرالايدۇ.
رەكس پۈتۈن بۇ كۈننى ئادۇكاتى خاك گەتىيس بىلەن ئۆتكۈزدى. ئۇ مىراسنىڭ قۇلىغا تېزراق تېگىشىنى تۆت كۆزى بىلەن  كۈتكەچكە، ئادۇكاتىنى جوش سىتەڧوردقا تېلېفون قىلىشقا قايىل قىلماقچى ئىدى.
  رەكس خاكقا ” بىز ۋەسىيەتنامىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. ” دېگىنىچە كۈن بويى  توۋلاپ چىقتى. خاك ئۇنى ياخشى تاماق ۋە ھاراق بىلەن مېھمان قىلىپ يۈرۈپ ئاران پەس قىلدى.  رەكسنىڭ ئايالى ئەمبىر ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە رەسك ۋە ئادۇكاتى ئىككىلىسىنىڭ مەست بولۇپ قالغان كۆرۈپ ئاچچىقلاپ كەتمىدى، چۈنكى ئۇ ھازىر رەكسنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرەتتى.
خاك گەتىيس ناھايىتى خۇشال ئىدى. قېرى تروي ئۆلدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى بولسا ھەر بىر ئادۇكاتنىڭ ئەڭ ئارزۇسىدىكى كان ئىدى. تروينىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىدى، مۇشۇ باھانىدا ئۇ ئۆز ئالدىغا شىركەت ئېچىۋالالايتتى ھەم نۇرغۇن پۇل تاپالايتتى. ئۇ بۇ ۋەسىيەت توغرىلىق ئۇزاق تالاش-تارتىش بولۇشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى. بۇنداق بولغاندا ئۇ ھەم باي بولالايتتى ھەم  داڭ چىقىرالايتتى.

توردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلارنىڭ باش مەركىزى تېكساس ئىشتاتىنىڭ ھيۇستوندا ئىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا خىرىستىيان دىنى تارقىتىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەرلىكتىن 4  مىڭ نەپەر مىسسىيونېرلىرى بار ئىدى.  بىرازىلىيەدىكى 28 ئىندىيان قەبىلىسى دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلىرى تەرىپىدىن ياردەم بېرىلىپ كەلگەن. بۇ مىسسىيونېرلار ئورمانلىقتا ياشاشقا مەشىقلەندۈرۈلگەن بولۇپ، قەبىلىلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن،ھەم مېدىتسىنادىمۇ تەربىيەلەنگەن ئىكەن.
قارىغاندا، رىچېل كىچىك بىر كەپىدە تۇرىدۇ، ئۆزى ياسىۋالغان كارىۋاتتا ئۇخلايدۇ، ھەم بىر نەرسىلەرنى ئوتقا قاقلاپلا يەۋىرىدۇ. ئۇنىڭ تائاملىرى قارىغاندا ئۆزى تېرىغان زىرائەتلەردىن كېلىدۇ. ئۇلار  قىسماق سېلىپ تۇتۇۋالغان ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ يەيدۇ. ئۇ بالىلارغا ۋە چوڭلارغا ئىنجىل ھىكايىلىرىنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ دۇنيادىن خەۋەرسىز، ئېنىقلا دۇنيانىڭ غەم-ئەندىشە ۋە بېسىملىرىدىن ئازراقمۇ خەۋىرى يوق.
” بىز ئۇنى مەڭگۈ تاپالمىغۇدەكمىز، ” دېدى جوربېن،-” يا تېلېڧۇن بولمىسا، يا توك بولمىسا ئۇ يەرلەردە. ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئېگىز تاغلاردىن يامىشىپ ئۆتىشىمىز كېرەكما. “
” بىزنىڭ باشقا تاللىشىمىز يوق، ” جوش ئېيتتى،-” بىز دۇنيا قەبىلىلەر مىسسىيونېرلار ئۆمىكىگە تېلېفون قىلدۇق، لېكىن ئۇلار بىزگە ئېيتىپ بېرىشنى خالىمىدى. ئۇلار ھەتتا مۇشۇنداق بىر ئايالنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىنكار قىلدى. ئەمما، مېنىڭ مۇنداق بىر ئۇيۇم بار.  بىرەر كىشىنى رىچېل لېينى ئىزدەش ئۈچۈن ئەۋەتىشىمىز كېرەك. لېكىن كىملا بولسا ئەۋەتىۋەرسەك بولمايدۇ، ئەۋەتكەن كىشى چوقۇم ئادۇكات بولۇشى، زادى نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بىرى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ كىشى چوقۇم  ئادۇكاتلىق ئورنىمىزدىن بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ مۇنداقلا بېرىپ قايتىدىغان قىسقا سەپەر ئەمەس. بىرازىلىيە دېگەن بىر چوڭ دۆلەت. ئورمانلىقلاردىن كېسىپ ئۆتۈشكە، تاغلارغا يامىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەم ئۇ كىشىلەرمۇ ھەرگىز بارغان ئادەمنىڭ ئالدىغا ماشىنا ئەۋەتمەيدۇ. بەلكىم بۇنىڭغا ئاز دېگەندىمۇ بىر ھەپتە ۋاقىت كېتەر. “
” شۇنداق قىلىپ كىمنى ئەۋەتىمىز؟ ” جوربېن سورىدى.
” نېيتنى ئەۋەتسەك قانداق؟ “
نېيت ئوۋرايلى ھازىرنىڭ  ئۆزىدە كۆك چوقا تېغىدىكى (Blue Ridge Mountains ) بىر شەخسىي دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان مۇشۇ ئادۇكاتلىق مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ئىدى. ئۆتكەن 10 يىلدا ئۇ بۇ دوختۇرخانىنىڭ دائىملىق بىمارى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ھەر كەلگىنىدە ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاشنى ئۈمىد قىلىپ كېلەتتى. ھازىر بولسا ئۇ 48 ياشتا، پۇلى يوق، ئىككى قېتىم توي قىلىپ ئاجرىشىپمۇ بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ئۇنى باج تاپشۇرماپسە داپ ئىزدەپلا تۇراتتى.
” ئۇ ئىلگىرى دالا پائالىيىتىگە تولا چىقاتتى،شۇنداققۇ؟ ” جوربېن سورىدى.
” ھە راست، قىياغا يامىشىش، ئېگىزدىن سەكرەش دېگەندەك ئەڭ خەتەرلىك ئىشلارغا ئامراق ئىدى، كېينچە ئىسپىرت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرگە بېرىلىپ كېتىپ ھەممىنى تاشلاپ قويغان. “
ئۇنىڭ ئىچىملىككە بېرىلىپ كېتىشى 35 ياشلىرىدىكى ئىش ئىدى.  ئادەتتە ئۇ نورمال ئىچىپ قۇياتتى، كېيىنچە ئۇ ئېغىر-ئېغىر ئىچىپ قويىدىغان بولىۋالدى، ھەم زەھەرگە ئۆگىنىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلىسىنى تاشلاپ قويدى.  كىينچە ئۇ بىر دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ تۈگۈشۈپلا كەتكەن ئىدى. ئادۇكاتلار مەركىزى ئۇنى دوختۇرخانىغا داۋالىنىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ئۇ بىر نەچچە ئاي، ھەتتا بىر نەچچە يىل ئىچىملىك، چېكىملىكلەردىن يىراق تۇرغانمۇ بولدى، ئەمما  ئۇ دائىم پالاكەتكە يولۇقۇپلا تۇردى.
4 ئاي بۇرۇن نېيت كۇمىلاچ ۋە بىر بوتۇلكا ۋوتكا ئىچىۋېلىپ، بىر مېھمانخانىدا سولىنىۋالغان ئىدى. جوش يەنە ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ قېتىملىقى ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا 10 يىل ئىچىدە 4- قېتىم ئەۋەتىلىشى ئىدى.
” سىلەرمۇ بىلىسىلەر، بىر مەزگىل سەپەر ئۈستىدە بولۇش،” دېدى جوربېن،” ئۇنىڭغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. “

 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72