تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

داپشاقلار1

بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى باشقىچە: كۆپكۈك ئاسماننى كۆرىۋالغانلىقدىن ئۆزگىچىلا روھلىنىپ ئەڭ تۆۋەن سەپلىمىك قول تېلڧۇنىدا بولسىمۇ ئۇچۇرغانكى كۆك رەڭلىك مەنزىرىلەرنى رەسىمگە تارتىۋاتقان كىشىلەر كۆزگە چېلىقپلا تۇرىدۇ؛ ئاسمىنىدا كۈن پاقىراپ تۇرسىمۇ كۆزۈڭگە بىر خىل چاڭ-تۇزانلار كۆرۈنگىنى كۆرۈنگەن. پىژغىرىم ئاپتىپى ئادەمنى مۇزدەك سوغۇچ شامال پۈركۈپ تۇرغان ھاۋا تەڭشۈگۈچنىڭ ئاستىغا قىستىغىنى قىستىغان؛ بەزىدە بېرەر ھەپتىگىچە قوياشنىڭ چىھرىنى كۆرەلمەيدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ. ئەڭ قىزىقارلىقى …

داپشاقلار

” ھۇ ئۆزىنى بىلىشمەيدىغان  داپشاقلار! ” ” قېلىنلىق دېگەنمۇ يېرىم دۆلەت، ” دەپ غۇدۇڭشىۋاتاتتى كىمدۇر بىرى بۇ گەپ ئېغىر كەپكەتكەندەك. ” سېرىق ھەرىدەك غۇدۇڭشىماي، گېپىڭىز بولسا ئۇچۇق قىلمامسىز؟ ” ” ۋۇي نېمە بوپسىز؟ مەن سىزگە گەپ قىلدىمما؟ ” ” ھە، نېمە بولغاندەك قىلىمەن؟ مەنمۇ سىزگە گەپ قىلغاندەك كۆرىنەمدىمەن؟ ”  قاپىقى ھېلىلا مۆلدۈر ياغىدىغاندەك كۆرىنىدىغان بۇ …

ئاپئاق ئارزۇ

  يەرشارى خارەكتىرلىك كىلىمات ئىللىپ كىتىش ھادىسى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ھەممىنىڭ ئاغىزىدا بار ئىدى. يېقىندىن بۇيان بەزى دەرسلىكلەردە تاسادىبى بۇ گەپنى ئۇچۇرتۇپ قالمىسام خەۋەرلەردىمۇ ئانچە ئاڭلاپ كەتمەيدىغان بولدۇم. شۇنىڭغا قارىغاندا كىلىمات قايتىدىن سۇۋۇۋاتقان بولسا كېرەك. راست، يېقىندا سەھرايى كەبىردىكى ئەسىرلەپ قار يۈزى كۆرۈپ  باقمىغان يەرلەردىمۇ قار ياغدى دەپ ئاڭلىدىم. بۇ يىل بىر ئايالنىڭ ( چەي …

قەبرە كولاش 1

سودىگەرلەر قايناق بازارنى بېشىغا كىرىپ خېرىدار توۋلاۋاتاتتى. بۇ بازار ئاجايىپ بازار، يىڭنە-يىپ دەمسىز، ياكى ئىسىل ئىگىنلەر دەمسىز، كۈمۈش-ئالتۇن ئۈزۈك دەمىسىز…. ھەممىسى تېپىدىلىدۇ.  گاھىدا ئەمدى 13-12 نىڭ قارىسسىنى ئالغان بالىلارنىڭ ” تازلىق قەغىزى سېتىۋاللى. چىش كولىغۇچ سېتۋاللى، ئەزانچىلىق دېگەن مانا مۇشۇ، ” دەپ توۋلاشلىرى ئادەمنى ئۆزىگە رام قىلسا، گاھىدا چاچلىرىغا ئاق چۈشكەن مومايلار، ياغلىقىنى چىڭ چىگىۋالغان …

قەبرە كولاش

ئۆزۈمنى كىچىك بالا دەپلا ئويلايتتىم. ئەمما ئەينەكتىن سىمايىمنى كۆرۈپ، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم: بۈدۈر چاچلىرىمغا ئاق چۈشۈشكە باشلاپتۇ. چوڭلار ئاق چاچ بەخىتنىڭ بەلگىسى دەيدىكەن،  بەخىت قۇشۇم بېشىمغا قۇنىۋاتقاندۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم؛ بەزىدە ئېغىر ھۆتىلەپ قويىشىم بار، ياشلىق پەسلىم ئۆتكەن بولسا كېرەك؛ بۇرۇنقىدەك قەلەمنى ئېلىپلا بىرنېمىلەرنى يازالمايدىغان بوپ قاپتىمەن، بەلكىم سەل ئۆزۈمنى تۇتىۋالغاندىمەن، ھىسياتلىرىمغا يۈگەن سالغاندىمەن. …