تېڭېرقاش

تىلىڧۇن بىر ماروژناخانىدا ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭغا ياندىشىپ پەرھاتمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يۈتتۈرگىلىۋاتاتتى، بەزىلىرىنى ئاللىقاچان يۈتتۈپ قويغانمۇ ئىدى. بۇلارنى ئۇ ئۆزى سىزەتتى. يېنىدا ئۇنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن دەپ دەۋا قىلىدىغان بىر چىشى سايە ئۇ بۈگۈن ئېرىشكەن بىردىنبىر نەرسە ئىدى. سايە ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن بېرى ھەمراھ ئىدى. ئارلىقتا يوقاپمۇ كېتەتتى. لېكىن ئۇ سايىگە ئاشىق ئىدى.

سايە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كوچا ئايلانغان ۋاقىتتا خۇددى ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقاتقاندەك كۆپ نەرسىلەرنى ئېسىدىن چىقىرىپ قوياتتى. قارىماققا ناھايىتى خۇشال كۆرىنەتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. چىشى سايە ماروژنا يەۋىتىپ تېلڧۇنىنى شۇ يەردە قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۆز سۆيگىنىگە ھەمراھ بولۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى.

كۆڭلۈڭدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە بولساڭ ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ كىتىسەن دەيدىكەن بەزىلەر. لېكىن ئۇ  بۇ گەپكە ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتى. بەزىدە ئۇ تۇرۇپلا كۆڭۈلدىكى كىشى دىگەن قانداق بولىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالاتتى-يۇ، لېكىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغىنى قالغان ئىدى. كۆز ئالدىدىن بىرمۇنچە كىشىلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلايتتى. ئەمما توتۇق رەڭسىز سۈرەتلەر ئارىسىدىن ئۆزىگە سۆيۈملۈك بولغان بىرەر كىشىنى تېپىشقا ئامالسىزدەك قىلاتتى. بەزىدە ھەممە كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆڭلىدىكى كىشىدەك تويۇلۇپ كىتەتتى-دە، دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ يىراقلارغا قاراپ قوياتتى. قارايتتى-يۇ، كۆز ئالدىدا ئالا-چەكمەن كىيىنىۋېلىپ ئۇيان-بۇيان ئۆتىشىۋاتقان ئادەم دېڭىزى ئۇنى بىئارام قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆڭلى يالغۇزلۇقنى تارتىپلا تۇراتتى، يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆزىگە ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرنى، ئۆزى سۆيىدىغان كىشىنى تېپىۋېلىشنى ئىستەيتتى. ئەمما يالغۇز يۈرۈشنىڭ بەزىدە قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايتتى. راست، يالغۇز يۈرۈش بەزىدە خەتەرلىك. ئادەم روھىيىتى سىمىز بولمىسا بۇ خىل توپتىن قېچىش تۈسىنى ئالغان يالغۇزلۇققا ئىنتىلىش ئادەمنىڭ روھىنى تۈگەشتۈرىدۇ، تەنھالىق ئىچرە سۆيۈملۈك كىشىلىرىنى تېپىۋېلىش تۈگۈل ئەڭ سۆيۈملۈك بولۇشقا تىگىشلىك بولغان ئۆزلىكىنىمۇ باش-ئايىغى چىقمايدىغان خىياللار ئىچىدە نابۇت قىلىۋېتىدۇ. چوڭلارنىڭ ” بۆلۈنگەننى بۆرە يەر ئايرىلغاننى ئېيىق” دېگىنى مۇشۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك. يەنە بەزىلەر ئېيتىدۇ: ” تەنھالىق قورققۇدەك نېمىسى بار؟ دۇنياغا يالغۇز كەلدىڭ، يالغۇز كىتىسەن.” …. ئىشقىلىپ ھەر كاللىدا ھەر خىيال. ھەممە ئۆز خيالىنى ئەڭ توغرا دەپ ئىسپاتلاشقا ئورۇنغىنى ئورۇنغان. كۆز-قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقانلىغى ئەسلى ياخشى ئىش ئىدى. بۇنداق تىرىشچان تەپەككۇر ئىگىلىرىگە كىشىلەر ھەرۋاق ھارارەتلىك ھەم سۆيۈنۈشكە تولغان سالاملىرىنى يوللاپ تۇرىدۇ. ئەمما ئادەملەرنى قىينايدىغىنى ( بەلكىم ھەممە ئادەمنى ئەمەس پەرھاتنىلا قىينايدىغاندۇ) ئۇلارنىڭ ئۆز خىيال-ئىدىيىلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ يولى بىلەن ياشاشقا ھارماي-تالماي ئۈندىشى ئىدى.

10 مىنۇت ۋاقىت ئۇنىڭغا خۇددى 10 سائەتتەك بىلىنىپ كەتكەن ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئەمەلىيەتتە قىسقىغىنا ئەمما تەسەۋۇردا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئۇ يېنىدا ئۆزىگە سوڭدىشىپ كىتىۋاتقان يەنە بىر كىشىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.

ئۇنىڭ قەلبىدە ھەرخىل قارمۇ-قارشى پىكىرلەر، خىيللار ئەگىپلا يۈرەتتى.

” ئاپلا، تېلڧۇنۇم يوق تۇرىدۇ، جېنىم”

چىشى سايىنىڭ ئالدىراپ ئېيتقان سۆزى ئۇنى خىياللار دۇنياسىدىن ئۆزىگە قايتۇرۇپ كەلدى.

” نېمە دېدىڭىز جېنىم؟ چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز، بىرنەچچە سائەت ئىلگىرى ماروژنىخانىدا ئۆزىڭىزنى رەسىمگە تارتىپ ئولتۇراتتىڭىزغۇ.” دېدى ئۇ ۋاقىتنى قىياس قىلىشقا ئورىنىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇنىڭ قاچانكى ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېسىگە ئالالمايتتى.

” بىر نەچچە سائەت ئىلگىرىكى گەپ ئەمەس ھوي قاپاق. 10 مېنۇت ئالدىدا قولۇمدا بارتتى. سىزنىڭ تاتلىق گەپلىرىڭىز بىلەن بولۇپ كېتىپ بايامقى ماروژنىخانىدا ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايمەن.”

” ئەمسە، بىردەم تۇرۇپ تۇرۇڭ. مەن شاپپىدە بېرىپ باقاي ئۇ يەرگە. بىردەمدە كېلىمەن ھە.” ئۇ شۇنداق دىگىنىچە چىشى سايىنىڭ قولىنى قويۇپ بەردى ۋە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۇچقاندەك ماڭدى. ئۇ ئۆزىنى بىرخىل يىنىك ھىس قىلىۋاتاتتى. ماروژنىخانىغاا كەلدى. راست دىگەندەك، تېلىڧۇن مۇشۇ يەردە ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىدى.

“سىزنىڭ تېلىڧۇنىڭىزما؟ ” سورىدى چىرايدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرۇدىغان مۇلازىمەتچى.

” ياق… ھىم، شۇنداق دىسەممۇ بولىدۇ، قىز دوستۇمنىڭ-بولغۇسى ئايالىمنىڭ تېلىڧۇنى ئىدى.” ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ بىردەم تۇرۇپ كەتتى. گېلىنى قانداقتۇر بىر يۇشۇرۇن قول سىققاندەك دېمى بىر ئاز سىقىلدى .

” تېلىڧۇن نۇمۇرى قانچە؟” سورىدى مۇلازىمەتچى ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەندەك.

” كە..كەچۈرۈڭ. مەن تېلڧۇن نۇمۇرنى دىگەندەك سانلارنى پەقەت ئېسىمدە تۇتالمايمەن، ھەم ئۆزۈمنىڭ تېلىڧۇنىنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بايام ئاشۇ ئۈستەلدە ئولتۇرغانتۇق.” ئۇ بىرخىل خىجىل بولغان ھەم پەخىرلەنگەن ھالدا مۇلازىمەتچىگە چۈشەندۈرىۋاتتى.

مۇلازىمەتچى ئاخىرى تېلڧۇننى ئۇنىڭغا بەردى. ئۇ خۇددى ئۆزىگە قايتا ئىرىشكەندەك خوشال بولۇپ كەتتى. لېكىن قەدەملىرى چىشى سايە تەرەپكە ئالدىرىمايۋاتاتتى. قولىدا تېلىڧۇن، كاللىسىدا چىگمەش خىياللار ئۇنى بىر خىل قىينايتتى ھەم خۇشال قىلاتتى.  چىشى سايە يىراقتىن ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قارىغىنىچە ئولتۇراتتى.

” باشقا يەردە ئۇنتۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ،” دېدى ئۇ چىراينى بىر خىل جىددى تۈسكە كىرگۈزۈپ. ئۇ چىشى سايىگە چاقچاق قىلىۋاتاتتى.

” مېنى ئالداۋاتىسىز.” چىشى سايە ئۇنىڭغا ئەركىلىگەنچە قولىنى سۇندى.

” سىزنى ئالدىمىدىم ،ئاپىقىم. راست يوق تۇرىدۇ. لېكىن، ئەنسىرمەڭ، سىزگە باشقا تېلىڧۇن ئېلىپ بېرىمەن.” ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يانچۇقى ئاللىقاچان قۇرۇقدۇلۇپ قالايلا دىگەن ئىدى.

ئۇنىڭ قەدەملىرى گاھ يىنىك، گاھ ئېغىر. تىنىقلىرىمۇ بەزىدە شۇنداق راۋان، بەزىدە تۇرۇپلا بۇغۇزغا بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغادەك يا ئىچىگە كىرەلمەي يا سىرتقا چىقالماي ئۇنى قىيناپ كېلەتتى. يېنىدا بولسا ئۇنىڭ چىشى سايىسى قارىماققا خۇشال ھالدا ئەركىلىگىنىچە كېتۋاتتى.

 

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72