سەھىپە ۋەسىيەتنامە

John Ray Grisham, Jr. born February 8, 1955, is an American bestselling writer, attorney, politician, and activist best known for his popular legal thrillers. His books have been
translated into 42 languages and published worldwide.
ۋەسىيەتنامە ناملىق بۇ كىتاپ ئامېرىكىلىق يازغۇچى جون رېي گرىسخەم جئار نىڭ كىتابى، بۇ ئادەم ئەڭ بازارلىق كىتاپلارنىڭ ئاپتۇرى، ئەسەرلىرى 42 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن 43 تىل بوپ كەتتى) قىسقىچە مەزمۇنى: ئامېرىكىلىق بىر چوڭ باي ئۆمرىنىڭ ئاخىرغا كەلگەندە سىرلىق بىر ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ قويۇپ ناھايىتى ئېچىنىشلىق بىر ئۇسۇل بىلەن ئۆلىۋالىدۇ. ئۆلىمىنىڭ ئالدىدا بىر قانچە ئادۇكاتنىڭ ئالدىدا بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئايالى، شۇنداقلا ئۇلاردىن بولغان باللىرىغا ئۆزىنىڭ مىراسىنى تەخسىملەش ھەققىدە بىر ۋەسىيەتنامە قالدۇرىدۇ. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسى ئادۇكاتى بىلەن باشقا ئايرىم بىر ۋەسىيەتنامە ئىمزالايدۇ ۋە بۇنى باشقىلاردىن مەخپى تۇتىدۇ ۋە ۋەسىيەتنامىدىكى ئىشلارنى ئۆز ئادۇكاتىغا تاپشۇرىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ مىليونىر پۈتۈن بايلىقىنى نىكاھسىز بولغان، باشقىلار ۋە ئۆزىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان قىزىغا مىراس قالدۇرىدۇ. ھىكايە بۇ مىليونىرنىڭ ئۆلىمدىن باشلىنىدۇ…. كىتاپ قىززىقارلىق ۋە جەلپ قىلارلىق بولۇپلا قالماي ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن يېڭى بولغان ئۇچۇرلارنىمۇ تەمىنلەيدۇ.

10- باب: قىزىتما

10- باب: قىزىتما كېيىنكى كۈنى قاتتىق يامغۇرمۇ ياغمىدى. ئەسىر ۋاقتى بولغاندا رىچېل قايتىپ كەلدى. ئۇ لاكو بىلەن باشقا كەنتتە بولغان ئىشىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇدۇل قەبىلە باشلىقىنى يېنىغا كەلگەن ئىدى. ئۇ نېيت بىلەن جەۋىيگە ئۆزىنىڭ بەك ھېرىپ كەتكەنلىكىنى، مىراس ئىشى…

9- باب: ئۆلۈم

  9- باب: ئۆلۈم   ئەتىسى ئەتىگەن. ئېيياش تاپىنىنىڭ ئاستىدا مىدىرلاۋاتقان يىلاننى سەزگەن ۋاقىتتا يالاڭ ئاياق ئانىسىنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئىدى.  ئېيياش ۋارقىراپ كەتتى. يىلان ئۇنىڭ ئوشۇقىنى چېقىۋالغان ئىدى. دادىسى ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن ۋاقىتتا ئېيياش ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، پۇتلىرى ئىششىپ كەتكەن…

8- باب: مىسسىيونېرلار ئۆمىكىدە

ئەسكەرتىش: ئەسلى بۇ تەرجىمە كىتاپ ئىزدىنىش مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللانغان ئىدى. لېكىن نېمە سەۋەپتىنكىن ئىزدىنىشتىكى باشقۇرغۇچىلار ماڭا ئۇچۇرمۇ قىلماي ھەم سەۋەبىنىمۇ ئەسكەرتمەي تىمىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپتۇ. ئاخىرى بلوگىمدا داۋاملىق يوللىنىدۇ. ئاخىرىغا قىززىقىدىغانلار بلوگىمغا دىققەت قىلىپ قويغايسىزلەر. بۇ  تەرجىمە كىتاپ  تىۋىش بلوگى يازغۇچىسى،…

7- باب: ئىندىيانلار ۋە تىمساھلار

نېيت چۈشتىن بورۇن كىتاب ئۇقۇپ چىقتى. جەۋىي ئۇنىڭ بىلەن قەھۋە ئىچىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. ” سىزنىڭچە پەتنەنېل قانداقراقكەن؟ ” سورىدى جەۋىي. “پەنتەنېل ھەقىقەت بەك چوڭكەن، سەن پەنتەنېلنىڭ قەيىرىدە تۇغۇلغان ئىدىڭ؟ “ ” تۇنجى نەپسىمنى  كورۇمبودىكى بىر دوختۇرخانىدا ئالغانمەن. لېكىن مەن مۇشۇ…

6- باب: يوللۇق رىقابەت

6- باب: يوللۇق رىقابەت جەۋىي كېيىنكى كۈنى ئەتتىگەن دەريا تەرەپكە قاراپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەتتى. ئۇ قىرغاقتا يېقىن كېلىپ توختىدى ۋە كېمە سەنتا لورانىڭ تېخى قوزغالمىغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ۋېلىينىڭ كېلىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى يايراپ كەتتى. ۋېلىي تېخى 18 ياشقا كىرمىگەن بولۇپ،…