10- باب: قىزىتما

10- باب: قىزىتما

كېيىنكى كۈنى قاتتىق يامغۇرمۇ ياغمىدى. ئەسىر ۋاقتى بولغاندا رىچېل قايتىپ كەلدى. ئۇ لاكو بىلەن باشقا كەنتتە بولغان ئىشىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇدۇل قەبىلە باشلىقىنى يېنىغا كەلگەن ئىدى. ئۇ نېيت بىلەن جەۋىيگە ئۆزىنىڭ بەك ھېرىپ كەتكەنلىكىنى، مىراس ئىشى توغرىلىق پاراڭلىشىشتىن بۇرۇن ئۇخلىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.
خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن رىچېل ۋە نېيت دەرەخلەر ئاستىدا سۇنايلىنىپ ئېقىۋاتقان كىچىك ئېقىن تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىن ئولتۇرۇشقان بولۇپ، تىزلىرى بىر-بىرىنىڭكىگە تېگىشىپ تۇراتتى.
” ھەر بىر كەنتتە بىر يەرلىك دوختۇر بار، ” گەپ باشلىدى رىچېل، ” يەرلىك دوختۇر يوپۇرماق ۋە يىلتىزلارنى قاينىتىپ دورا ياسىيالايدۇ، روھلارنى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشكە چاقىرالايدۇ. لېكىن مۇشۇنداق دوختۇرلار ماڭا دۈشمەنلىك قىلىشىدۇ. ئۇلار مېنى ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار خىرىستىيانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ ئېقىننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كەنتتە بىر مەكتەپ بار ئىدى، مەن ئاشۇ يەردە كىشىلەرگە ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتەتتىم. ئۇ مەكتەپ خىرىستىيانلار ئۈچۈن ئېچىلغان مەكتەپ بولسىمۇ، ھەرقانداق ئادەم كەلسە بۇلاتتى. بىر يىل ئىلگىرى بۇ يەردە بەزگەك كېسىلى تارقىلىپ ئۈچ ئادىمىمىز ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. كەنتتىكى يەرلىك دوختۇر قەبىلە باشلىقىغا بىزنى ھەرخىل كېسەللەر بىلەن يۇقۇملانغان، ھېلىقى ئۈچ ئادەم مۇشۇ مەكتەپ سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە ئىشلەيدىغانلار جازالاندى. مەكتەپنى تاقىۋەتتى. “
” ئالدىنقى كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى خىرىستىيان ئىدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى يەرلىك دوختۇرنى چاقىرمىغان ئىكەن. يەرلىك دوختۇر ماڭا خەۋەر قىلغان بولساڭلار قىزىڭلار ئۆلۈپ كەتمىگەن بولاتتى دېگەن ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە قىزنىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەپچىكەنمەن. بۈگۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇ ياراتقۇچىنى ئەيىبلەپ ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا توۋلاپ يۈرۈپ مەن مۇراسىمنىمۇ ئاياغلاشتۇرالمىدىم. “
ئۇنىڭ ئاۋازى ئازراق پۈتۈپ قالغان بولۇپ لېۋىنى يېنىك چىشلىۋالغان ئىدى. ئۇ ئىندىيانلارنىڭ ئالدىدا يىغلىسا بولمايتتى. ئۇ چوقۇم ھەرۋاقىت قەيسەر بولمىسا بولمايتتى. لېكىن ئۇ نېيتنىڭ ئالدىدا يىغلىۋالسا بۇلاتتى. نېيت بۇنى چۈشىنەتتى.
” مېنىڭچە سىز ھازىر قايتىپ كىتىڭ، ” دېدى رىچېل تۇرۇپلا، ” باشقا بىر كەنتتە بۈگۈن بەزگەك كېسىلى بوپ قالغان بىر ئادەمنى كۆردۈم. پاشىلار بەزگەكنى ناھايىتى تىز تارقىتىشىدۇ. مەن ئىككى قېتىم بەزگەك كېسىلى بولۇپ باققان، ئىككىنچى قېتىم تاس قالغان ئۆلۈپ قالغىلى. نېيت، ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ ھەرگىز بەزگەك كېسىلى بوپ قالغۇڭىز يوق. “
نېيت رىچېلنى ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن دەپ ئويلىمايتتى. ئەگەر رىچېل ئۆلۈپ كىتىدىغان بولسا، ڧىلەنىڭ بايلىقلىرىنى بۆلۈش ئىشى يەنە بىر نەچچە يىل ئارقىغا سۈرۈلەتتى. نېيت رىچېلنىڭ ئۆزىنىڭ دەل ئەكسىچە كۈچلۈك ھەم جاسارەتلىك، ئاددىي تۇرمۇشىغا قانائەت قىلىپ خۇشال ياشايدىغانلىقىغا ھەقىقەتەن قايىل بولغان ئىدى.
” ئۆلۈپ كەتكۈچى بولماڭ رىچېل، ” دېدى نېيت.
” سىز ياخشى ئادەمكەنسىز. كۆڭلىڭىزمۇ، نىيىتىڭىزمۇ پاكىز ئىكەن. سىزگە كېرىكى ئازراق ياردەملا ئىكەن. “
” مەن بىلىمەن. مەن ئۇنداق قەيسەر ئەمەس. “
ئۇ يانچۇقىدىن ھۆججەتلەرنى چىقاردى، ” بۇ توغرىلىق پاراڭلاشساق بۇلامدۇ؟ “
رىچېل ۋەسىيەتنامىنى ئاستا ئوقۇپ چىقتى،” تروي باشقا بالىلىرىغا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويماپتۇ، ” دېدى ئۇ، ” ئانام تروي توغرىلىق ئىلگىرى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. دادام ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى تروي مېنى ئىزدەپ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بوپتىكەن. كېيىن ئانام ماڭا ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ئاتا-ئانامنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇلار ماڭا بەرىبىر ئىدى. ئارلىقتا بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئاپام بىلەن تروي تېلېڧۇندا كۆرۈشۈپ يۈرۈپ دوست بولۇپ قالغان ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئۆيىمىزگە تورت ۋە چاي-پاي كۆتۈرۈپ كەپتىكەن. كېيىن ئۇ مەكتەپ چىقىملىرىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولدى. ئۇ بىر دادىغا ئوخشاش ئىش قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان مەن ئۇنى ئۆچ كۆرۈپ قېلىۋاتاتتىم. ئارىلىقتا ئانام تۈگەپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىمنى ئۆزگەرتىپ دوختۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇدۇم. يىللاردىن بۇيان مەن باشقا ئېزىپ كەتكەن كىشىلەرگە دۇئا قىلغىنىمغا ئوخشاشلا تروي ئۈچۈن دۇئا قىلىپ كەلدىم. مەن ئۇنى مېنى ئۇنتۇپ كەتتى دەپ ئويلىغانىكەنمەن. “
نېيت ئۇنىڭغا باشقا بىر قانۇنىي ھۆججەتنى بەردى. ئۇ ھۆججەتنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن دېدى، ” ماڭا بۇ پۇللار لازىم ئەمەس، مەن بۇ نەرسىلەرگە ئىمزا قويمايمەن. سىزدىن ماڭا ياردەم قىلىپ بەزى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىڭىزنى ئىستەيمەن. مېنىڭ نەدىلىكىمنى ھېچكىمگە تىنمىسىڭىز. “

” يىراق ئورمانلىقتا دىن تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتقان ئىنتايىن كىچىك پېئىل مىسسىيونېر 1 مىليارد بىر يۈز مىليون دوللار مىراسنى ئېلىشنى رەت قىلدى ” بۇ ناھايىتى چوڭ بىر خەۋەر بۇلاتتى. مۇخبىرلار بۇ كاتتا خەۋەر ئۈچۈن تىك ئۇچار ۋە كېمىلەردە پەنتەنېلغا كېلىشتىن يانمايتتى. نېيت بۇلارنى ئويلاپ رىچېلنىڭ ئورنىدا كۆڭلى يېرىم بولدى.
” قولۇمدىن كەلگىنى قىلىمەن، ” دېدى ئۇ.
قەبىلە باشلىقى ۋە كەنتتىكى بىر قىسىم ئىندىيانلار نېيت ۋە جەۋىينى ئۇزاتقىلى چىققان ئىدى.
” بۇ قاراڭغۇدا يولغا چىقساق بىخەتەر ماڭالامدىمىز؟ ” سورىدى نېيت.
” قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ ئەڭ قابىل يول باشلىغۇچىسىنى ئەۋەتتى. ياراتقۇچى سىلەرنى قوغدايدۇ. سىز قەلبى پاكىز بىر ياخشى ئادەمكەنسىز، دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. “
” سىزگە كۆپ رەھمەت. سىزنىڭ توي قىلغۇڭىز يوقمۇ؟ “
” مەن توي قىلسام بولمايدۇ. “
” نېمىشقا بولمىغۇدەك. سىز بۇ يەردە ئىندىيانلاردىن خەۋەر ئالىسىز، مەن پۇللارنى بىر تەرەپ قىلىمەن. بىزنىڭ چوڭ كەپىلىرىمىز بولىدۇ، يېڭى كىيىملەرنى كىيەلەيمىز. “
ئۇ ئىككىسى كۈلۈشۈپ كەتتى. نېيت خوش دېمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى. تۇرۇپلا ئۇ ھېچنېمىنى كۆرەلمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭ قاپاقلىرى تارتىشىپ، جەينەك بوغۇملىرى ئاغرىشقا باشلىدى.
نېيت تېيىز سۇدا رىچېلغا ئېسىلغىنىچە تىزلىنىپ ئولتۇردى ۋە ئۇنىڭغا ” رەھمەت ” دېدى.
” نېمىگە رەھمەت دەيسىز؟ “
” ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ھە راست، ئادۇكاتلارنىڭ ئۆلۈشىنى كۆپەيتكەنلىكىز ئۈچۈن رەھمەت. “
رىچېل كۈلۈمسىرىدى ، ” مېنىڭ پۇل، ئادۇكات دېگەنلەر بىلەن كارىم يوق. لېكىن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا سىزدىن ئۆتۈنەي، ئەمدى بۇ تەرەپلەرگە كېلىپ يۈرمەڭ، ئۇ كىشىلەرگە مېنى تاپالمىدىم دەپ قويسىڭىزلا بولدى. “
ئۇلار يىراقلاپ كېتىۋاتقاندا نېيت رىچېل ۋە ئىندىيانلارغا قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى. ئۇلار مېڭىپ تۇنجى قەرىلىدىغان يەرگە كەلگەندە نېيت كەينىگە قارىدى. رىچېل ۋە ئىندىيانلار تېخىچە ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى.
ھاۋا شۇنداق سوغۇق بولۇشىغا قارىماي نېيت تەرلەپ كەتكەن بولۇپ، پۇت-قوللىرى تەرلەپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. ” مەن كېسەل بوپ قالغان ئوخشايمەن، ” ئويلىدى ئۇ.
جەۋىي نېيتقا دىققەت قىلغان ئىدى، ” نېيت، مىجەزىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ نېمە؟ ” بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن سورىدى جەۋىي.
ئۇ بېشىنى چايقىغىنىچە ياق دېدى. ئاغرىق ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كىرىپ ئومۇرتقىسىدىن چىقىۋاتقاندەك ئۇنىڭ بەدەنلىرى قاتتىق بىئارام بۇلاۋاتتى. ” جەۋىي، مەن بەزگەك كېسىلى بولۇپ قالغان ئوخشايمەن. “
” بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟ “
” رىچېل تۈنۈگۈن باشقا كەنتتە بەزگەك بىلەن ئاغرىغانلارنى كۆرۈپتىكەن. ئۇ مېنى بۇ كېسەلدىن ئاگاھلاندۇرغانتى. شۇڭا بىز بۈگۈن يولغا چىققانتۇق. باشلىرىم قىزىپ، ھېچنېمىنى كۆرەلمەيۋاتىمەن ھازىر. “
جەۋىي كىمىنى توختىتىپ ئىندىيانلارنى توۋلىدى ۋە تېزلىكتە چېدىرنى ئاچتى. ” توڭلاپ تىترەك بېسىۋېلىشى مۇمكىن، ” دېدى ئۇ بىر نېمىلەرنى قىلغاچ.
” ئىلگىرى بەزگەك بولۇپ باققانمۇ؟ “
” ياق. كۆپلىگەن دوستلىرىم بەزگەك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. “
” نېمە! “
” نەدىكى چاقچاقلارنى قىلماڭ. بۇ كېسەل بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتمىسىمۇ، لېكىن ئادەمنى بەك قىينايدۇ. “
كېمە سىلىق مېڭىۋاتاتتى. نېيت كېمىنىڭ مەركىزىدە بېشىنى ئامالنىڭ بارىچە مىدىرلاتماي ياتاتتى. جەۋىي چېدىرنى نېيتنىڭ ئۈستىگە يايغاندىن كېيىن ئىككى دانە قورۇق ماي بېكىنى چىدىرنىڭ بۈرجەكلىرىگە قويدى.
ئىندىيانلار ئۇلارنىڭ يېنىدا قاراپ تۇراتتى. لاكو نېمە ئىش بولغانلىقنى سورىدى. نېيت ئۇلارنىڭ ” بەزگەك ” دېيىشكەنلىكىنى ئاڭلىيالىدى. ئارقىدىنلا ئۇلار كېتىپ قېلىشتى.
ئايپىكىسلار (Ipicas) قايسى ئېقىنغا مېڭىش توغرىلىق تالىشىپ ياغاچتىن ياسىۋالغان كىمىسى ئىككى قېتىم ئاستىلىدى. جەۋىي قولۋاقنى ئۇلارنىڭ يۈز مېتىر ئارقىسىدا توختاتتى. ئۇ نېيتنى چېدىر سىرتىدىن كۆرەلمىسىمۇ، ئۇنىڭ قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى.
لاكو بۇ ئامېرىكىلىقتىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدى، ” مىسسىيونېرغا بۇ ئامېرىكىلىق توغرىلىق نېمە دەيمەن؟ ” سورىدى ئۇ جەۋىيدىن.
” ئۇنىڭغا نېيتنى بەزگەك كېسىلى بوپ قاپتۇ دە.”
نېيت ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ بېشىدىن باشلاپ تاپىنىغىچە ھەممە يەرلىرى ئوتتەك قىزىپ كەتكەن بولۇپ، بەدەنلىرى تەرلەپ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن ، ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ ئاچالمايۋاتاتتى.
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بوران چىقىۋاتقان بولۇپ، تېخى ئۇلارغا يېتىپ كەلمىگەن ئىدى. جەۋىي ئەتە سەھەرگىچە ۋېلىينى تېپىپ، سەنتا لوراغا بېرىۋالالىساق بولاتتى دەپ ئويلىدى. ئىندىيانلار ھېرىپ كەتكەن بولۇپ توختىماقچى بولۇپ تۇرۇشاتتى. ئاخىرى ئۇلار بىر كەڭ يەردە توختاپ يەرگە چۈشتى.
لاكو ئۆزىنىڭ رىچېلغا ياردەمچى بولۇپ كەلگىلى خېلى يىللار بولغانلىقىنى، ھەر خىل بەزگەك كېسىلىنى كۆرۈپ باققانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇ نېيتاقا قارىدى. ” ئۇنىڭ قىزىتمىسى بەك يۇقىرىكەن،” دېدى ئۇ جەۋىيگە، ” قىزىتما يېنىشى مۇمكىن، لېكىن 48 سائەت ئىچىدە يەنە بىر قېتىم قاتتىق قىزىپ قېلىشى مۇمكىن. “
ياشتا چوڭ يول باشلىغۇچى لاكوغا بىرنېمىلەرنى دېدى. لاكو جەۋىيگە تەرجىمە قىلىپ بېرىۋاتاتتى. يول باشلىغۇچى ئۇنىڭغا ئېقىننىڭ مەركىزىدە مېڭىشنى، 2 سائەتتىن كېيىن پاراگۋايغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. جەۋىي ئىندىيانلارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە پاراگۋاي ئاسمىنىدىكى ئايغا قاراپ قولۋاقنى ھەيدەپ يۈرۈپ كەتتى.
جەۋىي تاڭ ئېتىپ بىر سائەتتىن كېيىن كابىسكا دەرياسىنىڭ ئېغىزىغا يېتىپ كەلدى. سەنتا لورا كۆرۈنمەيتتى. جەۋىي ئەتراپتىكى بىر ئۆينىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ باردى. ئۆي ئىگىسى سەنتا لورانى بوران ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
” كېمە قەيەردە چۆكۈپ كېتىپتىكەن؟ ئىچىدىكى بالىنىڭ ئەھۋالىنى بىلەمسىز؟ “
” بىلمەيمەن، ” دېدى ياشىنىپ قالغان ئۆي ئىگىسى ،” ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. “
نېيت تېخى ھايات ئىدى. ئۇنىڭ ئىسسىتمىسى چۈشكەن بولۇپ، ئويغاندا توڭلاپ ھەم ئۇسساپ تۇراتتى. ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئاچتى. بەدەنلەرنىڭ ھەر بىر ئۈگىلىرى ئاغرىپلا تۇراتتى. بويۇن ۋە كۆكرەكلىرى قىزىرىپ قاپىرىپ كەتكەن ئىدى.
” نەگە كەلدۇق؟ ” سورىدى ئۇ جەۋىيدىن.
” كابىسكا ئېقىنىغا كەلدۇق. ۋېلىي بۇ يەردە يوقكەن. كېمە قاتتىق شىۋىرغاندا چۆكۈپ كېتىپتۇ. كورۇمباغا بارغۇچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانسىز-ھە؟ “
” ئۇنىڭدىن ئۆلگىنىم ياخشى. “
” نېيت، يېتىۋېلىڭ. “
ئۇلار قىرغاقتىن ئايرىلىپ كورۇمبا تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. چۈش بولغاندا ئۇلار ڧىرنەندونىڭ بېرژىسىدا توختىدى. ڧىرنەندو نېيتقا قارىدى.
” بۇ بەزگەك ئەمەس، ” دېدى ڧىرنەندو نېيتنىڭ بوينىدىكى قاپارتمىلارنى كۆرۈپ، ” بەزگەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەردە بۇنداق قاپارتما پەيدا بولمايدۇ. دېنگې قىزىتمىسى(Dengue) بولغان كىشىدە مۇشۇنداق قاپارتما پەيدا بولىدۇ. بۇ كېسەلنى بەزگەك كېسىلىگە ئوخشاشلا پاشىلار تارقىتىدۇ. ئادەم بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىسا قىزىتمىسى ئۆرلەپ، مۇسكۇل، بوغۇملىرى ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. ئامال قىلىپ بۇ ئامېرىكىلىقنى تىز سۈرئەتتە كورۇمباغا ئېلىپ بارمىسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق. “
سائەت ئىككى يېرىم بۇلاي دېگەن بولۇپ، كورۇمبا بۇ يەردىن 9 ياكى 10 سائەتلىك يول ئىدى.
ئۇ بىر قېتىم ئويغاندى ئەمما ھېچنېمە كۆرەلمىدى. ئۇ كىيىنكى قېتىم ئويغانغاندا قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى. ئۇ جەۋىيدىن ئازراق سۇ سورىماقچى بولۇپ لىۋىنى مىدىرلاتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازى چۈشۈپ كەتتى.
رىچېل پۇراپ قالغان چېدىردا نېيتنىڭ يېنىدا يېتىۋاتقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ تىزى بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى. نېيت ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيمەكچى بولدى،” سىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان بىرەرسى بىلەن سۆيۈشكەن ؟ ” ئۇ رىچېلدىن سورىماقچى بولدى.
رىچېل بۇ يەرگە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. نېيتىڭ قىزىتمىسى چۈشۈپ ھەم ئۆرلەپ تۇراتتى. رىچېل ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ ياخشى بوپ كېتىسىز، دەپ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەتتى. ئۇ ھەممە ئادەمگە مۇشۇنداق دەيدۇ، دەپ ئويلاۋاتاتتى نېيت. ئۆلۈم تىزلا كېلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى سىلاۋاتقان قول توختاپ قالغان ئىدى. نېيت رىچېلنى كۆرمەكچى بولۇپ كۆزىنى ئاچتى، لېكىن ئۇ كۆرۈنمەيتتى.

كورۇمبادا ۋالدېر بىر دوختۇر دوستىغا تېلېڧۇن قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدا كۆرۈشكە كىلىشتى. ئۇلار ۋالدېرنىڭ ماشىنىسىدا قاتناش چىراغلىرى ۋە بەلگىلىرىگە قارىماستىن بازار كوچىلىرىدىن ئۇچقاندەك كېسىپ ئۆتتى.
” ئۇ ئايالنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ ” جەۋىيدىن سورىدى ۋالدېر،” ئۇ نېمىلەرنى دېدى؟ “
” ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىدىم. ئۇ ئاشۇ يەردىكى ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدىكەن. “
نېيت ئارقا ئۇرۇندۇقتا ھېچنېمىگە قۇلاق سالماي چىڭ تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى.
دوختۇر ئۇنىڭ مەڭزىدىن باشلىنىپ بېلىدە توختىغان قاپارتمىلارغا بىردەم قاراپ تۇردى. ئۇنىڭ بەدەنلىرى پاشىلارنىڭ نەشتەر ئىزى بىلەن تولغان ئىدى.
” قارىغاندا دېنگې قىزىتمىسى(Dengue) ئوخشايدۇ، ” دېدى دوختۇر 10 مىنۇتتىن كېيىن. نېيت ئامېرىكىدىن كەلگەن بىر باي ئادەم بولغاچقا، دوختۇرخانىدا ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى دورىلار ئىشلىتىلدى. قىزىتما ئازراق يېنىپ، ئۇنىڭ تەرلىشىمۇ توختاپ قالغان ئىدى.
” ئۇنىڭ قىزىتمىسى تىزلا يېنىپ قالىدۇ، ” دېدى دوختۇر سېستىراغا، ” مەن ئەتە سەھەرراق ئۇنى كۆرگىلى كىرىمەن. “
سېسترا نېيتنى ئېلىپ باشقا بەش كىشىلىك بىر ياتاققا كەلگەندە ئۇ قاتتىق ئۇخلاپ قالغان ئىدى. نېيت ئۇنىڭ يېنىدىلا يارىلىرى ئېچىلغان ھالدا توختىماي تىترەپ ياتقان قېرى ئادەمنى كۆرمىدى. ھەم سېسىق پۇراقلارمۇ بۇرنىغا كىرمىدى.

رەكس ڧىلەن دادىسىغا ئوخشاشلا ھېسابقا ئۇستا ئىدى. ئۇ ئالتە گۇرۇپپا ئادۇكاتلارنىڭ ئوخشاش بىر دەۋانى ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئوخشاش ئىش قلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە ھەر بىر گۇرۇپىنىڭ ناھايىتى چوڭ پايدىنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاكىسى تى جى گە دېيىشنى قارار قىلدى.
ئاكا-ئۇكا ئىككىسى مەخپىي كۆرۈشتى. رەكس سنىيدنىڭ ھېكايىسى بىلەن گېپىنى باشلىدى. ” بۇ بەك چوڭ سان، ” دېدى ئۇ، ” بۇ بەلكىم بۇ دەۋانى ھەل قىلىشى مۇمكىن. سنىيدقا 5 مىليون دوللار بەرسەك ئۇ دادىمىز بۇ ۋەسىيەتنامىگە ئىمزا قويغاندا مەنلا بار ئىدىم دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان بولدى، لېكىن ئۇ 500 مىڭ دوللارنى ھازىر بىرىڭلار دەيدۇ. بىر ئامال قىلىپ سنىيدقا قالغىنى بېرىۋېتەرمىز. ئويلاپ كۆر، 6 گۇرۇپپا ئادۇكتلار ئورنى ئوخشاش ۋەسىيەتنامىنى بىكار قىلماقچى. مىراس تەقسىم قىلىنغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسى باي بولۇپ كېتىشلىرىنى ئارزۇ قىلىشىۋاتىدۇ. سىلەرگە قانچىلىك تېگەتتى مىراستىن؟ “
” خاك گەدىيس قانچە پىرسەنت ئالىدىغان بولغان؟ ” سورىدى تروي.
” 25 پىرسەنتىنى. “
” مېنىڭ ئادۇكاتىم 30 پىرسەنتىنى دەپ تۇرۇۋالغانىدى، 20 پىرسەنتكە كىلىشكەن. ” كىچىك تروي رەكسكە قارىغاندا ياخشىراق دېيىشەلىگەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ قويدى.
” بۇنى قويۇپ، قېنى بىر ھېسابلاپ باقمامدۇق، ” سۆزىنى داۋاملاشتۇردى رەكس،” سنىيدنى ياللىۋالدۇق، ھەممە گەپنى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك دېدى دەپ پەرەز قىلايلى. شۇنداق قىلىپ مىراس بۆلۈنسە، ھەر بىرىمىز تەخمىنەن 20 مىليوندىن ئالساق، 5 مىليوننى خاك گەدىيسكە بەرسەم، سەن ئادۇكاتىڭغا 4 مىليوننى بەرسەڭ، 9 مىليون قولدىن چىكىتىپ، بىزگە 31 مىليون قالدى دېگەن گەپ. ئەگەر بىز ئىككىمىز قوشۇلۋالساق، ئۇ چاغدا خاكنىڭ ئىش ھەققىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ. تى جى، بىزگە بۇ ئادۇكاتلارنىڭ ھەممىسى كېرەك ئەمەس. “
” خاك گەدىيسنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن. نېمىشقا مېنىڭ ئادۇكاتلىرىمنى ئىزدەپ بۇ گەپلەرنى شۇلار بىلەن دېيىشمەيمىز؟ “
” چۈنكى سنىيدنىڭ بۇ ئىشىنى خاك تېپىپ چىققان ئىش. بۇ بىر مەينەت سودا، تى جى. بۇنى خاك ياخشى بىلىدۇ. ئەگەر بىز بىرلىشىۋالساق، خاك 20 پىرسەنت ئالىدۇ. مەۋرىي روۋزنى ئۆزىمىزگە قېتىۋالساق، ئۇ 17.5 پىرسەنت، لايبىجېيلمۇ بىزگە قوشۇلسا خاك 15 پىرسەنت ئالىدۇ دېگەن گەپ. “
“بۇنداق كۈچۈگەننىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغۇدەك. ” دېدى تروي ئازابلانغان ھالدا.
” بۇنداق تالىشىۋەرسەك تەييار بايلىقتىنمۇ قۇرۇق قالىمىز. ئەپلىشىپ قالىدىغان ۋاقىت بولدى ھازىر. “

سنىيد ئۆزى يازغان بىر توختامنى كۆتۈرگىنىچە خاك گەدىيس بىلەن كۆرۈشمەك بولۇپ يىتىپ كەلگەن ئىدى. خاك توختامغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن سنىيدقا 500 مىڭ دوللارنىڭ چېكىنى بەردى. سنىيد توختامنى خەتمۇ-خەت قايتا كۆرۈپ چىقتى، ۋە توختامنى قاتلاپ چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سالدى.
” ئۇ كۈنى ئەتىگەندە تروينىڭ روھى ھالىتى قانداقراق ئىدى؟ ” سورىدى خاك.
سنىيد دېيىشىۋالغىنى بويىچە جاۋاب بەردى.،” ئۇ ساراڭ بولۇپ قالغان ئىدى. “
” ئۇنىڭ بىلەن قانچىلىك ۋاقىت بىرگە بولدىڭىز؟ “
” ھەركۈنى 24 سائەت دېگۈدەك ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرەتتىم. ھەر چاغ ئۇنىڭ خىزمىتىگە تەييار بولۇپ تۇراتتىم. “
” ئۇنىڭ بىلەن يەنە كىملەر بىرگە تۇراتتى؟ “
” بەلكىم ئۇنىڭ ياش كاتىپى نكىلەت. تروي ئەپەندىم ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. “
” توري ئەپەندىم ئۇنىڭ بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەمتى؟ “
” بۇمۇ بۇ دەۋاغا مۇناسىۋەتلىكمۇ ئىشمۇ؟ “
” ھەئە، شۇنداق. “
” ئۇلار ھەمىشە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەتتى. “
خاك كۈلۈمسىرىدى، ” سنىيد ئەپەندىم، مانا بۇلار بىزگە لازىملىق ئۇچۇرلار. تروي ڧىلەن ئېيتقان، قىلغان غەلىتە ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقىڭ. قايتىپ نكىلەت بىلەن كۆرۈشۈڭ. ئۇ چوقۇم تروي بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسۇن. ئۇنىڭ قانداق گەپلىرى بولسا ئاڭلاپ بېقىڭ. “
” نكىلەت بىزگە لازىملىق ھەممە گەپنى دەيدۇ. بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ. يەنە قانچىلىك ۋاقتىمىز بار؟ “
” مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە سىزنى ئايرىم سىنغا ئېلىپ چىقىمىز. سىزنىڭ گۇۋاھلىقلىرىڭىزنى ئاڭلاپ چىقىمىز، بەزى سوئاللارنى سورايمىز. ئاندىن سىزنى مۇشۇ گەپلەرنى دېگۈزۈپ مەشىق قىلدۇرىمىز. ئىشلار ھەممىسى كۆڭلىمىزدىكىدەك بولغاندا سىز باش سوتچى ئالدىدا گۇۋاھلىق بەرسىڭىز بولىدۇ. “
سنىيد ئالدىراپ كېتىپ قالدى. ئۇ پۇللارنى بانكىغا قويۇپ يېڭى ماشىنا سېتىۋالماقچى بولغان ئىدى. نكىلەتمۇ ماشىنا سېتىۋالمىسا بولمايتتى.

تىۋىش
تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

Articles: 72